كۈندە 5 رېتسىپ (5) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]



1.رېتسىپ: ئېغىز ئىچىگە يارا چىقىپ قالسا شۇ يارىنىڭ ئۈستىگە قەلەمپۇر ياكى پىلپىل دارازا سىلىپ تۇرغۇزۇپ شۈمۈپ بەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
2. رېتسىپ: چېشى ئاغرىپ ئاغرىققا چىدىيالمىسا زەمچە ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئىلىپ (ياكى بۇلارنىڭ قايسى بىرىنى تاپقىلى بولسا شۇنى ئىشلەتسىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ) قاينىتىپ ئېغىزدا تۇرغۇزۇپ بەرسە چىش مىلىكى ياللۇقلىنىش ھەم باشقا سەۋەبلەردىن بولغان چىش ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ. بۇ ھەم ئېغىز بوشلۇقىدىكى جاراھەتلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
3.رېتسىپ: كىچىك باللادىكى ئىچ سۈرۈكتە پاقا يوپۇرمىقىدىن 2-3 تالنى تازىلاپ شويلا ئىتىپ بەرسىمۇ ياكى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكۈزۈپ بەرسىمۇ شىپا بولىدۇ.
4.رېتسىپ: قوقاق تېگىپ ئومومىي بەدەن يېقىمسىز بولسا ياكى قىزتمىسى ئۆرلەپ كەتسە سېمىز ئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ تۈگرە (جۇۋاۋا) ئىتىپ يېسە شىپا بولىدۇ.
5.رېتسىپ: چايان ياكى ئۆمۈچۈك چاقسا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نەشتەر ئۇرۇلغان جاينى كۈچەپ شوراپ تۈكۈرۈش كېرەك. ئاندىن سىركە ياكى كالا سۈتىنىڭ قايسى بىرى تېپىلسا شۇنىڭدىن ئىچىش كېرەك. سىركە بولسا 2-3 قۇشۇق ئىچسە كۇپا. بۇنڭدا زەھەر تىزلا تارقاپ ئاغرىق بىرەر سائەتكە قالماي قويۇپ بىرىدۇ. سىركىنى ئىچىپ ھەم نەشتەر ئۇرۇلغان جاينى چىلاپ بەرسىمۇ ئاغرىق تىز توختايدۇ. چايان چاققاندا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسا دوختۇرغا بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئۆمۈچۈك چىقىۋالسا دوختۇرغا ئاپىرىپ بولغۇچە يۇقۇرقى چارىلەرنى قوللانغاچ تۇرسا زەھەرلەنگۈچىنىڭ تېز ساقىيىشىغا پايدىلىق ھەم ھاياتىغا خەۋپ يېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
سەمىمى ئەسكەرتىش: ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. 80خالتا بلوگ ئەسەرلىرىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ. ئەگەر بۇ تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز!!



[Birzat بۇنى 2010-07-20 01:44 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: كۈندە 5 رېتسىپ (5) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماnazi[2012-12-09 12:38 AM | del]
[[face01]
回复قايتۇرماmeskn[2012-11-12 01:28 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم مەن ھەرقىتىم ئۇخلاپ قوپسام ئاغزىم ناھايىتى ئاچچىق پۇرايدۇ، ئۇخلىمىغان چاغلاردا ئۇنداق پۇرمايدۇ، مەن قانداق قىلسام بولار مەسلەت بەرگەن بولسىگىز،رەخمەت سىزگە.
回复قايتۇرماظايچصچةك[2012-03-29 12:32 AM | del]
ظةسسالامذ ظةلةكذم بصرزات ظةپةندئم  
كذندئلئك ظشلئرثئز بةركةتلئك بولسذن .
چاچ ظاقئرئپ كةتسةظذيغذر تئبابةت  دورئلئرئا .ظارقئلئق داؤالئغلئ بولارمذ؟ظةگةر بذنئثغا ظامال قئلالئسثئز ماثا ياردةم قئلغان بولسئثئز ،سئزدئن مئننةتدار بولغان بولاتتئم .
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.