گۈزەل خوتۇن ئالماقچى بولغانلار قايسى خىل شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-07-31
كونىلار <<چىرايلىقتىن ۋاپا كەلمەيدۇ>> دېگەندەك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئاياللارغا نىسپەتەن قارشى ئانچە ياخشى ئەمەس. گۈزەل ئاياللارنى سەل ئەتىۋارلاپ قويسىڭىز غادىيۋالغان، تەلىپىنىڭ يۇقۇرلىقى ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ. شۇڭا ، گۇزەل ئاياللارنىڭ دوستى كۆپ بولمايدۇ. ھەممە ئىش ئوغۇرلىقچە بولىدۇ، ئوچۇق-ئاشكارە بولىدىغان ئىشلار ناھايىتى ئاز . شۇڭا، بەزىلەرنىڭ گۈزەل ئايالىغا ئىرىشتىم دىگىنى ئانچە خوش خەۋەر بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ ئىرشىدىغىنى ئىچ ئاغرىتىشتىن ئىبارەت دېيشىدۇ. مېنىڭچىمۇ قەلبى ئىيمان بىلەن بىزەلمىگەن گۈزەللەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ھەقىقەتەن تەس.
تۆۋەندە گۈزەل ئاياللارنى ئالغان ئەرلەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك بەزى بىر ئەمەلىي ئىقتىدارلار ھەققىدە تورداشلار ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ سىزمۇ ئىشتىراك قىلىپ باققايسىز. خۇدا نىسىپ قىلىپ بىرەر گۈزەل نازىنىن بىلەن نىكاھ قۇرۇپ قالسىڭىز پايدىسى بولۇپ قالامدۇ تېخى!!
1.گۈزەل ئاياللارغا ئىرىشكۈچىلەر ئادەتتە باي ، ھوقوقدارلار ، ئەقلي ئىقتىدارى كۈچلۈكلەر بولۇپ، گۈزەل ئاياللار ئادەملەر ئارىسىدىكى داڭلىق، گۈل-گىياھلارغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنى پەرۋىش قىلماق ناھايىتى قىيىن. گۈزەل ئاياللارغا ئىرشىش ئۈچۈن چوقۇم ئەرلەر كەڭ قورساق بولىشى، تاپاۋىتى ياخشى بولىشى كىرەك. ئاچچىقى يامان ئەرلەر بىلەن گۈزەل ئاياللار <ئوت بىلەن ياغ > قا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ چىقىشمىقى تەس. بىخىل ئەرلەر بىلەن گۈزەل ئاياللار خۇددى <سۇ بىلەن ئوت> قا ئوخشايدىغان بولۇپ ، بىر-بىرىنى چۈشەنمىكى تىخىمۇ تەس بولىدۇ.
2.گۈزەل ئاياللارغا ئىرىشىش پايچەك سودىسى قىلغانغا ئوخشايدىغان بولۇپ ، خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش روھى ھەم قوقماي مەبلەغ سالالايدىغان بولىشى ، نەزەر دائىرىسى كەڭرى، قايسىسىدىن پايدا ئىلىش، قايسسىدىن زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىپ مەبلەغ سىلىش كىرەك.
گۈزەل ئاياللارغا ئىرىشىشنىڭ <پايدىسى كۆپ> بولۇپ ، ئەڭ ئاددىيسى <كۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقى> غا پايدىلىق، كۆزىڭىز ئاسان كىسەل بولمايدۇ. يەنە تىخى ئۆمرىڭىزمۇ ئۇزۇن بولىشى مۆمكىن.
3.گۈزەل ئاياللارغا ئىرىششكەنلەر چوقۇم قابىلىيەتلىك قاراملار بولۇپ ، گۈزەل ئاياللارنىڭ مىجەزى تەرسا كىلىدۇ ھەم ئىچى تار بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەرلەر چوقۇم كەڭ قورساق بولىشى ، ئائىلدىكى تۈگۈننى دەرھال يىشەلەيدىغان ، تاشقى مۇھىتتىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولىشى كىرەك.
4.گۈزەل ئاياللار ئاياللار ئىچىدىكى <قىممەتلىك بويۇم>لارغا ئوخشاش بولىدۇ. بۇنداق <قىممەتلىك بويۇم>نىڭ بولىشىغا ۋە ئائىلىسىگە بولغان تەلىپى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا گۈزەل ئاياللارغا ئىرىشكەن ئەرلەرنىڭ بىسىمى ئىغىرلىماقتا. بولۇپمۇ ئىقتىسادى جەھەتتىكى بىسىم ئەڭ ئىغىر بولىدۇ، ئادەتتە ئىقتىسادى بىسىم ئىغىر بولسا ئادەم ھارماي تىرىشىدۇ، ئىزدىنىدۇ. بىسىم بولغاندىلا تەرەققى قىلغىلى ھەم ئۈستۈنلۈكنى تالاشقىلى بولىدۇ. شۇڭا ، گۈزەل ئاياللارغا ئىرىشمەكچى بولغان ئەرلەر چوقۇم ئىشەنچىلىك ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا ئىگە بولىشى ، نەتىجە قازانغان ياكى ئوتوق قازىنىشقا كۆزى يەتكەن ئەرلەر بولىشى كىرەك . بولمىسا <ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئىچىسىز > خالاس.
5.گۈزەل ئاياللارغا ئىرىشمەكچى بولغانلار تۆھپە قوشۇش روھىغا باي بولىشى كىرەك. گۈزەل ئاياللار قەپەزگە سولانغان توزغا ياكى ھەر كۈنى ئاشخانا ئۆيدىن چىقماي تاماق ئىتىدىغان ئائىلە ئايالىغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئەرلەر قاپاغا چىدايدىغان بولىشى كىرەك. ۋاقىت ئاجىرتىپ گۈزەل ئايالىڭىز بىلەن بازار ئايلىنىسىز ، دوسلار بىلەن دائىم تاماشا قىلىپ تۇرىسىز.گۈزەل ئايالغا كىتىدىغان مەبلەغمۇ كۆپ بولغاچقا ئەرلەردە چوقۇم شۇنىڭغا يارىشا قابىلىيەت بولىشى كىرەك.
6. گۈزەل ئاياللارنىڭ مىجەزى غەلىتە بولىدۇ. گۈزەل ئاياللار بىلەن تۇرمۇشلۇق بولىمەن دەيدىكەنسىز، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغىدەك غەيرەت بولىشى كىرەك. گۈزەل ئاياللارمۇ ئوخشاشلا ئايال بولۇپ ، ئۇلارمۇ كۆيىنىشكە ، ھىسداشلىق قىلىشقا ، ئارزۇ - ئارمىننى قاندۇرالايدىغان ئەرلەرگە مۇھتاج. شۇڭا ئەرلەر چوقۇم گۈزەل ئاياللارنىڭ مىجەز - خۇلىقىنى ئوبدان چۈشىنىشى كىرەك.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
سىلى باشتىلا يامان ئۆگىتىپ قويۇپلا ، ئەسلى شۇ چاۇغدىلا "خوتۇن كىتاب ئوقىغىنا" دەپ ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ ئولتۇرىدىغان ئىشكەنتۇق !
--------------------------------------------------------------------
كىتاب ئوقۇش بىلەن خوشى ويق خوتۇنلار (مېنىڭ بىلىدىغىنىم قىزلار ) ، شۇ كىتابلاردىكى مەزمۇنلارنى سۆزلەپ بەرسە ، شۇنداق ھېرىسمەن بولىدىكەنكى كەچكىچە سۆزلىسە كەچكىچە ئاڭلايدىكەن . مېنىڭچە ئاۋال سۆزلەپ بېرىپ ، ئاندىن قىزىقتۇرۇپ ، ئاندىن ئانچە - مۇنچە ئوقۇشقا زورلاپ دېگەندەك كۆندۈرۋالغىلۇق .
شۇنىڭغا ھەيرانمەن ، خوتۇن - قىزلار تورمۇش ، مۇھەببەت تەۋسىرلەنگەن رومان ،پوۋسىتلارغا شۇنداق ئامراقكەنكى ، تارىخ ، پەلسەپە تەسۋىرلەنگەن كىتابلارغا قىلچىمۇ قىزىقمايدىكەن . لىكىن تارىخ سۆزلەپ بەرسە ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ ئاڭلايدىكەن ...
ئون يىلدىن كۆپرەك ئوي تۇتقان ئەرخوتۇن ئاجرىشىدىغانغا سوتقا بىرىپتۇ ، ئەرنىڭ ئاجرىشىش سەۋەبى مۇنداقكەن :ئۇ ئون يىلدىن بىرى يىلدا كېمىدە بىر قۇر كىيىم يەڭگۈشلىدى ، لىكىن بىلىمنى بىر قىتىممۇ يىڭىلاپ باقمىدى ، شۇڭا مەن ئۇنى يىڭىلىماقچى .