تورغا چىققانلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك روھىي ساغلاملىق



ئىنتىرنىت تورى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ ، بۇ ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. شۇڭا، بەزى كىشلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا تورغا چىقىشقا بىرىلىپ كىتىپ، نۇرغۇن ۋاقتى بىلەن زىھنى توردىكى قۇرۇق پاراڭلىشىشقا ئىسراپ بولۇپ كىتىپ، ئادەتتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچىرىماقتا. تىخمۇ ئاشۇرۇۋىتىدىغانلادا ھەتتا روھىي ھالىتىدىمۇ بەزى توسالغۇلار پەيدابولۇپ، تۇرمۇشتا ھەرخىل نورمالسىزلىق، روھىي توسالغۇ، خاراكىتىر توسالغۇسى، سىمپاتىك نىرۋا ئىقتىدار قىسمى بۇزۇلۇش قاتارلىقلار كۆرۈلمەكتە. بۇخىل كىسەللىك ھالىتىنىڭ ئىكاسى ئالاقە تورى پەيدا قىلغان خۇمارلىق يىغندى كىسەللىك (ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپIAD دەپ ئاتىلىدۇ) ياكى تور خاراكىتىرلىك روھىي توسالغۇ دەپ ئاتىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ كىسەلنىڭ قوزغىلش نىسبتى دۆلەت ياكى رايوندىكى تورغا چىققان ئادەم سانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىكەن. دۆلىتىمىزدىمۇ بۇخىل كىسەللىك مەۋجۇت. ھازىر ئۇ كىسەل ئاللىقاچان پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن مىدىتىسنا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كەڭ دىققەت- ئىتىبارىنى قوزغىدى.
بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار دەسلەپكى مەزگىلدە ، ئالدى بىلەن ئاستا- ئاستا تورغا چىققاندىكى تەسىردىن ھوزۇرلىنىدۇ، ئاندىن تورغا چىقىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، روھىي جەھەتتىن تورغا يۆلىنۋىلىشقا راۋاجلىنىپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، يىمەك - ئىچمىكى ئازىيىش ، بەدەن ئىغىرلىقى يىنىكلەش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. كىيىن تەن ۋە فىزىئولوگىيە جەھەتتىن يۆلىنۋىلىشقا راۋاجلىنىپ ، ھەركۈنى ئورنىدىن تۇرغاندا، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش ، تەپەككۇرى ئاجىزلىشىش، قوللىرى تىترەش، چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش پەيدا بولۇپ، پەقەت تورغا چىققاندىلا ئانداىن روھىي ھالىتى ئەسلىگە كىلىپ، نورماللىشىدىغان ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. ئاخرىقى باشقۇچتىكى كسىەل ئالامەتلىرى بولسا، كىسەلدە فىزىئولوگىيلىك ئامىل بىلەن  مۇناسىۋەتىسز بولغان بەدەن ئىغىرلىقى يىنىكەلش، چىرايى سۇلغۇنلىشىش، تورغا چىقىشنى توختاتسىلا جىددىي خاراكىتىرلىك ۋاقىتلىق ئۇنتۇش يىغىندى كىسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. كىسلى ئىغىر بولغانلار ئۆزىنى قىيناش ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىش ۋاسىتسىنى قوللىنىش ، باشىقلارغا زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سادىر قىلىدۇ. ستاتىسىتىكا ماتىرىيالغا ئاساسلانغاندا، ئىنتىرنىت تورى پەيداقىلىدىغان خۇمارلىق يىغىندى كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يىشى 15 ياشتىن45 ياشقىچە بولۇپ ،ئەرلەر،98.5 پىرسەنتنى، ئاياللار 1.5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. 20 ياشىتىن 35 ياشقىچە بولغان بويتاق ئەرلەردە بۇ كىسەل ئەڭ كۆپ بولىدىكەن. بۇ خىل روھىي توسالغۇنىڭ پەيدابولۇش سەۋەبىنى تەھلىل قىلغاندا، ئۇ بىئولوگىيىلىك ئامىل بىلەن پىسخكا ئامىلىدىن ئىبارەت ئىككى ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كىسەل تورغا چىقىش ئارقىلىق يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلىنىدىغان كۆڭۈل بۆلۈش، ئىللىقلىق قاتارلىق قانائەت تۇيغۇسىغا ئىرىشىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت تورغا چىققانلىقتىن ، چوڭ مىڭە نىرۋىسىدىكى ئاساسىي نىرۋا داۋاملىق ئىنتايىن ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرغاچقا، ئادىرىنالىننىڭ ئاجرىلىىشى نۇرمالىسزلىشىپ ، سىپاتىك نېرۋىنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە شۇ كېشدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، خىزمەت كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق، مۇھەببىتى بۇزۇلۇش قاتارلىق ئالدىنقى سەۋەب بولغانلىقتىن ، تورغا چىققۇچى بۇلاردىن قۇتۇلۇشنى ئىزدەپ ، تورغا بىرىلپ كىتىپ، ئەمەلىي تۇرمۇشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ ، تورنىڭ مەۋھۇم بوشلۇقىدا ياشايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ كېسەلنىڭ خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ قىمار ئويناشقا بىرىلىپ كىتش، زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش قاتارلىق يامان ئادەتلەر بىلەن ھىچقانداق ماھىيەتلىك پەرقى يوق، بولۇپمۇ ۋىگىتاتىۋ نىرۋىنىڭ قالايمىقانلىشىشغا سەۋەب بولۇپ، ئىممۇنىتىت ئىقتىدارنىڭ ئاجزىلىشىشىنى، ھەر خىل كىسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ، مەسىلەن: يۈرەك قان تومۇر كىلىسى، ئاشقازان- ئۈچەي نىرۋا فۇنكىسىيسى بۇزۇلۇش كىسىلى، جىددىي خاراكىتىرلىك باش ئاغرىقى، تەشۋىشلىنىش، غەمكىنلىك قاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە كومپىيۇتىر ئىكىرانغا ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ ئولتۇرغانلىقىتن كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ، قاراڭغۇغا ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كىتىدۇ.
ھازىر بۇ خىل كىسەلنى داۋالاش تىخى تەتقىق قىلىنىش باسقۇچىدابولۇپ، تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى قوللىنشقا بولىدۇ: ئىنتىرنىت تورنى ئىشلىتىشتە ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكىتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر ئەكس تەسىردىن ساقلىنىپ توردا ئۇلانما لىنيىلىك ئويۇن ئويناشقا، پاراڭلىششقا ئاز قاتىنىشش: ئائىلە ئەزالىرى. دوستلار چوقۇم ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلۈش، تورغا چىقىش ۋاقتىغا چەك قويۇش، بولۇپمۇ تورغا چىققاندا ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك؛ كۆپرەك سەۋزە، تۇخۇم، ئورۇق گۆش، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن Aۋە ئاقسىل ماددسى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلشقا دىققەت قىلىش لازىم؛  كسىلى بەك ئىغىر بولغانلارنى بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرسىتىپ مۇۋاپىق داۋالىتىش، زۆرۈر بولغاندا پىسخىكىلىق داۋالاش ئىلىپ بىرىش لازىم.  
مەنبە؛ساغلاملىق دىگەن كىتابدىن ئىنلىدى .



[Birzat بۇنى 2011-03-18 10:17 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: ئىز تورى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تور كومپيۇتېر

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماXUGKAR[2011-12-23 03:16 PM | del]
مەنمۇ IHTIYAT KILSAM BOLGUDAK
回复قايتۇرماdilraba[2011-07-20 03:54 PM | del]
بالىلاردىكى تور خۇمارىنى قانداق قىلساق تۇگەتكىلى بۇلار . مۇشۇ ئىش بىشىمنى بەك قاتۇرىدۇ.
回复قايتۇرماYuksel[2010-07-18 07:13 PM | del]
ھەقىقەتەن دىققەت قىلساق بولغۇدەك. مەنمۇ گاھىدا توردا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا ئۆيدىكىلەر زېھنمىنى چاچسا سەپرايىم ئۆرلەپ قالىدۇ.
ئەمما، ئاۋۇ رەسىمدىكىدەك تورغا چىقىش بەك ھوزۇرلۇق بىلىنىدۇ ماڭا. ئىلگىرى يانپيۇتېردا شۇنداق چىقاتتىم. ھازىرقى شىرەپيۇتېرنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدىكەن ...
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-07-18 08:37 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
تىل تەرجىمە مەمەركىزى ئىلھام ئالغۇدەك ئىسىم ياساپلا جۇما ھاجىم سىلى ،
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.