كولاخۇمارلار- يۇقۇرى قان بېسىم كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھ ب
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-11-04
خارۋارد ئاممىۋى ساغلاملىق ئېنىستوتىدىن ۋورفىنوۋ ۋېنكمېرنىڭ ئېيتىشچە ئۇ مەزكۇر تېمىنى 12 يىل تەتقىق قىلغان بولۇپ ،تەخمىنەن155مىڭ نەپەر ئاياللار ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا كۈندە 3 ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ كۈندە 3 ئىستىكاندىن ئاز قەھۋە ئىچىدىغان ياكى قەھۋە ئىچمەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا يۇقۇرى قان بېسىم كېلىشىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 7%~12%گىچە بولغان. نىسبىتىدە سەللا پەرق بولىدىكەن، بۇنىڭدىن قارىغاندا يۇقۇرى قان بېسىمنى كوفىئىن ئەمەس بەلكى كولانىڭ تەركىبىدىكى بەزى خىمىيىلىك تەركىبلەر مەسلەن ناترىي دىگەندەك تەركىپلەر ئۆرلىتىۋېتىدىكەن.
80خالتا بلوگى ئۈچۈن خەنزۇچىدىن : ئىپارخان تەرجىمە قىلغان
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كولا، يۇقۇرى قان بېسىم
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
2ھەپتىدىن بىرى 6 ئايلىق قىزىمنى بەدىنىگە سۇ چىچەك چىقىپ بەدىنىنىڭ ھەممە يىرىگە تاراپ كەتتى .ئۇنىڭ شەكلى – چوڭلىرى قۇناقتەك كىلىدۇ ، كىچىكلىرى بىر نەرسە رىئاكىسيە قىلىغاندەك قۇرساق ۋە دۇمبە قىسملىرىغا قۇمدەك چىقىپ كەتتى . ئۇ جاي بەك قىچىشسا كىرەك ، كىيىملىرنى سالدۇرۇپ بولغىچە قىزىم توختىماي قاشلاشقا ئۇرۇندۇ ، ئەمما بىز قۇلىدىن تۇتىۋالىمىز .
ناھيىلىك دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارساق ،ئۇيەردىكى دوختۇرلار بىزدىن سۇراۋاتىدۇ « نىمىدۇ بۇ ؟ » دەپ . مىللى شىپاخانىغا ئىلىپ بارساق ، ئۇلار« سۇ چىچەك (ئاقنام ) ئىكەن ، ئاشى لوۋىي نىڭ سىقمىقىنى سۈركەڭلار» دەپ شۇ سىقماقنىلا بەردى . ئۇنى سۇركىسەكمۇ ئازراق پايدىسى بولغاندەك ئەمەس .
شۇنىڭ بىلەن پىشقەدەم دوختۇرلارنى ئىزلىسەك ئۇلار بىرنەچچە دۇرا بىلەن سىقماقنى ئارلاشتۇرۇپ قىپقىزىل رەڭلىك بىر دۇرا ياساپ بەردى ، ئۇنىڭمۇ ئۇنىمى بولمىدى .
بەزىلەر يود سۆركەۋىرىڭلار دىدى شۇنىڭ بىلەن يود ئىشلەتتۇق . ئەمما ياخشلىنش يوق . بەدىندىن پۇتىلىرىغا ۋە يۇزىلىرىگە تارقاي دەۋاتىدۇ .
شۇنىڭدىن بىرى قىزىمنى يۇيۇندۇرۇشتىنمۇ ئەنسىرىدۇق ، كيىملىرىنى كۇندە بىر يەڭگۇشلەپ شۇ يودىنى سۇرۇپ ئىچىمىزنى ئىچىشتۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز .
شۇڭا سىلەردىن ئۇتۇنۇپ سۇرايدىغىنم بۇ كىسەلنىڭ ئۇنۇملۇك داۋالاش ئۇسۇلى بارمىدۇ ؟
قانداق قىلىسام قىزىمنى بۇ كىسەلنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالايمەن .
جاۋابىڭلارنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۇتىمەن .