‹ئېچكى كىسەللەر› ژورنىلىدىكى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ خىللىق ۋېتامىن ۋە باشقا تۇللۇقلىما دارىلار بەلكىم سىزنىڭ ئۆمرىڭىزنى قىسقارتىۋىتىشى مۇمكىن ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئۆتكەن 22 يىلدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاياللار (ئەمما بۇ نەتىجىنىڭ ئەرلەرگىمۇ ماس كىلىدىغىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن) دىن بىرنەچچە قېتىم ۋىتامىن ۋە باشقا تۇللۇقلىما دورىلانى ئىستىمال قىلىشنى ئۆزئىچىگە ئالغان سالامەتلىك ئەھۋالى توغۇرلۇق ئۇچۇلارنى توپلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئالىملار بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ۋە ئۆلۈمى توغرىسىدىكى خاتىرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ...

" /> ۋېتامىن دورىسى يېيىشنى توختاتتىڭىزمۇ؟ - 80 خالتا بلوگى

ۋېتامىن دورىسى يېيىشنى توختاتتىڭىزمۇ؟


 ۋىتامىن دورىسى يىيىشنى توختاتتىڭىزمۇ؟ 

مەن ۋىتامىنغا ئامراق. يىللىقى 20 مىليارد سېتىلىش سوممىسىغا ئىگە ۋىتامىن دورىلىرنىڭ تۆتتىن بىرى بولسا تەركىبىدە نەچچە خىل ۋىتامىن بار كۆپ خىللىق ۋىتامىن دورىلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇنداقتا سىز كۈندە بىر تال ۋىتامىن دورىسى ئىستىمال قىلىپ ئۇزۇقلۇق تولۇقلامسىز ياكى بۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمامسىز؟

 ‹ئېچكى كىسەللەر› ژورنىلىدىكى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ خىللىق ۋېتامىن ۋە باشقا تۇللۇقلىما دارىلار بەلكىم سىزنىڭ ئۆمرىڭىزنى قىسقارتىۋىتىشى مۇمكىن ئىكەن. تەتقىقاتچىلار ئۆتكەن 22 يىلدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاياللار (ئەمما بۇ نەتىجىنىڭ ئەرلەرگىمۇ ماس كىلىدىغىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن) دىن بىرنەچچە قېتىم ۋىتامىن ۋە باشقا تۇللۇقلىما دورىلانى ئىستىمال قىلىشنى ئۆزئىچىگە ئالغان سالامەتلىك ئەھۋالى توغۇرلۇق ئۇچۇلارنى توپلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئالىملار بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ۋە ئۆلۈمى توغرىسىدىكى خاتىرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ۋىتامنى B6 ، ۋىتامىن B، تۆمۈر، ماگنىت، زىنىك، مىس ۋە زىينى يوق دەپ قارىدىغان كۆپ خىل ۋىتامىن قاتارلىقلارنىڭ ئەمىلىيەتتە ئادەم ھاياتنى قىسقىلاشتۇرپ، ئۆلۈمىنى تىزلىتىدىغانلىقىن بايقىغان.ئۆلۈش نىسپىتىنىڭ ئېشىشى 2.2% دىن (كۆپ خىل ۋىتامىن ئىستىمال قىلغانلار ) 18%(مىس تۇلۇقلىغانلار) گىچە بولغان.

يۇقارقى نەتىجىنى كۆرۈپ كاللىڭىزغا قانداق سوئاللار كەلدى؟ ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشنى توختىتىشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟ مەن ئۇنداق قىلمايمەن، سىزنىڭمۇ ئۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
1.بۇ بىر كۆزىتىشكە ئائىت تەتقىقات
بۇنداق دىگەنلىك ئالىملار گەرچە بىر گۇرۇپ كىشىلەر ئۇستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما ۋىتامىن قاتارلىق تۇللۇقلىما دورىلارنىڭ باشقا دورىلارغا نىسپەتەن تەسىرى توغۇرلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. گەرچە ئالىملار يېشى، قەنىت ماددىسى يۇقىرى كىسەللىكى، ھەركەت-پائالىيىتى، يۇقىرى قان بېسىم ۋە يىمەك-ئىچمەك ئىستىمالى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىنى ئىنىچكىلىك بىلەن ئويلاشقان بولسىمۇ، بۇ يەردە تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ توغۇرلۇق دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ئامىللارنىڭ بولۇشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. بۇ تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئاپتۇرى، مىننەسوتا ئۇنۋىرسىتى(University of Minnesota) نىڭ دوكتۇرى جائاككو مۇرسۇ (Jaakko Mursu) مۇ بۇ نۇقتىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقىن بىلدۈرگەن.
2. تەتقىقات بىر گۇرۇپ ياشانغان ئاياللار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان
تەتقىقات ئوبىيكتىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 62 ياش بولۇپ، بۇ ياشتىكىلەرنى ئىنسانلارغا ۋەكىل قىلىپ ئېلىش ئانچە مۇاپىق ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر ماددىلىرنى تۇللۇقلۇغۇچى دورىلار چوڭ ياشتىكى ئاياللاردا ئاسانلا يۈرەك كىسىلىن قوزغاپ قويىدۇ(بۇ بەلكىم چوڭ ياشتىكىلەرگە تەركىبىدە تۆمۈر بار دورىلارنى تەۋسىيە قىلماسلىقنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن). ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ مىقداردىكى مىس ماددىسىنى ئستىمال قىلغاندا زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كۆكتات ۋە مېغىزلىق يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مىس بار.شۇڭلاشقا ناھايتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا كۆپ مىقداردىكى تۇللۇقلىمىلارغا مۇھتاج.
3.ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەر تەن-ساقلىقىغا سەل قارايدۇ.
پىسخىكا ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بەزى ۋىتامىن دورىلىرنى ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەر كاللىسىدا ۋىتامىننىڭ پايدىسىن كۆرىمەن دىگەن خىيال بولغاچقا كۈندۈلۈك يىمەك ئىچمەك ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن. جوڭشەن ئۇنۋىرسىتى (Sun Yat-San University) نىڭ پىروفىسورى، دوكتۇر ۋېنبىن چىئوۋ(Wen-Bin Chiou) مۇنداق دەيدۇ: ‹يىمەكلىك تۇلۇقلىرىمىرىنى ئىستىمال قىلغاندا، كىشىلەرنىڭ كاللىسدىكى زىيانغا ئۇچرىماسلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ›. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ۋىتامىن دورىلىرىنىڭ ئۆزى زىيانلىق ئەمەس، زىيانلىق ئامىل بولسا ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىستىمال قىلۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتىيسى. شۇڭا سىز بۇ خىل پاسسىپ تۇرمۇش شەكلىنى بىلگەن ھامان، ئۇنى قىلماسلىقىڭىز كىرەك.
 
4.نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلار بەزى ۋىتامىن ۋە تۇللۇقلىما دورىلىرىنىڭ پايدىسىنى بايقىغان
 
ھاكەنسەك ئۇنۋىرسىتى (Hackensack University) تىببى مەركىزىنىڭ تىببى دوكتۇرى، بالىلار ۋە يۈرەك كىسەللەر مۇتەخخەسسى روبېرت توزى(Robert Tozzi) مۇنداق دەيدۇ:‹مىنىڭ قارىشىمچە، ۋىتامىنD نىڭ كەملىكى يۈرەك كىسىلى، دىئابىت كىسىلى ۋە باشقا نۇرغۇن كىسەللەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭلاشقا مەن ئۇنى بىر نەچچە يىل ئۈزۈلدۈرمەي ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن›. بەدىنىمىز قۇياش نۇرىدا ۋىتامىنD سەرپ قىلىدۇ، شۇڭلاشقا بىز مۇۋاپىق يىمەكلىكلەردىن ۋىتامىنD تۇللۇقلىشىمىز لازىم. ئەمما ئۈچتىن بىر ئامىرىكىلىقنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىنDنىڭ مىقدارى ئۆلچەمگە توشمايدۇ.

 ئامىرىكا يۈرەك ئىلمى جەمىيىتى كىشىلەرگە تەركىبىدە ئومىگا ئۈچ(omega3) مىقدارى جىق بولغان بېلىق قورۇمىسىنى بىر ھەپتىدە ئۈچ قتىم يىيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمما قانچىلىغان ئادەملەر بۇنداق قىلالايدۇ؟ مانا بۇ بەزى مۇتەخىسلەرنىڭ تۇللۇقلىما دورىلارنى تەۋسىيە قىلىشنىڭ سەۋەبى. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئەگەر ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە تۇللۇقلىمىلاردىن ياكى تەبىي يىمەكلىكلەردىن كەلگەن ئومىگا ئۈچ نىڭ مىقدارى كۆپ بولسا، يۈرەك كىسىلى بىلەن ئۆلۈپ كىتىشىنىڭ خەۋپى ئاز بولىدىكەن. ئەمىلىيەتتە، ئىتالىيىدىكى تەتقىقاتچىلار 2800 نەپەر يۈرەك كىسىلى بار بىمارغا كۈندە بىر گىرام بېلىق يېغى ئستىمال قىلدۇرغان. نەتىجىدە بېلىق مېيى تۇللۇقلىمسى ئۇلارنىڭ يۈرەك كىسىلى ۋە يۈرەك مۇسكۈل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش نىسپىتىنى بۇ خىل تۇللۇقلىما بىلەن تەمىنلىمىگەنلەرگە قارىغاندا ئايرىم ئايرىم ھالدا 30% ۋە 45% تۆۋەنلەتكەن. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان نەتىجە بولۇپ ھىساپلىندۇ. 

شۇڭلاشقا ۋىتامىن ۋە تۇللۇقلىما دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشتىن توختاتقاندىن كۆرە بۇلارنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى قەدەممۇ قەدەم مۇئەيلەنشۈرۈش كىرەك. ئۇنداقتا ۋىتامىن ۋە باشقا تۇللۇقلىما دورىلارنى ئستىمال قىلغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟

 1.        ئىستىمال مىقدارىڭىزنى بىلىشىڭىز كىرەك.

  مۇرسا  (Jaakko Mursuمۇنداق دەيدۇ:‹ ھەرقاندق نەرسىنىڭ، ھەتتا سۇنىڭمۇ مىقدارى چەكتىن ئىشىپ كەتسە ئادەمگە بەلگىلى زىيىنى بار. تۇللۇقلىما دورىلارنىڭ تەركىبىدە يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىكبىدە يوق كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن ۋە مىنرل ماددىلار بار.شۇڭلاشقا تۇللۇقلىما دورىلارنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز ئىھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن ۋە مىنرال ماددىلارنىڭ ئۈنۈملۈك مىقدارىنى بىلىۋېلىشىڭىز تولىمۇ زۆرۈر.
2.        ئالدى بىلەن يىمەكلىك ئارقىلىق تۇللۇقلاشنى ئاساس قىلىڭ.
تۇللۇقلىما دورىلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ مەلۇم سەۋەبى بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە تەبىي يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە يىتەرلىك مىقداردا ۋىتامىن ۋە مېنرال ماددىلار بار بولۇپ بۇ خىل يىمەكلىكلەر ۋىتامىن دورىلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئۈنۈملۈك. سىز تۇللۇقلىما دورىلارنى سېتىش دۇكانلىرىغا بارمايمۇ خىلمۇ خىل تەبىي يىمەكلىكەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق يىتەرلىك مىقداردىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تۇللۇقلىيالايسىز.
3.        سۈپىتىگە دىققەت قىلىڭ
بەزى سۈپىتى ناچار تۇلۇقلىما دورىلارنىڭ تەركىبىدە بەدەنگە كىرىكى بولمايدىغان، سالامەتلىككە زىيانلىق ماددىلار بار بولۇپ ئۇنىڭ ئەكىس تەسىرى پايدىلىق تەرىپىدىن كۆپ. يىمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش كومىتىنىڭ تەكشۈرىشىچە بەزى ئەرزان تۇللۇقلىما دورىلارنىڭ تەركىبىدە راكنى پەيدا قىلىدىغان ماددىلار بايقالغان. شۇڭلاشقا تۇلۇقلىما دورىلارنى سېتىۋىلىشتىن سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كىرەك. سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ConsumersLabs.com  دىگەندەك تور بىكەتلىرىدىكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن دورىلارنى سېتىۋىلىش ياكى سۈپەت تەكشۈرۈش، ئىشلەپ چىقىرىش ئجازەتنامە تامغىسىغا بەكرەك دىققەت قىلىپ سېتىۋېلىش كىرەك. ئادەتتە بۇ خىل سۈپەت تەكشۈرۈش تامغىلىرى بېسىلغان ۋىتامىن ۋە تۇللۇقلىما دورىلار بىر قەدەر ساپ ۋە تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ پىرسەتنلىك مىقدارىمۇ ئۆلچەمگە چۈشىدۇ. بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇتمۇ يىمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىلىرىنىڭ قانۇن نىزاملىرى بويىچە دوار ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
 
 
 ئىلاۋە: ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا تىنىم ناھايتى ئاجىز ئىدى. جىقراق نەرسە ئۆگۈنەي دەپ تەتىل ۋاقىتلىرىمۇ جىق ئۆيگە قايتىپ كەتمەيتىم. مەكتەپتە ياكى ئۆيدە بولاي، قوسۇقۇم بەك ئاچاتتى، ئشتىھاھىممۇ ناھايتى ياخشى ئىدى. ئەمما تاماقنى شۇنداق ياخشى يىسەممۇ قىلچە سەمەرمەيتىم(ھازىرمۇ شۇ). بۇ ھالىمدىن ئانام ناھايتى ئەنسىرەيتى، خۇددى مەن بۇنداق يۈرىۋەرسەم مىنى بوران ئۇچۇرتۇپ كىتىدىغاندەك. ساپ ساق تۇرساممۇ دوختۇرلارغا كۆرسىتىپ باقتى، ئىچىڭدە قۇرت بار ئوخشايدۇ دەپ(كىچىسى ئۇخلىغاندا چىشىم كارىسلايدىكەن، مەنغۇ ھېچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاپ قېتىپ كىتىمەن) قۇرت چۈشىرىدىغان دورىلارنى ئېپ بېرىپتى، ئىچىم سۈرۈپ تازا ئازاپلانغان ئىدىم. كىيىن زادى ئامال بولماي، ئاخرى ئاناممۇ مىنىڭ سەمىرمەيدىغانلىقىمنى بىلىپ يەتتىمۇ مەن بىلەن بەك ئېتىشىپ كەتمىدى. شۇنداق يۈرگەن بىر چاغلاردا ئەمدى ھەدەم كۆزۈمگە كىرىۋالدى. ۋاي ئۇكام سەندە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەيدىغان ئوخشايدۇ، ۋىتامىن تۇللۇقلىساڭ بولغۇدەك دەپ ھەر تەتىلدە مەكتەپكە مېڭىشتن بۇرۇن 21-خىل ۋىتامىدن دەمدۇ بىر خىل دارىنى ئەكىلىپ سومكامغا سېلىپ قوياتتى. ئانچە مۇنچە يەپ قوياتتىم، ئەمما ئۈزۈلدۈرمەي بىر مەزگىل يەپ باققىنىمنى بىلمەيمەن. ھازىرمۇ ئاتا ئانىلار ئوماق قوزىلىرى تاماق تاللاپ ئۇنى بۇنى يىمىسە بەكمۇ كارى يوق، چۈنكى كۆپچىلىك ئاتا ئانىلار ئەينى ۋاقىتىكى ئاشۇ ھەدمدەك تۇللۇقلىما دورىلارنى خېلى ئوبدان چۈشىنىۋالدى. بىر تۇققۇنىمىز بولىدىغان دائىم باللىرىغا تىيەنشى دەمدۇ، ئامماي دەمدۇ بىر شىركەتنىڭ ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنى يېگۈزدىغان. يۇقارقى ماقالىنى ئوقۇش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇق، تۇللۇقمىلار يەنىلا يىمەكلىكتىن كىلىدىكەن. ئامال بار يىمەكلىك ئارقىلىق مىېنرال ماددىلارنى بەدەنگە قۇبۇل قىلغان ياخشى. ئەگەر ھەقىقەتەن ۋىتامنى دورىلىرى ياكى باشقا تۇللۇقلىما دورىلارغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە مىقدارىغا دىققەت قىلغان ھالدا ئستىمال قىلىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاش دەپ ئويلايمەن.
 
ئەسكەرتىش:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ھەكىم!
تەرجىمىنى كۈندە بىرنەچچە قۇردىن يېزىپ تۈگەتتىم، تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۆزەممۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم (يۇقارقى ئىلاۋە مىنڭ ئاساسلىق تەسىراتىم، ئەمما تورغا چۇقۇم چىقىرىدىغان مەزمۇن ئەمەس).
بىر ئوقۇپ كۆرۈپ باقالا، ناۋادا ئىملا ۋە سۆز ئشىلىتىش، جۇملىنى راۋان قىلش جەھەتتە كۆرۈلگەن خاتالىقلار بولسا تۈزۈتۈپ قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاللا خالىسا مەن ۋاقتىم چىقسلا يەنە ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى سىلىگە يوللاپ تۇرىمەن. Yahoo Health  تىكى يازمىلاردا ئېلان بەك جىق ئىكەن، تەرجىمە قىلىپ بىر يەرگە كەلگەند ‹ئىسىل ۋىتامىنلارنى ماۋۇ يەردىن تاپالايسەن› دەپ بىر نەرسىلەرنى قىستۇرۇپ قويىدىكەن. ئەمدى بۇندىن كىيىن تەبىئەتNature) )، ئىلىم-پەن(Science) دىگەندەك ژۇرناللاردىن مىدىتسىناغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئەۋەتىپ بېرىشىم مۇمكىن.
 
ئاخرىدا ئىشلىرىنىڭ ئۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن تىلمىش

 




[Birzat بۇنى 2011-11-02 09:04 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ۋېتامىن ئوزۇقلۇق

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماaaaaa[2012-10-21 06:01 AM | del]
رەھمەت
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.