بەدەن ئەزالىرى ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن باشقا،كۆپ ساندىكى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىكى مەسىلە كۆپىنچە روھىي بېسىم، كەيپىيات ۋە بەدەن كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئاجىزلىقىنى ياخشىلاشتا, داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئالدى بىلەن جىنسىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش، تۇرمۇشتا قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات قىلىش، ئۆزىنى ئەركىن- ئازادە تۇتۇش ھەمدە جورىسى بىلەن بىللە جىنسىي ھەۋەسنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللارنى ئۇگىنىش لازىم.

" /> جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش Sexual Function Problems in Men - 80 خالتا بلوگى

جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش Sexual Function Problems in Men


ئەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشتىن ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي بالدۇر كىتىش ۋە مەنىي چىقىرىش توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى ئاساسەن ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: فىزىئولوگىيىلىك ئامىل، پسىخىكىلىق ئامىل، ۋە مەدەنىيەت ئامىل.
ئەرلەر ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا بەدەن ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدىغانلىقى، تۇرمۇش، خىزمەت بېسىمى ئىنتايىن چوڭ بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھىت ۋە يېمەك-ئىچمەك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى، شەخسلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىكى پەرقلەر تۈپەيلىدىن، زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى قىيىن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ساغلام ۋە كۈچلبك ئەر بولغان تەقدىردىمۇ، زىيادە چارچىغان، ھاراق ئىچىپ مەسىت بولغان، ئېغىر كىسەلدىن ئەمدىلا ساقايغان، كەيپىياتى ناچارلاشقان ئەھۋالدا، ئوخشاشلا زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
بەدەن ئەزالىرى ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن باشقا،كۆپ ساندىكى ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدىكى مەسىلە كۆپىنچە روھىي بېسىم، كەيپىيات ۋە بەدەن كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئاجىزلىقىنى ياخشىلاشتا, داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە ئالدى بىلەن جىنسىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش، تۇرمۇشتا قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات قىلىش، ئۆزىنى ئەركىن- ئازادە تۇتۇش ھەمدە جورىسى بىلەن بىللە جىنسىي ھەۋەسنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللارنى ئۇگىنىش لازىم.
يېمەك -ئىچمەك جەھەتتە تەركىبىدە ھايۋانات مەنبەلىك ياغ بار، ياغدا پىشۇرۇلغان، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، يەنە جىددى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئىسسىق سۇدا، پار مۇنچىسىدا يۇيۇنۇشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش لازىم.
بۇلاردىن باشقا، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئارتېرىيە قېتىشىش كېسلىگە گىرىپتار بولسا قاننىڭ زەكەر ۋە نېرۋىغا ئېقىپ بېرىشى توسالغۇغا ئوچراپ، بىمارنىڭ زەكىرىنىڭ قايىم بولۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەمما ئەگەر زىيادە چارچاشتىن ۋە كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ۋاقىتلىق ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق بولسا ياكى ياشقا چوڭىيىپ قالغان ئەرلەرنىڭ زەكىرى خىلى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن قايىم بولىدىغان بولۇپ قالسا، بەك ئەنسىرەش ھاجەتسىز.
كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر
كۆكتات: سەۋزە، چامغۇر قاتارلىقلار.
مېۋە-چىۋە: شوخلا، قوغۇن، لىمۇن قاتارلىق مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا بولىدۇ
دانلىق ئاشلىق، قارا ئاشلىق: بۇغداي ئۈندۈرمىسى،خاسىڭ، ياڭاق، كاۋا ئۇرۇقى، گازىر، نوقۇت دېگەندەك پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، قاتتىق پوستىلىق مېۋە قاتارلىقلار.
باشقىلار: توخۇگۆشى، بېلىق، كەپتەر، قۇچقاچ، ياڭاق مېغىزى, ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، ئادەمگىياھ، قاتارلىقلار.
ئۇسسۇزلۇققا : قايناق سۇغا ئىككى-ئۈچ تال زەپە سىلىپ سوۋۇتۇپ قويۇپ جېگدە چېچىگى ھەسىلى سىلىپ ئىچىپ بىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بىرىش قاتارلىقلار




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش Sexual Function Problems in Men

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 5 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماzomigar[2014-05-16 06:40 PM | del]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم  ياخشىمۇسىز؟ مەن ئۇزۇن مەزگىل پىۋا ئچكەنلىك سەۋەبىدىن بورەك ئاجىزلاپ كېتىپتۇ، ئايالىم بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بەك تېز بولاپ ئايالىمنىڭ كوڭلى ئوتۇلمەيدۇ ، بەك خىجالەتتە قالدىم. ئائلىدە ئوزىمىز تەييارلىيالايدىغان ئۇنۇملۇك رستىپلار بولسا يول كورستىلسە ؟ تىزىملىككە يولليالمىدىم شۇگا ئنكاس قالدۇرۇشۇم .
回复قايتۇرماTOGRAH501[2012-11-01 11:38 PM | del]
ئەگەر سوراشقا خىجىل بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ  2239898840
回复قايتۇرماAlim.123[2011-01-02 11:01 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى،ياخشىمۇسىز! مەن ھازىر 24 ياشقا كىردىم.مەن تېخى توي قىلمىغان مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقوغۇچى،يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى جىنسىي ئەزايىمنىڭ كىچىكلىكىدىن  دائىم كۆڭلۇم يېرىم بولاتتى ئادەتتە 1~2 cm، چوڭلىغاندا 5cm ئەتراپىدا.  يېقىندا ئۆيدىكىلەر مېنىڭ مەكتەپنى پۇتتۇرۇپلا توي قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سېلىپ مېنى تېخىمۇ بىئارام قىلىپ قويدى.شۇڭلاشقا سىزدىن قانداق قىلىش توغرىسىدا ياردەم سوراپ بۇ خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ماڭا بىر ئەقىل كۆرسەتكەن بولسىڭىز.
回复قايتۇرماbeqqara[2010-10-23 12:11 AM | del]
ھۆرمەتلىك بىر زات ئەپەندى،ياخشىمۇسىز.قىلغان ئىشلىرىغا ئاللادىن بەرىكەت تىلەيمەن.مەن بۇ تىمىنى ئۇقۇپ مىننىڭمۇ مۇنداق بىر ئىش تۇغرىلىق سىلىدىن مەسلىھەت سوراشنى لايىق تاپتىم.بۇ گەپنى باشقىلارغا ئالدىراپ دىگىلى بولمايدىكەن،ئاللا خالىسا بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىپ ماڭا ياردەم قىلىشلىرىنى ئۈتىنىمەن.مەن كىچىك ۋاقىتىمدىن تارتىپلا باشقىلار تەرىپىدىن ئانانىزىمغا ئۆگىنىپ قالغان ئىكەنمەن،كىيىن ئىسىمنى بىلسەم ئاللىقاچان كىچىككەن بولدۇم.بۇ .ئىشتىن تاكى ھازېرغىچە ساقيالمىدىم . ئەمدە ھەقىقى قاپلاشقاندا  ئامالسىز سىز دىن  ياردەم سورماي بولمىدى .
مەن بۇ يىل 20 ياش ئانانزىم بىلەن شۇغۇللانغىلى 5 يىل بولدى .
ئۇيدىكلەر مىنى  ئۇيلەپ قويۇش توغۇرلۇق مىنىڭ بىشىمنى  ئوچاق ئەتكىلى تۇردى . لىكىن مەن  ئۇزۇمگە ئۇزۇم  ئايان بولغاچ ، بۇ توينى ئامالسىز ئاخىرغا سۇرۇپ 5 ئايغا توختاتتىم ،لىكىن ئۇيدىكلەر يەنلا  قىستاپ تۇردۇ . لىكىن مەنمۇ چىڭ تۇرمەن . چۇنكى مەندىمۇ باشقا ئامال يوك  ئۇيدىكلەر مىنىڭ  قانچە بىچچارە ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدۇدە .
شۇڭا ئاخىر سزنى لايىق تاپتىم
شۇڭا ئامالسز سىزدىن ياردەم سورماقچى بولدۇم ،
مەندە سز دىگەن ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى بار . ئىغىرراقى  زەكەر يىگلەش ، مەنى بالدۇر كىتىش  بەكرەك ئىغىر، شۇڭا سزنڭ مەندەك بىر بىچچارىنى يۇلەپ قويشىڭزنى بەكمۇ ئۇمۇت قىلمەن ، ھەم 80 خالتا ئارقىلىق  ھەققى بىر ئەركەك بولۇپ چىقشىمنى بەكمۇ ئۇمۇت قىلمەن ،
ھەم بۇنىڭدا سزنىڭ ياردىمڭزدىن ئايرىلالمايمەن.
ماڭا ھازىر ساق بىر ئاي بولدى . بۇ نىجسنى تاشلىدىىم ، ئاللا خالىسا مانا بۇگۇن 20 يىلنڭزى تۇنجى قىتىم تەبىئى ئھتىلام بوپتىمەن .
شۇڭا قالغانى يولنى سز ماڭا كۇرسەتسىڭز ، مەنمۇ باشقا ئەركەكلەردەك مەيدەمنى كىرىپ ئايالىمنى يۇتلەپ يۇرسەم  ، ھەم ئاشۇ ئايالىم  ئالدىدا  لاتا سانلىپ قالمىسام .
ھە راس سزدىن سورايدىغان يەنە بىر ئىشىم  مەن قايسى كۇنى زويتۇن مىيى بىلەن چۇمۇلە مىيدەن  سىتۋالغان ، لىكىن ئۇلارنى قانداق ئىشىلتىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ، ئىككىسنى 10 يۇنگە ئالغان  ھېلقى كىچىك پىنسىلىننىڭ قۇتسىدىكەن، ساختا ئەمەستۇ ھە .
ئاللا  سىلدىن مىڭ مەرتىۋە رازى بولغاي . ماڭا بىر ياردەم قىلسىلا .
回复قايتۇرماNURIYA[2010-09-01 10:48 PM | del]
ياخشىمۇسىلەر  قەدىرلىك تورداشلار~!
مەن بۇتوربەتكە  يىڭىدىن ئەزا  بولغانتىم ،  جىددى سورايدىغان  مەسلىھەتىم باتتى ،  شۇ مەسلىھەتىمنى  نەگە  يېزىشىمنى  بىلەلمەيۋاتىمەن. خۇدانىڭ  يولىدا ماڭا ياردەم قىلىپ دەپ  بەگەن  بولساڭلا.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.