جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدىغان پەيتلەر



تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ئەھۋال ئاستىدا ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ جىنسىي ئالاقىنى ئازايتىشى ياكى جىنسىي ئالاقىدىن ساقلىنىشى لازىم.
1-ئېغىر كېسەل بولۇپ ساقىيىپ، تەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس، ئادەتتە ھەرخىل كېسەل مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ، چۇنكى ساقنىڭ جىنسىي تەلىپى قانغان بىلەن كېسەلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى نىسبەتەن يېنىك بولغانلارمۇ ئادەتتە ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشى كېرەك. كېسەللەرنىڭ تۇرلىرىمۇ ناھايتى كۆپ، كېسەلنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشى بۇ ھەقتە دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم.
2-زىيادە ھېرىپ-چارچىغاندا،مەست ۋاقىتىدا ياكى روھىي كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ،ئەرلەر زىيادە ھاراق ئېچىپ مەسىت بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇقىدا غەيرىلىك پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئايال تەرەپ ھامىلدار بولۇپ قالسا ئۇنداق ھامىلىنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىپ غەلىتە تۆرەلمە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
3-ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇقلار كىسلاتا خاراكتېرلىك بولۇپ،سىرىتتىن كىرگەن مىكروبلارنى ئۆلتۇرەلەيدۇ.لېكىن ھەيىز مەزگىلىدىكى جىنسىي يولدىن ئاجرىلىپ چىققان سۇيۇقلۇقلار قان بىلەن نېيتراللىشىپ ئىشقارلىق خۇسۇسىيتىگە ئۆزگىرىدۇ-دە، مىكروبلار ناھايىتى ياخشى ئۆسەلەيدۇ.ھەيىز مەزگىلىدە بالىياتقۇ دىۋارلىرى ئاجراپ بالىياتقۇ ئىچى زەخمىلىنىدۇ، بالىياتقۇ ئېغىزى ناھايىتى كىچىك دەرىجىدە ئېچىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ئاسانلا مىكروب كېرىپ جىنسىي ئەزالاردا ياللۇغلىنىشپ پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بۇرۇن سۇزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى بولسا ھەيىز مەزگىلىدىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ياللۇغلىنىشنىڭ جىددى غىدىقلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە قېلىنلىغان جىنسىي ئالاقە ھەيز ۋاقتىنى ئۇزارتىۋىتىدۇ. قان كۆپ كېتىدۇ. ياكى ئاياللاردىكى بىئاراملىق تېخىمۇ كۇچىيىپ كېتىدۇ.
4-ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۇچ ئېيى ۋە ئەڭ ئارخىرقى ئۇچ ئېيى ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلىپىدە بالا ھەمراھى بالىياتقۇ ئىچىدە تېخى مۇستەھكەملەنمىگەن بولۇپ بۇ مەزگىلدە جىنسىي ئالاقە قىلىشسا ئاسانلا بالىياتقۇغا تەسىر كۆرسىتىپ (بالىياتقۇ قىسقىرىپ)نەتىجىدە بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھامىلدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىمۇ جىنسىي ئالاقە قىلىش ناھايىتى ئاسانلا بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى ياكى بۇرۇن تۇغۇلۇپ قېلىشنى، بالىياتقۇنىڭ قانىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ ئىككى مەزگىلدە باشقا ۋاقىتلاردىمۇ جىنسىي ئالاقە چەكلىك بولۇشى، ھەرىكەت سىلىق-سىپايىرەك بولۇشى زىيادە قوپال،قاتتىق، قارام ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش،ئايالنىڭ ئۇستىدىن قورسىقىنى زىيادە بەك بېسىۋالماسلىق لازىم.
5-تۇغۇتتىن كېيىن تاكى بالىياتقۇ ئۆز ئەسىلى ئورنىغا،ھالىتىگە كېلىپ بۇلۇشتىن بۇرۇن (تەخمىنەن 40كۇن) جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا جىنسىي ئەزالاردا ئاسانلا ياللۇغلىنىش ،بالىياتقۇ قانىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى ياكى يېرىق،جىنسىي يولىدىكى زەخمىلىنىشلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ساقىيشى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسالغۇ بولىشى،تەسىر يەتكۇزىشى مۇمكىن.
6-ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇزۇكى سالدۇرغان ياكى ئالدۇرۋەتكەن ۋاقىتتا ۋە ئەرلەر ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنى باغلىۋىتىش ئوپراتسىيسىدىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. ئاياللار تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىنى باغلىۋىتىش ئوپراتسىيسىنى قىلدۇرغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.





يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماnazgul[2012-06-14 00:42 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى. مەن توي قىلغىلى 100 كۈن بولدى. بۇ يىل 28 ياشقا كىردىم.  20 كۈن بۇرۇن ئېرىم ماڭا يېپىشۋالغان ئىدى. نەچچە كۈندىن كېيىن   50 كۈنلۈك بولغان ھامىلەم چۈشۈپ كەتتى.  بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى بۈگۈن بىلوگىڭىزدىن بىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھالىمدار بولسام ھامىلىگە خېيىم خەتىرى بارمۇ يوق ؟ ھەم يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ھامىلدار بولسام بولىدۇ؟ ئۆزەمنى قانداق ئاسرىشىم كېرەك ؟
مۇشۇ توغرىسىدا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.