ھۆسۈن تۈزەش يېمەكلىكى-بۆلجۈرگەن Beautiful Skin With Strawberry
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-01
ئامېرىكا بۆلجۈرگەننى ئون چوڭ ھۆسۈن تۈزەش يېمەكلىكى قاتارىغا كىرگۈزگەن. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئاياللار دائىم بۆلجۈرگەن يەپ بەرسە، تېرىسى،چىچىغا نىسبەتەن ساقلىقنى ساقلاش رولى بولىدىكەن.
بۆلجۈرگەننىڭ سىرىتقى شەكىلى يۈرەككە ئوخشاش، رەڭگى ئوچۇق قىزىل، ئېتىنىڭ شىرنىسى كۆپ، چۈچۈمەل تاتلىق، خۇش پۇرىقى كۈچلۈك كېلىدۇ، ئۇنىڭ رەڭگى ئوچۇق بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەتتىكى مېۋىلەردە يوق يېقىملىق خۇش پۇرىقى بولۇپ، مېۋىلەرنىڭ ئارسىدىكى رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ئەڭ ئېسىل مېۋە ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن <>دەپ تەرىپلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
بۆلجۈرگەن تەركىبىدە مول ۋىتامىنCبار.
بۈۆلجۈرگەن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ شۈمۈرلۈشىنى توسىدىغان بولۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.
بۆلجۈرگەن ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئاشقازان ئۈچەيگە ۋە قان ئازلىققا نىسبەتەن مۇئەييەن ياخشىلاش ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىغا ئىگە.
بۆلجۈرگەن كۆزنى روشەنلەشتۈرۇش،جىگەرنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىغائىگە. ئۇ بەدەندىكى <>لارنى تەبىئىي ۋە ئاستا -ئاستا رەۋىشتە چىقىرىپ تاشلاپ، ئورۇقلىتىش ئۈنۈمىنى نامايەن قىلىدۇ.
بۆلجۈرگەن قان بۇزۇلۇش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،<< ئارتېرىيە قېتىشىش، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىمۇ بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.
بۆلجۈرگەننىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى چۈچۈمەل بولۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلاپ،خىلىت پەيدا قىلىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، قاننى سوۋۇتۇش، تەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، مەستلىكنى يېشىش قاتارلىق رولى بار.
ئىستېمال قىلىشتا بىلۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بۆلجۈرگەننى ھۆل پىتى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، ھەرخىل مەززىلىك قورۇمىلارنى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: بۆلجۈرگەننى قايماق ياكى سۈتكە ئارلاشتۇرۇش؛ ئۇنىڭدىن يەنە شىرنە، مۇراببا تەييارلاشقىمۇ بولىدۇ. بۆلجۈرگەننىڭ سىرتقى يۈزى يىرىك، ئاسانلىقچە پاكىز يۇغىلى بولمايدۇ.ئۇنى سۇس تۇز سۈيىگە ياكى مارگانسوپ ئېرتمىسىگە 10 مىنۇت چىلاپ قويسا، ھەم باكتىريە ئۆلتۈرگىلى ھەم پاكىز يۇغىلى بولىدۇ.
بۆلجۈرگەن تەركىبىدە كالتىسىي ئوكسالات مىقدارى بىر قەدەر كۆپ، سۈيدۈك تولىدا تاش پەيدا بولغانلار بۆلجۈرگەننى زىيادە كۆپ يېمەسلىك كېرەك.
مەنبە: ماتېريال
كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدا : 80خالتا بلوگى ئۈچۈن خەدىچە
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: بۆلجۈرگەن Beautiful Skin With Strawberry
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئۆيدىكىلەرگە بۆلجۈرگەن قورۇمىسى تەييارلىتىپ تېتىپ كۆرمىسەم ھەي ...