ئەر-ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشتا پەردىشەپ ساقلىمىقى زۆرۈردۇر
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-15
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلغاي .مەخسەتكە كەلسەك ، مەن تېخى نىكاھلانمىغان، ئەمدى توي قىلىماقچى بولىۋاتىمەن، مەن ئايالىم بىلەن يېقىنچىلىق قىلىش ئالدىدا جىنسى ئەزاسىنى سۈيۈپ جىنسى تۇرمۇشتا ئورتاق قانائەت تاپساق بولارمۇ ؟
جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئەر-ئاياللار مۇھەببەتنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن جىنسىي تۇرمۇشتا ئۆز-ئارا مەلۇم ئارىلىق
( پەدىشەپ ) ساقلىغان ئەبزەلدۇر. ئۆز-ئارا ھاياجانلاندۇرۇشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇل چارىلىرى كۆپ بولۇپ ئەنئەنىۋې ئادەت-ئەخلاقتىن چەتنىگەن ئۇ خىل ئۇسسۇلنىڭ كىشى تەسەۋۋۇرىغا سېغمىقى ھەقىقەتەن مۈشكۈل.
گەرچە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزالىرىدەك جىنسىي سەزگۈر جايغا سۆيۈش دەسلىپىدە ئاجايىپ ھاياجان پەيدا قىلغان ھالەتتىمۇ كىيىن ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا ئاستا - ئاستا مۇھەببەت ، ھۆرمەت سۇسلاپ مەلۇم دەرىجىدە يىرگىنىش پەيدا قىلىدىغان ، جىنسىي تۇرمۇشنى ئۆچ كۆرىدىغان بىنۇرمال پىسخىكا شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئەر-خوتۇنلار بۇ نۇقتىقا ئالاھىدە دېققەت قىلىشى زۆرۈردۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن سۇيۇقلۇقلار ئاجرىلىپ چىقىپ تۇردۇ. بولۇپمۇ ھېسيات قوزغالغان ۋاقىتلاردا تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ جىنسىي ئەزالار تازلىقىغا دېققەت قىلمىغاندا ھەر خىل يۇقۇملىنىش خاراكتېردىكى كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.
قانچىكى شەرمىي-ھايالىق بولۇپ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا چېكىدىن ئاشقان زىيادە ئىشرەتۋازلىقتىن ساقلانغاندا جىنسىي ھاياجاننى ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلغىلى، تەن سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
تەكىتلەيدىغىنىمىز:
ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشتا ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك ئەڭ خەيرىلىك تاللاشتۇر.
تامام
بۇ ھەقتە سورالغان سۇئاللار كۆپ بولۇپ كەتكەچكە ئاخىرى ئېغىز ئىچىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدۇق. بەزى مەسىللەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمەن دەپمۇ قاچۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان ئىش ئىكەن.
بولۇپمۇ كۈنىمىزدە چەتئەلنىڭ سېرىق شەھۋانى كىنو-فىلىملىرىنىڭ ئىنتىرنېت تورى ۋە ياكى باشقا يوللار بىلەن ئارىمىزغا سېڭىپ كىرىشى، بەزى ياشلىرىمىزنىڭ شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى يوشۇرۇن ئىزدەپ ئوغۇرلۇقچە كۆرۈشى ئاقىۋېتىدە ساغلام بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت قارىشى شەكىللىنىپ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە زەئىپلىشىپ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولغۇسىز ئېغىر ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقماقتا. بۇنىڭ تېپىك مىسالى تور بېتىمىزدە ئىزچىل ئوتتۇرغا چىقىپ قىلىۋاتقان ياش قىز-ئوغۇللاردىكى ئانانىزىم (جەلق ) ئادىتىدۇر.
خەلقىمىز كىشىلىرىدە نېمە ئۈچۈن ئەرلەر-ئاياللار كېسەللىكلىرى شۇنچە كۆپۈيۈپ كېتىدۇ؟ نېمە سەۋەب بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە مەزى بېزى كېسەللىكلىرى قىززىق نۇقتا بولۇپ قالىدۇ؟ دېگەندەك سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرراق چۈشۈنۈش ئۈچۈن تېبابەت ساھەسىدىن ھالقىپ مەدەنىيەت، پىسخولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىلىرىدا تۇرۇپ كەڭرەك توختىلىشقا ئەرزىيدۇ ھەم شۇنداق قىلىش زۆرۈر.
____________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
---------------------------------------------------------
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
بۇ كېسەل ئېنىقلا كاناي مەنبەلىك زىققا كېسىلى. بۇ كېسەلنى تولۇق داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، ئەمما تېزگىنلىگىلى بولىدۇ. كېسەل قوزغالغاندا ئىشلىتىدىغان ۋەنتولىن ventolin دورىسىنى توردىن ئىزدەپ كۆرۈڭ. يەنە سىمبىكوت Symbicortدەيدىغان بىر دورىمۇ بار:
مېنىڭ يولدىشىم 20 يېشىدا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بوپتىكەن. دۇختۇرلار توغرا دېئاگنۇز قويالماي، نەچچە يىل بەك قىينىلىپتىكەن. كېيىن تۈركىيەدىكى دۇختۇرلار تەكشۈرۈپلا كېسەلنى نەق تېپىپ دورا بەرگەنلىكتىن، كېسەل قوزغالغان چاغدىكى ئازابتىن بىر ئاز خالاس بوپتۇ. ھەر يىلى 6-7-ئايلاردا، 1-ئايدا، ھاۋا ئۆزگەرسە، زۇكام بولسا، چاڭ-تۇزاڭ بار يەرگە بارسا، بۇ كېسەل قوزغىلىدۇ. يۇقىرىدا مەن دېگەن ۋەنتولىن بىلەن سىمبىكورت نى يېنىدىن ئايرىمايدۇ.
takwa تورداش، ئايالىڭىزغا كۆيۈنۈڭ، ئۇنى ئاسراڭ. خۇدايىم ئەجرىڭىزنى بېرەر.
سىزنىڭ ئايالىڭىز كاناي مەنبەلىك زىققا كېسىلى بولۇپ قاپتۇ. مېنىڭ يولدىشىمنىڭمۇ مۇشۇنداق كېسىلى بار. كېسەل قوزغالغاندا بەك قىينىلىدۇ. دۇختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىدۇ. ئادەتتە نەپەس ئالالماي قالغاندا ۋەنتولىن دەيدىغان بىر دورا بار، ئۇندەك دورا، شۇنى بىر شورايدۇ، نەپەس ئېلىش راۋانلىشىدۇ.
بۇ كېسەلگە توغرا دېئاگنۇز قويۇلمىسا، بىمار بەك قىينىلىدۇ. شۇڭا، ئايالىڭىزغا كۆيۈنسىڭىز، ئۇنى داۋالىتىڭ. بۇ كېسەلنىڭ خەنزۇچە ئىسمى 哮喘، ھازىر دۇنيادا بۇ كېسەلنىڭ دورىسى سۈپىتىدە ۋەنتولىننىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان دورا يوق. ۋەنتولىن دېگەن دورا ئۈرۈمچىدە تىببى ئۇنىۋېرسىت قارمىقىدىكى 1-دۇختۇرخانىنىڭ دورىخانىسىدىمۇ باركەن. مەن سوراپ باققانتىم. ئايالىڭىزغا شۇ دورىدىن ئېلىپ بېرىڭ. (بەك تاپالمىسىڭىز، بىرزات ھەكىم ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، مەن يولدىشىم ئىشلىتىدىغان دورىنى سىزگە ئىستانبۇلدىن ئەۋەتىپ بېرەي.) ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن!
سوئالللرىنى مۇشۇ يەردە سورامدۇق ياكى