نەشە چىكىش جىنسىي ھوزۇرنى كۈچەيتەمدۇ؟ [جىنسىي تۇرمۇش]



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى مەن بۇ يىل 28 ياش توي قىلغىلى 4 يىلچە بولدى. بىر قىزىم بار ~ سىزدىن مۇنداق بىر ئىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم ~ئىلگىرى ياشلىقتا دوستلىرىم بىلەن ئويناپ يۈرۈپ نەشە چىكىشكە ئۆگىنىپ قاپتىكەنمەن،. مەن چىكىۋاتقىلى 5 يىلچە بولدى ئىلىگىرى چىكىۋالدىغان ۋاقىتلىرىمدا ئايالىم بىلەن بىرگە بولسام ھەركۈنى دىگۈدەك كەم دىگەندە 2 قىتىم بىرگە بولاتتىم، ھەم بىرگە بولۇش ۋاقىتىمىز ئۇزۇن ھەم شىرىن بولاتتى. ھەرقىتىمدا دىگۈدەك ھەر ئىككىمىز بىر قانچە قىتىم يۇقىرى پەللىگە چىقاتتتۇق. بىراق بىر ئاينىڭ ئالدىددا سالامەتلىكىم ياخشى بولماي ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتسەم باشقا چاتاق يوق زىيادە سوغۇقلۇق قىلىپ كىتىپسىز، بەدەن زىيادە ئاجىزلاپتۇ دەپ دىئاگنوز قويدى. دوختۇرغا نەشە چىكىۋاتقىلى نەچچە يىل بولغانلىقىدىن تارتىپ ئۆز ئەينى دىدىم ، كىيىن دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن نەشە چىكىشنى تاشلىدىم (1 ئايدىن ئاشتى) بىراق چىكىشنى تاشلىغاندىن بىرى ئۆزەمدە جىنسى ھەۋەسنىڭ بۇرۇنقىدىن سۇسلىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم بۇرۇن كۈنىگە ئىككى ئۈچ قىتىم چىكىۋالاتتىم ھازىر بىر ئايدىن ئاشتى چەكمىدىم بىراق ئەر خوتۇنچىلىق تۇرمۇشۇم بۇرۇنقىدەك كۆڭۈلدىكەدەك ئەمەس ، ئايالىممۇ ئاساسەن مەندىن رازى ئەمەس ~ شۇڭا مەن نىمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم . قايتا چىكەي دىسەم ئاران تەستە تاشلاپ خۇماردىن قۇتۇلغان يەنە مۇشۇ سەۋەپلىك قايتا ئۆگىنىپ قىلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن ، لىكىن قارىسام ھازىر 3~~4 كۈندە بىرقىتىم مۇناسىۋەت قىلساممۇ پەقەت بىر قىتىملا مۇناسىۋەت قىلالايمەن ھەم پەقەت 2 مىنۇت ئەتراپىدىلا ئىش تۈگەيدۇ بۇرۇنقىدەك يىرىم سائەتتىن يۇقىرى بولىدىغان ئىشلار پەقەتلا يوق ~ مەن قانداق قىلسام بولار ~ بۇمۇ نەشە بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟ ئېغىر كۆرمەي تەپسىلىپ جاۋاب بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن

جاۋاب:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
نەشە ئىستىمال قىلىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىللەردە : كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئاغرىق توختىتىش ، مەست قىلىش قاتارلىق تەسىرلەرنى بىرىدۇ. شۇڭا ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە زىيادە ھوزۇرلىنىش ھەم كۆپ قېتىم يۇقۇرى پەللىگە چىقىش دېگەنلەر نېشىنىڭ كۈچىدىن بولىدۇ.  
لىكىن نەشىنىڭ تەبئىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ ئۇنى بىر مەزگىل ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ بەدىنى ئاستا-ئاستا زەئىپلىشىپ نېرۋا پائالىيتىنى قالايمىقانلاشتۇردۇ. كۆرۈش قۇۋۋېتىنى ئاجىزلاشتۇردۇ، چىرايىنى سارغايتىپ زىيادە ئورۇقلىتىدۇ. ۋەسۋەسىچىلىك ، مالۇخۇلىيا ۋە ھەتتا ساراڭلىق دېگەندەك روھىي كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.
ئۇنىڭ زېينىنى بىلىپ ئۇنى تاشلىغان ئىكەنسىز ۋاقىتلىق شەھۋەت ھوزۇرىنى دەپ قايتا چەكسىڭىز ئومومىي بەدەن زەئىپلەشكەننى ئاز دەپ نەشىنىڭ ۋاقىتلىق پەيدا قىلغان جىنسىي جەھەتتىكى ھوزۇرىدىنمۇ مەھرۇم قالىسىز.
يىقىندا ئەنگىليەدىكى بىر ئۈنۋېرسىتىتنىڭ ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دىيىلىپتۇ : نەشە چېكىش ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا زور زىيان سالىدۇ ، چۇنكى نەشە تەركىبىدىكى تۆت ھىدروگېنلىق نەشە پىكمېتىTHCئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ . مۇتەخەسىسلەر ئۇرۇق ئۇلگىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجىدە مۇنداق دىيىلدى : تۆت ھىدروگىنلىق نەشە پىگمېنتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنمىغان ئۇرۇققا قارىغاندا ، نەشە پىگمېنتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۇچى 45% تۆۋەن بۇلغان . 30% ئۇرۇق ئۇلگىسى تۆت ھىدرۇگىنلىق نەشە پىگمېنتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ، تۇخۇمنىڭ تاشقى پوستىنى يىرىپ ئۆتۇشى ئۈچۇن زۆرۈر بولىدىغان بىئولوگىيىلىك كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىشتىن قالغان . باشقا تەجىربىلەردىن يەنە نەشىنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىنى چۇشۇرۋىتىدىغانلىقىمۇ ئايان بۇلغان .نەشە سەۋەبلىك ئەرلىك ئىقتىدار ھەم ئومومىي بەدەن ئاجىزلاشقا مۇناسىپ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن :
رەيھان جەۋھىرى
مەجۈنى لۇبۇبى كەبىر
ماددىتىل ھايات
قۇرسى ئىمساك
سۇپۇپى كۈنجۈت
مەجۈنى مۇقەۋۋى باھ قاتارلىقلاردىن مىزاجغا ماس كىلىدىغانلىرىنى تېۋىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويچە
بىر مەزگىل ئىستىمال قىلىپ بىرىش؛
ئوزۇقلۇقلاردىن:
جېگدە چېچىگى ھەسىلى ياكى گۈلقەنتى،
ئۇچار قۇش شورپىلىرى،
پاقلان شورپىسى ،
ياڭاق مۇرابباسى
سەۋزە مۇرابباسى،
خورما، ياڭاق مېغىزى، بادام مېغىزى، قىزىل ئۈزۈم، پىستە مېغىزى
ئارقىلىق قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق مەقسەتكە يېتىش مومكىن.
تامام
____________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)




[Birzat بۇنى 2010-07-15 01:02 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: نەشە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 14 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماgetler[2013-06-02 09:48 PM | del]
ھاياتننى قەدىرلەپ زەھەرگە قارىشى تۇرايلى !!!
回复قايتۇرماturgunjan032[2013-01-17 10:24 AM | del]
ياخشى تىما ئىكەن
回复قايتۇرماmujahit786[2011-05-23 07:59 PM | del]
[face10]
回复قايتۇرماezezjan[2011-05-23 03:26 AM | del]
ئۇنداقتا مەندېمۇ شۇنداق ئەھۋاللار بار ئۇخشايدۇ جۇما  ؛؛؛؛؛؛
回复قايتۇرماabdursul[2011-05-22 10:47 AM | del]
نەشە چىكش بەدەنگە زىيانلق، ھەمىمىز زەھەرگە قارىشى تۇرايلى.
回复قايتۇرماtamqi11[2011-05-20 08:56 PM | del]
ئەسسالامو .ئەلەيكوم  مىنڭ پوتوم ئىنتاين ئاغريدو پوتون بەدنم بوشاپ .ىش خوشياقماسلقتەك .ئەھۋاللا با بومو بر كىسەللكمو يا ھچ بلمدم موشو تۇغرسدا ماڭا بىر جاۋاپ بەرگەن بوسسڭز   ئەمدى مىنڭ كەسپم ئاساسلغى قورلوش ياسايمەن يەنى ئوي دگەندەك
回复قايتۇرماmariyam[2011-05-20 05:33 PM | del]
m
回复قايتۇرماibrayimmijit[2011-05-19 08:55 PM | del]
نىمىشقايازغان ئىنكاسنىكورگىلى بولمايدۇ.دوسلار.
回复قايتۇرماibrayimmilit[2011-05-19 08:50 PM | del]
مەنچەكىيىن .ئوڭشۇلۇپكىتىدۇ.ئاستائاستا.بۇنۇرمال ئىش [face72]
回复قايتۇرماelham416[2011-03-02 03:39 AM | del]
نىمىشقا يازغان ئىنكاسنى كۆرگىلى بولمايدۇ؟  چۈشەندۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن، يا مەن بىرەر مەشغۇلاتنى خاتا ، چالا قىلىپ قويدۇممۇ............................؟
回复قايتۇرماelham416[2011-03-02 03:34 AM | del]
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەممە ئىشلار ئوڭشىلىپ كىتىدۇ  .....  ئاستا ئاستا  قۇۋەتلىك يەپ ، ئۆزىنى ئوبدان كۈتۈپ بەرسە .. مىنىڭچە يەنە بۇرۇنقىدەك شاش بولۇپ كىتىدۇ.......   ئەڭ مۇھىمى شۇ مەينەت نىجىسنى  تاشلىۋالالىغىنى بەك ئوبدان بوپتۇ---~`!  ئەمدى قالغان مەسىلە ئۆزىدە--------------
回复قايتۇرماbodak001[2011-01-16 01:42 PM | del]
مېنىڭچە تەبئي بولمىغان ھەرقانداق ھوزۇر ۋاقىتىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.
回复قايتۇرماnajmidin2[2010-11-01 12:42 AM | del]
ئۇلۇغ ئاللا ھەر قانداق بەندىسنى بۇنىجسقا يىقىنيولاتمىسۇن
回复قايتۇرماnaway[2010-07-16 07:04 PM | del]
نېشىكەشكە تەگكەن ئايال كىشى تاياق يەپ تۇرسىمۇ ئېرىگە ئامراق دېگىنى مۇشۇ ئوخشىمامدۇ
لىكىن كىيىن ئاجىزلاپ كىتىدىغىنى قورقۇنۇچلۇق ئىكەن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.