جىنسىيەت، روھىي ساغلاملىق ۋە مەدەنىيەت‏ [جىنسىي تۇرمۇش]


نۆۋەتتە دۇنيادا كېسەللكىلەر شىددەت بىلەن يامراپ ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا قورقۇچلۇق سايە تاشلاپ تۇرماقتا. ئەيدىز كېسىلى بىر ‏نەچچە يىللار ئىلگىرى بىز ئاندا - ساندا گېزىت - ژورناللاردىن ئاڭلاپ قالىدىغان، خۇددىي قورقۇنچلۇق رىۋايەتتەك ئاڭلىغاندا كىشىنى ‏قورقۇنچقا سالىدىغان، بىراق ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھاللا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدىغان، بىزدىن ناھايىتى يىراق بىلىنىدىغان خەۋەرلەر ‏ئىدى. ئاشۇ چاغلاردا بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ تارقىلىپ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىنلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قورقۇنچلۇق بىر ئاپەتكە ‏ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدۇق. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىققا ئايلىنىپ قالدى. ‏ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى باشقىلار ئېچىشقا تېگىشلىك غايەت زور بايلىق ئىكەن دەپ ‏بايقاپ ئۇلارنى زور مەبلەغ ئاجىرىتىپ ئېچىۋاتقاندا ئاشۇ ئۇيغۇر قىزلىرى بۇنى ئۆزلىرىگە كەلگەن زور ئامەت بىلىپ، ئىچكىرى ‏ئۆلكىلەرگە ئۆزىنى ئاتتى، ئەمىلىيەتتە ئۇلار قورقۇنچلۇق داۋاسىز ۋابا كېسىلىگە ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەت بۇ قورقۇنچلۇق ‏ۋابانىڭ ئالدىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۆمۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۇزۇقچىلىقى ۋە روھىي خارابچىلىققا تەڭرىنىڭ بەرگەن ئاشۇ گۇمران قىلىش ‏خاراكتېرلىك جازاسىدىن نالە - پەريات قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىز نەنمىندىن دۆڭ كۆۋرۈككىچە گۇگۇم چۈشكەن چاغلاردا پىيادە ‏مېڭىپ بېقىڭ، يول بويىدا يولدىن ئۆتكەنلەرگە كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان مەينەت نەزەر بىلەن قارىشىپ تۇرغان توپ - توپ ئۇيغۇر ‏قىزلىرى ۋە ئاياللىرىغا قاراپ بېقىڭ. ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار قىلىدىغان ئىش يوق بىكارچىلىقتا يول بويىغا چىقىۋېلىپ ئۆتكەن - ‏كەچكەنلەرنى تاماشا قىلىۋاتامدۇ؟ ھەر قايسى ئىدارىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان، كوچىلاردا تىجارەت قىلىۋاتقان، ئېتىزلاردا ئەمگەك ‏قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆمرىدە زادىلا قەدەم باسالمايدىغان ئاشۇ ئالىي رېستۇرانلاردا غۇۋا چىراق يورىقىدا تاماكىسىنى يانتۇ ‏چىشلەپ، رېستۇرانغا كىرگەن، مېھرى بەختىيار كۈلكىلەر بىلەن تولغان مېھمانلارغا مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ھەددى ھېسابسىز ئۇيغۇر ‏قىزلىرى زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر يىگىتلىرىچۇ؟ سىز ئەگەر بىر ئىپپەتلىك قىز بولسىڭىز ياكى ئايال بولسىڭىز دۆڭكۆۋرۈكتىن ‏ياكى سەنشىخاڭزىدىن گۇگۇم چۈشكەندە زادى پىيادە ئۆتمەڭ. پىيادە ئۆتسىڭىزمۇ ئالدى - كەينىڭىزگە قارىماي مېڭىڭ. بولمىسا بىراۋ ‏سىزگە گەپ قىلماي قالمايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆزىنىڭ ئەمدىلا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن غايەت زور بايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاچقا، ‏رېستۇرانلاردا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ناھايىتى بايۋەچچە ياشاپ كۆنۈپ قېلىپ ياراتماسلىقى تۈپەيلىدىن يېشى خېلى بىر يەرگە ‏بارغىچىمۇ توي قىلالماي يۈرگەن ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئازمۇ؟ ئۇلار ئالدىڭىزنى توسۇپ ياكى كەينىڭىزدىن يېتىشىپ كېلىپ سىزگە گەپ ‏قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسڭىز سىزگە ھۆكىرەپ ئېتىلىدۇ. (ھەممىسى بۆرە ئەۋلادى ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بۆرە ‏ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىدىكى تارىخىتىن بېرىقى بىردىنبىر پۇرسەت _ ھەم ھاياجانلىق ھەم بىخەتەر) مانا ئاشۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ‏خەلقىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا تەھدىت بولىۋاتقان، ئەسىر ئاخىرىدىكى ساقايماس ۋاباغا قانماس ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۆزىنى ‏ئېتىۋاتىدۇ. ۋاباغا قانماس ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. ‏
جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بولىدۇ. ئاشۇ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئەگەر زەھەرلىك ‏چېكىملىك بولمىغان بولسا باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولاتتى، نەچچە يىللار ئىلگىرى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر كۆپىيىپ ‏كەتكەندە كىشىلەر «مىللىتىمىز زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن تۈگىشىدىغان بولدى» دەپ قاخشاپ كېتىشكەنىدى. بىراق ئەمدىچۇ؟ ‏ئەمدى ئەيدىز كېسىلى شىددەت بىلەن تارقالغاندا مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن قايغۇرىدىغان ئاشۇ كىشىلەر نەگە كەتتى؟ ئۇلار نېمىشقا ‏قاينىمايدۇ، نېمىشقا داۋراڭ سالمايدۇ؟! ئەلبەتتە بۇنىڭدا سەۋەب بار. بىز ئىككى خىل ئىجتىمائىي ئاپەتنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا بولىدۇ. ‏سوتسىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىرخىل جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھادىسىسىنى جىنايەتنى كەلتۈرۈپ ‏چىقارغۇچى مەلۇم ماددىي ئۇبيېكت ۋە جىنايەتچىنى ئازدۇرغان نەرسىدىن كۆرسەك بولمايدۇ. بۇ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ‏سەۋىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تولۇق ‏مۇكەممەللىككە ئېرىشمىگۈچە جەمئىيەتتە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھادىسىسى تۈگىمەيدۇ. بۇ خىل ھادىسىلەر گاھ بىرخىل ئۇسسۇل بىلەن ‏ئىپادىلىنىپ چىقسا، گاھ يەنە بىرخىل ئۇسسۇل بىلەن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئاشۇ خىروئىن چەككۈچىلەر جەمئىيەتتىكى جىنايەت ‏ئۆتكۈزگۈچىلەر توپى بولۇپ، ئەگەر خىروئىن بولمىغان بولسا ئۇلار باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولاتتى. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ جىنايەت ‏ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەب خىروئىننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدىنلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئەخلاق ‏قارىشىنىڭ يوقلىقى ۋە مەدەنىيەتسىزلىكىدىن. ئەگەر خىروئىن بولمىسىمۇ ئۇلاردىكى ناچار پىسىخىكا، قالاقلىق، مەدەنىيەتسىزلىك ۋە ‏ئەخلاق قارىشىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ئۇلارنى باشقا جىنايەتلەرگە باشلاۋەرگەن بولاتتى. مەيلى جىنايەتنىڭ مەنبەسى نېمە ‏بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زەھەرلىك چېكىملىك چەككەچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاقىۋىتى ئۆزىنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ زەھەرلىك ‏چېكىملىك چېكىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مال - مۆلۈككە دەخلى - تەرۇز قىلىدۇ، جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە ناچار ‏تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بىراق ئەڭ ئاخىرىقى ھالاكەت زەھەر چەككۈچىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. مانا بۇ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئاپىتى ‏بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى. ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشچانلىققا ئىگە. ئۇ پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى ‏بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىروئىن چېكىدىغانلار ئۆزىنىڭ قانداق ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىدۇ. بىراق ئەيدىز كېسىلىگە ‏گىرىپتار بولغانلار ئۇنداق بولىشى ناتايىن. ‏
مەسىلەن: ‏xx‏ ئەر، 43 ياش، سودا قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن تىجارىتى خېلى ياخشى بولۇپ، پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۇيۇن - ‏تاماشاغا قاتتىق بېرىلگەن. بىر نەچچە قېتىم رېستۇرانلارغا، قاۋاقخانىلارغا بېرىپ ئۆزىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمىز دەۋالغان قىزلار بىلەن ‏تونۇشۇپ قېلىپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ بىللە ياتقان. كېيىن ئائىلىسىگە قايتىپ ‏بارغاندا ئېغىر زۇكام بولۇپ دوختۇرخانىغا كېسەل كۆرسەتكىلى كىرگەندە قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار ‏بولغانلىقى بايقالغان. ئۇنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەخلاقسىزلىقى ۋە يىرگىنىچلىك جىنايىتىنىڭ جازاسى. ‏بىراق كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى ئۇنىڭ كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىپىك ئەخلاق ئەنئەنىسىگە ‏پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ۋارىسلىق قىلغان، ئاقكۆڭۈل، ساددا، ئائىلە ۋە بالىسىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بىچارە ئايالى ‏xx‏ نىڭمۇ ‏ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى بولۇپ، بۇنىڭغا بىز نېمىمۇ دېيەلەيمىز؟
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى زەھەر چېكىش ۋە باشقا جىنايەتلەرگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ كېسەل پەقەت ‏جەمئىيەتتىكى ئەسلىدىلا جىنايەت يولىغا مېڭىش پسىخىكىسىنى ھازىرلىغان كىشىلەر بىلەنلا تۈگىشى ناتايىن. ئۇ نۆۋەتتە پۈتۈن ‏مىللەتنىڭ بولۇپمۇ بىزدەك مەدەنىيىتى قالاق، پەن - تېخنىكىدا ئارقىدا قالغان بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىراسىتە تەھدىد بولۇپ ‏قالماقتا. بىراق بىز بۇ ئاپەتنى بۇ تەھدىتنى تېخى تونۇپ يېتەلمىدۇق. ئۇيغۇرلار ئىچىدە خىروئىن ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ‏دېگەنلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خەۋىرى بار. بىراق ئەيدىز دېگەننى بىلىدىغانلار قانچىلىك؟ يېقىندا مەلۇم بىر سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ‏ئۈرۈمچى، ئاقسۇ ۋە قەشقەرلەردە سىتاستىكا ئېلىپ بېرىشىغا قارىغاندا «ئەيدىز كېسىلى» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باققان كىشىلەر 10 ‏پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. ئەيدىز كېسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان كىشىلەر بولسا پىرسەنتكىمۇ توشمىغان، بۇنداق ئەھۋالدا ‏ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق، تارقىلىشى تېخىمۇ شىددەتلىك بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ‏يەنىلا تەشۋىقات ئارقىلىق خەلقىمىزگە بۇ دەھشەتلىك ئاپەتنى تونۇتمىسا بولمايدۇ.‏
پۈتۈن مىللەتنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ زور ئاپەتتىن نېمىشقا خەلقىمىز تولۇق خەۋەر تاپالمايدۇ؟ چۈنكى بۇ بىرخىل ‏جىنسىي كېسەللىك بولۇپ، مىللىتىمىز جىنسىيەت ھەققىدىكى تونۇشى ساغلام بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، جىنسىيەت ھەققىدىكى بىلىملەر ‏ئومۇملاشمىغاچقا شۇنداق بولىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.‏
ئەيدىز كېسىلى ھازىر ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان جايلار ئاسىيا، ئافرىقىدىكى قالاق ۋە نامرات دۆلەتلەر بولۇپ، مەدەنىيىتى تەرەققىي ‏قىلغان ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپالاردا بولسا خېلىلا تىزگىنلەندى. 92-،93- يىللاردىن باشلاپ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپالارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە ‏گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تا ھازىرغىچە ئوخشاش نىسبەتتە بولۇپ، شىددەت بىلەن كېڭىيىشى ئاللىقاچان تىزگىنلەندى دېگەن گەپ. ‏غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ كېسەلنى مەلۇم دائىرىدە تىزگىنلىيەلىشى دەل ئۇلاردىكى مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق قارىشىنىڭ يۇقىرىلىقىدا. ئافرىقا ‏ۋە شەرق ئەللىرىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تىزگىنسىز ھالدا شىددەت بىلەن تارقىلىشى دەل ئۇلاردىكى سىرتقى قىياپىتىدە ئىنتايىن ئەخلاقلىق ‏قىياپەتقە كىرىۋېلىش بىراق ئەمەلىيەتتە بۇزۇقچىلىققا قاتتىق بېرىلىش سەۋەبىدىن بولغان. غەرپتە جىنسىيەت شەرق ئەللىرىنىڭكىدەك ‏سىرلىق تېما ئەمەس. جىنسىيەت ھەققىدە مۇھاكىمىلەر ئوچۇق ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىۋېرىدۇ. جىنسىيەت ھەققىدە توختىلىش ئەخلاقسىزلىق ‏ئەمەس، پەقەت قالايمىقان جىنسىي پائالىيەتلەرلا ئەخلاقسىزلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇشۇرۇن ھالدا قىلىنغان سانسىز بۇزۇقچىلىقلار بولسا ‏سىرتقى قىياپەتتىكى ساختا ئەخلاق كۆرىنىشى كەينىدە يوشۇرۇتۇپ تۇرىۋېرىدۇ. خىلمۇ - خىل بىنورمال جىنسىي پىسخىكىدىكى كىشىلەر ‏غەرپتە بولغاندەك شەرقتىمۇ بار. ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى شەرق ئەللىرىدە غەربتىن قېلىشمايدۇ. غەرپتە بۇلار ئوچۇق ‏ئاشكارا تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئەركىن ھالدا توختالغىلى، بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. دەل جەمئىيەتتە بۇ ھەقتىكى ‏غۇلغۇلىلار ئوچۇق - ئاشكارا بولغاچقا بىزگە خۇددى جىنسىي بىنورماللىق پەقەت غەرپتىلا باردەك تۇيۇلۇپ، شەرق ئەللىرىدە بۇ نەرسىلەر ‏يوشۇرۇپ قېلىنغانلىقى ئۈچۈنلا خۇددى مەۋجۇت ئەمەستەك تۇيغۇ بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە مەلۇم ھادىسە ھەققىدە ئەركىن پىكىر ‏قىلماسلىق ۋە توختالماسلىق يەنى كۆزىنى يۇمىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇ نەرسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىشقا تىرىشىش ئەمەلىيەتتە ‏ناھايىتى بىمەنە ۋە ئۈنۈمسىز ئۇسۇل بولۇپ، ئاغرىقنى ھەر قانچە يوشۇرغان بىلەن ئۆلۈم ھامان ئاشكارا.‏
مانا بۈگۈنكى كۈندە ئەيدىز كېسىلىدەك قورقۇنچلۇق ئاپەت تارقىلىۋىدى، ئەمدى بىز جىنسىيەت ھەققىدە توختىلىش، ئۇنى ‏تەتقىق قىلىش، جەمئىيەتتىكى بىنورمال جىنسىي ھادىسىلەرنى ئىپادىلەپ بېرىشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايدىغان خاتا ۋە بىر تەرەپلىمە ‏ئىدىيىسىنىڭ زىيىنىنى ئاشكارا تارتىدىغان بولدۇق.‏

بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە قارىساق خۇددى بۇ ئالەمدە ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ئالاقىدىن باشقا ئىش ‏يوقتەك، ھەممە ئەر - ئاياللار پەقەت ئاشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ياشاۋاتقانلىقىنى بايقىماي قالمايمىز. بۇ بىزنىڭ ‏ئالدىمىزدىكى رېئاللىق. ئۇيغۇرلار بىر يەردە سورۇن تۈزىسىلا گەپ ئاشۇ تېمىدا بارىدۇ. باشقا تېمىدىكى ھەر قانداق گېپىڭىز سورۇننى ‏قىزىتالمايدۇ. ئەر - ئاياللار بىر - بىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالسا بىر - بىرىنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ. ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئايال بىلەن ‏بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدىن پەخىرلىنىپ، سورۇنلاردا داۋراڭ سالىدۇ. بىراق ئادەم ھاڭ - تاڭ قالىدىغان يېرى شۇكى سىز جىنسىيەت ھەققىدە ‏مەتبۇئاتلاردا بىر نەرسە دەپلا سالسىڭىز ھەممە ئادەم يېغىرلىرىغا تۇز سەپكەندەك بولمايلا قاقشاپ كېتىدۇ. ئاشۇنداق ھەرىكىتى بىلەن ‏گېپى ئوخشىمايدىغان، قىياپىتىدە ئەخلاقلىق ئەمەلىيەتتە جىنسىي قىلمىشلار ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىۋېتىدىغان ساختا ئەخلاقچىلارنىڭ ‏توسالغۇسى تۈپەيلىدىن مىللىتىمىز جىنسىي ھالەتنىڭ بالا قازاسىغا ئۇچرىماقتا.‏
ئۇيغۇرلاردىمۇ خۇددى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرگە ئوخشاشلا جىنسىيەت ھەققىدە تەتقىقاتلار بولىشى كېرەك ئىدى. ‏بىراق قالاقلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىك تۈپەيلىدىن بۇ بىر چەكلەنگەن تېما بولۇپ قالدى. مەن پىسخىك نورمالسىزلىقتىن ئىبارەت بۇ تېمىدا ‏چوڭقۇرراق ئىزدىنىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ بىر نەچچە قېتىم شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ باردىم. ‏جىنسىيەتكە دائىر مەسىلىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش مېنى زور ماتېرىياللار ۋە بايقاشلارغا ئىگە قىلدى. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىنى تەتقىق ‏قىلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، مىللىتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى قاتتىق ‏چۆچۈش ئىچىدە ھېس قىلىپ يەتتۇق. چۈنكى بىز ئىلگىرى جىنسىي ئاڭدىكى قالاقلىق ۋە جاھالەتنىڭ مىللىتىمىزگە زادى قانچىلىق ‏دەرىجىدە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ يەتمىگەنىدۇق.‏
دەۋر ئۇچقاندەق تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىپ بارماقتا. مەن پسىخىلوگىيە پېنىنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىمغا ئون بەش يىل بوپتۇ، بۇ ‏جەرياندا مەن روھىي كېسەللىك ۋە بىنورمال جىنسىي پسىخىكىنى بەكراق بېرىلىپ تەتقىق قىلدىم. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا پۈتۈن ‏ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىتىن بېرى تارتىپ كېلىۋاتقان ئازابلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە نىگىزىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. مانا بۇ ‏جەرياندا ئىنسانىيەت ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ روھىي ساغلاملىق ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى ئادەملەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ‏ئىرقىي توقۇنۇش، جىنسىي كېسەل، ئۈلۈۋېلىش، قاتىللىق، زوراۋانلىق قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادەملەرنىڭ روھىدىكى ‏كەمتۈكلۈك ۋە ساغلام بولمىغانلىقتىن بولغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. ئىنسانىيەت روھىي جەھەتتە مۇكەممەل ۋە ساغلام بولسا ئەلۋەتتە ‏ئىنسانىيەت دۇنياسى چەكسىز گۈزەل بىر جەننەتكە ئايلىنىدۇ. ئىنسانىيەت روھىي جەھەتتە قانچە ساغلام بولمىسا بۇ دۇنيا دەرت - ‏ھەسرەت ۋە بالايى ئاپەتكە تولغان قورقۇنچلۇق دوزاققا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىنسانىيەتنىڭ روھىي ساغلاملىقى ئۈچۈن ئېلىپ ‏بېرىلغان تەتقىقاتلارنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئويلايمەن. بىراق ئۇيغۇرلاردا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات يوق دېيەرلىك. جىنسىي بىنورماللىق ۋە ‏پسىخىكىلىق ئانالىز ھەققىدە نەشر قىلىنغان، دۇنيانىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرغان بىرەر كىتابنى ‏تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇيغيرلار خۇددى جىنسىيەت ھەققىدە ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك قىياپەتكە كىرىۋالغان، لېكىن مەخسۇس جىنسىي ‏كسەللىكنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىلار تېزلىكتە قۇرۇلۇپ، بۇ قىسقىغىنە نەچچە يىلدىن بېرى، كېڭىيىپ يامراپ كەتتى. ھازىر بۇ ‏دوختۇرخانىلارنىڭ ئالدىدا بىز نۇرغۇنلىغان دەرتمەن ئەر – ئاياللارنىڭ توپ توپى بىلەن تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار دەل مانا مۇشۇ ‏جىنسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن تويۇپ كەتكەن، دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزگەن ‏بىمارلاردۇر. بىنورمال جىنسىي پىسىخىكىسىنىڭ توسالغۇسى تۈپەيلىدىن جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلىغان، بالا يۈزى كۆرەلمىگەن نۇرغۇن ‏بىمارلارنىڭ كۆز ياشلىرى ئادەمنى يۈرىكىنى مۇجىيدۇ؛ يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋەھىمە ۋە قورقۇنچقا چۈشكەن، ‏چىرايىدىن ئۈمىدسىزلىك ۋە سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇرغان بىمارلار ئادەمنى ھەم يىرگەندۈرىدۇ ھەم ئىچنى ئاغرىتىدۇ. مەلۇم بىر جىنسىي ‏كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ مۇدىرى ئامبۇلاتورىيىگە كەلگەن 2000 پارچىدىن ئارتۇق خەتنى مېنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلىغان ‏ھالدا تەتقىقات ئۈچۈن كۆرۈپ بېقىشىمغا بەرگەنىدى. ئاشۇ خەتلەردىكى بىمارلارنىڭ ئېچىنىشلىق بايانلىرى كۆڭلۈمنى ئىنتايىن بىئارام ‏قىلدى. نۇرغۇنلىغان بىمارلار ئەمەلىيەتتە ساپ - ساق كىشىلەر، ئۇلارنى فىزىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھېچقانداق كېسەل ‏بايقالمىغان. ئۇلار ساپ - ساق تۇرۇپ نېمىشىا ھاياتىنىڭ مۇھىم لەززىتى بولغان جىنسىي لەززەت ۋە پەرزەنت قالدۇرۇش لەززىتىدىن ‏بەھرىمەن بولالماي ئۆمرىنى ھەسرەت ۋە قان - يىرىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بىمارلار ساپ - ساق تۇرۇپ دېگىلى ‏بولمايدىغان ئازابلاردىن ئىچىدە تىنىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ؟ بۇ مىللىتىمىزدىكى جىنسىيەتنى سىرلىق تۇتۇش، توغرا چۈشەنمەسلىق ۋە ‏تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارماسلىقنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ھالەتنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، مىللىتىمىز ئارىسىدا بىر قېتىملىق زور ‏جىنسىي ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلماي قالمايمىز. لېكىن بەزى بىر جاھالەتپەرەس كىشىلەر ھەدەپ ساختا ‏مىللىي ئەخلاق ئويدۇرۇپ چىقىپ، جىنسىيەت ھەققىدە گەپ قىلىش مىللىي ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەس دېگەندەك بىمەنە گەپلەرنى ‏كۆتۈرۈپ چىقىپ بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچقان قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىۋاتىدۇ. «قابۇسنامە»، «دەستۇرۇل ئېلاج» دېگەن ‏كىتابلاردىمۇ جىنسىيەت ھەققىدە خېلى چۇڭقۇر ساۋادلار بارغۇ! ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نېمىشقا جىنسىيەت ھەققىدە گەپ قىلىش ‏جىنايەت بولۇپ قالدى؟ جىنسىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتنى پەقەت ناچار تەبىئەتلىك پىسىخىكىسى بىنورمال ئادەملەرلا ئەخلاقسىزلىق ‏ھېسابلاپ، ئۇنىڭدىن باشقىچە مەنالارنى چىقىرىپ ھوزۇرلىنىدۇ. كېسەل ھەققىدە گەپ قىلىۋاتسا ئۇنىڭدىن شەھۋانىيلىق ھېس قىلالىغان ‏ئادەمنى قانداقمۇ ساغلام ئەقىل ۋە ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە ئادەم دىگىلى بولسۇن؟ مىللىتمىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈش ‏بىزنىڭ بۇرچىمىز. جىنسىيەت ھەققىدە توختىلىش ئىلگىرى بۇرژۇئازىيىنىڭ چرىك ئىدىىيىسى دەپ قارىلىپ قاتتىق چەكلەنگەن ئىدى. ‏بۈگۈنكى دەۋردىمۇ بىر قىسىم زىيالى قىياپىتىگە كىرىۋالغان جاھالەتپەرەسلەر ھەدەپ مۇشۇ ئىددىيىگە ئېسىلىۋېلىپ، پەقەت بۇنىڭدىكى ‏ئاتالغۇلارنىلا ئۆزگەرتىپ قويۇپ يېڭى دەۋردىكى جىياڭ چىڭلارغا ئايلانماقتا. جىياڭ چىڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ يالغانلىقى كېيىن ‏ئۇلار ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىسپاتلاندى. ئەينى چاغدا جىياڭ چىڭ ھەممە نەرسىنى غەرپ بۇرژۇئازىيىسىنىڭ دەپ چەكلىگەندە ئۆز ‏خەلقىگە چەكسىز ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭدەك بۈگۈنكى ئۇيغۇر جىياڭ چىڭلىرىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ يالغانلىقىمۇ ھامان ‏ئاشكارىلىنىدۇ. ‏
مەنبە: ئىجادىيەت مۇنبىرى
ئاپتۇرى:پەرھات تۇرسۇن
2009-5-19



[Birzat بۇنى 2010-07-18 01:51 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىيەت، ئەيدىز

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماlazzat[2011-01-26 07:18 PM | del]
ياخشىمۇ سىز، يازمىڭىزدىن تۇلۇمۇ مەمنۇن بولدۇم.
回复قايتۇرماpigani0998[2010-08-07 09:29 PM | del]
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم؟ پەرخات ئەپەندىمنىڭ بۇ تىمىسى ھەقىقەتەن ياىشى يىزىلىپتۇ،  بۇخىلدىكى يازمىلارنىڭ   كوپلەپ يىزىلىپ  ھەرخىل مەتبۇاتلاردا ئوقۇرمەنلەر  ھوزۇرىغا سۇنۇلسا ئىكەن؟
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.