" /> ساغلاملىق بويۇملىرى نامىدىكى <<بۆرەك قۇۋۋەتلەش>> دورىلىرى زىيانلىقمۇ؟ - 80 خالتا بلوگى

ساغلاملىق بويۇملىرى نامىدىكى <<بۆرەك قۇۋۋەتلەش>> دورىلىرى زىيانلىقمۇ؟


ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ........ياخشىمۇسىز.........
مەن ( ............ ) ماركىلىق بورەك قۇۋۋەتلەش ،دورىسىدىن يىگەن ، دەسلەپتە شۇ دورىنىنڭ تەشۋىق ۋارىقىنى كورگەن ۋاقتىمدا ، ئۇنۇڭغا يېزىلغان --بورەك قۇۋۋەتلەيدۇ ، ئەرلەنىڭ جىنسى ئەزاسىنى چوڭايتىدۇ ..ۋاھاكازا.. دىگەنلەرگە ئىشىنىپ ئۇ دورىنى يىگەن ، دەسلەپتە ئۇ دورا ناھايىتى ئۇنۇمىنى كورسەتتى ، شۇنۇڭ بىلەن ئۇ دورىنى ئون كۇن ئىستىمال قىلدىم ، ھازىر ئۇ دورىنى يىگىلى ئككى ئايچە بولدى ، لىكىن ھازىر مەندە تۇيۇقسىزلا جىنسى ئاجىزلىق ، زەكىرىم بەك قاتمايدىغان بۇلۇپ قالدى ،
بۇ شۇ دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىمىدۇ ، ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ ئەۋالغا پايدا قىلغۇدەك ئۇيغۇر تېبابەت دورىللىرىمىز
بارمىدۇ ؟

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بازارلاردا سېتىلىۋاتقان <<بىر قېتىم يېسىلا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ ئەرلىكنى چوڭايتىدۇ ، ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق >> دەپ تەشۋىق قىلىنىدىغان ساغلاملىق بويۇملىرى نامىدىكى دورىلاردا كۈچلۈك ھورمۇن تەركىبى ھەم شۇنىڭدەك بەزى بىر تېز تەسىر كۆرسىتىدىغان خېمىيلىك ماددىلار بولغاچقا بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن بۆرەك، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالارنىڭ نۇرمال خىزمەت پائالىيتىنى قالايمىقان قىلىپ ھەر خىل زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن. شۇڭا ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈمالىرى بۇ خىلدىكى شەھۋەت قوزغىغۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلىشتىن كىشىلەرنى توسقان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دورىلارنى يېگەندىن كىيىن قىسقا ۋاقىتتا كۆپ قېتىم جىنسىي قوزغىلىش بولۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىم سانى كۆپ بولۇپ كېتىش سەۋەبلىكمۇ زەكەر قايىم بولماسلىق ئەھۋالى كىلىپ چىقىشى مومكىن.
بۇنىڭغا قارىتا بەدەننىڭ قايسى خىلىتقا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايرىغاندىن كىيىن شۇنىڭغا قارىتا ئاۋۋال بەدەننى تازىلاش ئۇندىن كىيىن مۇناسىپ ھالدا مەنى كۆپەيتىپ جىنسىي قۇۋۋەتنى ياخشىلايدىغان ئۇيغۇر تېبابەت قۇۋۋەت دورىلىرىدىن ئىستىمال قىلىپ بىرىلىدۇ.
تامام
________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
 
 
 




[Birzat بۇنى 2010-08-16 09:16 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بۆرەك

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرما101[2013-03-31 05:06 AM | del]
مىنىڭ چىچىم چۈشۋاتقىلى 10يىلدىن ئاشتى تاقىر باش بوپ قالايلا دىدىم ،ھازىر 33ياش ،چىچىمنىڭ چۈششى تۈگىمەيۋاتىدۇ،چەتنىڭ داڭلىق ماركىلىق چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتسەم بىر نەچچە كۈن ياخشى بوپ قالغاندەك قىلدۇ يۇ يەنە چۈشۈشكە باشلايدۇ،چىچىم مايلىق .
بۇ ئىشلار مىنى بەزقدە بەك بىئارام قىلدۇ بۇنىڭغا ياخشىراق دورىڭىز بارمۇ.
回复قايتۇرماkarizlik[2012-12-21 11:39 PM | del]
مەنمۇ بۇرۇن يىگەن كىيىن بىر تىۋىپ يىمەڭ دىگەندىن كىيىن يىمىدىم
回复قايتۇرماlj[2010-11-21 00:53 AM | del]
1) 40گرام سۆلەپ مىسرى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستىمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ.
2) 40گرام كۈندۈر، 20گرام زەنجىۋىل ئايرىم- ئايرىم سوقۇلۇپ، 200گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەلھەم قىلىنىپ، كۈنىگە بىر- ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئاشۇرىدۇ.
3) 100گرام تەرەنجىۋىل (يانتاق شېكىرى) مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىسسىق سۇدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن، بۇ ئېرىتمە سۈزۈۋېتىلىپ 300گرام يېڭى كالا سۈتىگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، سۇس ئوتتا قويۇلغۇچە قاينىتىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20گرامدىن ئىچىلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىق، تولا چۈش كۆرۈش، ئورۇقلۇق ۋە ئومومىي بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلاردىن قۇتۇلۇشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
4) 20گرام نوقۇت، 20گرام سۆلەپ مىسرى يۇمشاق سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەرقېتىمدا ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، مەنى تۇتالماسلىققىمۇ شىپا بولىدۇ.
5) 20گرام شاقاقۇل مىسرى، ئون گرام كاۋاۋىچىن، ئون گرام سەۋزە ئۇرۇقى سوقۇلۇپ، 100گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، بۆرەك ئاجىزلىق، جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئەر- ئاياللاردىكى سىزلام (سۆزنەك) كېسىلىگىمۇ شىپا بولىدۇ.
6) ئالدى بىلەن 50گرام بادام مېغىزى، 50گرام پىستە مېغىزى، 30گرام پىياز ئۇرۇقى، 20گرام ئۇسۇڭ ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ، ئاندىن بادام مېغىزى بىلەن پىستە مېغىزى ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ سوقۇلۇپ، 300گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى- ئۈچ قىتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئىستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىق بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، سەۋدادىن بولغان ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ، ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ.
7) 50گرام ياڭاق مېغىزى، 50گرام ئاقلانغان كۈنجۈت، 20گرام چامغۇر ئۇرۇقى، 20گرام زەنجىۋىل، 20گرام بىدە ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ. ياڭاق مېغىزى بىلەن كۈنجۈت ئايرىم، قالغانلىرى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇلۇپ، 400گرام ھەسەلگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15گرامدىن ئېستىمال قىلىنسا، بۆرەك ئاجىزلىقى بىلەن جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.
8) 30گرام ھۆل زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ پوستىدىن ئاجرىتىپ، 90مىللىلىتىر سۇ بىلەن پىشۇرغاندىن كېيىن سۈزۈۋىلىنىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى 90گرام ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، قىيامى تەڭشەلگەندە سۈزۈۋىلىنغان زەنجىۋىلنى قىيامغا سېلىپ مۇراببا تەييارلاپ، مۇراببا كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تاماقتىن كېيىن ئون گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر ھۆل زەنجۋىل تېپىلمىسا، نەمخۇش يەرگە ئورەك كولاپ، قۇرۇق زەنجىۋىلنى ئورەككە سېلىپ، ئورەكنىڭ ئۈستىگە ھۆل قۇم تۆكۈپ، زەنجىۋىل 20كۈنگىچە كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، ھۆل ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ دورا بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولغاندىن باشقا، ئاشقازان ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىق، دوۋساقنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قېرىلاردىكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. يۇقۇرقى رېتسىپلارنى ئەرلەرلا ئىشلىتىپ قالماستىن، ئاياللار ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر، دورا ئىستېمال قىلغۇچى دورىنى ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، ياش قۇرامى، بەدەن قۇۋۋىتىگە قاراپ بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە كۆرسىتىلگەن ئۆلچەم بويىچە ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىتىشى لازىم. دورىلارنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن ھەسەلنى قاچىغا ئېلىپ، قاچىنى قايناۋاتقان سۇغا چىلاپ ھەسەلنى ئېرىتىپ، ھەسەلنىڭى كۆپۈكىنى ئېلىۋىتىپ ھەسەل قولنى كۆيدۈرمىگىدەك دەرىجىدە سوۋۇغاندىن كېيىن، ھەسەلنىڭ ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىش، مەلھەم پۈتۈنلەي سوۋۇپ بولغىچە قاچىنىڭ ئاغزىنى ياپماسلىق كېرەك. بۇ دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقاندا سوغۇق سۇ، سوغۇق ئىچىملىك ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، مۇۋاپىق تۈردە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.