بالامنى ئوينىتىپ بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم(2)[ئەدەبىي يامىلىرىم]


مەنمۇ كىچىكىمدە شۇنچىلىك كەپسىز ئىدىمكى سەھرا بالىلىرىدىكى قاراملىق، تەلۋىلىكنىڭ ھەممىسى مەندە تىپىلاتتى. چالما يالاش ئويۇنى، چىلىشىش، قىلىچۋازلىق، سۇغا موللاق ئىتىش، يارغا يامىشىش دېگەندەك خەتەرلىك ئويۇنلاردىن ھېچقاچان يانمايتتىم. چالما يالاش ئويۇنىدا بالىلار ئىككى تەرەپ بولۇشۇپ ئۆزىمىزگە مۇداپىئە <<ئىستىھكام>> قۇرۇۋالاتتۇق. ئاندىن كېرەكلىك چالمىلارنى دۆۋلەپ قارشى تەرەپ << دۈشمەنلەر>> گە قارىشى چالما ياغدۇراتتۇق. ئۇششاق-چوڭ چالمىلار غۇيۇلداپ ئىككى ئارىلىقتا ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. ئۆزىنى ياخشى مۇداپىئە قىلمىغان، ھاڭۋاقتىراق بالىلار بۇ ئويۇندا يا بېشىنى يېرىۋالاتتى، ياكى يۈزى، قاپاقلىرى چالما زەربىسىدىن ئىششىپ قالاتتى. مەيلى يېرىلىپ قان چىقسۇن مەيلى ئىششىپ قالسۇن يارىلانغان بالا چوقۇم چىدايتتى. بۇ ئويۇن بىرەرسىنىڭ قاتتىقراق يارىلىنىشى ياكى بىرەر تەرەپنىڭ ئاتىدىغان چالمىسى تۈگەپ كىتىپ تەسلىم بولىشى بىلەن ئاخىرلىشاتتى. غەلبە قىلغۇچى تەرەپ خوشلۇقتىن چۇقۇرۇشۇپ كېتەتتى.

چىلىشىش دېگەندە - كاللا قويۇشقا، پوداققا تېپىشقا، تېزلاشقا يوق دەپ رەسمى قائىدە بىكىتىۋىلىپ ئاندىن مەيدانغا چۈشەتتۇق. بەزىدە چىرمىشىپ كىتىپ چىلىشىش چىلىشىشقا ئوخشىماي قالاتتى. بەزىدە بېقىنى يەر چىشلىگىنى چىدىماسلىق قىلىپ يەنە مەيدانغا چۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتى. مەن چىلىشىشقا چۈشسەم پۇتلاپ يېقىتىشقا خىلى ئىپىم بولغاچقا مەن بىلەن مەيدانغا چۈشمەكچى بولغىنى چاپۇتلاشقا يوق دەپ تۇرۇۋالاتتى. بۇنداق دەيدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى قارا كۈچى بار، كۆتۈرۈپ باسىدىغان تەلۋىرەك باللا بولاتتى.

سەل كىچىكرەك ۋاقىتلىرىمىز بولسا كىرەك شۇ ۋاقىتلاردا قويۇلىدىغان كىنولار بالىلىقىمىزغا خىلى تەسىر كۆرسىتىپتىكەن. -بولۇپمۇ شاڭگاڭنىڭ قارا چاپانلىق مۇشتلاشچىلىرى تەسۋىرلەنگەن كىنولارنى تولا كۆرۈپ شۇلارغا ھەۋەس قىلىشىپ كىتەتتۇق. تىلغان نېپىز ياغاچ شاللاردىن قىلىچ ياساپ كىنولاردىكى قىلىچۋازلارنى دوراپ تاراقشىتىپ قىلىچۋازلىق قىلىشىپ كېتەتتۇق. بۇنىڭدىمۇ ياخشى مۇداپىئەلەنمىسەك قول، پۇت، يۈز قىسىملىرىمىز << قىلىچ >> تېگىپ زېدە بولاتتى. <<ھالاكەت ئارخىپى>> دېگەن كىنودا بورىسنىڭ تىك قىييادىن سۇغا باشچىلاپ سەكرەيدىغان بىر كۆرۈنۈش بار. سۇغا چۈمۈلسەك ئەنە شۇ كۆرۈنۈشنى تەقلىت قىلىپ ئېگىز يەردىن باشچىلاپ شۇڭغۇيدىغان بىر خەتەرلىك ئىشنى ئۈگۈنۈپ قالدۇق. بۇنداق ئەھۋالدا سۇغا شۇڭغۇش ھالىتى توغرا بولمىسا بەزىبىر خەتەرلەرنى يۈز بەرمەيدۇ دىگىلى بولمايتتى. سۇنىڭ سۇڭقۇرلىقىنى توغرا، ئەستايدىل مۆلچەرلىيەلمەي تىك شۇڭغۇپ بېشىنى يېرىۋالىدىغانلارمۇ بولاتتى. بەزىلىرى سەكرەشنى قاملاشتۇرالماي تىك يەردىن پاقىچىلاپ (قورساقچىلاپ) سەكرەپ قويۇپ بىر ئۇزۇنغىچە ئۈنى ئۆچۈپ كېتەتتى. قورساق بىلەن سۇ يۈزىگە قاتتىق ئۇرۇلسا قورسىقى قىزىرىپ بەك ئاغرىپ كېتىدىغان گەپ. ئۆتكەندە بىر كىنو كۆردۈم: ياپۇنلۇق جىمغۇر مىجەزلىك بىر تەتقىقاتچى ئامرىكىلىق ئايال تەتقىقاتچى بىلەن جاڭگالغا بىرىپ ھەمكارلىشىپ بىر نېمە تەتقىق قىلىدۇ. ھىلىقى ياپۇنلۇقنىڭ كەم سۆزلىكىدىن ئامرىكىلىقنىڭ ئىچى پۇشۇپ كېتىدۇ. كىيىن سەل پاراڭ قىلىشىدىغان بولىشىدۇ. بىر كۈنى ھىلىق ئايال شۇ يەردىكى بىر كۆلگە سۇغا چۈمۈلىۋاتسا ھىلىقى ياپۇنلۇقمۇ سۇغا چۈشمەكچى بولۇپ ئېگىزرەك جايدىن يۈگۈرەپ كىلىدۇ. سۇ ئىچىدىكى ئامرىكىلىق ئايال ۋاقىراپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ياپۇنلۇق ئاڭلىمايلا سۇغا قورساقچىلاپ ئۆزىنى ئاتىدۇ. ئۇ ئاداش سۇغا بىر كىرىپ كەتكەنچە چىقماي قويىدۇ.  خۇدايىم ساقلاپ بىز ئۇ خىل ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالىنى ئۇچراتمىغان ئىدۇق. ئىشقىلىپ شۇ قەدەر كەپسىز ئىدۇقكى شۇ ۋاقىتلاردىكى بەزى ئىشلارنى ئويلىسام ھازىرقى بالىلارنى بەك يۇۋاش، بوشاڭ كۆرىمەن.

بىر يېرىم ياشقا كىرگەن ئوغلۇم ئۆمەر بەك كەپسىزلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بالىلارنىڭ كەپسىز بولىشى جىسمانىي تەن قۇۋۋىتى ھەم ئەقلىي قابىلىيتى-تەسەۋۋۇرنىڭ ياخشى يېتىلىۋاتقانلىقىدىنمىكىن دەپ قارىدىم. تېنىمسىز ھەرىكەت قىلىپ كۆزىگە ئۆزگىچىرەك كۆرۈنگەن نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ ئارام تاپمايدۇ. ھىلى مۈشۈك ئاسلانلىرىنى قوغلاپ مېنىۋالىدۇ، بىر دەمدە يەنە مىھرىبانلىقى تۇتۇپ يەۋاتقان نېنىنى مۈشۈكنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بىرىدۇ. مۈشۈك ئۇ ناننى يېمىسە بېشىدىن مىجىپ تۇتۇپ ئاغزىنى چاپلاپ قويىدۇ. ئۆتكەندە دەريا بويىغا ئىلىپ  بىرىپ دەرياغا تاش ئىتىشنى ئۈگۈتۈپ قويغان ئىدىم. ئەمدى ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىق بويىدا تۇرۇپ تاش ئاتىدىغان بولىۋاپتۇ. بالىسى كەپسىزرەك ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىنىڭ قىزىقىشى ھەم ئويۇنلىرىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىپ بالىنىڭ ئەركىن-ئازادە ئوينىشىغا زىيادە توسقۇنلۇق قىلمىغان ئاساستا بەزى بىر خەتەرلىك ئامىللارغا نىسبەتەن ھەر قاچان ھۇشيار بولۇپ ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى ئىشلىشى زۆرۈر ئىكەن. قايسى كۈنى ئارقا ھويلىدا ھارۋىسىنى ئويناۋىتىپ يەر ئاستىنى ئويۇپ ياسىغان چۆجە يېتىشتۈرۈش ئۆيىگە چۈشۈپ كېتىپ ھەممىمىزنى پاراكەندە قىلىۋەتتى. ئايالىمنىڭ ئەنسىز ئۇرغان تېلفۇننى ئىلىپ ئالدىراپ ئۆيگە بارسام ئېغىزىدىن تېخىچە قان سىرغىپ تۇرۇپتۇ. بىر چىشى سۇنۇپ ئىككى چىشى مىلكىنى يىرىپ ئالغا چىقىپ قاپتۇ. يېغدىن توختاپ مىشىلدا ئانىسىنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان ئادەم مېنى كۆرۈپلا ھال ئېيتىپ يېغلاپ كەتتى << دادا، پوڭ بولدۇم، دادا پوڭ بولدۇم>> دەپ چىش مىلكىنى يىرىپ سىرتىغا چىقىپ قالغان چىشىنى تۇتۇپ ماڭا كۆرسەتتى. ئىچىم سىرىلىپ كەتتى. مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ ئىقىۋاتقان قاننى سۈرتۈپ  كۆتۈرۈپلا دوختۇرغا ئىلىپ ماڭدىم. كىرەمباغ دوختۇرخانىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ئامبۇلاتوريەسىگە ئىلىپ كىرسەم دوختۇرلار كۆرۈپ ئىڭەك ئوقۇرەك سۆڭەك سۇنغاندەك تۇرىدۇ. ماۋۇ ئىككى تال چىشنى يۇلۇپ ئىلىۋېتىپ تىكىپ قويساق بولىدۇ ، دېدى. بۇ چىشنى يۇلۇپ ئىلىۋەتسەكقۇ مەيلى لىكىن 6-7 ياشقا كىرگەندە يەنە چىش چىقامدۇ ، چىقمامدۇ دېگەن سۇئالىمغا بۇنىڭغا بىر نېمە ئېيتالمايمىز دەپ گەپنى ئۈزدى. تونۇش دوختۇرلار بىلەن تېلفۇنلىشىپ يۈرۈپ بۇ ساھەدە خىلى يۈز-ئىناۋىتى بار بىلىقىز جۇرېن دېگەن خانىمنى ئىزدەپ تېپىپ بالىنى كۆرسەتتىم. ئۇ خانىم بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆرۈپ بۇ ھەقتە بىرەر قۇر چۈشەنچە بەرگەندىن كىيىن ياتاققا ئىلىپ داۋالايمىز، بۈگۈن كەچتىلا ئوپراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇراي دېدى.

داۋامى بار

attachments/month_1302/1201321111854.jpg




[Birzat بۇنى 2013-02-11 11:14 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: پارچە-پۇرات خاتىرىلەر

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 6 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماBirzat[2010-08-05 11:03 PM | del]
ئەلكۈيىدىكى تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى:
خۇرۇستالنىڭ ئىنكاسى:
بالىلىقنى ئەسلىتىدىغان تىمىڭىزنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى كۆرگۈنۈمدىن خوشالمەن !
راس دەيسىز،بالىلىق چاغلار   تۇلۇمۇ كۈڭۈللۈك،تۇلۇمۇ بىغۇبار چاغلار بولىدىكەن. مەنچە ھازىرقى بالىلار يوۋاش،بوشاڭ بۇلۇپ قىلىشىدىكى سەۋەپ:
يىڭى زاماننىڭ گۆھەرلىرى،كېلەچەكنىڭ ئىگىسى بولغان بۇ ئۇماق بالىلار،ئاپىسىنىڭ  قۇسىقىدىن چۈشۈپلا يەر دەسسىمايدۇ.بەك ئەتىۋارلىنىپ كەتكەچكە  2-3 ياشقا  كىرگۈچە تۇرالمايدۇ ماڭالمايدۇ.بەك پاكىز بېقىۋەتكەچكە  توپا،لاي،پىتىق دىگەنلەرنى بىلمەيدۇ.مەكتەپ يىشىغا بارغاندا ئاتا-ئانىسى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بالىلار بىلەن بۇرۇن-تۇمشۇق يېرىشىپ ئوينىغۇدەك پۇرسەتمۇ بولماي قالىدۇ. ئۆيدە ياخشى تەربىيە ئىشلەيمىز دەپ ئائىلە تۈزۈمى چىقىرىپ بېرىدۇ،مەكتەپتە بولسا مەكتەپنىڭ تۈزۈمى ئىچىدە  بۇرۇقتۇما بولۇپ ئۆتىدۇ.دەرىسلىك كىتاپتىن باشقا قۇشۇمچە تىل ئۈگۈتىمىز دەپ ئۆز تىلىنىمۇ تۈزۈك چىقىرىپ بولالمىغان كىچىككىنە بالىسىغا چەتنىڭ تىلىنى،ياكى بولمىسا داڭلىق سەنئەتچى ،ئارتىس قىلىمىز دەپ  يات مىللەتنىڭ مۇزىكىلىرىنى،ئۇسۇللىرىنى،ناخشىلىرىنى ئۈگۈتىدۇ....
  مۇشۇنداق تەربىيە ئاستىدا ئۈسكەن بالىلارنىڭ نەدىمۇ ئۆسمۈرلۈك ئەسلىمىلىرى بولسۇن؟ نەدىمۇ يېزا تۇرمۇشىنى ئەسلىگۈدەك  ئىزنالىرى بولسۇن؟
شەھەر-بازارلاردا چوڭ بولغان بالىلار بىلەن يېزا تۇرمۇشىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ پەرقى بەكمۇ چوڭ بولىدىكەن.مانا بىز  ئەشۇ تۇرمۇشنىڭ گۇۋاھچىلىرى.
ھە راس،ئۈزەمنىڭ گىپى بىلەن بوپ كىتىپ  تىما ئىگىسىگە رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپتىمەن.بۇ تىمىڭىز بىلەن مەنمۇ بالىلىقىمنى يەنە بىر قىتىم ئەسلىۋالدىم.رەھمەت ئەجرىڭىزگە.

ئالىپنىڭ ئىنكاسى:
مانا بىرزاتكام پەرزەنتلىك بولۇپ ھېس - تۇيغۇ ، ئوي - پىكىرلىرى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگىلى تۇرۇپتۇ ! پەرزەنتىڭىزنىڭ ساق- سالامەت تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
    كېيىنكى يازمىلىرىڭىزغا قاراپ قالدۇق ئەمىسە !

ئاتىكەمنىڭ ئىنكاسى:
ئادەمنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلىتىپ قويدىڭىزغە ئەمدە،،،  
بالىلار توغرىدسىدىكى تۆۋەندىكى بىر كوپلىت شىېرنى يېزىپ قوياي

پىچىرلىشىپ قىلسا مەسلەھەت،
كۇچۇك دوراپ قويىدۇ غىڭشىپ.
سۇغا ئوخشاش ساپ خىياللىرى،
دىلدىن-دىلغا ئاقار سىڭىشىپ.
回复قايتۇرماYuksel[2010-08-06 03:11 AM | del]
ئاپلا، ئوغلىمىز ئۆمەرجاننىڭ زەخىملەنگەنلىكى قاملاشماپتۇ. ھەر ھالدا ياخشى ھىمايە قىلىپ بېقىش كېرەك ئىدى. ئاللاھ ئىگەم ئۆزى شىپالىق بەرسۇن!
بالىلىق ھەققىدىكى ئەسلىمەڭلەرنى ئوقۇپ ، ئۆزۈم يازغان << ئالتۇنرەڭ بالىلىق >> دېگەن ئەسلىمەم ئېسىمدىن كەچتى...
回复قايتۇرماkunupka[2010-08-06 03:54 PM | del]
ياپۇنىيىلىكلەر قونچاق فىلىمگە ئەپيۇن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەمدىكىنتاڭ، ھازىرقى كىچىك بالىلار ياپۇننىڭ قونچاق فىلىملىرىگە نىمانچە ئامراقتۇ دەيمەن.
回复قايتۇرماBirzat[2010-08-07 03:42 PM | del]
ئەلكۈيىدىكى تورداشلارنىڭ بۇ تېمىغا قاتناشتۇرغان ئىنكاسلىرى:
ۋاقىت:
سەل ھەركەتچان، <<گەپ ئاڭلىمايدىغان>> باللار ئەقىللىق كىلىدۇ. ئاتا_ئانىلار بولسا باللىرىنى ئەدەپ_ئەخلاققا يات بولمىسىلا ئەندىشە قىلىپ، تىزگىنلىۋالماي ئۇلارنى ئەركىن قويۇپ بەرگىنى ياخشى. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئاتا_ئانىلار باللىرىنىڭ يىتىلىۋاتقان تالانتىنى بايقىماي بوغۇپ قويىدۇ.

سەركەردە:
ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻢ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﻗﯘﭘﯘﭖ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﺴﺎﻡ ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ " ﮬﻪﻱ ﺑﺎﻻﻡ،ﻗﯘﺭﺳﯘﻗﯘﯓ ﺋﺎﭼﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ،ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎﻳﻠﻰ " ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻛﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﯩﺴﻪ ﺋﯘﻳﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺑﯘﻻﺗﺘﯩﻢ ..ﺋﯚﻱ ﻧﻪﺩﻩ ؟ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﻧﻪﺩﻩ ؟ ﻛﺎﺭﯨﻢ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻣﯜﻛﯜﺷﻤﻪﻙ ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﺎﻡ ،ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﻣﯩﮭﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ:ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﯘﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﯘﻕ ....ﻛﻪﭺ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﻡ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ ..ﮬﻪﻱ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ......ﻗﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﺎﯓ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﯩﻢ ،ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﻩ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺯﻟﯘﻗﻘﺎ ﭼﺎﯓ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﺯ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﺗﻮﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ...ﺑﻮﻳﻨﯘﻣﻐﯩﭽﻪ ﻣﯘﺯﻏﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻢ ﻻﻏﯩﻠﺪﺍﭖ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻨﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﭘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .ﻳﻮﻝ ﺑﯘﻳﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯜﯕﯜﻝ ﺑﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ....
ﻳﯧﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،ﯞﺍﻱ ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﺧﻮﺵ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻣﻜﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ،ﺧﻮﺷﻠﯩﻘﯩﻤﺪﺍ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﯩﻢ ....ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﺎﻻ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﯩﻢ ...ﮬﯧﻴﯩﺖ - ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﺩﯨﺴﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻛﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺘﺘﻰ ، ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ ﮬﯧﻴﺘﻠﯩﻖ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﻨﻰ ، ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ....ﯞﺍﻱ ﯞﯗﻱ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺟﯩﻘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺯﺳﺎﻣﻤﯘ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺘﺘﻰ ....
ﺗﯘﻟﯘﻗﺴﯩﺰ2 -ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ،ﺧﯘﺷﺎﻝ _ ﺧﯘﺭﺍﻡ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺴﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﻣﯘ ﺑﯧﺴﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﺗﻪﺗﯜﺭ ﭘﻪﻟﻪﻙ ﻣﻪﻥ 14 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ..ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﻪﺑﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﻘﯘﻡ ﺑﺎﺭ ،ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ،ﺋﺎﺷﯘ ﻏﻪﻣﺴﯩﺰ ﮔﯜﺩﻩﻙ ﺳﻪﺑﻰ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﯘﻧﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ .....! ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﻳﯘﺗﻘﯘﻡ ﺑﺎﺭ ! بىرزات ئەپەندىمنىڭ تېمىسىغا رەھمەت،سۈيۈنۈش ئىلكىدە گەرچە بالىلىقىمغا قايتالمىساممۇ ئەمما بالىلىقىمنى بىر قېتىم ئەسلىۋالدىم.ئۇزۇندىن مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىزنىڭ سادىق ئوقۇرمەنى مەن.

مۇبارەك:
ئادەمنىڭ بالىلىق ۋاقتىغا نېمە يەتسۇن ،بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ بالىڭىزغا ھەۋەس قىلىپ قالدىم ،نېمە بولسا تېشىغا چىىقىپ ئەركىن ئوينىيالايدىكەن ،بىرەر يىرى زەخمىلەنمىسىلا تېشىغا چىقىپ ياكى ھويلىدا رىيال ھەقىقى  نەرسىلەرنى  ئويۇنچۇق قىلىپ ئوينىسا نېمە دىگەن بەخىتلىك .
مېنىڭ ئۈچ پەرزەنتىمگە بەكمۇ ئىچىم ئاغىرىدۇ ،ياكى تېشىدا بالىلارغا قۇشۇلۇپ ئوينىيالمىغان ،{بۇ چەتئەلدە شۇنداقكەن ،خەقنىڭ بالىلىرىغا قۇشۇلۇپ ئويىنايدىغان ئىش يوق.پەقەت ئۆزى بىلەن ئۆزى ئويناشلا خالاس }شۇڭا تېشىغا ئەچىقساممۇ بىر ئازدىن كېيىن ئۆيىگە كىرىپ كىتىشكە ئالدىرايدۇ،ئۆيىنىڭ ئىچى يالغان ئويۇنىچۇققا توشۇپ كەتكەن ،ياكى تېشىدا بىرەر دەم يۈگۇرۇشمۇ يوق قاچان يولغا چىقىپ قالسا ماشىنا بىسىۋالدىكىن دەپ ئەنسىرەپلا يۇرگەن . يۇگۇرگىلىمۇ ئاتايىتەن باغقا ئاپىرىمىز ،يەنە كىلىپ جىق ماڭىدىغان ئىشمۇ يوق ،كەچكىچە نەگە بارسا ماشنىىدا ،ئەتگەندە ماشىنام بىلەن يەسىلىگە ئەكېىرىپ بىرىپ سىنىپىمغا چىقىپ كەتسەم دەرىسىم تۇگىگەندە ئىېلىپ ياندۇرۇپ كېلىپ قۇرسىقىنى توقلاپ ئۇيۇنچۇقلىرىنى بىر ئاز ئويناپ ئاڭىغىچە كەش بولسا ئۇخلاپ، دىگەندەكلا ئوتىدۇ ،ھەي ۋەتەندىكى بالىلارغا بەكمۇ ھەۋىسىم كېلىدۇ ،ئۇلارنى ئويلىغانسىرى بالىلىرىمغا ئىچىم ئاغىرىدۇ.بالىلىرىم تېخى كىچىك تازا كىيىملىرىنى مەينەت قلىپ نېمە قلىغىسى كەلسە شۇنى قىلىپ ئوينايدىغان ۋاقتى ئىدى.ئەپسۇس .

回复قايتۇرماسەفىيە[2010-08-13 02:01 PM | del]
بالىلىقنى ئەسلەش تولىمۇكۆڭۈللۈك ئىش، كىچىكىمدە مەنمۇ تولا كەپسىز ئىدىم بولۇپمۇ بەكرەك كىچىك ۋاقتىمدا.
ھەر تەتىل بولسىلا سەھراغا قاچاتتىم، شۇ يەردىكى دوسلىرىم بىلەن بەك ئوينايتۇق . لاي سۇغا چۈشۈپ.. كىلىپ ئانامدىن تىل ئىشتىپ بەزىدە ھەتتا ئانھە مۇنھە تاياقمۇ يەپ.. يەنە بېرىپ چۈشىۋىرەتتۇق. بالىلىقنى سەھرادا ئۆتكۈزۈش بەك كۆڭۈللۈك!
回复قايتۇرماBirzat[2010-08-26 04:04 PM | del]
تارىم ئوغلىنىڭ ئىنكاسى:
"بالامنى ئوينىتىپ بالىلىقنى ئەسلەپ قالدىم " نى ئوقۇپ ، مەنمۇ راستىنلا بالىلىغىمنى كۆپ سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىدىم. مەنمۇ بالىلىرىمنى ئويناتقان چاغلىرىمدا دائىم بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەيدىغان. بىزنىڭ كىچىك چاغلىرىمىزدىكى ئويۇنلار ھازىر يوق. ھازىرقى بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىمۇ ئەينى چاغدا يوق. بىز كىچىك چاغلاردا قانچىلىك ئوينىساق ئاتا - ئانىلىرىمىز ئەنسىرەپمۇ كەتمەيتى.قانغۇچە ئوينايتۇق. ھازىر بالىلىرىمىز ئوينىغىلى يېرىم سائەت يوقاپ كەتسىمۇ ، خۇددى ھازىرلا تۇتقۇن قىلىنىدىغاندەك، ياكى ئۇ يەر بۇ يەرلىرى سۇنۇپ، يارلىنىدىغاندەك دەككە دۈكىدە ئەنسىرەپ تۈزۈكرەك ئوينىشىغىمۇ يول قويمايمىز...شۇڭا مەن ئىمكان قەدەر ۋاقىت چىقىرىپ ئۈژۈم يىىگىلى ئەپچىقىش، يېزا قىشلاقلارغا ئاپىرىپ قوي، كالا ، ئات ، توخا دىگەندەك ھايۋاناتلارنى كۆرسىتىش، باشقا شەھەرلەرگە ساياھەتكە ئاپىرىش دىگەندەك بالىلارنىڭ يۇمران قەلبىگە بالىلىق ھىس تۇيغام بويىچە سىڭىپ كىرىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ قالدىم.
ھازىر بىز بالىلىغىمىزغا قايتالايمىز ، دەپمۇ قايتالمايمىز. تۈنۈگۈن بىر بالا ئىدىم. مانا ھەش پەش دىگۈچە ئەر ئوتتۇرسى بولۇپ قالدىم.ۋاقىت نىمە دىگەن تېز ئۆتكەن ھە؟!....
زاھىر بۇرھان ئورۇندىغان " بالىققا قايتقۇم بار " ناخشىسى بىلەن پەرھات ئابىت چوغلاننىڭ " بالىلىقنى ئەسلەپ" دىگەن ناخشىنى ئاڭلاپ قويۇشقا تولىمۇ ئامراق.  بالىلىقنى خويمۇ سېغىندىم. بەزىدە بالىلىققا قايتىپ ياخشى ۋەزىيەتتە  باشقىدىن ياشاپ باقسام دىگەن شىرىن خىياللارغىمۇ چۆمۈلۈپ قالىمەن. لېكىن بۇ مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەستە. ھازىرقى مۇشۇ يېشىمغىمۇ كۆپ شۈكرى. پەقەت ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئەھمىيەتلىك ياشىساق ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز بالىلىق چاغلىمىز مۇشۇ بولماي نىمە؟...
تۇرۇپلا بىر شېئېر ئېىمگە كېلىپ ، يېزىپ قويغۇم كەلدى.
                                              
                                         بالىلىقنىڭ قەدرىگە ياشلىقتا يەتتىم،
                                         ياشلىقنىڭ قەدرىگە يەتكەندە قېرىپ.
                                         قېرىلىق قەدرىگە يېتەي دىگەندە ،
                                         قاپتىمەن جىنازا ئالدىغا بېرىپ.
دەپ، ئادەم ئۈمۈت بىلەن ياشاپ، ئارمان بىلەن كېتىدۇ . نۇرغۇن ئىشقا پۇشايمان قىلغان بىلەن بەرىبىر ئورنىغا كەلمەيدۇ. شۇڭا ۋاقىتنى قەدىرلەش تولىمۇ زۆرۈر. " مېنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىم ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمەيمەن دەپ يۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىپتۈ" دىگەندەك ۋاقىتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. بالىلىرىمىزنىڭ ۋاقتىنى تېخىمۇ بوشقا ئۆتكۈزۋەتمەيلى! ئۇلارنىڭ بالىلىق ئويۇنلىرى بىلەن تەربىيلىنىشىنى ماسلاشتۇرۇپ ، بالىلارنىڭ دوستى ھالىتىدە ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلەيلى! چۈنكى ھەممىزنىڭ ئېيتقاندەك ، بالىلىق چاغلىرىمىز ئۆتكەن. بالىلىرىمىزنىڭمۇ بىزدەك ۋاقىتلىرى ھايت - ھۇيت دىگىچە كېلىدۇ. بالىلىرىمىزنىڭ، ئوماقلىرىمىزنىڭ كۈنلىرىنىڭ مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك ئۆتىشىنى، كەلگۈسىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ، ياخشى بولىدىغىنىغا ئىشىنىمەن. ھەم شۇنداق بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.