بىر چىمدىم پاقايوپۇرمىقى ئۇرۇقىنى يۇمشاق ئېزىپ كالا سۈتى بىلەن قوشۇپ يەپ بەرسە مەنىي ئىقىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. خورما ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇپ يۇمشاق تالقانلاپ تەڭ مىقداردا شىكەر قوشۇپ يەپ بەرسە كۆپ ئىھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەگەر شەھۋىتى كۈچىيىپ كېتىش، جىنسىي ھەۋەس سېزىمى ئىشىپ كېتىپ كۆپ ئىھتىلام بولسا قۇرۇق يۇمغاقسۈتنى يۇمشاق تالقانلاپ تەڭ مىقداردا شىكەر بىلەن كۈندە بىر قوشۇقتىن يەپ بەرسە شىپا قىلىدۇ. ئەگەر شۇ سەۋەبتىن قولدا لەززەتلىنىشكە ئۈگۈنۈپ قالغان بولسا شەھۋەتنى تۆۋەنلىتىپ بۇ ئادەتتىن قول ئۈزۈش ئۈچۈن ھۆل يۇمغاقسۈتنى ئىزىپ سۈيىنى چىقىرىپ كۈندە بىر قوشۇقتىن ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە پەيدىسى بولىدۇ. شەھۋەت بىسقىغا چۈشكەندىن كىيىن يۈمغاقسۈت سۈيىنى داۋاملىق ئىچمەسلىك كېرەك.

بىر كىمنىڭ كۆزىدىن تولا ياش ئاقسا....

" /> ھەپتىدە 5 رېتسىپ - 13 - 80 خالتا بلوگى

ھەپتىدە 5 رېتسىپ - 13


1. بىر كىمنىڭ كۆزىدىن تولا ياش ئاقسا ئۆچكىنىڭ سۈتىنى پاختىغا ئىلىپ كۆزىگە تېمىتىپ بەرسە شىپا بولىدۇ.

2.كېزىككە مۇپتىلا بولغۇچىلار تۆۋەندىكى كاشكاپنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە تەرلىتىپ بەدەندىن كېسەلنى چىقىرىپ تاشلايدۇ:

گۈلبىنەپشە، پىرسىياۋشان، كاسىنە، بەدىيان بىر چىمدىمدىن ، سەرپىستان 10 دانە، پىشقان ئەنجۈر 2 دانە، چىلان 15 دانە، قەنت مۇۋاپىق مىقداردا، سەرپىستان، بەدىيانلارنى ئىزىپ چپڭراق بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بىرىدۇ.

3.قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىقلار ئۇيقۇسىزلىقتا كۈندە كەچتە بىر پىيالە قىتىققا 2 قوشۇق ھەسەل سىلىپ ئىچسە مېڭىگە نەملىك يەتكۈزۈپ ئۇيقۇنى  ياخشىلايدۇ، بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلايدۇ، قەۋزىيەتنى راۋان قىلىدۇ.

4. بىر چىمدىم پاقايوپۇرمىقى ئۇرۇقىنى يۇمشاق ئېزىپ كالا سۈتى بىلەن قوشۇپ يەپ بەرسە مەنىي ئىقىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. خورما ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇپ يۇمشاق تالقانلاپ تەڭ مىقداردا شىكەر قوشۇپ يەپ بەرسە كۆپ ئىھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەگەر شەھۋىتى كۈچىيىپ كېتىش، جىنسىي ھەۋەس سېزىمى ئىشىپ كېتىپ كۆپ ئىھتىلام بولسا قۇرۇق يۇمغاقسۈتنى يۇمشاق تالقانلاپ تەڭ مىقداردا شىكەر بىلەن كۈندە بىر قوشۇقتىن يەپ بەرسە شىپا قىلىدۇ. ئەگەر شۇ سەۋەبتىن قولدا لەززەتلىنىشكە ئۈگۈنۈپ قالغان بولسا شەھۋەتنى تۆۋەنلىتىپ بۇ ئادەتتىن قول ئۈزۈش ئۈچۈن ھۆل يۇمغاقسۈتنى ئىزىپ سۈيىنى چىقىرىپ كۈندە بىر قوشۇقتىن ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە پەيدىسى بولىدۇ. شەھۋەت بىسقىغا چۈشكەندىن كىيىن يۈمغاقسۈت سۈيىنى داۋاملىق ئىچمەسلىك كېرەك.

5. چامغۇر ئۇرۇقى ياكى سەۋزە ئۇرۇقىنى يۇمشاق ئىزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە تېرىنى سۈزۈپ داغقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ________________________________________

تىل ئىستىمالىمىزدا بۇ ئۆسۈملۈك پاقا يوپۇرمىقى، قىيمىقۇ، قۇمچاق يوتكىنى دېگەندەك ئىسىملاردا ئاتىلىدۇ. ئېنگىلىزچە نامى: Asiatic plantain

خەنزۇچە: 车前草

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن




[Birzat بۇنى 2013-01-03 11:42 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: رېتسىپ 5 ئەل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماگۇناھكار[2013-05-06 08:10 PM | del]
بەك ياخشى رىتسىپلاركەن. رەھمەت سىزگە.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.