قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە مۇناسىۋەتلىك رېتسىلار[شىپالىق رېتسىپلار]


سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى نەرسىلەر ۋە كۆيدۈرگۈچى، زېدىلىگۈچى ئامىللار تەسىرىدىن قىزىلئۆڭگە زەخىملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كۆپىنچە قىزىلئۆڭگەچنىڭ تارايغان ئۈچ يېرىدە پەيدا بولۇش بىلەن بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، يۇتۇش قىيىنلىشىش، ئۆسمە بار ئورۇندا توسۇلۇش يۈز بېرىش، ئاغرىش، ئاخىر بېرىپ ھېچنېمە ئۆتمەي، يۇتقان نەرسىلىرىمۇ شىلىمشىق ياكى قانلىق قۇسۇق بىلەن يېنىپ چىقىش، چىرايى سارغىيىپ، قان ئازىيىپ، ئورۇقلاپ ئاچ قېلىش ۋە سۇسىزلىنىش ئارقىلىق ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
سەۋزە، شوخلا، كۆكمۇچ، كەرەپشە ھەر بىرى 200 گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى مەخسۇس ئۈسكۈنلەر بىلەن سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
مۇدەببەر كۇچۇلا 100 گرام، يىلان گۆشى 360 گرام، قىزىل سىر 60 گرام، چايان 20 گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
ئۇچقۇر پاقا پاراشوكى 120 گرام، ئاق يىلان پاراشوكى 80 گرام، ئوق يىلان پاراشوكى 25 گرام، كابۇل ھېلىلە ئېتى، سېرىق ھېلىلە ئېتى 40 گرامدىن، قارا ھېلىلە 30 گرام، زەرچىۋە، بوزۇغا، جويۇز، ئاقمۇچ، كەتىرا، ئاقاقىيا، بۇغا مۈڭگۈز كۈلى، شاقاقۇل، كۇندۇر، بادام مېغىزى، تۇخۇمى خەشخاش، يالپۇز، موزا، قورۇلغان كىرپە تىكىنى، مۇدەببەر قىلىنغان بىخ مارجان، كاۋاۋىچىن، ھاڭگا تېرەك ئۇرۇقى 30 گرامدىن؛ ئاقىرقەرھا، قورۇلغان ئادراسمان ئۇرۇقى 50 گرامدىن؛ ئانار گۈلى، ئادەمگىياھ، سەمغى ئەرەبى، كۇچۇلا مۇدەببەر، پىلە غوزا كۈلى، پاكىزە چاچ كۈلى، مەرۋايىت، كات ھىندى، تازا ئامىلە، تۇخۇم تاشلىقى، ھاڭگا تېرەك ئۇرۇقى 20 گرامدىن، ئىپار ئۈچ گرام؛ ھەسەل جەۋھىرى مۇۋاپىق مىقداردا، سىماب (ئۆلتۈرۈلگەن) 20 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
ئىپاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ (سىمابنى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن 50 گرام گۈڭگۈرتتا قايتا - قايتا ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن)، ئىپارنى يېتەرلىك ھەسەل جەۋھىرىگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئېرىتكەندىن كېيىن، سىماب بىلەن پاراشوك دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ بولۇپ، پاراشوكلارنى ھەسەل جەۋھىرىگە سېلىپ قايتا قايتا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 6 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.
پايدىلانغان ماتىريال: جاھىل خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش




[Birzat بۇنى 2010-07-27 03:30 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قىزىلئۆڭگەچ راكى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماkrban[2011-02-02 06:12 PM | del]
ھاڭگا تىرەك ئۇرۇقىنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدۇ؟جاۋابىنى تېزىراق بەرسىڭىز ياخشى بولاتتى.رەخمەت
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.