جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىنكى ماغدۇرسىزلىق ئۈچۈن ھەسەل سۈيى ئىچىپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىكەن. باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىش ھەم ئەمەلىيەت جەريانىدا ھېس قىلىشىمچە ھەسەل جىنسىي مۇناسىۋەتتە چارچىغان نېرىپلار، بوشاشقان پەيلەرنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى تېزلىتىدۇ. خورىغان قۇۋۋەتلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ جىنسىي ئىقتىدار جەھەتتە بالدۇر قىرىشنى مۇئەييەن كىچىكتۈرۈش رولى بار ئىكەن. ياشلاردا توي قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆيىگە يەشىكلەپ <<كالا>>، <<بۇقا>> دېگەندەك روھلاندۇرۇش ئىچىملىكلىرىنى ئەكىرىۋالىدىغانلىقىنى ...
" /> ئەرلەر ساغلاملىقى ۋە ھەسەل - 80 خالتا بلوگى

ئەرلەر ساغلاملىقى ۋە ھەسەل


 
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
 
ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى، شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە ئىلگىرى بىر قانچە تېمىلاردا كەڭ-كۇشادە توختالغان ئىدىم. ھەسەل يالغۇز ئەرلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكىم بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلار دېگەندەك ھەممە ياشتىكىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدىغان ئېسىل ئوزۇقلۇقتۇر. لىكىن ھەسەل ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان چېچەك-گۈللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە قاراپ ھەسەلنىڭ تەم، پۇراق، ئوزۇق، خۇسۇسىيەتلىرىدە مۇئەييەن پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. ھەم ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە ئەھۋاللاردا بىرىدىغان تەسىرىدىمۇ پەرق بولىدۇ. بۇ تېمىدا مەلۇم بىر ئوقۇرمەننىڭ ئەرلەر قايسى ۋاقىت، قانداق ئەھۋالدا ھەسەل ئىشلەتسە ئۈنۈمى ياخىشى بولىدۇ دېگەن سۇئالى ھەققىدە ئەمەلىي تەجىربىلىرىمنى بايان قىلىمەن.بۇ مەخسۇس ئەرلەرنىڭ تېمىسى بولىدۇ.
 
1.ساقال ئىلىپ بولغاندىن كىيىن تېرىنى ئوزۇقلاپ يۇمرانلاشتۇرۇش، ساقال تېغىنىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتسە ئۈنۈمى ئالاھىدە بولىدۇ. دۇكىنىمدا سېتىلىۋاتقان بىرزات دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەك ئالاھىدە ھەسىلىنى ئۆيدە ئېستىمال قىلىدىغانغا ئەكىلىپ قويسام ئايالىم ئۇ ھەسەلنى يۈزۈمگە سۈرىمەن دەپ كىچىك بىر قۇتىغا ئىلىپ تازىلىق ئۆيىگە ئەكىرۋاپتۇ. دەسلىۋېدە سەل ئاچچىقىم كەلدى، شۇنچە ئېسىل ھەسەلنى يۈزۈمگە سۈرىمەن دېگۈچە قارنىڭغا يېگەن بولساڭ، ئىچكى ئەزالىرىڭ ساق بولسا، ئوزۇقلۇقلار تولۇق سۈمۈرۈلسە ئادەمنىڭ چىرايى، تېرىسىمۇ تەبىيلا نۇرلىنىپ گۈزەللىشىدۇ، دېدىميۇ ئارقىدىن ساقال ئىلىپ بولۇپ مەنمۇ يۈزۈمگە سۈرۈپ باقمايمۇ دېگەن خىيال بىلەن يۈزۈمگە تەكشى سۈرۈپ 5 مىنۇت ساقلاپ يۇيۇۋەتتىم، ھەر قېتىم يېرىك ساقالنى كولاپ پاكىز ئالىمەن دەپ تېرە قىزىرىپ كېتەتتى، بۇ قېتىم ھەسەلنى سۈرگەندىن كىيىن تېرەم شۇنداق يۇمشاپ، سىلىق، پارقىراق بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم ساقىلىمنى ئىلىپ بولۇپ ھەسەل سۈركەش ئادەت بولۇپ قالدى. كىيىن بەزى ئايال خىرىدارلىرىم ھەسەلنى 2 ئاي ئەتراپىدا ھەم ئىستىمال قىلىپ ھەم تېرىسىگە سۈركەپ بىرىپ تېرىسىنىڭ باشقىچە ساغلاملىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىشىپ كورىيەنىڭ، فىرانسىيەنىڭ نەچچە مىڭ كويلۇق گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىپمۇ بۇنچىلىك ئۈنۈم كۆرەلمىگەن ئىدىم. قەۋزىيەت، ئادەت نۇرماللىشىپ زەھەرلەرنى بىر ئوبدان تازلىغاندەك تۇردۇ، دەپ داۋاملىق ئىچىۋاتقانلىقى دېققىتىمنى تارتىپ ئايالىمنىڭ يۈزۈمگە ھەسەل سۈرىمەن دېيىشىگە باشقىچە پىكىردە بولمىدىم.
2. كىلاسسىك كىتابلاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىنكى ماغدۇرسىزلىق ئۈچۈن ھەسەل سۈيى ئىچىپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىكەن. باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىش ھەم ئەمەلىيەت جەريانىدا ھېس قىلىشىمچە ھەسەل جىنسىي مۇناسىۋەتتە چارچىغان نېرىپلار، بوشاشقان پەيلەرنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى تېزلىتىدۇ. خورىغان قۇۋۋەتلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ جىنسىي ئىقتىدار جەھەتتە بالدۇر قىرىشنى مۇئەييەن كىچىكتۈرۈش رولى بار ئىكەن. ياشلاردا توي قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆيىگە يەشىكلەپ <<كالا>>، <<بۇقا>> دېگەندەك روھلاندۇرۇش ئىچىملىكلىرىنى ئەكىرىۋالىدىغانلىقىنى كۆپ ئاڭلاپ قالىمەن. ھەمدە بەزىلەر بۇ ھەقتە سورايدۇ. بۇ ھەقتە سورىغانلارغا لايىقىدا جاۋاپ بەردىم. مىزاجى قۇرۇققا ئىسسىققا مايىل بولسا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن قاينىتىلغان سۈتكە ھەسەل سىلىپ ئىچىپ بەرسە قۇۋۋەتنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. مەنىينى زىيادە قىلىدۇ. مىزاجى ھۆل سوغۇققا مايىل بولسا مۇناسىۋەتتىن كىيىن خۇلۇنجان، قوۋزاق دارچىننىڭ يۇمشاق سوقۇلغان تالقىننى قايناق سۇغا سىلىپ سەل سوۋىغاندا 2-3 قوشۇق ھەسەل سىلىپ ئىچىپ بەرسە قۇۋۋەتنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردۇ. پەي-نېرىپلاردىكى سۇسلۇقنى ئىلىپ تېتىكلەشتۈردۇ. بۇ جەھەتتە ساپ جىگدە چېچىگى ھەسىلىنىڭ رولى يۇقۇرراق بولىدۇ.
3.جىنسىي مۇناسىۋەتتە تېلىغا ھەسەل سۈرۈپ ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلسا ئارىدىكى شىرىنلىكنىڭ ئۇزۇنراق داۋام قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ھۆكۈمالارنىڭ بەزى قاراشلىرىغا كۆرە تېلىغا ھەسەل سۈرۈپ ئايالىغا يېقىنچىلق قىلسا تۇغۇلغان پەرزەنتى شىرىن سۆزلۈك بولۇر. ئەر كىشى جىنسىي ئەزاسىغا ھەسەل سۈرۈپ ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلسا ئايال كىشىدە لەززەتنى زىيادە قىلۇر دېگەندەك بايانلار بار.
4.ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ھەسەل سۈيى ئىچىشنى ئادەت قىلسا ھەر خىل قان تومۇر كېسەللىكلرى، جېگەر، ئاشقازان، مېڭە ئاجىزلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخىشى قىلىدۇ. 
5. توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئەھۋاللاردىن قەۋزىيەت، گېمىروي،  قان قويۇقلۇق، چىرايىغا داغ چۈشكەن ئەھۋالدا ئاچ قورساق ناشتىدا ھەسەل سۈيى ئىچىپ بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئۈنۈمى ياخىشى بولىدۇ. بۇنىڭغا دورا ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان ھەسەل، يانتاق ھەسىلى، زاراڭزا چېچەك ھەسەللىرى قاتارلىقلار ئوبدان ماس كىلىدۇ. 
 

 




[Birzat بۇنى 2013-05-25 09:30 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ھەسەل، سۈت

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرمادىيار[2013-04-27 10:51 AM | del]
ل
回复قايتۇرما江江[2013-04-24 12:45 AM | del]
هأرمةتلك دوختذر نئمة ظإچإن بةزئ ظةرلةر ظاياللارنئث ظصچ كئيئمئنئ ياخشئ كأرئدذ
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.