ئاياللار ئۆمۈرىدە ھەيز ، ھامىلدارلىق ، تۇغۇت، ھەيز توختاش مەزگىلىدىن ئىبارەت ئوخشىمىغان فىزلوگىيىلىك دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ.

بىرىنچى مەزگىل ھەيز مەزگىلى بولۇپ بۇ مەزگىلدە ئانىلىق ھورمۇن ئۈزلىكسىز داۋالغۇپ تۇرىدۇ،ئانىلىق ھورمۇن قان بېسىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقتىن بۇ چاغدا قان بېسىمدىكى ئۆزگۈرۈشمۇ تۇراقسىز بولىدۇ، شۇڭا ئاياللار بۇنداق ۋاقىتتا ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا دىققەت قىلىشى، تۇرمۇش تەرتىۋىنى قانۇنيەتلىك ئورۇنلاشتۇرىشى، ياخشى كەيپىياتنى ساقلىشى لازىم.
ئىككىنچى مەزگىل ھامىلدارلىق مەزگىلى:
" /> ئانىلىق ھورمۇن ئۆزگۈرۈشىنىڭ ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسى - 80 خالتا بلوگى

ئانىلىق ھورمۇن ئۆزگۈرۈشىنىڭ ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسى


 . بۇ مەزگىلدە ئاياللار  بالىلىق بولۇشنىڭ خوشاللىقىغا چۆمۈش بىلەن فىزلوگىيىلىك تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ خىرسىغا دۇچ كېلىدۇ، ھورمۇندا ئۆزگۈرۈش بولغانلىقتىن ئىممۇنت جەھەتتىكى ئىنكاس قاتارلىقلارمۇ يۈرەك قان-تومۇر سېستىمىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىپ بىر قاتار ھامىلدارلىققا ئائىت كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. جۈملىدىن ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئىككىلەمچى يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلىمۇ ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ كەلتۈرىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلدارلىق تۇتقاقلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان ھامىلدار ئاياللار ئېغىر ئاياق بولۇپ، 5يىلدىن 15 يىلغىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،  قان كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك كېسىلى ۋە شامالداراش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ھەسسىلەپ يۇقۇرى بولىدۇ.ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا يۇقۇرى قان بېسىم خەتىرى نىسبەتەن يۇقۇراراق بولىدۇ:

1.قوش گېزەككە ھامىلدار ئايال
2.تۇنجى قېتىم  ھامىلدار   بولغانلار
 3.يېشى چوڭىيىپ كەتكەن ھامىلدار ئايال
4.تەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ھامىلدار ئايال
5.مەدەنىيەت ساپاسى ۋە كىرىمى تۆۋەن بولغان ھامىلدار ئاياللار.
يۇقۇرقىلاردىن باشقا كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش، تۇغۇتتىن ئىلگىرى سېستىمىلىق تەكشۈرتمەسلىك، ئاتا-ئانىسىدىن ئېرسىيەت قېلىش ۋە تاماكا چېكىش قاتارلىق ئامىللارمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقۇرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇ ئامىللارنىمۇ تۇغۇتتىن بۇرۇن تەپسىلى ئىگىلەش كېرەك.
ئۈچۈنچى مەزگىل:ھەيز كېسىلىش مەزگىلى. بۇ ۋاقىتتا ئانىلىق ھورمۇن تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ ئېشىپ بارىدۇ.شۇڭا بۇ مەزگىلدە  ياخشى پىسخىك كەيپىياتنى ساقلاش، قانۇنيەتلىك ھالدا ھەركەت قىلىپ بېرىش، يۈرەك قان تومۇر ساملاملىقىغا دائىر كۆرسەتكۈچلەر(مەسلەن:قان بېسىم، قاندىكى ماي،قاندىكى شېكەر قاتارلىقلار)نىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.



[Birzat بۇنى 2011-11-14 12:51 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئاياللىق ھورمۇن يۇقۇرى قان بېسىم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 7 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمادىيار[2013-04-26 11:22 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇسىز باشقۇرغۇچى ئەپەندىم!
مەن گىپىمگە كەلسەم بۇگۈن بۇ تورغا ئزدە تورىدىن كىرىپ قاپتىمەن ، قارىسام نۇرغۇن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ، ئۈزىنىڭ ئەدىشى ۋە كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى دەپ سىلەردىن مەسلىخەت سۇراپ سۇز قالدۇرۇپتۇ. بۇ توربىلەن خېلى ئەرپىلىشىش ئارقىلىق مەن بىر كۆڭىل سۈزىمنى قالدۇراي دەپ خەت يېزىۋاتىمەن ،،   مەن بىر قىزبىلەن ئارلىشىپ ئارىمىزدا ئازراقمۇ قالايمىقان گەپلەر چىقماي بىر - بىرىمىزنى ياخشى كۈرۈشىپ كەلگىلى 3 يىل بولغان ، ئۇ 18 ياش مەن 20ياش.  لىكىن ئۇزاققا بارماي ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئۇزاق يىللىق بىر دوستىنىڭ بالىسىغا كىچىكىدە رومال تاشلاپ قويغان سىزگە دەپ زورلىشى مۇشۇ 2012-يىلى 11-ئايدا ئۇ ئامالسىز ياتلىق بولدى ، مەنمۇ ئۇنىڭ بەختىنى تىلىدىم ، لىكىن ئۇ توي قىلغاندىن كىيىن ئۇ بالا ھاراق ئىچىپ ھەركۇنى دىگۈدەك ئۆيگە بىر كەچلەردە كىرىپ ئۇنى ئۇرۇپ قاتتىق خارلىغاچقا، كىلىشەلمەي 40 كۈندىن كىيىن ئجرىشىپتۇ، لىكىن مىنىڭ ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەنلىكىمنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن بەلكىم ، ئۇنىڭ ئۇ ئىشلىرنى بىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ يەنە داۋاملىق ئازاپ تارتىشىنى خالىمىدىم، شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا كۆپ سۇزلەش ئارقىلىش ئۇنى تەستە قايىل قىلدىم ، مانا مۇشۇ كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ھىممەتلىرى بىلەن  شۇنداق ياخشى پاراڭلىشىپ ئۈتىۋېتىپتىمىز! ئاللا خالىسا كىلەر يىلى يازدا توي قىلىز دەپ تۇردۇق.  ئەمدى مىنىڭ سۇرايدىغان مەسىلەم بولسا :  مىنىڭ بۇ قىلغىنىم خاتا ئەمەستۇ؟ بەزى باشقا قېرىنداشلىرىمىز ، توي قىلمىغان يىگىت توي قىلمىغان قىز بىلەن توي قىلسۇن دەيدىكەن، لىكىن مەن ھەركۈنى شۇنى ئويلاپ كاللامغا كىرۋېلىپ، ئەجىبا بۇ بىر توي قىلغانلىق ئىشى شۇنچە مۇھىممىدۇ دەپ كۆپ ئويلاپ قالىمەن ، لىكىن يەنە كۆڭلىمدە بۇ يولنى تاللىغىنىمنى 2 ئادەمنىڭ بەختى دەپ قارايمەن !!! ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز!!!!!!!!
回复قايتۇرماasima[2012-12-08 11:03 PM | del]
man toykilgili 2yildin axti likin balayuzi kormidim takxurunsam yahxiqikti yana nima sawap bardur bilmidim maslihat barsigiz
回复قايتۇرماجانان[2012-10-06 04:55 PM | del]
بىرزات ئۇستام مەن توي قىلغىلى 1يىل4ئاي بولدى ،لىكىن تىخى بالا يۇزى كۆرمۇدۇم ئەمما تەكشۇرتسەم سىزدە ئۇرۇققا قارشى ئانتىتىللا باركەن دەيدۇ.دوختۇر بۇ جەھەتتە بىرەر داۋالاش يولىنى دەپ بەرمىدى شۇڭا سىزدىن مەسلھەت سوراپ باقتىم ماڭا بىرەر دالاپ ساقايتىش يولى بارمۇ دەپ بىرەرسىزمۇ؟
回复قايتۇرماmahsida[2012-04-27 05:54 PM | del]
manmuugnevalaydedemqogbolgandalazemboledu
回复قايتۇرماmahsida[2012-04-27 05:41 PM | del]
kezlasaglamlekeneqxangembar


  
回复قايتۇرماtaxna[2011-11-18 03:47 PM | del]
مەن توي قىلغىلى 1يىل 6 ئاي بولدى. لىكىن تىخى بالا يوق. تەكشۇرتسەم سۇل تەرەپتە سۇلۇق خالتىلىق ئىششىق باركەن دەيدۇ. ئانىلىق ھورمۇن توۋەنكەن .بۇ ئىششىقنىڭ يوقىمىقى شۇنداق تەسمۇ ؟قانداق قىلسام بولىدۇ. ماڭا بىر ياردەم قىلىسىڭىز ؟؟؟؟؟؟
回复قايتۇرماbirgul[2011-11-15 09:46 PM | del]
بىرزات ئۇستام مەن تۇغۇتتىن قوپقىلى 2 ئاي بولدى . نورمال توغدۇم ، تۇغۇت ئىچىدە ھىچبىر نورمالسىزلىق بولمىدى . ئەمما تۇغۇتتىن قوپقاندىن بىرى بىر ئايدا ئىككى قېتىم ئادەت كۆرىۋاتىمەن . بۇ قاندا ئىش ؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.