بىرەر يۈز ئادەمنىڭ ئالدىدا جىددىيلەشمەستىن ئوتتۇرغا چىقىپ سۆز قىلىش ئۈچۈن خىلى زور جۈرئەت كېتىدىغان ئىش ئىكەن. بولۇپمۇ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ پروگراممىسى دېسە قىلىدىغان سۆزۈمنى تاپالماي قېزىرىپ، تاتىرىپ يۈرەرمەنمۇ دېگەن ئەندىشە بىلەن نەچچە قېتىم بۇ پروگراممىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىش خىيالىغىمۇ كىلىپ قالدىم. ۋاقىت قىستاپ كىلىۋاتاتتى، ھېچقانداق تەييارلىق قىلالماي يۈرەتتىم، راستىنى دېگەندە مېنى بۇ پروگراممىغا تەكلىپ ئەتكەن كىشى قانداق تەييارلىق قىلىشىم كېرەكلىكى ھەققىدە ماڭا تۈزۈكرەك بىر نېمە دېمىگەن ئىدى. پەقەتلا مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئىگىلىك تېكلىگۈچىلەر ھەققىدە ئىشلىگەن مۇسابىقە...

" /> <<ئىگىلىك سەھنىسى>> پروگراممىسىغا تەييارلىق ۋە بۇ ھەقتە قىسقىچە خاتىرە - 80 خالتا بلوگى

<<ئىگىلىك سەھنىسى>> پروگراممىسىغا تەييارلىق ۋە بۇ ھەقتە قىسقىچە خاتىرە


مۇناسىۋەتلىك تېما:

ساغلام ياشاپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى ئۈچ موھىم ئىش

________________________________

بىرەر يۈز ئادەمنىڭ ئالدىدا جىددىيلەشمەستىن ئوتتۇرغا چىقىپ سۆز قىلىش ئۈچۈن خىلى زور جۈرئەت كېتىدىغان ئىش ئىكەن. بولۇپمۇ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ پروگراممىسى دېسە قىلىدىغان سۆزۈمنى تاپالماي قېزىرىپ، تاتىرىپ يۈرەرمەنمۇ دېگەن ئەندىشە بىلەن نەچچە قېتىم بۇ پروگراممىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىش خىيالىغىمۇ كىلىپ قالدىم. ۋاقىت قىستاپ كىلىۋاتاتتى، ھېچقانداق تەييارلىق قىلالماي يۈرەتتىم، راستىنى دېگەندە مېنى بۇ پروگراممىغا تەكلىپ ئەتكەن كىشى قانداق تەييارلىق قىلىشىم كېرەكلىكى ھەققىدە ماڭا تۈزۈكرەك بىر نېمە دېمىگەن ئىدى. پەقەتلا مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئىگىلىك تېكلىگۈچىلەر ھەققىدە ئىشلىگەن مۇسابىقە پروگراممىسىنىڭ دېسكىسىنى ئەۋەتىپ بەردى. قارىسام بۇلارنىڭ سەۋيەسى بەكلا يۇقۇرى، باھالىغۇچى مۇتەخەسسلەرنىڭ ئويلىمىغان يەردىن سورىغان سۇئاللىرىغا ھېچ تارتىنماستىن بەرگەن جاۋابلىرىغا قاراپ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن رەسمى يالتىيىپ قالدىم. ئولتۇرسام-قوپساپ شۇ سەھنىگە چىقىپ ئۆزۈمنى قانداق قىلىپ ئەركىن تۇتارمەن دېگەن ئەندىشە كىرىۋېلىپ ، نەچچە رەت مېنى تەكلىپ قىلغان كىشىگە تېلفۇن قىلىپ ئورنۇمغا باشقا ئادەم تېپىڭلار دەيمىكى دەپمۇ ئويلىدىم، لىكىن يەنىلا تېلفۇن قىلمىدىم، بۇ مۇسابىقىدە باشقا ماھىرلارنى ئۇتۇپ غەلبە قىلىش ئەمەس، بەلكى سەھنىگە چىقىپ ئۆزۈمنى ئىپادىلەپ بىرەلىشىممۇ  ئۈچۈن چوڭ ئىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر پۇرسەت ئىكەن. شۇڭا جۈرئەتلىك بولىشىم كېرەك، دەپ ئۆزۈمگە مەدەت بىرىپ سەھنىگە چىققاندا دەيدىغان سۆزلەرنى قەغەزگە يېزىپ تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇم. يېقىن بىر بۇرادىرىم بىلەن قىسقىغىنە بولسىمۇ پىراكتىكا قىلىۋالدۇق.

 ئايرودرۇمغا بالدۇرلا چىقىۋاپتىكەنمەن. ئۈرۈمچىدە قىلىن قار يېغىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك 4-5 قېتىملىق ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكتۈرلۈپتۇ. مەن چىقماقچى بولغان ئايروپىلان كەچ سائەت 8:20 دە ئۇچماقچى ئىدى، ساقلا-ساقلا ئاخىرى ئەتىسى سەھەر سائەت 2:30 دا ئۇچۇپ ئۈرۈمچىگە 4 دە قوندۇق. ياتاققا جايلىشىپ بىر-ئىككى سائەت ئارام ئىلىپلا پروگراممىنى سۈرەتكە ئىلىش زالىغا يۈرۈپ كەتتىم. مېنى تەكلىپ قىلغان كىشى بىلەن سائەت 7 دە كۆرۈشمەكچى بولۇپ كىلىشىپ قويغان ئىدىم. پروگراممىنى سۈرەتكە ئىلىش باشلانغۇچە ناشتا قىلىۋالىمەن دېگەن نىيەت بىلەن ياتاقتىن ئالدىراپ چىققانغا ناشتا قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ بولماي ئۇيقۇسىز ھەم ناشتىسىز پروگرامما باشلىنىپ كەتتى. سەھنىگە چىقىپلا ئۆزۈمدىن شۇنداق بىر ھەيرانلىقنى بايقىدىمكى ھىلىقى جىددىيلىشىپ قىلىدىغان سۆزۈمنى تاپالماي قالارمەنمۇ دەيدىغان قورقۇنچلىرىم يوقاپ تۇرۇپلا بىر خىل تەمكىن بولۇپ قاپتىمەن. قەغەزگە يېزىۋالغان سۆزلەرگىمۇ قارىمىدىم، قارىساملا باش-ئاخىرى قالايمىقان بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇدا، ئۆزۈمنى ئىمكان بار ئەركىن تۇتۇپ كاللامدا بارىنى تەبئىي سۆزلىمەكچى بولدۇم. ھەر بىر ماھىرنىڭ ئۆزىنى، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋاقتى پەقەت ئىككى مىنۇتلا، مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا ھودۇقۇپ كەتمىسە ئۆزىنى ئاران تونۇشتۇرۇپ بولغىلى بولىدىكەن. مەن بىلەن سەھنىگە چىققان ماھىرلاردىن بىرسى ئۈرۈمچى شەھرىدە بوتۇلكىلىق سۈتلەرنى ئائىللەرگىچە تارقىتىش تىجارىتى قىلىدىغان بىر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەن. يەنە بىر ماھىر قىز-ئاياللارنىڭ ئايىقىنى لايىھەلەيدىكەن ھەمدە بىر-قانچە يەردە مەخسۇس دۇكانلىرى بار بىر قىز ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بايان قىلىپ بولغاندىن كىيىن باھالىغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ نۆۋەت ماڭا كەلدى. مەن ئۆزۈمنى ئاساسەن تۆۋەندىكى مەزمۇندا تونۇشتۇردۇم: 

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، مەن بىرزات بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەتتۇرسۇن بولىمەن. مېنىڭ تېبابەت ئۈگۈنۈش ۋە ئەمەلىي ئىزدىنىش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم شۇ بولدىكى - ساغلام ياشاپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھاياتتا مۇنداق ئۈچ ئىش ئىنتايىن موھىمكەن:

1.ئىلمى ئوزۇقلىنىش.

2.توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتى

3.ساغلام روھىي ھالەت

  بۈگۈنىمىزدە كېسەل بولۇپ بولغاندا داۋالاشتىن كېسەل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەممىلا ئادەمگە ياقىدىغان، ھەر قايسى ئەل تېبابەتلىرىدە ئىلگىرى سۈرلىۋاتقان ئىلغار قاراش بولىشىغا قارىماي ئەجداتلىرىمىزدا ئەزەلدىنلا بار بولغان ھەمدە بىزگىچە يەتكۈزۈپ كەلگەن قىممەتلىك بايلىقتۇر. ئىلمى ئوزۇقلىنىش يەنى مىزاجغا قارىتا ئوزۇقلىقنى تەڭشەپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش كەسىپ جەھەتتىن ماڭا ئىنتايىن تونۇشلۇق بولغان بىر ساھە. مەن شۇ نۇقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ 2006-يىلى قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىت يىنىدا ئۇيغۇر تېبابەت دورا-دەرمەك، قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى ئاچتىم. مەن شۇ ئارىدا بازارنى كەڭرەك ئىچىش، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى بېيىتىش، ئۇيغۇر تېبابىتىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىدىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن نامىدىكى ئۆزۈمگە خاس مەخسۇس تور بېتىمنى قۇرۇپ چىقىپ كەسپىم، تەجىرىبە-ھاسىلاتلىرىم ھەققىدە ماقالىلەرنى يېزىپ بىرزات نامىدا ئىلان قىلىشقا باشلىدىم. بلوگ ئىلان قىلىنغان قىسقىغىنا بىر مەزگىلدە تورداشلارنىڭ دىقىىتىنى تارتىپ ساغلاملىق، ئىلمى غىزالىنىش، ياشلىقنى قەدىرلەش ھەققىدە تورداشلارنىڭ سورىغان كۆپلىگەن سۇئاللىرىغا ئىلمىي نۇقتىدىن چۈشۈنۈشلۈك، ئەمەلىيەتچىل، ئاممىباب شەكىلدە جاۋاپ بىرىپ تورداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتىم. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ئارىسىدىن دۇكىنىمدىكى ئېسىل ھەسەللىرىمگە، گۈلقەنت، دورىلىق چايلىرىمغا خىرىدار بولۇپ زاكاس قىلىدىغانلار چىقىشقا باشلىدى. دۇكىنىمغا كىرگەن خىرىدارلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلۈپ ياخشى مەھسۇلات تەييارلاپ بەرگەن بولسام توردا-يىراقتىن مال زاكاس قىلغانلارغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ بۇيرۇتمىلىرىنى كۆڭۈل بۆلۈپ تەييارلاپ ئەۋەتىپ بەردىم.  ھازىر بلوگىمنىڭ تېزىملاتقان سادىق مۇقىم ئەزاسى 5000 دىن ئاشىدۇ. بلوگ قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە كۆرۈلۈش قىتىم سانى 6 مىليون ئەتراپىدا. 2008-يىلىدىن باشلانغان ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە ئىزچىل بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەي كىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا 80خالتا بلوگىنىڭ تورداشلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ زورلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بلوگ يېزىپ تورداشلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ تور دۇنياسىدا يىراق-يېقىندىن بولۇپ خىلى كۆپ خىرىدارلىق بولۇپ قالدىم. ھازىر تىجارىتىمنىڭ 60% ى دېگۈدەك تور ۋاستىسى بىلەن بولىۋاتىدۇ. ھازىر ئۈرۈمچىدە بىر تارماق دۇكىنىم بار. يەنە بۇلتۇر بىر قانچىمىز بىرلىشىپ <<بىرزات>> بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتىنى قۇردۇق. شىركەت ھازىر بىرزات ساپ ھەسەللىرى، بىرزات ئاپتاۋى گۈلقەنتلىرى، بىرزات چايلىقلىرى نامىدا بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالدۇق.

ئارقىدىن باھالىغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا ئۆز ئەمەلىيتىمنى چىقىش قىلغان ئاساستا جاۋاپ بەردىم. سۇئاللار ئاساسلىقى تور ۋاستىسى بىلەن تونۇشقان خىرىدارلارغا قايسى خىل ئۇسۇلدا مال يەتكۈزۈپ بىرىسىز، ئۇلارنىڭ پۇل تۆلەش ئۇسۇلى قانداق، تاۋباۋدەك سودا تور بىكەتلىرىدە دۇكان ئاچتىڭىزمۇ دېگەندەكلەر بولدى. خىرىدارلىرىم كارتامغا پۇل سىلىپ بەرگەندىن كىيىن ئاندىن مال ئەۋەتىمەن. تاۋباۋدا دۇكان ئاچمىدىم دېگەندەك ئەمەلىي جاۋابلارنى بەردىم، ئۇندىن باشقا ئۇلارنىڭ شىركەتنى باشقۇرۇش، يېڭى تۈرلەرنى ئىچىش، تالانتلىقلارنى بايقاش دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللار ئوتتۇرغا چۈشتى. ئاخىرىدا ماڭا قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەرگەن بولدى.

بۇ قىتىمقى ئىگىلىك سەھنىسى پروگراممىسىغا مەۋلۇت ئىبراھىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
باھالىغۇچىلار:
كارخانچى،دوختۇر:ئەركىن ھاشىم.
جەمئىيەتشۇناس، ئوقۇتقۇچى: ئابدۇۋەلى
ئابىدە ئىچىملىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى:
قاتناشقان ماھىرلار سانى: 6
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان بىخلان مائارىپ تەربىيلەش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، 23 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئەسقەر ئابىدە شىركىتى تەمىنلىگەن 20 مىڭ يۈئەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى. بۇ بالىغا مەنمۇ قايىل بولدۇم. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 6 نەپەر ماھىرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى ئەگرى توقايلىقلىرى، تارتقان قىيىنچىلىقلىرى، قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىپ مۇۋەپىقىيەتكە يول ئالغانلىقى دېگەندەكلەر سۆزلەندى. باھالىغۇچىلارنىڭ قىممەتلىك باھا-تەكلىپلرى ئاشۇ پروگراممىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئەمەلىي نەپ بىرەلەيدۇ دەپ قارىدىم. كارخانىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى، قىممىتى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر، ئىقتىساد، بازار دېگەنلەر ھەققىدە چۈشەنچەم موللىشىپ كۆزۈم ئىچىلىپ قالدى.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى تىلۋېزۇردىن كۆرىۋالغايسىز، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېڭى يىلدا ئىقتىساد قانىلىدا قويارمىش.




[Birzat بۇنى 2012-12-08 12:02 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماخۇشتار[2012-12-28 10:37 AM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يازمىلىرىنى ئوقۇپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئوڭۇشلۇق، مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.