ھامىلىنىڭ قىز-ئوغۇل بولىشى ئەرلىك تەرىپىدىن بەلگىلىنەمدۇ ياكى ئايالدىن



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ، قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل نېمە ؟ قالايمىغان سوئال سوراپ قالغان بولسام ئاللا گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغاي ، مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ھامىلىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلنى تېببى نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز، ئادەتتە ئەركىشىنىڭ بەدەن سۈپىتى ياخشى بولسا ئوغۇل بولامدۇ ياكى ئايال كىشىنىڭمۇ ؟
جاۋاپ: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام:
ئادەم بەدىنىدە 23 جۈپ خروموسۇم بولىدۇ. بۇنىڭ 22 جۈپى دائىمىي خروموسوم دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە بىر جۈپى بولسا جىنسى خروموسومدۇر. خروموسوم بولسا ئادەم تىنىنىڭ ئىرسىي ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل ماددىدۇر، يەنى ئاشۇ 23 جۈپ خروموسومدا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن شۇ ئادەم تىنىنىڭ ھەممە خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى ئاشۇ بىر جۈپ جىنسى خروموسوم ئىنساننىڭ جىنسىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇ ئادەتتە مۇنداق ئىككى خىل ھالەتتە مەۋجۇت بولىدۇ يەنى XX, XY
بۇنىڭدىكى XX بولغىنى ئايال جىنس بولىدۇ. XY بولغىنى ئەر جىنسى بولىدۇ.
يەنى ئايال كىشىدىكى بىر جۈپ جىنسى خروموسوم ئوخشاشلا ئىككى دانە Xخروموسومدۇر. ئەرنىڭ بولسا بىر تال X ۋە بىر تال Y خروموسومدۇر.
ئەمدى ھامىلىنىڭ ئوغۇل قىزلىقى قانداق ئامىل تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دىگەن سۇئالغا كەلسەك:
كۆپىيىش ھۈجەيرىسى بولغان ئىسپىرما ياكى تۇخۇمدا نورمال تەن ھۈجەيرىسىنىڭ يېرىمىچىلىك خروموسوم بولىدۇ، يەنى 23 تال خروموسوم بولىدۇ. جىنسى ئالاھىدىلىكنى بەلگىلەيدىغان خروموسوممۇ بىر جۈپ بولماستىن بىر تال بولىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن تۇخۇم بىلەن ئىسپىرما ئۇچراشقاندىن كىيىن ئانا تەرەپتىن كەلگەن ( ئانىدا پەقەت بىر خىللا خروموسوم بار، ئەمما ئەر كىشىدە بولسا X Y ئىككى خىل جىنسى خروموسوم بار بولغانلىقى ئۈچۈن) بىر تال X خروموسوم بىلەن ئاتا بولغۇچى تەرەپتىن كەلگەن X ياكى Y ئۇچرىشىپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە تەرەققى قىلىپ ھامىلىگە ئايلىنىدۇ. دىمەك ھامىلىنىڭ قىز ئوغۇل بولۇشىنى ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلىشى بىلەن ئاتا تىنىدىكى ئاشۇ بىر تال Y خروموسوم بەلگىلەيدۇ.
ئاخىرقى سۇئالىڭىزغا نىسبەتەن بىرزات ئەپەندىم تەييارلىغان تۆۋەندىكى تېمىنى كۆرۈپ باققايسىز!
_________________________ سەفىيە

ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلى

نۇرغۇنلىغان ئەر-خوتۇنلار تويدىن كىيىن تۇغۇتقا كەلگەندە ، زادى تۆرەلمىنىڭ جىنسىي پەرقىنى ئالدىنئالا بىلگىلى بولىدىغان ئىشەنچلىك بىر چارىسى بارمۇ، بىر قېتىمدىلا ئوغۇل تۇغۇش ياكى قىز تۇغۇشنىڭ زادى ياخشى بىر ئۇسۇل-چارىسى بارمۇ-يوق؟ دېگەندەك مەسىلىلەردە بەك باش قاتۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىببى ئىلىم ساھەسىدە تۆرەلمىنىڭ جىنس مەسىلىسى توغرىسىدا كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ياپۇنيىدىكى زاۋداۋتىيەن ئۇنۋېرسىتىتېنىڭ پروفېسورى تىيەنجۇڭ جيۇبىننىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوغۇل ياكى قىز پەرزەنت كۆرۈشتە ئىلمى ئاساسقا ئىگە ئالاھىدە ئۇسسۇلنى تېپىپ چىقتى. ئەرلەر سپېرمىسى ئىچىدە ئىككى خىل ئۇرۇق بولۇپ، بىرىنىڭ جىنسىي خىروموسومىسى << Y>> لىق ئۇرۇق، يەنە بىرىنىڭ خىروموسومىسى << X>> لىق ئۇرۇق بولىدۇ. ئەگەر << Y>> لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە ئوغۇل بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئەكسىچە لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە قىز بولۇپ شەكىللىنىدۇ. لىق ئۇرۇقنىڭ گەۋدىسى كىچىكرەك بولۇپ ، ھەركەتچان كىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىشقارلىق شارائىتتا تېخىمۇ تېتىكلىشىپ ، ھەركەتچانلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ؛ << X>> لىق ئۇرۇقنىڭ گەۋدىسى چوڭراق ، ھەركىتى ئاستىراق بولۇپ ، كىسلاتاغا مايىل شارائىتتا ھەركەتلىنىشى تېزلىشىدۇ. تيەنجۇڭ جيۇبىن يۇقۇردىكى پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلىپ ، نۇرغۇنلىغان تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ ، قىز ياكى ئوغۇل يۈزى كۆرۈشنىڭ تۆۋەندىكى ئۇسسۇلىنى ئوتتۇرغا قويدى.
ئېرىك سايرانى ئەپەندىنىڭ << جىنسىي ئاجىزلىق ۋە ئۇنى داۋالاش>> ناملىق كىتابىدا سۆزلەنگەن يۇقۇرقى قاراشلارغا كىچىككىنە قىستۇرما قويۇپ ئۆتسەك ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك!
قۇرئان كەرىمدە
<< تۆكۈلگەن مەنىدىن ئەركەك -چېشى ئىككى جىنسنى ياراتتۇق>> دېگەن ، نەجىم سۈرىسى 45-46- ئايەتلەردىكى << مەنىدىكى ئەركەك-چېشى >> دەل پروفېسورى تىيەنجۇڭ جيۇبىن ئوتتۇرغا قويغان ئەرلەر سپېرمىسى ئىچىدە ئىككى خىل ئۇرۇق بولۇپ، بىرىنىڭ جىنسىي خىروموسومىسى << Y>> لىق ئۇرۇق، يەنە بىرىنىڭ خىروموسومىسى << X>> لىق ئۇرۇق دېگەن تەتقىقاتتا ئىسپاتلانغان قاراشتۇر.
يەنە ھەدىس شەرىفتە رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالامنىڭ << ئەر-ئايال تۆشەكتە بىللە بولغاندا مۇزەككەر (ئەرلىك ئۇرۇق) غالىپ كەلسە تۇغۇلغان بالا دادىسىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر مۇئەننەس ( ئاياللىق ئۇرۇق ) غالىپ كەلسە تۇغۇلغان بالا ئانىسىغا ئوخشايدۇ. -سەھىھۇل بۇخارى.
( مەن كۆرگەن ھەدىسنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇشۇنداق ئىدى. ۋاللاھۇ ئەئلەم) بۇ ھەدىس شەرىپتىكى مەزمۇن دەل <<ئەگەر << Y>> لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە ئوغۇل بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئەكسىچە <> لىق ئۇرۇق ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن جۈپلەشسە ، تۆرەلمە قىز بولۇپ شەكىللىنىدۇ.>> دېگەننى تەھقىقلەيدۇ.
شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ياپۇنيىلىك پروفېسورنىڭ <<ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلى >> ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن چۈچۈپ كەتمەي ئىلمىي ھالدا چۈشۈنۈپ پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
1. ئوغۇل تۇغۇشنىڭ ئۇسۇلى:
1) ئايال ھەيز كۆرگەن بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ ئەر كىشى گۆش ، بىلىق قاتارلىق كۈچلۈك ئوزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلىشى، ئايالى ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ 10 كۈنگىچە جىنسىي مۇناسىۋەتنى توختىتىپ تۇرىشى لازىم. ئەگەر ئەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزراق ياكى مەنى (سپېرمىسى) ئاز بولسا ، ئايالىنىڭ ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ تاكى 15-كۈنىگە قەدەر، ئەر جىنسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغان ، مەنىنى كۆپەيتىدىغان ئوزۇقلۇقلارنى ( ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىدىن ھالۋايى بەيزە، لۇبۇبى كەبىر، مەجۈنى سۆئىلەپ...قاتارلىق دورىلار بولىدۇ ) ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
2) ئايال ھەيز كەلگەن كۈندىن باشلاپ گۆش، بېلىق قاتارلىق قۇۋۋەتلىك تائاملارنى يېمەي، كۆپۈنچە تاتلىق تاماقلارنى يېيىشى، 10-كۈنىگىچە ئېرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولماي، 11-كۈنىدىن باشلاپ جىنسىي مۇناسىۋەتنى باشلىشى لازىم. مۇناسىۋەت قىلىشنى ئالدىدا بىر لىتىر مۇزلىتىلغان قايناقسۇغا ( ئوتتۇرا ھېسابتا تۆت پىيالە بولسا بولىدۇ) ئىككى قوشۇق سودا سېلىپ ، تامامەن ئىرىپ بولغاندىن كىيىن ، بۇ سۇ بىلەن ئۆز جىنسىي يولىنى يۇيىشى كېرەك. سۇ جىنسىي يول ئىچىگە كىرىپ جىنسىي يولىنىڭ ئىچى ئىشقارلىنىشى لازىم. مانا مۇشۇ ئۇسۇلدا ئېرى بىلەن ئۇدا ئۈچ كېچە مۇناسىۋەتتە بولماقلىقى لازىمدۇر.
2. قىز تۇغۇشنىڭ ئۇسۇلى
1) ئېرى ئايالىنىڭ ھەيز كۆرگەن بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ تا 15-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا كۆتاتلىق تائاملارنى يەپ ، گۆش، بېلىق قاتارلىق قۇۋۋەتلىك تائاملارنى يېمەسلىكى لازىم.
2) ئايال بولغۇچى ھەيز باشلىنىپ بىرىنجى كۈنىدىن ھېسابلاپ 15-كۈنىگىچە گۆش ، بېلىق قاتارلىق قۇۋۋەتلىك تائاملار بىلەن كۆپلەپ ئوزۇقلىنىپ سەيلەرنى ئاز يېيىشى ( ئۇندىن باشقا لەڭپۇڭ، راڭپىزا، كالا گۆشلۈك ئۈگرە..دېگەندەك سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەردىنمۇ ساقلىنىشى زۆرۈر) كېرەك.
3) ئايال ھەيز كىلىپ، بىرىنجى كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە جىنسىي مۇناسىۋەتنى توختىتىپ ، 11-كۈنىدىن باشلاپ ئېرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك.
جىنسىي مۇناسىۋەتنى باشلاشتىن ئىلگىرى بىر قوشۇق ئاق سېركىنى ( سىركە كىسلاتاسىنى) مۇزللىتىلغان بىر لىتىر قايناق سۇغا سىلىپ ، جىنسىي يولنى يۇيۇشى، سۇيۇقلۇق جىنسىي يول ئىچىگە كىرىشى لازىم
. شۇنداق قىلغاندىلا جىنسىي يولنىڭ ئىچىنى كىسلاتالىق خاراكتېرگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئاندىن ئېرى بىلەن ئۇدا ئۈچ كۈن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەك.
ئېرك سايرانى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە پروفېسورى تىيەنجۇڭ جيۇبىن ئوتتۇرغا قويغان يۇقۇرقى ئۇسسۇللار تۈمەن مىڭلاپ تەجىرىبە قىلىش ئارقىسىدا ئىسپاتلانغان بولۇپ ، ئىشەنچلىك تەرىپى 90% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئانا بەدىنى ۋە تۆرەلمىگە ھېچقانداق ئەكس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
توغرىسىنى بىلگۈچى - تۆكۈلگەن مەنىدىن ئەركەك-چېشىنى ياراتقۇچى ، مەخلۇقلارنىڭ تەقدىرىنى ئالدىنئالا بىلگۈچى ئاللاھتۇر.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن بىرزات



[Birzat بۇنى 2010-07-28 00:03 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھامىلىنىڭ قىز-ئوغۇل بولىشى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 7 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرما7523[2012-10-13 01:27 AM | del]
نەقىل مەنبەسى 7523 نەقىل مەنبەسى 7523
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم ،مەن  توي قىلغىلى 3 ئاي بولدى، تېخى پەرزەنتتىن خەۋەر يوق  مەسلىھەت بەرسىڭىز
回复قايتۇرما7523[2012-10-13 01:25 AM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم ،مەن  توي قىلغىلى 3 ئاي بولدى، تېخى پەرزەنت يۈزى كۆرمۈدۈم، مەسلىھەت بەرسىڭىز
回复قايتۇرماxaxkayip[2011-07-03 03:04 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! تورداش سىنىڭ  بۇ مەسىلىگە مەن لا جاۋاپ بىرىش نى لايىق تاپتىم  چۇنكى سىزنىڭ ئىمانىڭىز سۇس كەن نىمىشقا دىسىڭىز  بالىنىڭ قىز -ئۇغۇل بۇلۇشىنى بىر ئۇلۇغ ئاللادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ سىز ئايالىڭىز نى دوختۇرغا ئاپىرىپ ئۇرۇقسادۇرسىڭىز مۇ ئۇ بالانى ئاللا قىز بەلگىلىسە قىز ئۇغۇل بەلگىلىسە ئۇغۇل بۇلدۇ بۇنىڭ غا پەن تېخنىكا ئارا تۇرالمايدۇ
回复قايتۇرماamal[2011-05-17 07:25 PM | del]
مۇشۇ خىل چۈشەندۈرۈشتە چوقۇم مەسىلە بار ،بۇ يەردە چۈشەندۈرۈلگىنى پەقەت نەتىجە بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەردە قىز ئوغۇل بولۇشنى ئەردىنلا كۆردىغان ئىلمى خۇراپاتلىق بولۇشى مۇمكىن ،ئويلىشىش ۋە تەتقىق قىلىش كىرەككى ئايال كىشى تۇخۇمىنىڭ ئەردىن كەلگەن قايسى خىل خىرومسومنى قوبۇل قىلش ئالاھىدىلىگى بۇ يەردىكى يەنە بىر موھىم مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى ئىلگىركى كۆپ خوتۇنلۇق پادىشاھلارغا قارايدىغان بولساق بەزى ئاياللىرىدىن پەقەت ئوغۇل پەرزەنىت كۆرمىگەن بولسىمۇ باشقا ئاياللىردىن ھەتتا پۈتۈنلەي ئوغۇل پەرزەنىتلىك بولغان ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇرىدۇ.
回复قايتۇرماuyghurxax[2010-07-31 04:36 AM | del]
اھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم.مەن شھەۋاني كۇنۇ لەني كۇپ كۇر مەن بۇ نڭڭ سەۋەبې نيمە؟ مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز
回复قايتۇرماBirzat[2010-07-28 12:08 AM | del]
قاراپ پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك تېببى ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تەكشۈرتسە بولىدۇ.
回复قايتۇرماdilsiri[2010-07-28 00:50 AM | del]
ھۆرمەتلىك بىرزات ئەپەندىم     ئۇيغۇر تىبابىتىدە  ياكى  قۇرئان  كەرىمدە  ئەرلەر نىڭ   ئورۇق سۇپىتىنى  قاراپ بىلگىلى بۇلدىغان چارىلەر  بارمۇ   مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.