ياخشىمۇسىز بىرزات ھەكىم :مېنىڭ بىر دوستۇم يېقىندا بىر توي قىلىپ ئاجىرىشىپ كەتكەن بىر ئەر بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ ، ئۇ ئەرنىڭ بۇرۇنقى ئايالىدىن ئىككى بالىسى بار ئىكەن . لىكىن ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئەرئايالىنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرۇپ باقمىغانكەن .ئايالى بىلەن بىللە بۇلۇشقىمۇ رايىمۇ يوق ئىكەن ، ھەر قېتىم مەس بولۇپ قالغان چاغلىرىدا ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلسا كېرەك. لىكىن ۋاقتى بەك قىسقا ئىكەن بىرەر مىنوتقىمۇ بارمايدىكەن ، مېنىڭ بۇيەردە سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم بەزى بىر پىسخىك سۇئالى بولۇپ 1: بىر ئادەم بىر ئادەمنى ياخشى كۆرمىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇسى كىلەمدۇ؟ ئايالارغۇ ئامالسىزكېلىدۇ . لېكن ئەرلەرچۇ؟ 2: ئەگەر مەسلىكتە قىلىپ قويدۇم دىگەن ھالەتتىمۇ بىر قېتىم بۇلۇپ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن يەنە ئايالىنى ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ ئىككىنچى بالىغىمۇ قورساق كۆتەرگۇزۇپ قويسا بۇ ئادەمنىڭ ئايالىمنى ياخشى كۆرمەيتىم دىگىنى يالغانمۇ قانداق ؟ 3.قورساقتىكى بالىمۇ شۇ بىرەر مىنوتقا يەتمىگەن جىنسى تۇرمۇشتىن قېلىش ئېھتىمالى بۇلامدۇ؟

" /> بىرسىنى ياخشى كۆرمىسىمۇ بىللە بولغۇسى كىلەمدۇ؟[جىنسىي تۇرمۇش] - 80 خالتا بلوگى

بىرسىنى ياخشى كۆرمىسىمۇ بىللە بولغۇسى كىلەمدۇ؟[جىنسىي تۇرمۇش]


ياخشىمۇسىز بىرزات ھەكىم :مېنىڭ بىر دوستۇم يېقىندا بىر توي قىلىپ ئاجىرىشىپ كەتكەن بىر ئەر بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ ، ئۇ ئەرنىڭ بۇرۇنقى ئايالىدىن ئىككى بالىسى بار ئىكەن . لىكىن ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئەرئايالىنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرۇپ باقمىغانكەن .ئايالى بىلەن بىللە بۇلۇشقىمۇ رايىمۇ يوق ئىكەن ، ھەر قېتىم مەس بولۇپ قالغان چاغلىرىدا ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلسا كېرەك. لىكىن ۋاقتى بەك قىسقا ئىكەن بىرەر مىنوتقىمۇ بارمايدىكەن ، مېنىڭ بۇيەردە سىزدىن سورايدىغان سۇئالىم بەزى بىر پىسخىك سۇئالى بولۇپ 1: بىر ئادەم بىر ئادەمنى ياخشى كۆرمىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇسى كىلەمدۇ؟ ئايالارغۇ ئامالسىزكېلىدۇ . لېكن ئەرلەرچۇ؟ 2: ئەگەر مەسلىكتە قىلىپ قويدۇم دىگەن ھالەتتىمۇ بىر قېتىم بۇلۇپ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن يەنە ئايالىنى ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ ئىككىنچى بالىغىمۇ قورساق كۆتەرگۇزۇپ قويسا بۇ ئادەمنىڭ ئايالىمنى ياخشى كۆرمەيتىم دىگىنى يالغانمۇ قانداق ؟ 3.قورساقتىكى بالىمۇ شۇ بىرەر مىنوتقا يەتمىگەن جىنسى تۇرمۇشتىن قېلىش ئېھتىمالى بۇلامدۇ؟

قەشقەردىن سودىگەر-ئالىمدار ئەپەندىمنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟ مۇھەببەت كىشىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۇيغۇ. مۇھەببەت ئىنساننى ياشرتىدۇ. ئائىلىنى بەخىتلىك قىلىدۇ. ئۇكىشىنىڭ بۇرۇنىقى تۇرمۇشى قانداق ئۆتكەن، ئائىلىسىگە بولغان مېھرى قانچىلىك. بۇنى بىلىش كىرەك. شۇنى دىمەكچى مەنكى، ئايالغا مۇھەببىتى بولمىسىمۇ،ئائىلىگە بولغان مىېھرى قانچىلىك. بەرزەنتلىرىگە ئاتلىق مەسئۇلىيتى زادى قانچىلىك. بۇنى ئايدېڭلاشتۇرۇش لازېم. بەزى ئەر-ئاياللار بىر ئۆمۇر بىر-بىرىگە بولدىغان مۇھەببىتىنى بىلمەي ياكى كۆڭۇلدىن ئىبارەت بۇ نازۇك مەسىلىنى ئويلاشماي ئۆتۇپ كىتىدۇ. ياكى ئۆزەكى تۇرمۇش قۇرۇپ ،بىر مەزگەىلدىن كىيىن ئەتراپتىكى ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن< يەنى چىرايلىق، كىلىشكەن، ئۆزگىچە مىجەزلىك قىز-ئاياللارنى ئۇچۇراتقاندا> ئائىلىسىگە نىسپەتەن تەۋرىنىشكە باشلايدۇ. ياش بىر يەرگە بىرىپ ،نەچچە پەرزەنىتلىك بولۇپ بولغاندا مۇەببەت تەمەسىدە بولىدۇ. يۇۋاش، سىرىتتىكى ئاياللاردەك ئىش بىلمەيدىغان، ناز -خۇلىق بىلەن ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئالالمايدىغان، ساددا ، ئەمما سادېق مېھرىبان ئايالىدىن كۆڭۇل ئىزدەيدۇ. شۇنى بىلىش كىرەككى ، مۇھەببەت ئۆزلىكىدىن بەرپا بولمايدۇ. ئۇنى ئۆزىمىز يارتىمىز. سىز ئايالىڭىزگە قانداق نەزەردە قارسىڭىز، ئۇسىزگە شۇنداق كۆرنىدۇ. ئايال كىشى دىگەن بىر گۈل. ھەقىقى ئىش بىلىدىغان، پاراسەتلىك ئەرلەر ئۇنى كۈندە بىر ئىچىلدۇرالايدۇ. سىز ھەققى شىرمەت ئەركەك بولسىڭېز، جۇپتى ھالالىڭېزنى كۈندە بىر ئىچىلدۇرۇپ ئۇنىڭ پاك ،شىرىن پۇرغىدىن ھوزۇر ئالالايسىز. ئىككى بالىنى تىپىپ قويۇپ ئايالىمغا كۆڭلۇم يوق ئىدى ، دىگەنلەر ئەمىليەتتە، مەۋقەسى يوق ، تۇتۇرۇقسىز ئەرلەر خالاس. كىيىن ئۇ يەنە بىر ئايالنى ياخشى كۆرەلىشى ناتايىن.
مەس ھالەتتە بىرگە بولۇپ ، بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا قوساقتا قالامدۇ؟ دەپسىز. بۇنىڭ جاۋابى: <اللە> ھەممىگە قادېر.

تورداش بۆرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى:

قايسى كىتاپتا ئوقۇغىنىڭ ئىسىمدە قالماپتۇ ،ئىشقىلىپ بىر كىتاپتا ئوقۇغان ،ئۇنىڭدا دىيىلىشىچە ؛ 95%قورامىغا يەتكەن ئەرنىڭ كۇندە جىنسى مۇناسىۋاتتە بولىشنى ئويلاش قىتىم سانى 20_60 قىچە بولىدىكەن ، بو ئويغا كۆپىنچە ئوزى تونىمايدىغان ئاياللارنى كۆرگەندە ياكى كاللىسىدا ئويلىغاندا كىلىدىكەن . 80%قورامىغا يەتكەن ئايالنىڭ جىنسى مۇناسىۋەتتە بولىشنى ئويلاش قىتىم سانى 10_40قىچە بولىدىكەن ، بۇ ئويغا ئاساسەن ئۆز ئىرىنى كۆرگەندە ئاندىن كىلىدىكەن .
بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ كۆپىنچە ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرمىسىمۇ جىنسى مۇناسىۋەتتە بولىۋىرىدۇ.
لىكىن ئەخلاقلىق ئاياللار ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ...
ئۇ ئادەمنىڭ مەن خالىمايمەن ، پەقەت مەس ۋاختىمدا شۇنداق قىلغان دىگەن گىپى 100% يالغان گەپ .

يەركەندىن تورداش ياسىنجاننىڭ ئىنكاسى:

يات جىنىسنى ياخشى كۆرمىسىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇسى كىلىش-----ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ. ھالال نىكاھ بىلەن بىر ئۆيگە كىرگەندىكىن بىر -بىرىگە كۆڭۈل بىرىشكە تىرىشىش كىرەك. نىكاھنىڭ ھالاللىقى سەۋەپلىك تەڭرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىغا ئىسسسىقلىق سالىدۇ.ئۆزىنىڭ ئەرلىك مەجبۇرىيتىنى ۋە ئاياللىق پەزىلىتىنى ھىس قىلالايدىغان مەسئۇلىيەتچان ئىنسان بولسىلا.بىر مىنۇتقا يەتمىگەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھامىلدار بولۇش بولماسلىق پەقەت ئاللاھنىڭ ھىكمىتىگە باغلىق.بۇ مەسىلىدە ھىچكىم ئىنىق جاۋاپ بىرەلمەيدۇ .
مەسلىھەتىم:80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورىغا بۇنداق تايىنى يوق سۇئاللارنى تاشلىمىساق.

قەشقەردىن ئاخبارات خادىمى: ئېرپاننىڭ ئىنكاسى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ئىلگىرى بىر ماتېرىيالدىن مۇنداق بىر ھىكايەتنى ئوقۇغانىدىم: بىر بوۋاي بىلەن مومىيى 50 يىل بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ، ئۇلار ئالتۇن تويىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، بىر كۈنى ئىككىيلەن بىرگە تاماق يەپتۇ. تاماق يەۋېتىپ، ئېرى تاماقتىكى بېلىقنىڭ بېشىنىڭ ھەممىسىنى مومىيىنىڭ ئالدىغا دۆۋىلەپ قويۇپتۇ. موماي بۇنى كۆرۈپ ئېسەدەپ يىغلاپ كېتىپتۇ، بوۋاي نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغانىكەن، موماي:" مەن ئۆمرۈمدە بېلىقنىڭ باش قىسمىنى يېيىشكە ئەڭ ئۆچ ئىدىم، ئەمما سىز بۈگۈن تاماقتىكى بېلىقنىڭ بېشىنىڭ ھەممىنى ماڭا يىگۈزمەكچى بولدىڭىز..." دەپتۇ. بوۋاي خىجىللىق ئىچىدە:" ئىككىمىز ئۆي تۇتۇۋاتقىلى 50 يىل بوپتۇ، مەن بېلىقنىڭ بېشىنى يېيىشكە ئەڭ ئامراق ئىدىم، ئىككىمىز قەدىناس بولغاندىكىن، مەن نېمىنى ياخشى كۆرسەم سىزنىمۇ شۇنى ياخشى كۆرىدۇ، دەپ ئويلاپ شۇنداق قىپتىمەن.' دەپتۇ.
دېمەك، ئۇلار 50 يىل بىر ياستۇققا باش قويغان بولسىمۇ، ئالتۇن تويىنى بىرگە ئۆتكۈزگەن، بالىلىرىنى بىرگە بېقىپ قاتارغا قوشقان بولسىمۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش كەمچىل بولۇپ قالغان. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىدىكى ئەر ھەقىقەتەن ئايالىنى ياخشى كۆرمەيدىغاندۇ، پەقەت ئائىلىسىى ۋە بالىسى ئالدىدىكى ئەرلىك، ئاتىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈنلا شۇ ئۆيگە قاراۋاتقاندۇ. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ ئاغزىدا "ئايالىمغا كۆڭلۈم يوق" دېسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسدا مۇئەييەن مېھىر - مۇھەببەت پەيدا بولۇپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولسا ياكى كېسەل كارىۋىتىدا ئەجەلنى كۈتۈپ يېتىپ قالسا (بۇنداق كۈنلەردىن ئاللا ھەر بەندىسىنى ساقلىسۇن)، شۇ چاغدىلا ئايالىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى، ئايالىنىڭ يېنىدا ساق - سالامەت تۇرۇپ بەرگىنىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بەخت ئىكەنلىكىنى ئۇ تولۇق چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئەرنىڭ ئەقلى بولسىلا "بىر كۈنلۈك ئەر - خوتۇندا يۈز كۈنلۈك مىھىر- مۇھەببەتنىڭ بولىدۇ" غانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزى ئۈچۈن ، بالىلىرى ئۈچۈن، ئائىلىسى ئۈچۈن قولىنى كۆسەي، چېچىنى سۈپۈرگە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان ئەر بولسا، "ئايالىمغا كۆڭلۈم يوق" دېگەن بىر ئېغىز گەپنى دەستەك قىلىپ، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ساددا خانىم - قىزلارنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەر قانداق رەزىل قىلمىشلارنى سادىر قىلىدۇ.

تورداش پەرىدەنىڭ ئىنكاسى:

" ئايال كىشى مۇھەببەت ئۈچۈن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىدۇ . ئەر كىشى پەقەت جىنسى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن".دىگەن گەپ بار . مەسئولىيەتسىز ئەر كىشى دىگەن ئالدىغا كەلگەن بەزنى يىمەي قالمايدۇ . بەزى ئەرلەر كىچىك قىزلارنى ئالداش ئۈچۈن 2 ياشلىق بالىسى بار تۇرۇپمۇ ، "ئايالىم بىلەن بىرگە بولمىغىلى 5 يىل بولدى" دەۋىرىدۇ . قارىغاندا دوستىڭىز ئالدامچى ، ئائىلىسىگە مەسئول بۇلالمايدىغان بىر ئەرگە ئۇچراپ قاپتۇ. دوستىڭىز ئۇ ئادەم بىلەن توي قىلدىمۇ دەيلى ، كىيىن ئۇ ئادەم يەنە بىر كىلىشكەنرەك ، كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەن قىز چوكانلارنى كۆرسە يەنە يالغاننى توقۇۋىرىدۇ . شۇڭلاشقا مۇشۇنداق ئاز ساندىكى ھايۋانى سۈپەت ئەرلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشىۋەرمەسلىكىمىز كېرەك .

مەكىتتىن تورداش زىۋىدە خانىمنىڭ ئىنكاسى:

مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەرنىڭ كۆپلىگىدىن جەمىيىتىمىزدە ھازىرقىدەك ناشايان قىلىقلار ئائىلىگە،پەرزەنتىگە ،ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ئىشلار كۇپۇيۇپ كەتتى،

ئۈرۈمچىدىن ئابدۇللانىڭ ئىنكاسى:

ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيسىگە ئاساسلانغاندا ئىنساننىڭ قۇۋۋىتى روھى قۇۋەت ۋە ھايۋانى قۇۋەت دەپ ئىككى خىل بولىدۇ،
جىنسى ئالاقە بولسا ئىنساننىڭ ھايۋانى قۇۋۋىتى دائىرىسىگە تەۋە بولغان بىر خىل جىسمانى تەلەپ بولغاچقا ئىنساننىڭ جىسمانى قۇۋىتى ئاشقان ياكى جىسمانى قۇۋەت نورمال ۋاقىتلاردا بۇخىل تەلەپ ئۆزلىگىدىن ھاسىل بولىدۇ،
لىكىن بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۇش بىر خىل كۆز بىلەن كۆرگىلى ھەم تۇتقىلى بولدىغان ماددى نەرسە بولمىغانلىقى ئۇچۇن ئۇ روھى ئامىل ھىسابلىنىدۇ. ئىنساندا بىر شەيئىگە بولغان قىززىقىش كۇچەيگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا روھى جەھەتتە تەلپۇنۇش كۇچىيىدۇ، بۇ خىل ئامىل ئاشۇ شەيئىگە بولغان روھى قۇۋەتنى كۇچەيتيدۇ، ئەكسىچە بولسا روھى قۇۋەت ئاجىزلىشىدۇ.
قىسقىچە قىلىپ ئىيتقاندا ئۇ دوستىڭىزنىڭ ئەر تونىشىنىڭ بالىلىق بولىشى پەقەتلا جىسمانى تەلەپنى قاندرۇرۇشنىڭ نەتىجىسى، ئەمما روھى جەھەتتە ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىك نەچچە يىل بىللە تۇرسىمۇ روھى جەھەتتە ياخشى كۆرۇشنىڭ بولماسلىقى تامامەن مۇمكىن!!!
 




[Birzat بۇنى 2010-08-01 02:38 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماaseya[2011-01-07 08:21 PM | del]
ياخشىمۇ سىز بىرزات ئەپەندى . مەن سىلىدىن بىر سوئال سوراي دىگەن ئىدىم .
   مەن تۇيقلغىلى 1يىل بولدى . مەن بۇجەرياندا يولدىشىم بىلەن ناھايىتى  ياخشى ئۆتۇپ كەلگەن ئىدۇق ،بىراق ھازىر بولسا ئىككىمىز نىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ،سەۋەپ ؛ يولدىشىمنىڭ بۇرۇنقى ئايالىدىن بولغان 2 بالىسى بار ئىدى . بۇلار ئەسلىدە ئاجراشقان ۋاقتىدا  با لىنى بىردىن باقىدىغان بوپتىكەن بىراق بۇرۇنقى ئايالىى بالىنى 5ئاي بىقىپلا بىز گە تاشلاپ بەردى، بۇنىڭ سەۋەبىنى تاكى ھازىر غىچە بىلمىدۇق. مەن يولدۇشۇمغا بىر قانچە قېتىم ئىيىتتىم بالىنى ئاپىسى باقسۇن دەپ بىراق  ئۇماڭا ۋاقىراپ ئەگەر بۇبالا بۇئۆيدە  تۇرمايدىكەن .سىزنىڭ بۇئۆيدە تۇرىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس دىدى . شۇسەۋەپلىك مەن شۇنىڭدىن باشلاپ  بالا تۇغۇرلۇق گەپ قلمايدىغان بولدۇم .لىكىن مەن روھى جەھەتتە بىر خىل بىسىم ھېس قىلپ قالدىم . مەن قانداق قىلسام  بىسىم ھېىس قلمايدىغان ھەم يولدىشىم بىلەن مۇناسىۋىتىمنى ياخشىلغىلى بۇلىدۇ مۇشۇھەقتە ماڭا يول كۇرسەتكەن بولسڭىز ؟
回复قايتۇرماسەمەت[2010-10-25 01:49 PM | del]
پۇق  يىگەنلەر شۇنداق قىلىدۇ
回复قايتۇرماparidao998[2010-08-08 00:14 AM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! مەن بۇلارنى ئوكوپ خوددى مېنڭ تۇرمۇشۇمگا ئوخشاتتىم بەزەن سوزلەرنى قوبول قېلالايمەن  
回复قايتۇرماpigani0998[2010-08-07 08:43 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .مەنمۇ  قاراشلىرىمنى ەيتىپ ئوتەي .قىرىندىشىم سىزنىڭ دوستىڭىز  تونۇشقان      ھىلىقى كىشى ھەقىقەتەن ئۇزمە كوڭۇل ئەر ئىكەن . جەم،ىيىتىمىزدە مۇشۇنداق ئەرلەرنڭڭ كوپىيىپ قىلىشى ئەۋلاتلار ساپاسىنىڭ كۇندىن-كۇنگە توۋەنلەپ كىتڭشىگە .سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.                                  ياراتقان ىئگەم ئاللا بارلىق ئەرلىرىمىزنىڭ كوڭۇللىرىگە ئئىنساپ بەرسۇن.    
回复قايتۇرماyalguz0908[2010-08-04 12:50 AM | del]
بۇ مەسىلىگە مەنمۇ قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ باقاي، چۈنكى مەنمۇ ئككى پەرزەنتىم بىلەن ئاجىرىشىپ كەتكىلى بىر يىلدىن ئاشتى، ئككى پەرزەنتىمگە ئۆزۈم قاراۋاتىمەن.
دۇنيادا خىلمۇ خىل ئادەملەر بار، بىر قىسىم ئادەملەر بار، ئۆز قەلبىدىكى ئاللانىڭ يولى بىلەن ياشايدىغان بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەيدىغان، ئۆزىنى  قەدىرلەپ پاك تۇتۇدىغان، نكاھى باغلانغان ئىكەن(مەيلى كۆڭلى چۈشسۇن چۈشمىسۇن)، ئۆز ھوقوق مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئىجىرا قىلىدىغان، قارشى تەرەپنى ئۆزى ئۈچۈن مەسئۇلىيەت دەپ قاراپ، قارشى تەرەپنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان.........
يەنە بىر قىسىم ئادەملەر بار، دۇنيا ئۈچۈن ياشاۋاتقان، بۈگۈننىڭ ياخشى ئۆتىشىنىلا ئويلايدىغان، ئەر ئاياللىق تۇرمۇشنى كۆڭۈل ئېچىش ئورنىغا قويۇۋالغان.........
ئەلۋەتتە دۇنيادا ئىشىق مۇھەببەت، ياخشى كۆرۈش، قەدىرلەش، سېغىنىش، مەسئۇلىيەت دىگەندەك گۈزەل نەرسىلەرمۇ بار، ئادەملەر خىلمۇ خىل، جەمىيەت مۇرەككەپ، تەقدىر ئاجايىپ....... سۇئالدىكى ۋەقەگە مېنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگىم كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ پەقەتلا ياخشى كۆرمەيتىم دىگىنىگە......... ھەر خىل ئادەملەرنىڭ قاراشلىرىمۇ ھەر خىل، سەۋەپلىرىمۇ ھەر خىل، مەخسەتلىرىمۇ ھەرخىل، ئاقىۋىتىمۇ ھەر خىل........ بىر نەرسە ئېنىقكى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، توغرا ھۆكۈم چىقىرىشتا ھۆكۈم چىقارغۇچىنىڭ قەلبى، نىيىتىنىڭ سۈپىتى، ئاقىۋەت نەتىجىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ......... يەنە نېمىلەرنىدۇ يازماقچى ئىدىم، بىراق يازاي دەپ سۇئالنى قايتا قايتا ئوقىغانسىرى سەسكىنىپ قالدىم.......
回复قايتۇرماAkpar0997[2010-08-02 03:16 AM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن گەرچە توي قىلمىغان بولساممۇ بىر ئىككى ئېغىز سۆز قىلاي ، ئ بۇنداق قىلىش  مىنىڭ شەخسەن  پىكىرىمدە ھەققەتەن ئەخلاقسىزلىق ! ئۇ  نىمە ئۈچۈن ئۆيلىندۇياكى ( ياتلىق بۇلدۇ )  پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى ئۈچۇنلىمۇ ؟
مۇھەببەت ئىككى ئىنسان ئۈچۈن ئۇرتاق ھېسىيات ، ئورتاق مەسئۇلىيەت .  بۇنداق قىلىش ئەخلاقسزلىق . ھايۋانلاردىمۇ ئىستەك بۇلىدۇ ، لىكىن ئۈ ئادەم ( ئەرياكى ئايال  ) ئۈزىنىڭ ھېسياتى ئۈچۈنلا ئۈزىنىڭ  ھېسياتىنى قۇربان قىلسا ، بۇبەك ئېچنارلىق !
مەن ئەر ئاياللىق ھېسىياتنى چۇشەنمەيمەن ! شۇنداق بولسىمۇ جۆيلۈپ بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويدۇم . كەچۈرۇڭلار !
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.