دۇنيا دېگەن كەڭرى، جاھاندا بىر كۈندە تۈمەن خىل ئىشلار يۈز بىرىپ تۇرىدىكەن. بىز بۇلارنى بىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىكەنمىز. ئۇچۇر-ئاخبارات ۋاستىلىرىدن قىزىقىپ ئولتۇرۇپ كۆرگەن ھەيران قالارلىق ئاجايىپ ئىشلار بىر مەزگىلدىن كىيىن ئېسىمىزدىن كۆتۈرلۈپ كېتىدىكەن. ئەنگىلىيەدىكى بىرسى مۈشۈكىنىڭ بۇرنى ئاستىنى گېتلىرنىڭكىدەك بوياپ بوينىغا ناتسىستلارنىڭ مىدالىنى ئىسىپ گېتلىرغا ئوخشايدىغان مۈشۈك دەپ تور بېتىدە ئىلان قىلىپ زور غولغۇلا قوزغىۋېتىپتۇ. نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى قالدۇرۇپ، «بۇ مۈشۈك ھەقىقەتەن گېتلىرغا ئوخشايدىكەن» دېگەنمىش. بىراق يەنە ئاز ساندىكى كىشىلەر گېتلىرنى ياقتۇرمىغانلىقتىن، «گەرچە مەن مۈشۈكنى ياخشى كۆرسەممۇ، بىراق ئوماق مۈشۈكنى گېتلىرغا ئوخشاتقىنى بەك مەنىسىز بولۇپتۇ» دەپتىمىش.  بەزى ئامېرىكىلىق تورداشلار يەنە «بۇ مۈشۈك گېتلىرغا ئەمەس، چارلىس چاپلىنغا بەكرەك ئوخشايدىكەن» دېگەنمىش.

لاسۋىگاستا بىر ناتونۇش قىمارۋاز پەيدا بولۇپ بىر كېچىدىلا بۇ قىمار شەھىرىدىكى قىمارۋازلارنىڭ يانچۇقىنى قۇرۇقداپ قويغانمىش. بۇ گۇينىڭ نوچى يېرى شۇ يەردىكى ئۇ ئۇتقان پۇللىرىدىن نۇرغۇنىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن دەيدۇ. قىمارۋاز دېگەننىغۇ بەك پەسەندە، پەيتى كىلىپ قالسا خوتۇنىنىمۇ ئۇتتۇرۋېتىدۇ دەپ ئاڭلايدىغان. ماۋۇسى خىلى مەرت ئىكەن. ئالدىنقى يىلى بىرازىليەدە قىمار بەك قىزىپ كەتسە نەچچە كۈن مىدىرلىماي ئوينايدىغان  قىمارۋازلار ھاجەتكە چىقماي ئاستىغا زاكا قىستۇرۇپ قىمار ئوينىغان دەپ كەچلىك گېزىتتە خەۋەر بىرىپتىكەن. قالغان تەپسىلاتىنى تەپسىلاتتىن كۆرۈڭ!

" /> يېقىندىكى ئاجايىباتلاردىن تەرمىلەر (1) - 80 خالتا بلوگى

يېقىندىكى ئاجايىباتلاردىن تەرمىلەر (1)


دۇنيا دېگەن كەڭرى، جاھاندا بىر كۈندە تۈمەن خىل ئىشلار يۈز بىرىپ تۇرىدىكەن. بىز بۇلارنى بىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمايدىكەنمىز. ئۇچۇر-ئاخبارات ۋاستىلىرىدن قىزىقىپ ئولتۇرۇپ كۆرگەن ھەيران قالارلىق ئاجايىپ ئىشلار بىر مەزگىلدىن كىيىن ئېسىمىزدىن كۆتۈرلۈپ كېتىدىكەن. ئەنگىلىيەدىكى بىرسى مۈشۈكىنىڭ بۇرنى ئاستىنى گېتلىرنىڭكىدەك بوياپ بوينىغا ناتسىستلارنىڭ مىدالىنى ئىسىپ گېتلىرغا ئوخشايدىغان مۈشۈك دەپ تور بېتىدە ئىلان قىلىپ زور غولغۇلا قوزغىۋېتىپتۇ.

نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى قالدۇرۇپ، «بۇ مۈشۈك ھەقىقەتەن گېتلىرغا ئوخشايدىكەن» دېگەنمىش.

بىراق يەنە ئاز ساندىكى كىشىلەر گېتلىرنى ياقتۇرمىغانلىقتىن، «گەرچە مەن مۈشۈكنى ياخشى كۆرسەممۇ، بىراق ئوماق مۈشۈكنى گېتلىرغا ئوخشاتقىنى بەك مەنىسىز بولۇپتۇ» دەپتىمىش.  بەزى ئامېرىكىلىق تورداشلار يەنە «بۇ مۈشۈك گېتلىرغا ئەمەس، چارلىس چاپلىنغا بەكرەك ئوخشايدىكەن» دېگەنمىش.

 

لاسۋىگاستا بىر ناتونۇش قىمارۋاز پەيدا بولۇپ بىر كېچىدىلا بۇ قىمار شەھىرىدىكى قىمارۋازلارنىڭ يانچۇقىنى قۇرۇقداپ قويغانمىش. بۇ گۇينىڭ نوچى يېرى شۇ يەردىكى ئۇ ئۇتقان پۇللىرىدىن نۇرغۇنىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن دەيدۇ. قىمارۋاز دېگەننىغۇ بەك پەسەندە، پەيتى كىلىپ قالسا خوتۇنىنىمۇ ئۇتتۇرۋېتىدۇ دەپ ئاڭلايدىغان. ماۋۇسى خىلى مەرت ئىكەن.

ئالدىنقى يىلى بىرازىليەدە قىمار بەك قىزىپ كەتسە نەچچە كۈن مىدىرلىماي ئوينايدىغان  قىمارۋازلار ھاجەتكە چىقماي ئاستىغا زاكا قىستۇرۇپ قىمار ئوينىغان دەپ كەچلىك گېزىتتە خەۋەر بىرىپتىكەن.

ئامېرىكىدا كەشىپ قىلىنمىغان نەرسىمۇ ئاز قالغىلى تۇردى. بۇ قېتىم ئامېرىكا تېكساس ئۇنۋېرسىتېتى M.D ئاندېرسون راك كېسەللىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىملىرى يېقىندا راك كېسىلىگە ئالدىن ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغان يېڭىچە بىر خىل فوتو ئاپپاراتنى كەشىپ قىلغانمىش . بۇ ئاپپاراتتا تارتىلغان سۈرەتكە بىر قاراپلا ئادەتتىكى ساغلام ھۈجەيرىلەر بىلەن راك ھۈجەيرىسىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق ھەر خىل راك كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە بايقاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ ، قىممەتلىك داۋالاش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن .

يۇقۇملانغان راك ھۈجەيرىلىرى ساغلام ھۈجەيرىلەردىن چوڭ ھەم زىچ بولغانلىقتىن رەڭگى قېنىق كۆرۈنىدۇ

 

2012 دېگەن فىلىم قويۇلۇپ تارقىتىلغاندا زور غۇلغۇلا قوزغاپ ھەتتا بەزى كىشىلەر ئۇ فىلىمدا تەسۋىرلەنگەن <<قىيامەت>> كۆرۈنۈشلىرىنىڭ دەھشەتلىكىدىن قورقۇپ كېتىپ ئۆلىۋالغانمىش. بۇنداق گەپلەر كۆپ بولىدىكەن. يەر شارىغا مۇنداق يۇلتۇز سوقىلىدۇ، ئاق بولاپ يېشىل بولاپ پىلانىتىمىز ھامىنى ھالاك بولىدۇ، كەڭرى كائىناتتا بىز ياشىغۇدەك يەنە بىر ماكان بارمىدۇ دەپ تىنماي ھاياتلىق ماكانى ئىزدەپ نۇرغۇن ئالىملار ھېسابسىز ئاجرىتىلغان تەتقىقات خىراجەتلىرىنى سەرپ قىلىپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىكەن. ئۆتكەندە ئايدا سۇ بارمىش، ھەتتا يېتەرلىك بار ئىكەن دەپ خەۋەر بەردى. بۇ قېتىم يەنە يېراقتىكى بىر پىلانىتنىڭ يەنە 200 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يەر شارىغا سوقۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بىرىپتۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە ئىكەن: خەۋەر قىلىنىشىچە،  1999  RQ36  ئىسىملىك بۇ پلانېتىنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى 1/1000 بولۇپ، تەخمىنەن 2200-يىلىدىن بۇرۇن يەر شارىغا سوقۇلىشى مومكىن ئىكەن.

 

بىراق سوقۇلۇش ئىمكانىيىتى ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقىت 2182-يىلى9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىكەن.
بۇ پلانېتا 1999-يىلى بايقالغان بولۇپ، دىئامېتىرى 1800 ئىنگلىزچىدىن ئاشىدىكەن. بۇ پلانېتا ئەگەر يەر شارىغا سوقۇلۇپ كەتسە، يەر شارىنى كەڭ كۆلەمدە زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن. ھەتتا كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش پەيدا قىلىشى مومكىن ئىكەن.
مۇتەخەسىسلەر پلانېتىنىڭ يۆلىنىش ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى چوقۇم 100 يىل بۇرۇن ئىشلىگەندىلا ئاندىن غەلبە قىلىشنىڭ پۇرسىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، ئەگەر بۇ پلانېتا 2080-يىلدىن كېيىن بايقالغان بولسا، ئۇنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىش مومكىن بولمىغان بولاتتى، دېگەن.
 ئۇلار يەنە بۇ پلانېتىنىڭ يەر شارىغا سوقۇلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن، بىراق ئېھتىماللىقى 1/250000 بولغان 2036-يىلى يەرشارىغا سوقۇلىدىغان كىچىك پلانېتا ئاپوخىس (Apophis) تىن خېلىلا يۇقىرى، دېگەن.
پلانېتا تەتقىقات ئويۇشمىسى 2008-يىلى بىر تۈردە مۇسابىقە ئىلىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق لااھىيەلىگۈچى خادىملارنى  2036-يىلى يەرشارىغا سوقۇلىدىغان كىچىك پلانېتا ئاپوخىسنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشۈرىدىغان ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ياساپ چىقىشقا چاقىرغان.

<<جاھاندىكى ئىشلار>> دىن بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك ھەيران قالساقمۇ بولىدۇ. ھاياتلا بولساق توختىماي ھەيرانلىق ئىچىدە ياشاپ ھاياجان چىراي بولاپ كېتىدىغان چېغىمىز بار.




[Birzat بۇنى 2010-07-30 02:45 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئاجايىباتلار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماasir[2010-08-04 02:13 AM | del]
گىتلېرغا جازا لاگېرلىرىدا ۋە ئۇرۇشتا ئۆلگەن بىگۇناھ كىشىلەر بىر باھا بېرىپ باقسۇن، ئاڭغىچە بىز ئالدىراپ باھا بېرىۋەتمەيلى...
回复قايتۇرماAkpar0997[2010-08-02 04:17 AM | del]
<1>بىر قىسىم ئەخمەقلەرنىڭ گېتلىرنى مۈشۈككە ئوخشىتىشى ئەخمىقانىلىق ! مىنىڭ نەزىرىمدە ( شەخسەن پىكىرىم ) ئۇ بىر مىللەتنىڭ قەھرىمانى ! ئارىئان مىللىتىنىڭ قەھرىمانى ، ئۇنىڭ پۈتۈن كۈرىشى  مىللەت  ئۈچۈن . گەرچە ئۇ نېمىس مىللىتىنى 2- دۇنيا ئۇرىشىغا سۆرەپ كىرگەن بولسىمۇ  ، نۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئېتقادى ۋە مەقسىدى يەنلا شۇ دەۋىر شارائىتىدىن  ئېيتقاندا توغرا دەپ قارايمەن ! ئەمەليەتتە  مىنىڭ قارشىم ھەرگىزمۇ  ناتسىزىملىقنى  تەشۋىق قىلغانلىق  ئەمەس ! چۈنكى  << دەۋىر قەھرىماننى يارىتىدۇ ، قەھرىمان دەۋىرنى   يارىتىدۇ>>
<3>ئىلىم  -پەننىڭ يۈكسەك تەرەققى قىلغىنىغا كۆز يۇممايمەن .لىكىن << قىيامەت >> توغرۇلۇق خېلى كىنو  ئىشلەندى ، مەسلەن <<   قىيامەت  قايىم بۇلۇش ئالدىدا >> ، << 2012- يىلى >> دىگەندەك .
ئەمما << قىيامەت >> نىڭ قاچان بۇلۇش  توغرۇلۇق  ئاخىرقى پەيغەمبىرىمىز << مۇھەممەت سەللەھلاھۇ  ئەلەيھى ۋەسساللام>>غىمۇ  بۇ توغىرۇلۇق مۇقەددەس كىتاپ << قۇرئان كەرىم >> دىمۇ  ئېنىق  بىر مەلۇمات بولمىغان ئەھۋالدا بۇنداق ئەخمىقانىلارچە خىيالنىڭ كىنو ئارقىلىق مەيدانغا چىقىشى ئەھمقانىلىق !
بۇنىڭ توغرىسىنى <<ئاللاھ >> بىلىدۇ .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.