تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى-- ئەڭ كەڭ دائىرىدە تەتقىق قىلىش يۇشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولغان غول ھۈجەيرە بولۇپ، بارلىق تۈرلەردىكى بەدەن ھۈجەيرىسىگە ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ. تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ ئۈنۈمى تولۇق ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، ئالىملار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، دىئابىت كېسەللىكى، يۈرەك كېسەللىكى، راك، پاركىنسون يىغىندا كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشنى يېڭى ئۇسۇللار بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى-- تۆرەلمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بولغانلىقتىن، بۇ تۈردىكى تەتقىقات-- ئامېرىكىدا ئەخلاق جەھەتتىكى بەس- مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولدى.

" /> تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقات تالاش-تارتىشى Stem Cell Cultivation - 80 خالتا بلوگى

تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقات تالاش-تارتىشى Stem Cell Cultivation


ئامېرىكا كولومبىيە ئالاھىدە رايونى يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيىسى روئىس رانبوس مۇشۇ ئاينىڭ 23- كۈنى قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ بۇلتۇرقى ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى زۇڭتۇڭ بويرۇقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. رانبوس قاراردا "فېدىراتسىيە مەبلىغىنى ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا ئىشلىتىش-- فېدىراتسىيە قانۇنىغا خىلاپ." دېدى. بۇ قارار-- ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ كۈچلۈك بەس- مۇنازىرىسىگە سەۋەپ بولدى. ئىنسانلار تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىنى قوللايدىغان ئالىملار بۇنى "چېكىنىش" دەپ ئەيىپلىدى. قارشى تۇرغۇچىلار بولسا "ئەقەللىي ساۋات بويىچە بولغاندىمۇ، ئىنسانلار تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىنى چەكلەش كېرەك." دەپ قارىدى. ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى "فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا ئەرز سۇنۇشى مۇمكىن." دەپ مۆلچەرلىدى.
قاراردا "تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى تۆرەلمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. فېدىراتسىيە مەبلىغىنى ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا ئىشلىتىش-- فېدىراتسىيە قانۇنىغا خىلاپ." دەپ قارالدى.
سودىيە رانبوس تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا قارشى تۇرىدىغان ئىككى ئالىم ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، يۇقارقى قارارنى چىقارغان بولۇپ، ئۇ "ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭ بويرۇقىدا، 1996- يىلى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان "دېككىي ۋېرك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى"خاتا چۈشىنىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىدە، فېدىراتسىيە مەبلىغىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمىسىنى ياساپ چىقىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش تەتقىقاتىغا ئىشلىتىلىشى چەكلەنگەنىدى." دېدى. ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو ئىستانسىسى مۇنداق دېدى: 1999- يىلى، كېلىنتون ھۆكۈمىتى تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىدىن ئىجادىي ھالدا ئايلىنىپ ئۆتۈپ، "تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى بولۇپمۇ خۇسۇسىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بېرىش-- تۆرەلمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ." دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ تۈردىكى قانۇنىي چۈشەندۈرۈشنى داۋاملىق قوللاندى. 2001- يىلى 8- ئايدا، بۇش زۇڭتۇڭ بويرۇقى ئىمزالاپ، فېدىراتسىيە مەبلىغىنى تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى ئېلىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىشنى چەكلەپ، ئەينى ۋاقىتتا بار بولغان 21 خىل تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى تەتقىق قىلىشقىلا ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوباما بولسا بۇش دەۋرىدىكى كونا ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، بۇلتۇر 3- ئاينىڭ 9- كۈنى زۇڭتۇڭ بويرۇقى ئىمزالاپ، فېدىراتسىيە مەبلىغىنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رانبوسنىڭ قارارى ئەمەلىيەتتە 3 قارارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئىنكار قىلغان بولدى. رانبوس 15 بەتلىك قارارنامىدا مۇنداق دېدى: "غول ھۈجەيرە بىلەن تۆرەلمە بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىنىڭ ھەممىسى تۆرەلمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. "دېككىي ۋېرك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى"دە، دۆلەت مەجلىسى ھۆججىتىنىڭ بىردەك مۇددىئاسى-- فېدىراتسىيە مەبلىغىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمىسىنى ياساپ چىقىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش تەتقىقاتىغا ئىشلىتىلىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت. ئەگەر، دۆلەت مەجلىسى مەلۇم جەھەتتىكى تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ئويى بولسا، قانۇن لايىھىسىدە ئېنىق كۆرسەتكەن بولاتتى. قانۇن لايىھىسىدە ئۇنداق يېزىلمىغان ئىكەن، سوت كوللىگىيىسى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىشى كېرەك ئەلۋەتتە."
تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى-- ئەڭ كەڭ دائىرىدە تەتقىق قىلىش يۇشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولغان غول ھۈجەيرە بولۇپ، بارلىق تۈرلەردىكى بەدەن ھۈجەيرىسىگە ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ. تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ ئۈنۈمى تولۇق ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ، ئالىملار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، دىئابىت كېسەللىكى، يۈرەك كېسەللىكى، راك، پاركىنسون يىغىندا كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشنى يېڭى ئۇسۇللار بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى-- تۆرەلمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بولغانلىقتىن، بۇ تۈردىكى تەتقىقات-- ئامېرىكىدا ئەخلاق جەھەتتىكى بەس- مۇنازىرىلەرگە سەۋەپ بولدى.
سودىيە رانبوس ئىمزالىغان چەكلەش بويرۇقى ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارارنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھامىلە چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرىدىغان ۋە خىرىستىيان دىنىنى قوللايدىغان بىر قىسىم تەشكىلاتلار بۇ قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "ئەقەللىي ساۋات بويىچە بولغاندىمۇ، ئىنسانلار تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىنى چەكلەش كېرەك." دېدى. بىر خىرىستىيان دىنى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى "ئوباما ھۆكۈمىتى قانۇنىي ئۇقۇمنى ئوغىرلىقچە ئالماشتۇرىۋەتمەكچى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى." دېدى.

غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىنى قوللايدىغان ئىلىم- پەن ساھەسىدىكىلەر بۇنىڭدىن نارازى بولدى. "بوستون يەر شارى گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بوستون بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ غول ھۈجەيرە تۈرى مۇدىرى زېئىن مۇنداق دېگەن: "بۇ قارار-- چېكىنىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بارلىق تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قالايمىقانچىلىققا باشلاپ كىردى." خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بايانات ئېلان قىلىپ، چەكلەش بويرۇقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە "بۇ-- نۇرغۇن كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش مۇساپىسىنى كېچىكتۈرىۋېتىدۇ." دېگەن. كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر تىببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقات تۈرىگە مەسئۇل خادىمى "بۇ قارار-- ئامېرىكىنىڭ بىئو داۋالاش تېخنىكىسىغا قارىتا، ئاجايىپ ئېغىر زەربە بولدى." دېدى.

قوللىغۇچىلار دۆلەت مەجلىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ قارار توغرىسىدا ئەرز سۇنۇشىنى تەشەببۇس قىلىشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، ئوباما ھۆكۈمىتى تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا ئەزەلدىن قاتمۇ- قات چەك قويۇپ كەلگەنىدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى بۇلتۇر 7- ئايدا ئېلان قىلغان "ئەڭ ئاخىرقى كۆرسەتمە"دە، "كۆپىيىش مەقسىدىدە، بەدەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا قارىتا، فېدىراتسىيە مەبلىغىدىن ياردەم بېرىلسە بولىدۇ. ئەمما، بۇنىڭدا چوقۇم ئۇرۇق ۋە تۇخۇم بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ يازما قوشۇلۇش ئىسپاتى بولۇشى كېرەك. فېدىراتسىيە مەبلىغى ئارقىلىق، ياسىلىپ بولغان تۆرەلمە غول ھۈجەيرە توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ياردەم بېرىشكە بولىدۇ. ئەمما، ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمىسىدىن پايدىلىنىپ، تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى ياساشقا ياردەم بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تۈردىكى تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا فېدىراتسىيە مەبلىغى ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ." دەپ بەلگىلەندى.

رانبوس ئۆز قارارىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى تارقىتىپ بولغان فېدىراتسىيە مەبلىغىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان- كۆرسەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەرمىدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2010- يىلى، ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا ئىشلىتىلىدىغان فېدىراتسىيە مەبلىغى 137 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، كېلەر يىلى 126 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولىدىكەن. ئوباما ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىشنى تەستىقلىغان ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە سىستېمىسى 75 يەتكەن. ئەمما، ئەلئارا ۋە ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىشى-- بۇ قارارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن.
بۇ قارار-- ئوباما ھۆكۈمىتىگە سىياسىي جەھەتتىن بېسىم ئېلىپ كەلدى. غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىنى قوللايدىغان بەزى كىشىلەر ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارار توغرىسىدا ئەرز سۇنۇشىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇلارنىڭ يەنە دۆلەت مەجلىسىگە ئىلتىماس سۇنۇشى مۇمكىن ئىكەن. كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ياردەمچىسى "ۋول- سىترىت كوچىسى گېزىتى"نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: "دۆلەت مەجلىسى قانۇن تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، ئېلىنىپ بولغان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا يول قويسا بولىدۇ. ئەمما، بۇ-- سودىيە رانبوسنىڭ قارارىنى ئاغدۇرىۋېتەلمەيدۇ. ئەڭ ياخشى چارە شۇكى، "دېككىي ۋېرك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى"نى بىكار قىلىش كېرەك. ئەمما، بۇنىڭدا زور قىيىنچىلىق بار."
مەنبە:www.teztez.com/art/



[Birzat بۇنى 2010-08-31 01:00 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تۆرەلمە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماsapdil[2010-09-21 10:19 PM | del]
ئەسەلامۇ ئەلەيكۇم، بىرزات ئەپەندىم تىنىچلىقمۇ؟
مەن سىزدىن مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم. مەن بۇ يىل 40 ياشقا كىردىم. كەسپىم ئوقۇتقۇچى.
مەن ھىيتنىڭ ئالدىدا ئانگىنا بولۇپ، دورا يىسەم يەنە ئوڭشىلىپ، يەنە ئاغرىپ تۇردى. ھىيتتىن ئۆتۇپ ئۇتكەن ھەپتە قاتتىق ئەغرىپ كەتتى. دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۈچ كۈن ئوكۇل قويدۇردۇم. ئوكۇلنىڭ بىر قىتىملىقىنى ئوردۇرۇپلا گىلىم ئوڭشالدى. بىراق گىلىم قىچىشىپ، يۆتۇلۇپ كاناي يالۋۇغىم قوزغىلىپ قىلىپ، دورا يەپ ئوڭشالغان بولساممۇ، تۈنۈگۈن يىرىم كۈن ئاشقازىنىم قاتتىق بولۋىلىپ بەك بىئارام بولدۇم. مانا 3-4كۈندىن بىرى ئۈچۈنجى قەۋەتكە چىقىپ بولغىچە مەيدەم ئىچىشىپ بەك تەستە چىقىۋاتىمەن. (بۇرۇن ئۇنداق بولمايتىم) كۆزلىرىم خۇددىي يىغلىغان ئادەمنىڭ كۆزىدەك چىڭقىلىپ، يۈزلىرىم تىڭزىپ قىلۋاتقاندەك ئالامەتلەر بولۋاتىدۇ. قان بىسىمىممۇ نۈرمال، چۈشتە ئۆلچىگەندە 119-87 ئىدى. بىزنىڭ بۇ يەردە تۇزۇكرەك مىللى تىبابەت دۇختۇرلىرى يوق. شۇڭا مۇشۇ كىچىككىنە ئىشقىمۇ سىزنى ئاۋارە قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ماڭا بىر دىياگۇنۇز قويۇپ بەرگەن بولسىڭىز، بۇ زادى نىمە ئالامەت؟ ماڭا مەسلىھەت بىرىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۆمۈد قىلىمەن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.