مىنىڭ پىسخىكامدا يۈز بىرىۋاتقان ئالامەتلەر ،ئاسان ئاچچىقلىنىش ، دىققىتىنى يىغالماسلىق(ئەگەر پىكىرىم بىر خىيالغا مەركەزلىشىپ كەتسە خىيالدىن ئۆزۈمنى تارتىپ چىقىرىشىم تەس ، بەزىدە ئەتراپىمدىكىلەر بىر نەچچە قېتىم توۋلىسىمۇ ئەتراپىمدا قۇلىغىمغا كىرمەيدۇ)،كەيپىياتىم تۇراقسىز (تۇرۇپ بەزى ئىشلاردىن ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىمەن ، تۇرۇپ بەزى ئىشلاردىن ئىلھاملىنىپ كىتىمەن) ...
مەن ئۈزۈمدىكى بۇقاتار بەزى پېسخىكىلىق نورمالسىزلىقلارنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمىكىن دەيمەن . ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
1. مەن كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم . شۇ تەرىقىدە يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇقۇىغان كىتاپلىرىمنىڭ مەزمۇن دائىرىسىمۇ كېڭىيىشىگە باشلىدى . قوبۇل قىلغان نەرسىلىرىم مىنىڭ چۈشىنىش دائىرەمدىن ھالقىپ كەتكەن نەرسىلەر بولغاچقىمۇ،كۆتۈرۈش ئىقتىدارىمدىن ئارتىپ كەتكەن تۈپەيلى كاللامدا بىرقاتار بېسىملار پەيدا بۇلۇپ مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغانمىكىن دەيدىغان گۇمانىم بار .
2.مەن 16 ياشقا كىرگەندە كەيىپ قىلغۇچى چىكىملىك ۋە ئىچىملىكلەرگە ئۈگىنىپ قالغان ئىدىم . ئۇ ئىشلارنى بىر يىل داۋاملاشتۇردۇم . ئاللاھقا تەشەككۇر ئۆزۈمنى ھازىر قالايمىغان ئىشلاردىن يىغىۋالدىم . ئەمدى يېڭىدىن ھايات يۇلىغا قەدەم ئېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمەن !
ئۇ نەرسىلەرنى تاشلىغاندىن كىيىن ، مىجەزىمدە چۇسلۇق ، تەتۈرلۈك كۈچىيىشكە باشلاپ ئائىلەم ۋە باشقىلارغا تەسىرى ئېغىر بۇلماقتا .
سىزدىن سورايدىغان ياردىمىم ، قانداق قىلسام ئۆزۈمنى يورۇق دۇنياغا ئېلىپ چىقىپ ، ھازىرقى ئىدىيەمدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلالايمەن . بىلىش دائىرىڭىزنىڭ يىتىشىچە ماڭا مەسلەھەت بەرسىڭىز بىرزات ئەپەندىم ! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !

" /> ئىدىيەمدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلالايمەنمۇ؟ - 80 خالتا بلوگى

ئىدىيەمدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلالايمەنمۇ؟


 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بىرزات ئەپەندى ! ياخشىمۇسىز !؟
مەن بۇيىل 17 ياشقا كىردىم. تەن سالامەتلىكىم ياخشى (مەن شۇنداق قارايمەن،ئىشقىلىپ قالايمىقان كىسەللەردىن يىراق.ئىچكى ئەزالىرىمدىمۇ مەسىلە يوق). ئىشتاھايىم نورمال.
سىزدىن سورايدىغان مەسلەھەتىم ،پېسخىكامدىكى نورمالسىزلىق بولۇپ،قانداق قىلغاندا روھىي ھالىتىمنى باشقا نورمال قۇرداشلىرىمغا ئوخشاش ساقلىغىلى بۇلىدۇ ، قانداق قىلسام قۇرۇق بېشى بار ئاخىرى يوق خىياللاردىن خالىي بۇلالايمەن ... دىگەندەك مەسىلىلەر ...
مىنىڭ پىسخىكامدا يۈز بىرىۋاتقان ئالامەتلەر ،ئاسان ئاچچىقلىنىش ، دىققىتىنى يىغالماسلىق(ئەگەر پىكىرىم بىر خىيالغا مەركەزلىشىپ كەتسە خىيالدىن ئۆزۈمنى تارتىپ چىقىرىشىم تەس ، بەزىدە ئەتراپىمدىكىلەر بىر نەچچە قېتىم توۋلىسىمۇ ئەتراپىمدا قۇلىغىمغا كىرمەيدۇ)،كەيپىياتىم تۇراقسىز (تۇرۇپ بەزى ئىشلاردىن ئۈمىدسىزلىنىپ كىتىمەن ، تۇرۇپ بەزى ئىشلاردىن ئىلھاملىنىپ كىتىمەن) ...
مەن ئۈزۈمدىكى بۇقاتار بەزى پېسخىكىلىق نورمالسىزلىقلارنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمىكىن دەيمەن . ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
1. مەن كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم . شۇ تەرىقىدە يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇقۇىغان كىتاپلىرىمنىڭ مەزمۇن دائىرىسىمۇ كېڭىيىشىگە باشلىدى . قوبۇل قىلغان نەرسىلىرىم مىنىڭ چۈشىنىش دائىرەمدىن ھالقىپ كەتكەن نەرسىلەر بولغاچقىمۇ،كۆتۈرۈش ئىقتىدارىمدىن ئارتىپ كەتكەن تۈپەيلى كاللامدا بىرقاتار بېسىملار پەيدا بۇلۇپ مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغانمىكىن دەيدىغان گۇمانىم بار .
2.مەن 16 ياشقا كىرگەندە كەيىپ قىلغۇچى چىكىملىك ۋە ئىچىملىكلەرگە ئۈگىنىپ قالغان ئىدىم . ئۇ ئىشلارنى بىر يىل داۋاملاشتۇردۇم . ئاللاھقا تەشەككۇر ئۆزۈمنى ھازىر قالايمىغان ئىشلاردىن يىغىۋالدىم . ئەمدى يېڭىدىن ھايات يۇلىغا قەدەم ئېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمەن !
ئۇ نەرسىلەرنى تاشلىغاندىن كىيىن ، مىجەزىمدە چۇسلۇق ، تەتۈرلۈك كۈچىيىشكە باشلاپ ئائىلەم ۋە باشقىلارغا تەسىرى ئېغىر بۇلماقتا .
سىزدىن سورايدىغان ياردىمىم ، قانداق قىلسام ئۆزۈمنى يورۇق دۇنياغا ئېلىپ چىقىپ ، ھازىرقى ئىدىيەمدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلالايمەن . بىلىس دائىرىڭىزنىڭ يىتىشىچە ماڭا مەسلەھت بەرسىڭىز بىرزات ئەپەندىم ! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
پىسخىكىڭىزدا كۆرۈلگەن نۇرمالسىزلىقلار ھەققىدە تونۇشىڭىز خىلىلا ئىنىق ئىكەن. يېشىڭىزغا نىسبەتەن ئىلىپ ئېيتقاندا ھازىرقى روھىي (پىسخىك ) كەيپىياتىڭىزنى بىنۇرمال دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئەقلىي قۇۋۋىتىڭىزنىڭ قۇرداشلىرىڭىزدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىگە شۈكۈرى-ھەمدى ئېيتسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىڭىزدىكى پىكىرى يۈكسەكلىكنى ئىزچىل ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش، ئاسىراش ئۈچۈن داۋاملىق تېرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كىلىدۇ. «ساغلام تەندە ساپ ئەقىل» قارىشى بويچە توغرا بولغان غىزالىنىش، ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ يېشىڭىزدىن ھالقىپ كەتكەن ئەقلى بىلىشلىرىڭىزنىڭ روھىيتىڭىزگە ھەم جىسمانىيتىڭىزگە كەلتۈرگەن بېسىملىرىنى يەڭگىللىتىشنى ئۈگۈنىۋېلىشىڭىز زۆرۈر.
مېنىڭ قارىشىمچە سىزنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىڭىز سەۋدا خىلىتىغا مايىل بولۇپ بۇ خىل مىزاجنىڭ خاراكتىرى-ئارتۇقچىلىق ھەم يېتەرسىز تەرەپلىرى، ئۆزىنى ئاسىراش كۆرسەتمىلىرى ھەققىدە تونۇشىڭىز تېخىمۇ ئايدىڭلاشسا بۇ سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن ئىجابىي ئۈنۈملەرنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن.
سىزنىڭ سۇئالىڭىز پىسخولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك سۇئال بولغاچقا بەك چۇڭقۇرلاپ جاۋاب بىرىشكە ئىمكان بولماي قالدى.
تۆۋەندىكى سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەر ھەققىدە يېزىلغان قۇرلار بولۇپ بۇنىڭدا ئېيتىلغانلىرىنى مۇتلەقلەشتۈرۋەتكىلى ھەمدە بارلىق سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرگە تەققاسلىغىلى بولمىسىمۇ كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.
ﺳﻪﯞﺩﺍ ﺧﯧﻠﯩﺘﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ؛
ﺧﯘﻟﻘﻰ: ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﺮﺍﻕ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ .
ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻯ: ﻛﯧﻴﯩﻨﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ , ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﯞﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﮕﻪ ﮬﻪﻡ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ , ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ , ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ : ﺋﻮﺭﯗﻕ ، ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ , ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰ , ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ .ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﯘﺵ , ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍﻣﺘﯘﻝ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺗﻪﻗﻘﻰ ﺗﯘﺭﻗﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺑﯘﺳﻪﯞﺩﺍ ﺧﯧﻠﯩﺘﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ .
ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ : ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ , ﺋﻪﯞﺭﯨﺸﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺗﯩﻠﻰ : ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﻣﺘﯘﻝ ﮔﻪﺯ ﺑﺎﺭ .
ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﻪﻣﻰ : ﻗﺎﯕﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺳﯚﺯ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ : ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﻏﯘﻟﯘﻕ , ﺗﻪﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ , ﯲﺯﻯ ﺗﻮﻧﯘﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ , ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ , ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﻳﯩﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﻰ :ﭘﺎﺭﭼﻪ ﭘﯘﺭﺍﺕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ , ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺋﺎﺯ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻳﯩﻴﯩﺸﻨﻰ , ﻣﯩﯟﻩ -ﭼﯩﯟﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ , ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ
ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ : ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻗﺮﺍﻕ , ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ .
ﻳﻮﻝ ﻣﯧﯖﯩﺸﻰ : ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .
ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ : ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ , ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ , ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ , ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ , ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻟﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ : ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ , ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺗﯜﻧﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .
ﮬﺎﻟﻪﺕ ﯲﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ : ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ , ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ .
ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ : ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻏﺎﻳﯩﺴﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ , ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﺩﯦﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ . ﯲﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ , ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﮬﯩﻴﻠﯩﮕﻪﺭ , ﺗﻮﺯﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺳﯩﺮ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ .
ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ : ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﯲﺗﯜﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ , ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ . ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﯖﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ , ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ , ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ , ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﮬﺎﯞﺍﻳﻰ-ﮬﻪﯞﯨﺴﻰ , ﺋﯩﺸﻖ - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ . ﺗﺎﺭﺗﯩﻨﭽﺎﻕ , ﺧﯧﺠﯩﻠﭽﺎﻧﻠﯩﻖ , ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﯞﻩ ﯲﺯﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺳﻪﯞﺩﺍ ﺧﯧﻠﯩﺘﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ .
ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻣﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ : ﺭﻭﮬﯩﻲ , ﻧﯧﺮﯞﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ , ﭼﺎﭺ - ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻥ , ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺳﻮﻏﯘﻕ ﯞﻩ ﺗﯘﻣﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
ﻛﯜﺗﯜﻧﯜﺷﻰ : ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺷﻮﺭﭘﺎ , ﻗﯩﻴﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﯞﻩ ﭘﻮﻟﻮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .
ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﻰ : ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﻠﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍﭖ , ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ , ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻳﺪﯗ .
ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ : ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭ , ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﯩﺮﻭﻥ, ﭘﯩﻼﻥ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﯓ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎﻻﻳﺪﯗ .

سەۋەنلىكلەردىن خالىي ئەمەسمىز. توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر!
تامام
_____________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
 
 
 




[Birzat بۇنى 2011-04-11 02:39 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 4 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماپىنھانە[2011-04-07 00:35 AM | del]
ياخشىمۇ سىز بىرزات ئەپەندىم،،بلوگىزنى پات پات كۆرۈپ تۇرىمەن، سىزدىن بىر مەسلىھەت سورىماقچىدىم. خېلىدىن بويان ئۆزۈمدە پىسخىكا جەھەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ، ئۇزۇندىن بېىرى ساقايماي كېلىۋاتقان بۇرۇن ياللۇغۇممۇ بەك ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ...شۇڭا سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن ،ماڭا ياردەم قىلىشنى خالامسىزكىن. چ چ 1627946421
回复قايتۇرماfurket[2010-08-03 06:41 PM | del]
مەن تۆت ياش ۋاقتىمدا بىر كۈنى ئۆيدە قازانغا ئوت كېتىپ قازاندىكى قايناۋاتقان ماي ئاپامنىڭ  قولىغا (قول بېغىشىغا ) تۆكۈلۈپ كەتتى،شۇنچىلىك دەھشەتلىك بولدىكى ،ئاپامنىڭ قولى ئۇزاق ۋاقىتقىچە ساقايمىدى.دوختۇرخانىغا بارسا قولىنىىڭ كۆيگەن يېرىنى كېسىپ ئىچىگە داكا تىقىپ شۇنچىلىك ئاغرىتىپ داۋالايتتىكى ،ئەتىسى ئۇ داكىنى يەنە ئالاتتى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاپام دوختۇرخانىدىن قايتىپ كېلىۋاتسا ،ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر مومىللىرىمىزدىن بىرى ئاپامغا ئىچ ئاغرىتىپ ،بىر ئەل ئىچى رېتسىپنى ئاپامغا دەپ بېرىپتۇ،يەنى گۈرۈچنى سوقۇپ ئېزىپ كۆيگەن يەرگە  داكا بىلەن چىك تېڭىۋەتسە ئۇنىڭ كۆيگەن يەردىكى قان -يىرىڭلارنى بىراقلا سۈمۈرىۋالىدىغانلىقىنى دەپ بېرىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئاپام شۇنداق قىلغان ئىدى،دوختۇرخانىدا شۇنچە پۇل تۆلەپمۇ ساقايمىغان قول ساقىيىپ كەتتى.ئاندىن كۆيگەن يەرگە بىر نەچچە قېتىم خىنە قويغان ئىدى،تېرىسى قارىداپ ئەسلىگە كەلدى.بۈگۈن بۇ تور بىكەتنىڭ ئەل ئىچى رېتسىپلىرىنى يىغىۋاتقانلىق ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپ كۆپچىلىككە پايدىسى بولار دەپ يېزىپ قويدۇم.ئاقساقاللىق قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭلار.
回复قايتۇرماabliz0303[2010-08-03 02:55 AM | del]
بذ ناهايتئ ياخشئ تصما بذپتذ.رةهمةت سئلئگة بئرزات ظةپةندئم .
回复قايتۇرماkainam[2010-08-02 10:01 PM | del]
يا پانا !  ھەكىم ، ما گەپلەرنى ماڭا ئاتاپ يازدىلىمۇ نىېمە ؟  قارىغاندە مەن سەۋدا خىلىتىغا نەق چۈشىدىغان ئوخشايمە جۇما !
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.