چۈمۈلىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-08-01
بۇ ھاشارەتنىڭ تېرىك تېنى، قۇرۇتۇلغان تېنى، ياققا چىلانغان قىسمى، تۇخۇمى قاتارلىقلار دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبئىتى: ئىككىنجى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى: ئاغرىق توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئېممۇنېت كۈچىنى تەڭشەش، رېماتىزىمنى داۋالاش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، پەي-مۇسكۇللارنى چېڭىتىش، يەل تارقىتىش، ئۈششۈك ياندۇرۇش، باھنى قۇۋۋەتلەش، قاننى قېززىتىش، زەھەر قايتۇرۇش...
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، لەقۋا، ئەزالارنىڭ بوشاپ كېتىشى، قۇلاق ئېغىرلىقى، ئەرلەردىكى تاناسىل ئەزالار كېسەللىكى، ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىق، بەرەس كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسسۇلى:
1.چۈمۈلىنى زەيتۇن يېغى ياكى كۈنجۈت يېغىغا چىلاپ 40 كۈن ئاپتاپتا قويۇپ ، چۈمۈلىنىڭ قۇۋۋىتى ياغقا چىققاندا قۇلاققا تېمىتسا، قۇلاق ئېغىرلىق ۋە قۇلاق گۈركىرەشكە شىپا بولىدۇ.
2.ئاق يەر سېرىق چۈمۈلىسىدىن 100 دانىگە 15 مىللىلىتىر ياسىمەن يېغى قۇيۇپ، بىر ئاي ئاپتاپتا قويۇپ ، تەمى تولۇق چىققاندا، ئەرلەر جىنسىي ئەزاسىغا چاپسا ، جىنسىي ئاجىزلىق، زەكەر يېگىلەپ كېتىشلەرگە شىپا بولىدۇ.
3. چۈمۈلىنى تۇخۇم يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ بىر قانچە كۈن ئاپتاپتا قويۇپ بەرەسكە سىرتتىن چاپسا، خال چۈشۈرىدۇ. ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى:زەھەرلىك، يەپ سالسا قورساقتا سانجىق ھەم بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، زىرە
ئورۇنباسارى: چايان
پىششىق دورا ياسالمىسى:
چۈمۈلە يېغى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: چۈمۈلە
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بۇ قانداق ياغ