ئاي شارىنىڭ ھەممىلا يېرىدە سۇ بار ئىكەن[ئاجايىباتلار دۇنياسى]
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-07-24
شىنخۇا ئاگېنىتلىقى، لوندۇن، 23-ئىيۇل تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىلىق ئالىملار يېقىندا <ئاپوللو-14> ناملىق ئالەم ئايروپىلانى ئېلىپ كەلگەن ئاي شارى جىنىسلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاي شارىدا سۇ ئىنتايىن مول ئىكەن، ھەتتا ئاي شارىنىڭ ھەممىلا يېرىدە سۇ بار ئىكەن، دېيىشكە بولىدىكەن.
بۇ ئاي شارىنىڭ پات ئارىدا ئىنسانلارغا ماكان بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالىملار مۇنداق دېيىشتى: پەن تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەگەر ئاي شارىنىڭ تۇپرىقىدىن سۇ ۋە يېقىلغۇغا ئىگە بولغىلى بولسا، ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىدا ئولتۇراقلىشىشى نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىدۇ.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
بۇ ھەقتە ئامىرېكا ناسانىڭ تور بېتىدە ئاي شارىدىكى مۇزلۇق Ice on the Moon
دېگەن ماقالىمۇ بار ئىكەن. http://nssdc.gsfc.nasa.gov/planetary/ice/ice_moon.html
[Birzat بۇنى 2010-07-24 06:33 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش