كالىي ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە



ئىلمىنت  بەلگىسى : K
تۈرى  ماكرو ئىلمىنت
قىسقىچە  تۇنۇشتۇرۇش : كالىي  بەدەن  ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن %0.35تىن%0.2 نى تەشكىل  قىلىدۇ . ئۇ مۇسكۇل ، نىرۋا  ھەمدە قان ھۈجەيرىلىرىگە  كەڭ  تارقالغان  بولۇپ سۆڭەك  مۇسكۇلى ، نىرۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ، ھەتتا  يۈرەك  مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتى  بىلەن  زىچ  مۇناسۋىتى  زىچ ، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان مېنىرال  ماددىدۇر .
ئاساسلىق  رولى : يۈرەك  مۇسكۇلى نورمالسىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
يۈرەك  مۇسكۇلىنىڭ  نورمال فۇنكىسسىيىسىنى ساقلاپ ، يۈرەك  رېتىمى قالايمىقانلىشىش ، ، يۈرەك  ئۆتكۈزۈشچانلىقى تۇسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال سۇ  مىقدارىنى ساقلايدۇ ، يۇقىرى  قان  بېسىمىنىڭ  ئالدىنى  ئالىدۇ ۋە  ئۇنى  تۆۋەنلىتىدۇ ، نورمال  قان  بېسىمىنى  ساقلايدۇ .
ناترىي  بىلەن  ھەمكارلىشىپ ئادەم  بەدىنىنىڭ كىسلاتا  ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدۇ ۋە نېرۋا ئىمپۇلىسنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى  قوللايدۇ .
ئورگانىزىمدا  پەيدا  بولغان لەختىلەرنى تازىلايدۇ .
مېڭىنىڭ ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ .

يىتىشمەسلىك ئالامەتلىرى :
مۇسكۇللار كۈچسىز  بولىدۇ ، قۇسىدۇ ، بەدەن ئىششىيدۇ ، يۈرەك  رىتىمى  قالايمىقانلىشىدۇ ، نېرۋا  مۇسكۇللىرىدا كىسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ ، ئېغىر  بولغاندا قان  شېكىرى تۆۋەنلىك كېسىلى  پەيدا بولىدۇ .
تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك  كىشىلەر توپى :
سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىۋاتقانلار : سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بەدەندىكى  كالىينى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىدىغانلىقتىن ،
ئاسانلا ئېلىكترولىت تەڭپۇڭسىزلىق ھادىسىسى كۆرۈلۈپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قاندا  كالىي  كەملىك  پەيدا  بولىدۇ ، شۇڭا  بۇنداق  كىشىلەر كالىي  تۇلۇقلاشقا دىققەت  قىلىشى  زۆرۈر .
دائىم  ئەمگەك  قىلىدىغانلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر : ئەمگەك  مىقدارى  كۆپ  بولغاندا بەدەندىن كۆپلەپ  تەر  چىقىپ ، كالىيمۇ بىللە  ئېقىپ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقتىن ، بۇنداق  كىشىلەر  كالىي تۇلۇقلاپ ھۈجەيرە ئىچى – سىرتىدىكى سۇنىڭ  تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىشى  زۆرۈر .
تۇز ئىستىمال  قىلىش مىقدارى  يۇقىرى  كىشىلەر : تۇزنىڭ  ئاساسلىق  تەركىبى ناترىيدىن ئىبارەت . بەدەنگە  كۆپ مىقداردا ناترىي  قۇبۇل  قىلىنسا سالامەتلىك  جەھەتتە  مەسىلە  كۆرۈلىدۇ . شۇنداقلا  كالينىڭ شۈمۈرۈلىشىگىمۇ تۇسقۇنلۇق  قىلىدۇ ، بۇ  چاغدا تېخىمۇ  كۆپ  كالىي تۇلۇقلاپ ، بەدەندىكى سۇ ۋە كىسلاتا – ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقنى ساقلىشى زۆرۈر  بولىدۇ ، كالىي ئۇشۇقچە تۇز ( ناترىي)نىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىشىگە ياردەم بىرىدۇ .
دائىم  ھاراق ئىچىدىغانلار :
دائىم  ھاراق  ئىچىدىغان  كىشىلەرنىڭ ئۇزۇقلۇقنى  قۇبۇل  قىلىش  ئىقتىدارى تەدرىجىي ھالدا چىكىنىپ كىتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپرت ئادەم  بەدىنىنىڭ كالىينى قۇبۇل قىلىش  نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ ، بەدەندىكى  كالىي  مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ-دە ئاسانلا  كالىي  يېتىشمەسلىك  كىسلى پەيدا بولىدۇ ، شۇڭا بۇنداق  كىشىلەر كالىينى  نورمىدىن  ئاشۇرۇپ ئىستىمال  قىلىشى، تۇلۇقلىشى  زۈرۈر .
ئاسان  چارچايدىغان  كىشىلەر : مۇۋاپىق مىقداردا  كالىي  تۇلۇقلىسا ئادەمنىڭ زىھنى كۈچى ۋە ھاياتىي  كۈچىنى  ئاشۇرۇپ ، چارچاش ، ماغدۇرسىزلىق تۇيغۇسىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ .
تاتلىق  يىمەكلىكلەرنى  ئىستىمال قىلشقا ئامراق  كىشىلەر : ساغلام  ئادەمنىڭ  بەدەن  سۇيۇقلىقى ئاجىز ئىشقارلىق  خۇسۇسىيەتكە ئىگە  بولىدۇ .
لىكىن شىكەرنى ئاساس  قىلىدىغان تاتلىق يىمەكلىكلەر كۆپىنچە  كىسلاتالىق
خۇسۇسىيەتكە  ئىگە ،شۇڭا تاتلىق  يىمەكلىكلەرنى  يىيىشكە  ئامراق  كىشىلەرنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى كىسلاتالىققا  مايىل  بولىدۇ . بۇ ئەھۋال ئۇزۇن  مۇددەت داۋاملاشسا سالامەتلىك جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ .
بۇ چاغدا كىسلاتا – ئىشقارلىق قىممىتىنى نىيتراللاش ئۈچۈن ، بەدەن ئۆزلۈكىدىن ئىشقارلىق ماددىلار ، مەسىلەن كالىي،  ناترىي ، كالتسىي قاتارلىقلاردىن  پايدىلىنىپ نېيتراللاش  ئېلىپ بارىدۇ ،  ھالبۇكى بەدەندىكى كالىي ، كالتىسي ، ناترىيلارنىڭ مىقدارىنىڭ يىتەرسىز بولۇشىدىن  ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى  مۇۋاپىق مىقداردا تۇلۇقلاپ بەدەندىكى كىسلاتا – ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش  زۈرۈر  بولىدۇ .
ئۇزۇن  مۇددەت ئانتىبئوتىك دورىلارنى ئىستىمال قىلغانلار : ئانتىبىئوتىك  دورىلار ئادەم  بەدىنىنىڭ كالىينى چىقىرىپ تاشلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقتىن ئۇزۇن  مۇددەت  ئانتىبىئوتىك دورا ئىستىمال  قىلغانلار تەركىبىدە كالىي  مول  يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك  ئىستىمال  قىلىشى لازىم .

يىمەكلىكلەردىن  كىلىش مەنبەسى : بارلىق دانلىق  ئاشلىق ،  گۆش ، تۇخۇم، تۇلۇق  قايماقلىق  سۈت ، ھەر خىل  كۆكتاتلار ، مىۋە -  چىۋىلەر ، (بولۇپمۇ بانان) ، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر ۋە پۈتۈن بۇغداي ئۇنىدىن پىشۇرۇلغان بولكا قاتارلىق  يىمەكلىكلەردۇر.
مىقدارى  ئېشىپ  كىتىش ئالامەتلىرى  :
يۇقىرىي  كالىيلىق  قان كېسىلىنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ ، ئادەم  بەدىنىنىڭ  زەئىپ ، تۇيغۇسى  غەيرىي  بولۇشىغا سەۋەب  بولىدۇ ، ئېغىر  بولغاندا يۈرەك  رىتىمى جىددىي  قالايمىقانلىشىش ، ۋە ئۆتكۈزۈشچانلىق كەمتۈك  بولۇشنى پەيدا  قىلىدۇ .

ئىستىمال  قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :
كا؛ىي  تۇلۇقلىغاندا ئۇنىڭ  ناترىي  بىلەن بولغان  تەڭپۇڭلىقىغا  دىققەت  قىلىش  كېرەك ، بولمىسا نېرۋا  ۋە  مۇسكۇللارنىڭ فۇنكىسسىيىسىگە زىيان  يېتىدۇ ،
كالىي  سۇدا  ئېرىيدىغان مىنىرال  ماددا  بولۇپ تاماق  تەييارلاش ياكى سۇغا چىلاش جەريانىدا زىيانغا  ئۇچرايدۇ ، شۇڭا  قىزىتىلمىغان ، پىشۇرۇلمىغان كۆكتاتلار، مىۋە – چىۋىلەر كالىيغا ئىرىشىشتىكى ئەڭ ياخشى ، ئەڭ بىخەتەر يول ھىسابلىنىدۇ . ئەگەر ئۇلارنى پىشۇرغاندا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە ئاش تۇزى  تەركىبىدىكى كالىي خلورىد قايناۋاتقان سۇدا ئېرىيدۇ- دە ، كالىينىڭ تاماق پىشۇرۇش داۋامىدا زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى  بولىدۇ .
كۈندىلىك ئىستىمال  قىلىش  مىقدارى :
بوۋاقلار : 1000~500 (بىرلىكى مىللىگرام)
Mg
كىچىك بالىلار: 2000~1600 مىللىگرام.
بالىلار : 2000~1600 مىللىگرام .
ياش –ئۆسمۈرلەر : 2000~1600 مىللىگرام .
قۇرامىغا يەتكەن ئوغۇللار : 2000مىللىگرام .
قۇرامىغا يەتكەن قىزلار: 2000مىللىگرام .
ھامىلدار ئاياللار : 2000 مىللىگرام .
بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار : 2000 مىللىگرام .

مەنبە : ۋېتامىن ۋە مىنىرال  ماددىلار



يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.