بۇ بەكلا چوڭ تېما بولۇپ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ، مېنىڭ بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىم ئىسلام ئەقىدىسىنى يادىرو قىلغان دىنىي ئەھكاملارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقماقچىمەن.

تېمىنىڭ تەرەققىياتى تۆۋەندىكى كىچىك سەھىپىلەر بويىچە ئىزاھلىنىپ ماڭىدۇ:

1.مەنىۋى ھوزۇر

2. ياشاش ئادىتى

3.پاكىز، ھالال يېمەكلىكلەر

4.تازىلىق

5. تەبىئەتكە كۆڭۈل بۆلۈش

6.جامائەتچىلىك ئېڭى ۋە قىرىنداشلىق

7.ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى

" /> ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ساغلاملىق - 80 خالتا بلوگى

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە ساغلاملىق


بۇ بەكلا چوڭ تېما بولۇپ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ، مېنىڭ بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىم ئىسلام ئەقىدىسىنى يادىرو قىلغان دىنىي ئەھكاملارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقماقچىمەن.

تېمىنىڭ تەرەققىياتى تۆۋەندىكى كىچىك سەھىپىلەر بويىچە ئىزاھلىنىپ ماڭىدۇ:

1.مەنىۋى ھوزۇر - ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسىغا بولغان ئىشەنچ ۋە يۆلنىشتىن بولغان خاتىرجەملىك، قىيىنچىلىق كۈنلەردە سەبرى قىلىش، قانائەت، دۇئا ۋەھاكازالار

2. ياشاش ئادىتى - بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرۇش، تەرتىپلىك 5 ۋاقىت ناماز، رامىزان،  شەھۋەتكە بىرىلمەسلىك، زىنا-پاھىشە، شاراپخورلۇق، قىمارۋازلىقلاردىن ساقلىنىش، كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالماسلىق، سەبرى-قانائەت، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىقلارنى يامان كۆرۈش، تېرىشچانلىق، ھورۇنلۇقنى يامان كۆرۈش، ئۆز رېسقىغا تايىنىپ تېرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ھالال ياشاش...

3.پاكىز، ھالال يېمەكلىكلەر - شۈبھىدىن خالىي پاكىز يېمەكلىكلەر، سالامەتلىككە زىيانلىق نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتۇش...

4.تازىلىق - مىسۋاك ئىشلىتىش، كىيىم-كېچەك، بەدەن تازىلىقى، ھويلا-ئارام، كوچا-كويلارنىڭ تازىلىقى...

5. تەبىئەتكە كۆڭۈل بۆلۈش - كۆچەت تېكىپ يېشىللاشتۇرۇش، دەل-دەرەخلەرنى قالايمىقان كەسمەسلىك، قۇشلار ۋە قۇرۇت-قوڭغۇزلارغىچە ئازار يەتكۈزمەسلىك، موھىتنى بۇلغىماسلىق....

6.جامائەتچىلىك ئېڭى ۋە قىرىنداشلىق - چۈشكۈنلۈك، بۇرۇقتۇرمىلىق، غىرىپلىقتىن خالىي - ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلۈپ ھالىغا يېتىشىدىغان، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ياردەم قىلىشىدىغان، ھەر خىل روھىي بېسىملاردىن خالىي قىلالايدىغان، مىھرى-مۇھەببەتكە تولغان قوشنىدارچىلىق ۋە جامائەت توپى...

7.ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى

............................................

يۇقۇرقىلار مەن توختالماقچى بولغان تېمىنىڭ شەكلەن قۇرۇلمىسى بولۇپ ھازىرچە كاللامغا كەلگىنى بويچە شۇنداقلا يېزىپ تۇردۇم، قالغىنى تەپسىلىي مەزمۇنىنى يېزىشقا باشلىغاندا بەزى تەرتىپلەر ئۆزگەرتىلىشى ۋە ياكى يېڭىدىن قوشۇلىشى مومكىن. قوشۇپ تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان  پىكىرلەر بولسا ئورتاقلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. 

تېما ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن ئاز-ئازدىن يېزىپ ئۇدۇللۇق يوللىنىشى مومكىن. بۇ تېخى يېزىلمىغان، لىكىن تەييارلىق كۆرىلىۋاتقان تېما بولغاچقا تورداشلارنىڭ ئالدىراتماسلىقىنى، پايدىلىق ماتېرياللار بولسا تەمىن ئىتىشىنى سورايمەن.  




[Birzat بۇنى 2012-11-23 12:57 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماbahit520[2012-12-04 06:35 PM | del]
80 خالتا بىلوگىننىڭ يانفۇن بىتنى ياساپ قۇيساڭلار بۇبتكەن
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.