ساغلام بولمىغان روھىي ھالەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئاۋارچىلىق ھېسابلاپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقىنىغا پەرۋا قىلماسلىق، 2012-يىلى قىيامەت بولىدۇ سەپسەتىسىنىڭ كۈچلۈك ۋەھىمە پەيدا قىلىشى دېگەندەكلەرنى مىسالغا ئىلىشىمىز مومكىن.

مېنىڭ تېبابەت ئۈگۈنۈش ۋە ئەمەلىي ئىزدىنىش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى - ساغلام ياشاپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھاياتتا مۇنداق ئۈچ ئىش ئىنتايىن موھىمكەن:

1.ئىلمى ئوزۇقلىنىش.

2.توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى

3.ساغلام روھىي ھالەت

...................................

" /> ساغلام ياشاپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى ئۈچ موھىم ئىش - 80 خالتا بلوگى

ساغلام ياشاپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى ئۈچ موھىم ئىش


مۇناسىۋەتلىك تېما:

<<ئىگىلىك سەھنىسى>> پروگراممىسىغا تەييارلىق ۋە بۇ ھەقتە قىسقىچە خاتىرە

____________________________________________________

مېنىڭ تېبابەت ئۈگۈنۈش ۋە ئەمەلىي ئىزدىنىش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى - ساغلام ياشاپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھاياتتا مۇنداق ئۈچ ئىش ئىنتايىن موھىمكەن.

1.ئىلمى ئوزۇقلىنىش.

2.توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى

3.ساغلام روھىي ھالەت

مەن بۇلارنى تۆۋەندىكىدەك شەرھىلەپ باقتىم:

1.ئىلمى ئوزۇقلىنىش - مىزاجغا، بەدەن شارائىتىغا، يېشىغا مۇناسىپ ياقىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش، مىزاجغا ماس كەلمەيدىغان يىمەكلىكلەردىن ساقلىنىش، تەبئىي، ساپ، پاكىز، ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى يۇقۇرى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، ئوزۇق قىممىتى تۆۋەن، بەدەنگە زىيانلىق ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش؛

ئەتتىگەندە ھەسەل، گۈلقەنت، سېڭىپ پىشقان نان، ياڭاق، بادام، قۇرۇق ئۈزۈم، خورما دېگەندەك قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى، بەدەننىڭ ئىممۇنېت ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئوزۇقلۇقلاردىن مىزاجىغا ماس كىلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئىستىمال قىلىش،

چۈشلۈك تاماققا سۈپەتلىك ياغ، گۆش، كۆكتاتلار بىلەن قىلىنغان قورۇما تاماقلار، كاۋاپ پولودەك يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك تاماقلار ...مايلىق، گۆشلۈك تاماقلارنى يېگەندە تۇرۇپ، تەرخەمەك دېگەندەك ئىسىقنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىش، ئاشقازانغا سوغۇق كىلىدىغان ياكى كۆپرەك تاماق يېگەندە ئاشقازاننى ئاسراش، تاماق سېڭدۈرۈش ئۈچۈن پىننە، لاچىندانە، قەلەمپۇر دېگەندەكلەر بىلەن چاي دەملەپ ئىچىپ بىرىش؛

كەچلىك تاماقنى بالدۇرراق، يەڭگىل ئىستىمال قىلىش، داۋاملىق قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە ئىچىشتىن ساقلىنىش دېگەندەكلەر.

2.توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى - بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرۇش، چىش چوتكىلاش ۋە باشقا تازىلىقلارغا ئەھمىيەت بىرىش، بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش، ناشتىسىز سىرتقا چىقماسلىك، خىزمەت، ئارام ئىلىش مۇۋاپىق بولۇش، ئانانىزىم، زىنا-پاھىشەلەردىن ساقلىنىش، جىنسىي تۇرمۇش ئاز سۈپەتلىك بولۇش، ۋەھاكازالار.
3.ساغلام روھىي ھالەت كۈچلۈك بىر ئىتقاد ئاساسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. روھىيتىنى چۈشكۈنلۈك، ئاچكۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك، ھەسەت، خىيالپەرەسلىك، شەھۋەتپەرەسلىك، قورقۇنچاقلىق، تەلۋىلىك قاتارلىق ئەڭ سەلبىي ئامىللار ئىگەللىۋالغانلارنىڭ ئەسلىدىنلا تەربىيلەپ يېتىشتۈرىدىغان كۈچلۈك بىر روھىي تايانچىسى يوق، ياكى خاتا ئىتقاد، ناتوغرا جەمئىيەت تەسىرى پەيدا قىلغان روھىي بىسىملار، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، بالىلىق دەۋرىدە يېتىلىپ قالغان ئاجىز خاراكتىر، چوڭلاردىن يۇقتۇرۋالغان سەلبىي تەسىر قاتارلىقلار كىشىلەردە ئاشۇ خىل ساغلام بولمىغان روھىي ھالەتلەرنى پەيدا قىلغان بولىشى مومكىن.

ھەر خىل نېرۋا كېسەللىكلەر، يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى، ھەتتا ئاشقازان - ئۈچەي ، جىگەر كېسەلىكلىرىگىچە روھىي كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇلار ساغلام بولمىغان روھىي ھالەتنىڭ تەن ساقلىقىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەرسىرلىرىدۇر.

ساغلام بولمىغان روھىي ھالەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى ھەققىدە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئاۋارچىلىق ھېسابلاپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقىنىغا پەرۋا قىلماسلىق، 2012-يىلى قىيامەت بولىدۇ سەپسەتىسىنىڭ كۈچلۈك ۋەھىمە پەيدا قىلىشى دېگەندەكلەرنى مىسالغا ئىلىشىمىز مومكىن.

مەن روھىي ساغلامىلىق ھەقتە ئارتۇق توختالماي، بۇ ھەقتىكى قالدى مەزمۇنلار روھىيەت تەربىيچىلىرىگە تەۋەدۇر.




[Birzat بۇنى 2012-12-08 12:03 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.