ﻳﻪرﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮬﯚﻛﯜﻣﺎ (ﺗﯧﯟﯨﭗ) ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ھەزىرەت تەرىپىدىن 1520-1533 -يىللىرى سۇلتان سەئىد باھادىرخاننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن يېزىلغان <<ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﯨﻞ ﺋﯩﻼﺝ-داۋالاش دەستۇرى>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎپ دەسلىپىدە شۇ زامانلاردىكى ئەدەبىي تىل پارىس تىلىدا يېزىلغان، كىيىن يەنە مەزكۇر كىتابنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە سۇلتان سەئىدخاننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىدا يېزىلغان.
ھۆكۈما سۇلتان ئەلى ھەزرەت تېبابەت ئىلمى توغرىسىدا توختۇلۇپ : تېبابەت ئىلمى شۇنداق بىر ئىلىمدۇركى، ھۆكۈمالار ( تېۋىپلار ) ئۇنىڭ بىلەن خالايىقلارنىڭ تېنىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ. ئەگەر ئاغرىق بولسا، مۇمكىنقەدەر سالامەتلكىنى ئەسلىگە كەلتۈردۇ. ھەممە مەۋجۇدات ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تېۋىپلار بۇ مەۋجۇداتلارنىڭ ماھىيەتلرىنى، پەرقلىرىنى ۋە كەيپىياتلىرىنى بىلىشى زۆرۈر. بۇ مەۋجۇداتلارنىڭ سەۋەبچىلىرى_ ماددى، فائىلى(ماددىنىڭ ھەركىتى)، مۇسەۋۋەرى(شەكىل)، تامامى(نەتىجە)دىن ئىبارەت تۆت خىل بولىدۇ.

" /> تېبابەت ئىلمى توغرىسىدا - دەستۇرۇلئىلاج (داۋالاش دەستۇرى) - 80 خالتا بلوگى

تېبابەت ئىلمى توغرىسىدا - دەستۇرۇلئىلاج (داۋالاش دەستۇرى)


دەستۇرۇلئىلاج (داۋالاش دەستۇرى) - ئىككىنچى باب تېبابەت ئىلمى توغرىسىدا

بۇ باب 19 پەسىلگە بۆلىنىدۇ
1- پەسىل تېبابەت ئىلمى بىلەن تونۇشۇش
تېبابەت ئىلمى شۇنداق بىر ئىلىمدۇركى، ھۆكۈمالار ( تېۋىپلار ) ئۇنىڭ بىلەن خالايىقلارنىڭ تېنىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ. ئەگەر ئاغرىق بولسا، مۇمكىنقەدەر سالامەتلكىنى ئەسلىگە كەلتۈردۇ. ھەممە مەۋجۇدات ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تېۋىپلار بۇ مەۋجۇداتلارنىڭ ماھىيەتلرىنى، پەرقلىرىنى ۋە كەيپىياتلىرىنى بىلىشى زۆرۈر. بۇ مەۋجۇداتلارنىڭ سەۋەبچىلىرى_ ماددى، فائىلى(ماددىنىڭ ھەركىتى)، مۇسەۋۋەرى(شەكىل)، تامامى(نەتىجە)دىن ئىبارەت تۆت خىل بولىدۇ.
بىرىنچى ماددى سەۋەب: ماددا ئەزا ياكى روھ بولۇپ، ساقلىق ۋەكېسەللىك ئۇنىڭغا مەلۇم بولىدۇ، ساقلىق ۋە كېسەللىكنى بۇئىككىسى كونتىرۇل قىلىدۇ.
ئىككىنچى فائىلى سەۋەب: بۇ ئىنسانلارنىڭ تېنى ۋە ھالىتىنى ئۆز ھالىدا تۇرغۇزۇپ ساقلىققا سەۋەب بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، كېسەللىكگە سەۋەب بولىدۇ. بۇ ئەسبابى سىتتە (ئالتە سەۋەب) دەپ ئاتىلىدۇ: (1) ھاۋا، (2) يېمەك- ئىچمەك، (3) ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىق، (4) ھەرىكەت ۋە جىملىق، (5) ئىستىفراغ، (6) كۆڭۈل ئېچىش.
ئۈچىنچى مۇسەۋۋەرى سەۋەب: بۇ قۇۋۋەتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مىزاجنى بىلگەندە مەلۇم بولىدۇ.
تۆتىنچى تامامى (نەتىجە) :روھنى ۋە قۇۋۋەتنى بىلىش كېرەككى ، قۇۋۋەتلەرنىڭ تەركىبى ۋە سەۋەبى شۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇ.

2-پەسىل تېبابەت ئىلمى
تېبابەت ئىلمى ئادەملەرنىڭ تېنى ماددا، سۈرەت(شەكىل) دىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلىشتۇر. ئادەم ۋۇجۇدىدا ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت 4 چوڭ ماددا بولۇپ بۇ ماددىلار بىر-بىرىگە زىت، بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى ھەم بىر-بىرىگە تەقەززا قىلىدىغان، تەبىئىتى باشقا- باشقا ماددىلاردىن ئىبارەتتۇر. قارمۇ قارشىلىقنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھەر قايسىسىنىڭ تەبىئىتى ئۆزىگە مايىلدۇر. سۈرەت(شەكىل) بىر-بىرىگە بىرىكىپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلماسلقنى تەقەززا قىلىدۇ. تەبىئەت جىسىملىرى ماددا، مۇسەۋۋەرى ۋە كەيپىياتتىن تەركىب تاپىدۇ. ماددا دېگەن تۇتۇشقا ۋە كۆرۈشكە،ئاڭلاشقا، پۇراشقا،،تېتىشقا مۇمكىن بولىدىغان ھەرقانداق نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدھ شەكىلى، ھەجمى، رەڭگى، تەمى،ۋەزنى، پۇرىقى ۋە ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرى<<سۈرەت>> دىيىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى مەلۇم شارائىت ئىچىدە پەيدا بولىدىغان، ئىسسىقلىق چىقىرىش، سوۋۇتۇش، ھۆللۈك يەتكۈزۈش ياكى قۇرۇتۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەر<<كەيپىيات>>(ھالەت) دېيىلىدۇ.بىر خىل جىسىمدا 3خىل ئامىل بىرگە مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ، تېبابەتتە ماددا ۋە ئۇنىڭ مۇسەۋۋەرى(شەكىلى) ، كەيپىياتى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىنسانلار ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە داۋاملىق تەسىر قىلغۇچى ئالتە سەۋەب ھەققىدە ئالدىنقى پەسىلدە سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق، يەنە بىر زۆرۈر نەرسە ماددىلار بىر-بىرىگە مۇخالىفەتچىلىك قىلماسلىقى ئۈچۈن ياردەم بېرىپ، سۈرەتنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى بىر كۈچ لازىمدۇر. بۇ كۈچ بولسا تېبابەت ئىلمىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاتائالا بۇ ئىلىمنى بەندىلەرگە ئىلتىپات قىلغاندۇر. تېبابەت ئىلمىنىڭ پايدىسى شۇكى، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن پۇتۇن بەدەن ساغلام بولىدۇ. تېبابەت ئىلمىنىڭ سەۋەب ۋە ئىلاج قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن تەنلەرنىڭ سالامەت بولالماسلىقى روشەندۇر. ئەگەر بىر كىشى كېسەل بولسا، تېبابەت ئىلمى ئارقىلىق چارە قىلىسا، ئاسانراق ۋە تېزراك ئۆز ھالىغا كېلىدۇ.

3-پەسىل تېبابەت ئىلمىنىڭ ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىسىملىرى
تېبابەت ئىلمى ساقلىقنى ساقلاش، بەدەنگە پايدىلىق نەرسىلەر بىلەن كېسەللكنى يۇقىتىش ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىنسانغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق. ھېكملەر(تېۋىپلار) تېبابەت ئىلمىنىڭ ماھىيىتى ، ساقلىق ۋە كېسەللىك ھالەتلىرىنى بىلىش لازىم. تېبابەت ئىلمىنىڭ ساقلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان قىسمى جوزئى ئىلىم دىيىلىدۇ. بۇ ئىلىم سالامەتلىكىنى قانداق ئاسراش ھەمدە كېسەللىكنى قانداق يۇقىتىشنى ئۆگىتىدۇ. ھەر قانداق تېۋىپ بۇلارنى ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە بىلگەندە، ئاندىن يېتىشكەن بىر تېۋىپ بولالايدۇ. مەيلى ئەمەل قىلسۇن ، ئەمەل قىلمىسۇن، مەقسەت ئۇنىڭدا ئەمەس، جۇزئى ئىلمىنىڭ مەقسىتى_ تېبابەتچىلىك قائىدىسىگە ئەمەل قىلشنىڭ يولىنى بىلىشتۇر.
4-پەسىل ئەركانلار

ئەركان (ماددا) تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ۋە ئوتتىن ئىبارەت 4خىل بولىدۇ. مىزاج ۋە خۇسۇسىيەت ئېتىبارى بىلەن بىر-بىرىگە قارمۇ قارشىدۇر. ھەر قانداق مەۋجۇداتنىڭ تەبىئىتىدە ياكى سۈرىتىدە تۆت خىل ئەركاننىڭ (ماددىنىڭ) ھەرقايسىسى ئۆز تەبىئىتى ۋە شەكىلىدە تېپىش ۋە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بۇ تۆت خىل ماددا بىر-بىرى بىلەن ئارلاشسا باشقا بىر خىل مىزاج ھاسىل بولىدۇ ۋە ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز خۇسۇسىيەتلىرى يوق بولىدۇ. مەزكۇر 4 خىل ماددىنىڭ ئىككىسى يەنى تۇپراق ۋە سۇ ئېغىر بولۇپ، قالغان ئىككىسى يەنى ھاۋا بىلەن ئوت يەڭگىلدۇر.

5- پەسىل تۇپراق

تۇپراق بىر قانچە خىل نەرسىدىن تەركىب تاپقان بولماستىن، بەلكى تەنھا بىر جىسىمدۇر. باشقا ماددىلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئەگەر ئالىقانغا بىر سىقىم توپا ئىلىپ يۇقىرغا (ئاسمانغا) ئاتسا، يەنە ئۆز جايىغا قايتىپ چۇشمەي قالمايدۇ. تۇپراقنىڭ ئىغىر بولۇشىدىكى سەۋەب_ ئۇنىڭ ھەممىدىن تۆۋەن بولغانلىقىدا، ئۇنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇقتۇر. تۇپراقنىڭ پايدىسى ۋە خۇسۇسىيىتى شۇكى، ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىكتۇر ۋە ھەرقانداق نەرسىنى ئۇنىڭدا قويسا، ئورۇن ئېلىپ تۇرىدۇ، لىكىن باشقا ماددا تۇرمايدۇ.

6-پەسىل سۇ

سۇ پۇتۇن يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىمىنى ئىگەللەيدۇ . سۇ تۇپراقتىن يىنىك، باشقا ماددىلاردىن ئېغىرراقتۇر. يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمىنى ئاللاتائالا ئۆز پەزلىتى بىلەن ئادەمزات ۋە باشقا جانلقلارغا قونالغۇ جاي ۋە ماكان بولسۇن ئۈچۈن، سۇدىن خالىي قىلدى. مەلۇمكى، بەزى جانلىقلار سۇسىز تىرىكلىك قىلالمايدۇ، بىر مۇنچە يەرنى سۇغا ماكان قىلىدى، بىر مۇنچە يەرنى قۇرۇق قويۇپ، ئۇ يەرلەرگە سۇنى چاچقۇن قىلىپ، ھەممە يەرگە باراۋەر يەتكۈزدى.

سۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇقتۇر. ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، سۇ گەرچە ھەر قانچە چاچقۇن بولسىمۇ، ئاسانلا قوشۇلۇپ جەم بولىدۇ. ھەرقانداق شەكىلنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئەمما ساقلاپ قالالمايدۇ. سۇنىڭ پايدىسى شۇكى، باشقا ئاساسىي ماددىلار ئۇنىڭ سەۋەبىدىن سۈرەت (شەكىلنى) قوبۇل قىلىدۇ.

7-پەسىل ھاۋا

ھاۋا بەسىت (ئاددىي) جىسىم بولۇپ، ئورنى سۇدىن يۇقىرى، ئوتتىن تۆۋەندۇر. تەبىئىتى ھۆل ئىسسق، ھاۋا سۇدىن لەتىپراق( ئۇچۇچان) دۇر. ئۇنەرسىلەرنى ھۆل قىلمايدۇ. ئەمما سۇنىڭ قىيامى قۇيۇق بولغىنى ئۈچۈن، ھەر قانداق نەرسىگە تەگسە ھۆل قىلىۋىتىدۇ. ھاۋا بەك لەتىپ بولغاچقا، ھىچنەرسىنى بۇلغىمايدۇ.

 

8-پەسىل ئوت

ئوتمۇ يېگانە جېسىم بولۇپ، ئورنى ھەممە ئەركانلاردىن يۇقىرى تۇرىدۇ. تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق. خۇسۇسىيىتى شۇكى، ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭ بىلەن پىشىدۇ، ھاۋا ئوتنىڭ قۇدرىتى بىلەن ھەممە جىسىملاردىن ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. سۇنىڭ ۋە يەرنىڭ سۇغوقلىقى ئوتنىڭ سەۋەبىدىن تەڭشىلىدۇ، ھەممە مەۋجۇدات يۇقىرقى تۆت ئەركاندىن ھاسىل بولىدۇ.

 

9-پەسىل ئەركانلارنىڭ مىزاجى

ئەركانلارنىڭ تەبىئىتى يۇقىرىدا بايان قىلندى. ھېكىملەر سۈرەت بىلەن ماددا بىر - بىرىگە قارمۇ قارشى دەپ قارايدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىككى ئاساسىي ماددىنىڭ سۈرىتىدە كەمچىلىك، يېتەرسىزلىك يۈز بەرسە، سۈرەت ئۆزلىگىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ مىزاج دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىسسىق سوغوق، مۆتىدىل بولسا، قۇرۇقلۇق ، ھۆللۈكتىن غالىب بولسا، قۇرۇق مىزاج دىيىلدۇ؛ ئەگەر ھۆللۈك قۇرۇقلۇقتىن غالىب بولسا، ھۆل مىزاج دىيىلىدۇ؛ ئەگەر ھۆللۈك قۇرۇقلۇق، مۆتىدىل بولۇپ ئىسسىق سوغۇقلۇقتىن غالىب بولسا ئىسسىق مىزاج دىيىلىدۇ. ئەگەر سوغۇقلۇق غالىب بولسا سوغوق مىزاجدۇر. بۇ خىلدىكىلەر مىزاجى مۇپرەد(يالغۇز مىزاج) دەپ ئاتىلىدۇ. ھەرقاچان ئىككى سۈرەت تەڭمۇ تەڭ بولسا، ئىككىسى غالىپ ۋە ئىككىسى مەغلۇپ بولسا، تۆت مىزاجدىن تەركىب تاپقان مۇرەككەب مىزاج ھاسىل بولىدۇ . بۇلار، قۇرۇق ئىسسىق ، ھۆل ئىسسىق ، قۇرۇق سوغۇق، ھۆل سوغۇقتىن ئىبارەت بولۇپ. بۇلاردىن باشقا مىزاج بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. دىمەك مىزاجنىڭ خىللىرى بىر مۆتىدىل، تۆت يالغۇز،تۆتى مۇرەككەپتىن ئىبارەت تۇققۇز خىل بولىدۇ.

 

10- پەسىل مۆتىدىل مىزاج

مۆتىدىل مىزاج دېگەندە؛ ئاساسىيى ماددىنىڭ تەركىبى، قۇۋۋىتى، سۈرىتى توغرا ۋە راسىت بولىدۇ. بۇنداق مۆتىدىللىق ئالەمدە مەۋجۈت ئەمەس. ھېكىملارنىڭ قارىشىدا ياخشى مىزاج شۇكى، ھەرقايسى ئەزالار مەسلەن؛ پەي، گۆش ۋە ئۇستىخانلار ئىسسىقلىق ۋە سوغوقلۇق، قۇرۇقلۇق ۋە ھۆللۈكلەر مۇۋاپىق بولغان ئەزالار بولۇپ، بۇلار مىزاجىغا لايىق ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەر ئەزانىڭ ئۆزىگە لايىق مىزاجى بولىدۇ. قاچانكى ئۆز مىزاجىدا ئۆزگىرىش بولسا، شۇ ئەزانىڭ نورماللىقى ۋە شۇكشىنىڭ نورمال ھالىتى يوقىلىدۇ. ھەر بىر ئەزا مىزاجىنىڭ بىر ئۆلچىمى بار بولۇپ، ئەگەر شۇ ئۆلچەمدە ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇ كىشىنىڭ مىزاجى مۆتىدىل بولىدۇ، ئەگەر شۇ ئۆلچەمدە ئۆزگىرىش بولسا ، نۇرماللىقى بۇزۇلىدۇ.

قاچانكى بىر ئەزانىڭ مىزاجى يۈرەككە ئوخشاش قۇرۇق ئىسسىق بولسا، يەنە بىر ئەزانىڭ مىزاجى مېڭىگە ئوخشاش ھۆل سوغۇق بولسا، يەنە بىر ئەزانىڭ مىزاجى جىگەر گە ئوخشاش ھۆل ئىسسىق بولسا، يەنە بىر ئەزانىڭ مىزاجى سۆ ڭەككە ئوخشاش قۇرۇق سوغوق بولسا، بۇلار بىر-بىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، بەدەننىڭ مىزاجىدا مۆتىدىللك پەيدا بولىدۇ. بۇ ھەقىقىي مۆتىدىل مىزاج دىيىلىدۇ. تېرىنىڭ مىزاجى مۆتىدىلگە يېقىن بولىدۇ. بولۇپمۇ بارماقلارنىڭ ئۇچىدىكى تېرىلارنىڭ مىزاجى ھەممىدىن مۆتىدىلراقتۇر. كىشىلەر ئىسسىق سوغۇق نەرسىلەرنى بارماقلىرى ئارقىلىق بىلىدۇ.

 


11-پەسىل ئەزالارنىڭ مىزاجى

ئەزالارنىڭ مىزاجىنى خىلىتلارنىڭ مىزاجى بىلەن بىر-بىرىگە قىياس قىلغاندا، يۇرەك ھەممىدىن ئىسسقراقتۇر. ئاندىن قالسا، شىرياندىكى قانلار، ئاندىن قالسا جىگەر ۋە ۋېنادىكى قانلار گۆشتىن ئىسسىقراقتۇر؛ ئاندىن قالسا، تېرە ۋە ئەزالار قېنى ئىسسىقراق بولىدۇ، سوغۇق خىلىتلارنى بىر-بىرىگە قىياس قىلغاندا ھەممىدىن بەلغەم سوغۇقراقتۇر؛ ئاندىن قالسا، سۆڭەك، كۆمۈرچەك، پەي، كىرگىت پەردىلەر، يۇلۇن، مېڭەقاتارلىق ئەزالارنىڭ مىزاجى سوغۇقتۇر. تارىمۇش، بۆرەك، يۈرەك مۇسكۈلى، تال ۋە تۈكلەر قۇرۇق سوغۇقتۇر.

12- پەسىل كىشىلەر ھاياتىنىڭ ياشقا مۇناسىۋىتلىك ئەھۋاللىرى

ئادەم تۇغۇلغاندىن كېيىن 15 ياشقىچە بولغان ئارىلىق ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدۇر. 15 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان جەريانى ياشلىق دەۋرى دىيىلىدۇ. 30 ياشتىن 35 ياشقىچە ياكى بەزىلەرنىڭ قارىشىچە 40 ياشقىچە بولغان ئارىلىق قىرانلىق دەۋرى دىيىلىدۇ. 40 ياشتىن 60 ياشقىچە قىرانلىق دەۋىر دائىرىسىدە تۇرىدۇ. 60 ياشتىن ئۆتسە، قېرىلىق دەۋرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۆسمۇرلەرنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ياشلار مىزاجىغا يېقىنراق، ھۆللۈكى كەم، ئىسسىقلىقى غالىب بولىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، پۇتۇن ئۆمرىدىكى مىزاجلارغا قارىغاندا مۆتىدىل بولىدۇ. لېكىن ئۆسمۈرلەرنىڭ مىزاجىغا نسبەتەن قۇرۇق ئىسسقراق، قېرىلارنىڭ مىزاجىغا نسبەتەن مۇتلەق ئىسسىقتۇر. ئوتتۇرا ياشلقتا ھۆللۈك ۋە ئىسسىقلىق كېمىيىپ تۇرىدۇ، قېرىلىقتا يوقىلىدۇ. كىشىلەر بۇ مىزاجلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ھەمىشە ھايات تۇرىۋەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەم 40 ياشتىن ئاشقاندا، ئىسسقلىقى ۋە ھۆللۈكى ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن، جىسمانى ئەمگەكتىن، جاپا_مۇشاقەت سەۋەبىدىن كۈندىن-كۈنگە كېمىيىشكە باشلايدۇ. بەزىدە غەم -ئەندىشە ياكى ئارتۇقچە خۇشاللىق تۇپەيلىدىنمۇ كېمىيىدۇ. مۇشۇ يوسۇندا بەدەندىن ھۆللۈك ۋە ئىسسقلىق چىقىم بولىدۇ. ئىستېمال قىلغان غىزا-تائاملار ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ. چۈنكى قېرىغاندا ئىنساننىڭ ھەزىم قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىدۇ. بەدەندە غەيرىي تەبىئىى ھۆللۈك ئۈستۇنلۇكنى ئىگەنلىگەنلىك سەۋەبىدىن، ئادەملەر مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ. ھېكىملار بۇنى<< تەبىئىى ئۆلۈم>> دەيدۇ.

13-پەسىل ئەسلى مىزاج

ھەركىمنىڭ مىزاجى قۇرۇققا مايىل بولسا، پۈتۈن ئۆمرىدە ھەرىكىتى ياشلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يەنى تىتىك، جۇشقۇن بولىدۇ. ھۆل سوغۇققا مايىل بولسا ، قېرىلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. تېز قېرىيدۇ. ئەگەر ئەسلى مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولسا ، ياشلىقىدا قۇرۇق ئىسسىقلىقى غالىب بولۇپ، ئۇنىڭىدىن ئۆتكەندە مۆتىدىل بولىدۇ؛ ئەگەر ئەسلى مىزاجى ھۆل سوغۇق بولسا، ياشلىقىدا ئوبدان، قېرىغاندا ئەھۋالى ناچار بولىدۇ؛ ئەگەر ئەسلى مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسا، ئوتتۇرا ياشلىقىدا ئوبدان بولىدۇ.

 

14-پەسىل خىلىتلار

خىلىتلارنىڭ ئەسلى ئورنى تومۇر ۋە كاۋاك ئەزالاردۇر. جىگەر، ئاشقازان، تال ۋە ئۆتكە ئوخشاش ئەزالاردىكى خىلىتلار ئىستېمال قىلىنغان غىزالاردىن پەيدا بولۇپ، بەزىسى ئوبدان، بەزىسى ناچار بولىدۇ. ئوبدان خىلىت تەبئىى خىلىت دىيىلىدۇ، ناچار خىلىت غەيرىي تەبىئىى خىلىت دىيىلىدۇ.خىلىتلار: قان، بەلغەم، سەپرا، سەۋدادىن ئىبارەت تۆت خىل بولىدۇ.

15- پەسىل قان خىلىتى

قان خىلىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ،جىگەردە پەيدا بولىدۇ. ئاشقازاندا ھەزىم بولغان يېمەكلىكنىڭ رەڭگى قېنىق كاشكاپ رەڭگىگە ئۆزگىرىدۇ. بۇ كەيلۇس(1-ھەزىم) دەپ ئاتىلىدۇ. كەيلۇس ئاشقازان ئارقىلىق جىگەرگە بارغاندا، جىگەردە يەنە بىر قىتىم ھەزىم بولىدۇ. بۇ كەيمۇس(2- ھەزىم) دىيىلىدۇ. ئۇ جىگەرنىڭ رەڭگىدە بولىدۇ، قانغا ئايلىنىدۇ ۋە جىگەردىن پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ، ئەزالارغا ئوزۇقلۇق بولىدۇ ھەمدە جىگەردىن يۈرەككە كىلىپ، يۈرەكنىڭ ھارارىتىدىنمۇ ئىسسىقراق بولىدۇ ۋە يۈرەككە ئوزۇق بولىدۇ. يۈرەكتە قىزىل رەڭدە بولىدۇ.

قان خىلىتى تەبىئىي ۋە غەيرىي تەبىئىي دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. تەبىئىي قان خىلتىنىڭ رەڭگى قىزىل بولىدۇ. خۇش پۇراق پۇرايدۇ، تاتلىق تېتىيدۇ. بۇ خىل قان ناھايىتى مۆتىدىل قاندۇر. غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى دېگىنىمىز، ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ھۆل ئىسسىق ياكى ھۆل سوغۇق بولۇپ، مىزاجنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ ۋە ھېچقانداق خىلىت ئارلاشمىغان بولىدۇ. يەنە بىرى سەپرا، بەلغەم ۋە سەۋدا ئارلاشقىنى بولۇپ، رەڭگى. پۇرىقى ۋە تەمىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. سەپرا سۇيۇق ۋە ئاچچىق بولىدۇ. سەۋدانىڭ ھارارىتى غالىب بولسا، تەمى تۇزلۇق، قويۇق بولىدۇ. ئەگەر ھارارىتى زەئىپ بولسا، سۇيۇق تەمى ئاچچىق بولىدۇ.


16- پەسىل بەلغەم خىلىتى

بەلغەم خىلىتى تەبىئىي، غەيرىي تەبىئىي دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ تەمى تاتلىق بولىدۇ. سەپرا ۋە سەۋداغا نىسبەتەن سوغۇقراق، ئەمما بەدەننىڭ مىزاجىغا نىسبەتەن سوغۇق بولمايدۇ. غەيرىي تەبىئىي بەلغەن خلىتى دېگىنىمىز، تۆت خىل بولىدۇ: بىرىچى خىلى سۇيۇق بولىدۇ، ئۇ رۇتۇبەتى مائى(سۇ خارەكتىرلىك بەلغەم) دىيىلىدۇ. ئىككىنچى خىلى قۇيۇق بولىدۇ. بۇ ماخاتى(ماڭقىسىمان بەلغەم) دىيىلىدۇ. ئۈچىنچى خىلى قۇرۇقراق بولۇپ، رۇجاجى(ئەينەكسىمان بەلغەم) دىيىلىدۇ: تۆتىنچى خىلى تاھايىتى قويۇق بولۇپ، بەلغىمى جەسسى (گەجسىمان بەلغەم) دىيىلىدۇ.

17- پەسىل سەپرا خىلىتى

سەپرا خىلىتى تەبىئىي، غەيرىي تەبىئىي دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، سەپرا خىلىتى قان خىلىتىدىن سۇيۇقراق بولىدۇ، ۋەزنىمۇ يېنىكرەك بولىدۇ. چۇنكى، سەپرا قاننىڭ كۆپۈكىدۇر.تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ رەڭگى، تەمى ئۆتكۈر ئاچچىق بولۇپ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، ئورنى ئۆتتە بولىدۇ. غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى تەبىئىي سەپرا خىلتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل بولىدۇ. سەپرا خىلتىغا قان ئارلاشسا رەڭگى قىزىل بولىدۇ. بۇ قىزىل رەڭلىك سەپرا دىيىلىدۇ .يەنە بىرى، تەبىئىي سەپرا خىلىتىغا بەلغەم خىلىتى ئارلاشسا قۇيۇق بولۇپ،ئىسسىقلقى كەمرەك بولىدۇ، رەڭگى تۇخۇم سېرىقىدەك بولىدۇ. بۇ تۇخۇم سېرقسىمان سەپرا دىيىلىدۇ. ئەگەر سەپرا ئاشقازاندا بولۇپ ، ئىسسىق بولسا ،رەڭگى يېشىل بولسا ئۇ كۈدە رەڭلىك سەپرا دىيىلىدۇ ئۇنىڭ ھارارىتى كەمرەك بولۇپ، ئاشقازان ئۇنى قەي ۋە ئىسھال بىلەن قايتۇرىدۇ، بەزىدە سەپرا كۆيۈپ، رەڭگى قارا بولىدۇ، بۇ قارا كۆك رەڭلىك سەپرا دىيىلىدۇ. يەنە بىرى سەپرا كۆيۈپ رەڭگى ئۆزگىرىپ، قارا بولۇپ قالىدۇ. بۇ سەپرائى سەۋدائ( قارا سەپرا) دىيىلىدۇ ئۇنىڭ تەمى ئاچچىق ۋە تۇزلۇق بولىدۇ. تۈكۈرسە، تۈكۈرۈك قاينايدۇ، ھەتتا چىۋىنمۇ يېقىن كەلمەيدۇ . ئەگەر قارا سەپرا ئۈچەيگە ئۆتۈپ كەتسە ئۈچەينى زەخمىلەندۈرىدۇ. ئەمما، زەڭگەر رەڭلىك سەپرا بۇنىڭدىن يامان بولۇپ زەھەر ھېسابلىنىدۇ.

سەپرانىڭ خۇسىيىتى: ئۇ قان ئارقىلىق پۇتۇن بەدەنگە تارقايدۇ. ئۆپكىنىڭ سەپراغا تولاراق ھاجىتى چۇشىدۇ. چۇنكى سەپرا قان ئارقىلىق ئۆپكىگە بېرىپ، ئۆپكىنىڭ نەپەسلشىگە ياردەم بېرىدۇ.بەزىدە سەپرانىڭ بىر بۆلەك قىسىمى ئۈچەيگە كىلىدۇ. بۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئۈچەيدىكى ئارتۇق چىقىرىندىلار ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ. سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىن دەرھال چوڭ تەرەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بەزى چاغلاردا سەپرانىڭ يولى تۇسۇلۇپ قىلىپ، ئۈچەيگە كىلەلمىسە بۇنىڭ سەۋەبىدىن قۇلۇنجى كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ. بەزىدە ئۈچەيدە قۇرۇت ۋە قاپاق ئۇرۇقىسىمان مەددە پەيدا بولىدۇ. ياز كۈنىدە سەپرا كۆپرەك بولىدۇ. ئاچچىقى كەلگەندە، قۇرۇق ئىسسىق غىزا يېگەندە ۋە قاتتىق ھەرىكەت قىلىغاندىمۇ، سەپرا زىيادە بولىدۇ.

 

 

18-پەسىل سەۋدا خىلىتى
سەۋدا خىلىتىمۇ تەبىئىي ۋە غەيرىي تەبىئىي دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. تەبىئىي دېگىنىمىز_ قاننىڭ لېيىدۇر. ئۇ قاندىن ئېغىر بولۇپ، تەبىئىتي قۇرۇق ۋە ساپ بولىدۇ.رەڭگى قارا تەمى چۈچۈمەل، ئورنى تالدا بولىدۇ.
سەۋدا-تولا غەم-ئەندىشە قىلىشتىن ۋە خاپىلىقلاردىن، قۇرۇق- سوغۇق غىزالىنىشتىن، تولاراق كۈز پەسلىدە پەيدا بولىدۇ. غەيرىي تەبىئىي سەۋدا بىر نەچچە خىل بولىدۇ؛ ھەرقانداق خىلىت كۆيسە،سەۋدا ھاسىل بولىدۇ؛ ئەگەر بەلغەم كۆيسە، سەۋدا ھاسىل بولىدۇ؛ ئەگەر بەلغەم خىلىتى سۇيۇق بولسا، ئۇنىڭ كۆيگىنى شور بولىدۇ؛ ئەگەر قۇيۇق بولسا، تەمى ئاچچىق ياكى شورلۇق بولىدۇ؛ ئەگەر قان كۆيسە، تەمى تاتلىق شور بولىدۇ؛ سەۋدا كۆيسە، ئۆتكۈر ئاچچىق بولىدۇ. ئەگەر يەرگە تامسا، ئۆتكۈرلۈكىدىن قاينايدۇ ۋە چىۋىنمۇ يېقىن كەلمەيدۇ. ئەگەر سەپرا كۆيسە، تەمى ئاچچىق بولىدۇ. كېسەللىك سەپرانىڭ كۆيىشىدىن پەيدا بولسا، باشقا كېسەللىكلەردىن ئېغىرراق بولىدۇ، لېكىن دەرھال چارە قىلسا، ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، يەنە بىر خىلى ئەگەر تال ئاجىز بولسا، سەۋدانى ئۆزىگە تارتىدۇ، سەۋدا قان تومۇرلار ئارقىلىق ئەزالارغا بارىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مالېخۇلىيا،قارا يەرقانغا ئوخشاش ھەرخىل كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. ھەرقانداق خىلىت بەدەندە ئۇزاق تۇرسا،خۇسۇسىيىتى ئۆزگىرىپ، قۇيۇق سەۋداغا ئايلىنىدۇ. ھەر قانداق ئاغرىق ئۇزۇنغا سوزۇلسا،جىگەر ئاجىزلىشىپ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ھەزىم ناچارلىشىدۇ ۋە ئەزالاردىكى ھەممە خىلىتلار سەۋدا غا ئۆزگىرىدۇ.ئەگەر جىگەر قىزىق بولسا،كەيمۇس كۆيۈپ، تەبىئىي سەۋدا نىڭ سۈپىتى غەيرىي تەبىئىي سەۋداۋە غەيرىي تەبىئىي قۇيۇق سەۋداغا ئۆزگىرىدۇ.سەۋدانىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى، قان ئۇنىڭدىن قۇۋۋەت ئالىدۇ، سەۋدا قان ئارقىلىق ئەزالارغا يېتىپ بېرىپ، سۆڭەك ، كۆمۇرچەككە ئوخشاش ئەزالارنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سەۋدانىڭ ئارتۇق قىسىمى جىگەردىن تالغا بارىدىغان يول بىلەن تالغا بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ. سەۋدادىن بىر ئاز قىسىمى ئاشقازانغا قۇيۇلۇش ئارقىلىق ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ياشانغانلارنىڭ ۋە تولا غەم -ئەندىشە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قېنى قارا بولىدۇ.

19-پەسىل ھەزىملەر
ھەزىم قىلىش ئورنى ئاشقازان، جىگەر، تومۇر، ئەزالاردىن ئىبارەت تۆت خىل بولىدۇ. ھەربىر ھەزىمدىن كېيىن بىر نەچچە چىقىرىندى ماددىلار پەيدا بولىدۇ. بىرىنچى ھەزىمدىن كېيىن پەيدا بولغان چىقىرىندى ماددىلار ئۈچەي يولى بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. ئىككنچى ھەزىمنىڭ چىقىرىندى ماددىلىرى ئۈچ خىل بولىدۇ، ئاۋالقىسى سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ، ئىككىنچىسى سەپرا بىلەن ئۆتتە ساقلىنىدۇ. ئۈچىنچىسى سەۋدا بولۇپ تالدا ساقلىنىدۇ، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ھەزىمنىڭ چىقىرىندىلىرى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. بەزىسى تەر بىلەن ،يەنە بەزىسى كۆرۈندىغان ۋە كۆرۈنمەيدىغان يوللار بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. كۆرۈندىغان يوللار بۇرۇن، قۇلاققا ئوخشاش ئەزالاردۇر.

مەنبە: دەستۇرۇلئىلاج. كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدا 80خالتا بلوگى ئۈچۈن: خەدىچە




[Birzat بۇنى 2010-08-01 02:58 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تېبابەت

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.