ئەرلەردىكى پاينەكباشلىق ۋە ئەرلىك ھورمۇن
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-10-07
مۇناسىۋەتلىك تېما: پاينەكباش-تازلار شۇنچە جەلىبكارمۇ؟
ئەرلەردىكى پاينەكباشلىق بالدۇر كۆرىلىدىغان، ياغ تەپچىشتىن بولىدىغان، جەمەت خاراكتېرلىك (ئىرسىيەت) ۋە ئەرلىك ھورمۇندىن بولىدىغان چاچ چۈشۈش بولۇپ تەخمىنەن 20 - 30 ياشتىن باشلاپ چاچ چۈشۈشكە باشلاپ، چاچ شالاڭلىشىدۇ ۋە چوققىسىدىكى چاچ چۈشۈپ پاينەكباش بولۇپ قالىدۇ.
بۇ خىل كېسەل ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا جەمەتلىك پاينەكباشلىق دېيىلىدۇ. نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ئائىلىسىنى تەكشۈرگەندە ، بىر ئائىلىدە بۇ خىل كېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا چوڭ نىسبەتنى ئىگەللەيدىغانلىقىى بايقىغان. يېقىندا بەزىلەر بۇنى كۆپ خىل ئامىل ياكى كۆپ گېنلىق ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مومكىن، دەپ قارىماقتا. شۇنداقلا يەنە بىر نەچچە خىل گېن بىلەن موھىت ئامىللىرىنىڭ ئۆز ئارا تەسىر قىلىشىنىڭ نەتىجىسى دېيىشمەكتە.
ئەرلەردىكى پاينەكباشلىق ۋە ئەرلىك ھورمۇن
بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا خان-پادىشاھلارنىڭ، بايلارنىڭ ئوردا-سارايلىرىدا ئىشلەيدىغان ئاغۋاتلارنىڭ كىچىكىدىلا ئۇرۇقدىنىنى ئېلىۋەتكەن بولغاچقا ئۇلاردا پاينەكباشلىق بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلار كېسەلگە دۇچار بولۇپ تېستوستېرون (ئەرلەردىكى بىر خىل ھورمۇن) بىلەن داۋالاش زۆرۈر بولۇپ قالسا، داۋالانغاندىن كىيىن چاچ چۈشىدۇ. بەزىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا پاينەكباش ئەر بىلەن نۇرمال (چاچلىق) ئادەمدىكى 17-كېتوستېروئىد ۋە قاندىكى تېستوستېرون سەۋيەسىدە پەرق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بەزىلەر، بۇ خىل بىمارلار چاچ خالتىسىنىڭ ئەرلىك ھورمۇنغا بولغان سەزگۈرلىكىنىڭ ئىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك، دەپ ئوتتۇرغا قويغان. گەرچە نۆۋەتتە ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئەرلەردىكى پاينەكباشلىقنى پەيدا قىلىدىغان موھىم ئامىل ئىكەنلىكى مۇقىملاشقان بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ تەسىر قىلىش مىخانىزىمى ھەققىدە ئېنىق تەتقىقاتلار بولغىنى يوق.
بۇ خىل كېسەللىك دۇنيا مىقياسىدا ئاق تەنلىكلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. مەملىكەت تەۋەسىدە بۇ كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى غەرب ئەللىرىگە قارىغاندا كۆرىنەرلىك تۆۋەن. لىكىن ئۇيغۇرلار ئىچىدە بولۇپمۇ قەشقەر، ئاتۇش ئەرلىرى ئىچىدە پاينەكباشلىق كۆپ ئۇچرايدۇ. چاچ چۈشۈش ئالدى بىلەن پىشانىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن باشلىنىپ، پىشانىدىكى چاچ گېرۋىكى بارغانسىرى چوققا تەرەپكە قاراپ يۇقۇرلايدۇ ۋە پىشانىسى كېڭىيىپ كېتىدۇ. تەدرىجى ئېغىرلىشىپ چوققا قىسمىغىمۇ يېتىپ بارىدۇ. چاچ چۈشۈپ، بارغانسىرى ئىنچىكىلەيدۇ. چاچنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ يەنە ئەسلىدىكىدىن ئىنچىكە بولغان چاچ چىقىشقا باشلايدۇ. كىيىن بۇ چاچلار تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ يۇمرانلىشىپ سېرىق تۈككە ئوخشاپ قالىدۇ. چوققىسى بىلەن پىشانىسى پارقىراپ پاينەك بولۇپ، پەقەت چېكە ۋە ئارقا تەرپىدىلا چاچ قالىدۇ. يەنە بەزىلەردە دەسلەپتا چوققا قىسمىدىن باشلاپ چاچ چۈشىدۇ. ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈشنىڭ شەكلى نۇرغۇن بولۇپ، چوققا قىسمى بىلەن پىشانە قىسمىدىكى چاچنىڭ چۈشۈشى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كېسەل سوزۇلما خاراكتېرلىك بولۇپ ئاز ساندىكىلەردە تېز تەرەققى قىلىدۇ ۋە بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا دائىرىسى خىلى كەڭرى بولغان ئورۇندا چاچ چۈشۈپ پاينەك بولۇپ قالىدۇ. چاچ چۈشۈشنىڭ سۈرئىتى، دەرىجىسى ۋە دائىرىسى ھەر بىر ئادەمدە ئوخشاش بولمايدۇ. ئازىراق قىچىشقاندىن سىرت باشقا ئالامەتلەر بولمايدۇ. ئىلگىرى تېرىدىكى ياغ تەپچىشنىڭ ئېغىر بولىشىمۇ مەزكۇر كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى دەپ قارىلاتتى. لىكىن ھازىر تېرىدىكى مايلىشىش مەزكۇر كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش مىخانىزىمىدا ئانچە چوڭ رول ئوينىمايدۇ، دەپ قارالماقتا. ئەرلەردىكى چاچ چۈشۈش پەقەت چاچ بىلەنلا چەكلىنىپ، ساقال-بۇرت، مەيدە تۈكى ۋە باشقا تۈكلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
بۇ كېسەلنىڭ توقۇلما پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى بىلەن كىلىنكىلىق ئىپادىسى بىردەك بولىدۇ. دەسلەپكى ۋاقتىدا چاچ يېلتىزى بوشاپ ئاسان چۈشىدۇ. بىر قانچە ۋاقىتلاردىن كىيىن تۈك خالتىى تەدىرجى كىچىكلەپ سېرىق تۈك خالتىسىغا ئايلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سېرىق تۈك خالتىسىمۇ يوقايدۇ. ھەممە سېرىق تۈك خالتىسى ئاستىدا قوشقۇچى توقۇلما زەنجىرى پەيدا بولىدۇ. يۈزەكى تېرە نېپىزلەپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى قىزىل قان تومۇر چىگىشى يوقايدۇ. تېرە ياغ بېزىنىڭ كۆپۈنچىسى يوقايدۇ. ئىشقارلىق فوسفاتازا بىلەن بويىغاندا ئوچۇق كۆرىنىدۇ. پاينەكباشلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە تۈك خالتىسىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى نۇرمال بولىدۇ، لىكىن سېرىق تۈك خالتىسىدىكى قان تومۇرلار ئىنچىكىلەپ كېتىدۇ.
1000 يىللار بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن تېبابەت ئالىمى ئىبنى سىنا <<شىفا>> دېگەن كىتابتا: <<ئاياللار بۇ سەلئىي كېسەللىككە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئاياللاردا ھۆللۈك كۆپ بولىدۇ. ئاختا قىلىنغان كىشىلەر ھەم بۇ كېسەلگە ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ مىزاجى ئاياللارنىڭ مىزاجى تەرىپىگە مايىل بولىدۇ. ئۇلاردىكى ھۆللۈك تارقاپ كەتمەيدۇ>> دېگەن ئىكەن.
پاينەكباشلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئېغىرلاپ كېتىشنى توسۇشقا ياردەم بەرگۈچى يېمەكلىك ۋە دورىلار:
يېمەكلىكلەردىن: تەركىبىدە ۋېتامىن ب مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن: سېرىق پۇرچاق، سامساق، سەۋزە، كاۋا، تېرىق، كۆك پۇرچاق، تۇخۇم، مايسىزراق (قارا) گۆش...
تەييارلىنىۋاتىدۇ....
مۇناسىۋەتلىك تېما: پاينەكباش-تازلار شۇنچە جەلىبكارمۇ؟
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: پاينەكباش ئەرلىك ھورمۇن
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن ھەر قېتىم يۇيۇنغاندا پۈتۈن بەدىنىمنى سۇپۇنلاپ يۇياتتىم. بۇرۇن ھېچقانداق بولمىغان. بىراق بىرھەپتىنىڭ ئالدىدا بەدىنىمنى يۇيغاندا ئىنىچكە يېرىم ئېچىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن پاكىز سۇدا چايقىۋەتتىم. بىراق يەنە ئازراق ئېچىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن قۇيۇق ئاق رەڭلىك ئاق خۇن بۇلىدىغان بۇلۇپ قالدىم. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ، ئىچ كىيىمىمنى ھەر كۈنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىۋاتىمەن. ئازراق ياخشىلىنىش بولدى. بىراق بۇرۇنقىدەك ئەمەس. بۇرۇن ئادەت كۈرۈشنىڭ ئالدىدا ئاق خۇن بۇلاتتىم. ھەم ھازىرقىدەك قۇيۇق ئاق رەڭلىك ئەمەس ئىدى. مەن تېخى توي قىلمىغان بولغاچقا دوختۇرخانىغا بېرىپ باقمىدىم. ماڭا مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. مەن قانداق قىلىشىم كېرەك.
مەن ئورۇق ئەمەس ، بويۇم 174 ، ئېغىرلىقىم 76
ئۇيقۇم بەك ياخشى ، يېقىندىن بېرى ئېزىلىپ ئۇخلايدىغن بوپ كەتتىم (لەقۋالىشىپ )
تىرەم قۇرغاق ،ئۇسسۇلۇقنى كۆپ ئىچىمەن ، بەدىنىم سوغۇققا مايىل
بۇئەھۋالد سىز دىگەن دورىلار ماس كىلەمدۇ ياكى باشقا بىر دورا ئىشلىتەمدىم ؟
ئېغىر ئەمەسكەن ئسپىرما تەكشۇرۇش ئارقلىق ئۇرقىڭىزدا مەسلە يوقكەن،،، كىچىك تىپتىكى ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلدىكەن دىگەن 2007-8-2 كۇنى ئوپىراتسىيە قىلغان بىر ھەپتە بالنىستا يېتىش ئارقلىق ساقايغان ئدىم،،،،، بەنە 1-ئايدا دۇۋساق بىلەن ئىككى بىقنىم ئاغرىپB超 تەكشۇرۇتسەم باركەن دەپ 1 ھەپتىلىك دۇرا بەرگەن ،،، دۇرنىڭ پايدىسى بولمىدىمۇ قانداق يەنە قۇزغاپ ئاغرىپ قەشقەردىكى چوڭ دوختىۇرخانغا بېرېپ B超تەكشۇرۇتسەم بۆركىڭىزدە تاش يوقكەن دېگەنتې ، ئۆزۇم CT تەكشۇرۇشنى ئىلتاس قىلىپ تەكشۇرۇتسەم ئازراق مەزىبېزى بوپسىز قۇرقشنڭ ھاجىتى يوق دىگەن ،،،،،، بىراق مۇشۇ 1~2 ئاينىڭ ئالدىدا دۇۋساق بىلەن تاش بۆرەكىم ئاغرىپ توختاپ قالدى ،،،، ھەم ئىچ بۆرەكىم بەزدە لىپىلداپ مىدىرلايدۇ ،،،،،، ئازىر تۇرۇپ-تۇرۇپ ئىچ بۆرەكىم بەزدە لىپىلداپ مىدىرلايدۇ ئۇزاقراق تۇرسام بېلىممۇ ئاغرىيدۇ ،،،، بۇ نىمە سەۋەپتىنكى بىلەلمەدىم ،ياكې ئىچ بۆرەكىم مەسلە بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قالمەن ،،، بولسا ئەھۋالنى ئېنىق مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ،،،،،، كۆپ سوزلەپ كەتكەن بولسام مۇ .........................
كونلاردا (كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۇم ئاش كارە دەپ تىكەن) شۇڭا ئېنىق قىلىپ ئېيىتتىم ....
سىز ئورۇقمۇ؟ ئۇيقۇڭىز ناچارمۇ؟ تېرىڭىز قۇرغاقمۇ؟ ئۇسسۇلۇقنى بەك ئاز ئىچەمسىز؟
سىزدىكى ئەھۋال ئادەتتە مەنىنىڭ سەرىپ بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ھازىرقى مىزاجىڭىز قۇرۇقلۇققا مايىل بولسا، مەنىنىڭ سەرىپ بولۇشى بەدەن ۋە تېرىنىڭ تېخىمۇ قۇرغاقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېرىنىڭ قۇرۇقلۇقى ئاشقان ئەھۋالدا، قىچىشىش ۋە كىپەكلىشىش كۆرۈلىدۇ.
داۋاسى: مەنى ۋە ھۆللۈك تولۇقلىغۇچى لوبۇبى سەغىر يېيىش بىلەن بىللە، بادام مېيىنى پات-پات ئىچىڭ ۋە باش تېرىسىنى مايلاپ كۆرۈڭ. ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا.
بىر يۇرتلۇق ساۋاقدىشىم تىببى ئىنىستىتوتتا ئوقۇيدىغان تاسادىبى پۇرسەتتا ئۇنىڭدىن سورىساممۇ ئۇمۇ ئەرلىك ھورموننىڭ تەسىرى دىگەن ،مەن بىرزات ئەپەندىنىڭ قارشىنى قوللايمەن،سىزدىمۇ بۇنداق ئەھۋال بارغۇ دەيمەن بىرزات قىرىندىشىم
تىزراق بىر سىناقتىن ئۆتكەن رىستىپ ۋە ئالدىنى ئىلىش تەدبىرىنى بايقىسىڭىز ئورتاقلىشارسىز،ماقالىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامىز.
يېقىندىن بىرى مېنىڭ چېچىم كۆپلەپ چۈشىۋاتىدۇ ، مەن تېخى 25ياش ، چاچقا ئاق كىرىشمۇ بار.
ھەر قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەتتىن كىيىن ياكى ئېھتىلام بولغان ۋاقىتتا بەدەندىن ئىسپىرما چىقىپ كەتكەندىن كىيىن بېشىم بەك قىچىشىپ چېچىم چۈشىدۇ .
بۇنڭغا قانداق ئامال بار ؟ قانداق دورىلارنى ئىشلەتسەم بولىدۇ ؟
تېلفۇن: 0998-2820877
يانفۇن:13565662787 ، 15309982787
باش ئۇستام: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)