ساخاۋەتلىك دىللارغا ئىلتىجا


Flash كارتونى

بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى بۇ جايدىن كۆرۈڭ: http://www.yuksel.me/358.html
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 2006 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىلھامجان ئەلى ، 2010 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 -كۈنى  مەكتەپ سەككىزىنچى ياتاق بىناسى تۆتىنچى قەۋەت سۇخانىسىدا تېيىلىپ يىقىلىش چۈشۈپ ، ئارقا مېڭىسى ئېغىر زەخىملىنىپ ھوشىدىن كەتكەن . ساۋاقداشلىرى ئۇنى جىددىي ئەھۋال ئاستىدا شىنجاڭ كۆمۈركان دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان . دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئىلھامجاننىڭ باش مېڭە تەرىپىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكىنى ، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ يېرىلىپ قان يىغىلىپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان . دوختۇرلار 4 سائەت پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن  مېڭىدىكى ئۇيۇپ يىغىلىپ قالغان قانلارنى چىقىرىۋەتكەن ، لېكىن ئەھۋالى يەنىلا خەتەرلىك بولۇپ، 4 ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 4 -كۈنىگىچە ھوشسىز ھالەتتە ياتقان ، ئالتىنچى ئايىنىڭ 4 -كۈنى كۆزىنى ئاچقان ، لېكىن باشقا ھېچقانداق ئىپادە بولمىغان ، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يىغلىغان ۋاقتىدا بىر ئاز ئاۋاز چىقىرىدىغان بولغان . دوختۇرخانىغا كىرگەندىن تارتىپ 42 كۈن بولغىچە كۈنىگە 6000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل كەتكەن . 42 كۈندىن كىيىن كۈنلىكىگە 2000 يۈەندىن پۇل كېتىۋاتىدۇ  . ھازىرغىچە 300 مىڭ يۈەن يەنى 300000 دىن ئارتۇق پۇل كەتكەن .    ئەلى ئاكا بىلەن مەريەم ئاچا پۇل جەملەش ئۈچۈن ھەتتا كۇچا ناھىيىسىدىكى تۇرالغۇ ئۆيىنىمۇ سېتىۋەتكەن . ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ قەرز تۆلەش شەكلىدە ئالغان بولۇپ ، ھازىر 100 مىڭ يۈەن يەنى 100000 دىن ئارتۇق قەرزدار بولۇپ قالغان .......

مەكتەپتىكى ئىلھامجاننىڭ يۇرتداشلىرىدىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بىز كۆمۈركان دوختۇرخانىسىغا ئۇنى يوقلاپ ھەمدە ئاتا ئانىسىدىن تەپسىلىي ئەھۋاللانى بىلگىلى باردۇق . ئىلھامجاننىڭ ئاپىسى مەريەم ئانا يىغلاپ تۇرۇپ بىزگە ھازىر ئوغلىنىڭ ھىچ بولمىغاندا بۇ يېرىپ ئاغرىيتتى دەپ بىر ئېغىز گەپ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى ، ھەمدە ئۇلۇغ ئاللاھتىن بىز تارتقان بۇ ئازابنىڭ باشقا بىر ئىنساننىڭ بېشىغا سالمىغايسىز دەپ دۇئا قىلىپ كەتتى . دادىسى ئەلى ئاكا  ئوغلىنىڭ ئازابىدىنمۇ تۈگىشىپ كەم سۆز بولۇپ قالغان .  ئىلھامجاننىڭ ئاتا ئانىسى خەنزۇ تىلىنى  بىلمىگەچكە نۇرغۇن ئىشلاردا قىيىنالغان ، نۇرغۇنلىغان رەسمىيەتلەرنى قىلىشنى بىلەلمىگەن ، قانداق قىلىپ پۇل غەملەشنى تېخىمۇ بىلەلمىگەن .... پەقەت ئىلھامجاننىڭ ساۋاقداشلىرى كەلگەن ۋاقتىدا رەسمىيەت بېجىرىش ئىشلىرىنى قىلغان .   بىز مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىشلارنى تورغا چىقىرىشنى قارار قىلدۇق ، ئىلھامجاننىڭ ئاتا ئانىسىمۇ ئوغلىنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن  تورغا بۇ تېمىنى يوللىشىمىزغا قوشۇلدى .  نۇرغۇنلىغان ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىز بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن چوقۇم ئىلھامجانغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز! چۈنكى ئارىمىزدا نۇرغۇنلىغان مېھرىبان كىشىلىرىمىز بار .

ئاخىرىدا ئىلھامجان ۋە ئىلھامجاننىڭ ئاتا - ئانىسى ئورنىدا  ھەرقايسى تورداشلار شۇنداقلا مېھرىبان قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز !...

كارتا ئىسمى : 依拉木江.艾力
كارتا بېجىرگەن ئورۇن : جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى

كارتا نومۇرى : 6222023002008298922

ئادرېس : شىنجاڭ كۆمۈركان دوختۇرخانىسىنى ئۇنىۋېرسال بۆلۈم 16 - كارىۋات

新疆煤矿医院综合科16床

ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى :

ئاتا ئانىسىنىڭ  :  13659934741

دوختۇرخانىنىڭ :  09914590104

بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى بۇ جايدىن كۆرۈڭ: http://www.yuksel.me/358.html



[Birzat بۇنى 2010-07-30 09:21 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: يۈكسەل بلوگ
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمائەينەك[2010-12-08 09:32 PM | del]
مەن بىلمىدىم ،،،بەلكىم دىگەنلىرىم ئاز-تولا چاقىرىق بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ،،،،،پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق تورداشلار بولۇپمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بانكا كارتىسدا ھېساب يۆتكەش ئارقىلىق ياردەم قىلسا تامامەن بولىدۇ.........  چۈنكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ ئاساسلىق كۆرۈرمەنلىرى ھېسابلىنىدۇ.....  
回复قايتۇرماalimjian[2010-10-03 12:44 AM | del]
مېنىڭ مەسلھەتىم ؛ بۇ ئېشتا مەكتەپ نېڭ بېۋاستە مەسولىيىتى بار ، يەنە ئېلھامجان سوغۇرتىگا قاتناشكان بولسا ئۇلار مۇ تۆلەم مەسوليەتنى ئۈستىگە ئالدۇ ، بۇ ئىشتا قانون مەسلەت چىلىر نىڭ مەسلھەتىنى ئىلپ باخساڭلار ؟
回复قايتۇرماYuksel[2010-08-02 08:23 PM | del]
ئىلھامجان ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇر :
ئىلھامجان ئېنىمىزگە ياردەم قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىجا – مۇراجەتنامىلەر ھەرقايسى چوڭ – كىچىك ئۇيغۇر تورلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇ 5 كۈندىن بۇيان ، ئىلھامجان نامىدىكى كارتىغا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىدىن جەمئىي 5700 يۈەن پۇل ئۇرۇلغان.
نۆۋەتتە ئىلھامجاننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەن. كۆمۈركان دوختۇرخانىسىدىكى مەسئۇل دوختۇرلار ئىلھامجاننىڭ سەللىمازا ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بەلكىم 6 ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، دەپ بىلدۈرگەن. تۈنۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ مەسلىھەتىمىز بويىچە ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى بالىنى باشقا چوڭ دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ داۋالاش كويىغا چۈشمەكتە. بۈگۈن جۇڭگوچە تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسىغا بارغان بولسىمۇ، ياتاققا ئالدۇرۇش مۇمكىن بولمىغان، ئەتە خەلق دوختۇرخانىسى ۋە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ئالاقىلاشماقچى بولىۋاتىدۇ.
گەرچە توردىكى ئىلتىجالىرىمىزنىڭ مەلۇم ئۈنۈمى كۆرۈلگەن (ھازىرغىچە 5700 يۈەن يىغىلغان) بولسىمۇ، ئىلھامجاننىڭ نۆۋەتتىكى داۋالىنىش ئەھۋالى ئۈچۈن بۇنچىلىك ئىقتىسادنىڭ تولىمۇ ئازلىقى ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە كۆپچىلىك ساخاۋەت ئىگىلىرىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلماقتا. ھەممەيلەن بىردەك، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىلھامجانغا قېرىنداشلىق قولىنى سۇنۇشىغا ئىنتىزار بولماقتا …
http://www.yuksel.me/358.html
回复قايتۇرماYuksel[2010-08-02 08:22 PM | del]
ۋاقىت مىنۇتلاپ – سائەتلەپ ئۆتمەكتە. ئۆتىۋاتقان ۋاقىتنىڭ بىزگە ئوخشاش نورمال كىشىلەر ئۈچۈن ھېچقانداق زور قىممىتى بولمىغان بىلەن، ئېنىمىز ئىلھامجان ئۈچۈن ھەر دەقىقە بەلكىم ھاياتلىق پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. بىز شۇ تاپتا توردا مەلۇم دوستىمىز بىلەن شادىلىق ئىلكىدە پاراڭ سۇقىۋاتقان ۋە ياكى قايسىدۇر ئىتوت – كىنونى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلىۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما ، ئېنىمىز ئىلھامجان كېسەللىك ئازابىدىن ئىڭراپ يېتىۋاتقان بولۇشى، ھەتتا ئىڭراشقىمۇ ئىمكان يوق، كېسەل كارۋىتىدا ئاتا – ئانىسىنىڭ يۈرەك – باغرىنى چۇل – چۇل قىلىپ مۆلدۈرلەپ قاراپ ياتقاندۇ!… جىگەر پارىسىنىڭ بۇ تۇرقى ھالىنى كۆرۈپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بېغىدىن ئۈزۈلگەن ياپراق كەبىي تىترەۋاتقان ئانا كېسەلخانىنىڭ سوغۇق تېمىغا يۆلىنىپ ، ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقاندۇ ،بەللىرى پۈكۈلگەن ، كۆڭلى ئىزىلگەن ، كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى پىلىلداپ قالغان ئاتا ئىچىگە قانچە قېتىملاپ ئۇھ تارتىپ، ئۇلۇغ تەڭرىدىن ئوغلى ئۈچۈن شىپالىق، ئۆزلىرى ئۈچۈن نىجادلىق تىلەۋاتقاندۇ ؟! …
بىز بۇ جايدا مەزكۇر ئىلتىجانى ئوقۇغان ھەربىر مۇھەببەتلىك قەلب ئىگىسىگە شۇنى مۇراجەت قىلىمىزكى، بىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقىنى ئەمەلىي ھەرىكەت! بىز جەزمەن ئەڭ تېز پۇرسەتتە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئەمەلىي ياردەم قىلىپ، ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن دەرھال ئىلھامجاننىڭ قولىغا يەتكۈزىشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى چاغلىق ھېسابلانغان ئەشۇ 50 سوم ، 100 سوم ھازىرقى ئىلھامجان ئۈچۈن تومۇزدا چۆلگە ياغقان يامغۇر تامچىسىدەك قىممەتلىك!
مەلۇم ئەھمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز يۈكسەل بلوگىدا ئېنىمىز ئىلھامجانغا ياردەم قۇلىنى سۇنغان دىلكەشلەرنىڭ نام شەرىپى ۋە ياردەم سوممىسىنى ئېلان قىلىشنى توغرا تاپتۇق. تۆۋەندە ئۆزەمدىن باشلايمەن.
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلھامجانغا قىلغان ياردەم سوممىسىنى ئۆز نامى بىلەن قوشۇپ مەزكۇر تېمىدا ئىنكاس شەكلىدە ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مۇنداق بولغاندا، بىز بارلىق ياردەم سوممىسىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز ۋە دوختۇرخانا ، مەكتەپ قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئىلھامجاننى داۋاملىق داۋالاش ھەققىدە سۆزلىشەلەيمىز. تورداشلارنىڭ بۇ ئىشقا سەل قارىماسلىقىنى ، ھەرگىزمۇ قىلغان ياردىمىمىزنى ئاشكارىلىغۇمىز يوق ، دېمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەقىقىي نام شەرىفىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغانلار تور نامىنى ئېلان قىلسىمۇ بولىدۇ.
http://www.yuksel.me/358.html

ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.