تاتلىقياڭيۇنىڭ ئوزۇقلۇق رولى ۋە شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى



تاتلىقياڭيۇ 16-ئەسىردە ئېلىمىزگە تارقىلىپ كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە تېرىپ ئۆستۈرۈش تارىخى500 يىلغا يەتمەيدۇ.
تاتلىقياڭيۇنىڭ تەمى تاتلىق، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول ھەم ئاسان ھەزىم بولىدۇ، بەدەننى كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، شۇڭا بەزى رايۇنلاردا ئۇ ئاساسىي يېمەكلىك قىلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
تاتلىقياڭيۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C، ۋىتامىن A ،ۋىتامىنB1، كاروتىن، كالىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار مول.
تاتلىقياڭيۇ خولېستېرولنىڭ قان تومۇر دىۋارىغا تىنىپ قىلىشىنى توسۇپ، قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلاپ،يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياكى كېسەللىك ئەھۋالىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
تاتلىقياڭيۇ تەرەتنىڭ راۋان بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، سۈت بېزى راكى ۋە تۈز ئۈچەي راكى، بوغماق ئۈچەي راكى پەيدا بولۇشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تورمۇزلايدۇ ھەمدە بۇۋاسىر(گېمروي) ۋە مەقەت يېرىلىشنى داۋالايدۇ.
تاتلىقياڭيۇ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئورگانىزىمنىڭ زەئىپلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىمۇ ئۈنۈمى بار، يەنە جىگەر ياللۇغى ۋە سېرىقلىق چۈشۈشنى ئۈنۈملۈك ھالدا داۋالايدۇ.
دائىم تاتلىقياڭيۇ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسىي يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلاردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئادەم بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.
تاتلىقياڭيۇ ئادەم بەدىنىدىكى شىللىق پەردىلەرنى قوغدايدۇ،جىگەر، بۆرەكتىكى قوشقۇچى توقۇلمىلارنىڭ يىگىلىشى ۋە كوللاگىنلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
تاتلىقياڭيۇنىڭ گۆشلۈك يىلتىزى ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى خىلمۇخىل بولۇپ، ئۇنى بىۋاستە ئوتقا قاقلاپ ئىسېمال قىلىسىمۇ بولىدۇ.
تاتلىقياڭيۇ كراخمالنى كالا سۈتى ياكى پۇرچاق سۈتىدە ئېرىتىپ ئىچىش ياشانغانلار ۋە بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇلدۇر.
سوۋۇپ قالغان تاتلىقياڭيۇنى يېگەندە ئاسانلا ئاشقازاننىڭ يېقىمسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاتلىقياڭيۇ ئاشقازاندا كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا ئاشقازان يارىسى بارلار ھەمدە ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر تاتلىقياڭيۇ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.
سېسىغان(قارا داغ پەيدا بولغان) ۋە بىخلانغان تاتلىقياڭيۇ ئادەمنى زەھەرلەيدۇ، شۇڭا بۇنداق تاتلىقياڭيۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
تاتلىقياڭيۇدىن پىنتوزا يساپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، ئەمما پىنتوزا ياساش داۋامىدا ئۇنىڭغا ھەمىشە زەمچە ئارلاشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر بۇنداق پىنتوزا كۆپ ئىستېمال قىلنسا، ئاليۇمىننىڭ بەدەنگە يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقتىن، سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىسىز بولىدۇ.
تاتلىقياڭيۇنى بىر قىتىمدا زىيادە كۆپ يېمەسلىك كېرەك، ئۇنى گۈرۈچ ،ئۇن بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، مەيدە ئېچىشىش، ئاچچىق سۇ يېنىش، قورساق ئېسىلىش، يەل كۆپ كىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى تاتلىقياڭيۇ (تاتلىق بەرەڭگە)نى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا ، كلماكتېرىيە دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللارنىڭ ھورمۇن سەۋىيىسى ۋە خولېستېرىن سەۋىيىسىنى ياخشىلاپ ، ھۆل ئىسسىق ۋە ئوغرى تەرلەشنى يېنىكلىتىش ، روھى چۈشكۈنلۈكنى يېنىكلىتىش ، سۈت بېزى راكى (ئەمچەك راكى) ۋە يۈرەك ، قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىش ، ھەتتا بىر قىسىم ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئالامەتلەرنى يوقىتىش رولى بارلىقىنى بايقىغان .
ئۇندىن باشقا تاتلىقياڭيۇنى چۈشلۈك تاماق ئورنىدا يېيىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن . تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە ئاقسىل، كىراخمال، مېۋە يىلىمى ، ئامىنۇ كىسلاتاسى ، ۋىتامىن A ، B، C ،D ۋە كالتىسىي، مانگان، تۆمۈر، سىلىلوزا قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن<<ئوزۇقلۇق چولپىنى>> دەپ نام بېرىلگەن.
  تاتلىقياڭيۇ ئۇرۇقلىتىش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن سىرت يەنە، كالتىسىينىڭ خورىشىنى تىزگىنلەش رولغىمۇ ئىگە . تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدىكى سىلىلوزا ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
  تاتلىقياڭيۇ بىلەن باشقا كۆكتاتلارنى بىللە يېگەندە ئوزۇقلۇقلارنىڭ خورشىنى تىزگىنلەيدۇ . تاتلىقياڭيۇ چۈشلۈك تاماق ئورنىدا يېيىلسە تەركىبىدىكى كالتسىي بەدەنگە تېز سۈمۈرۈلىدۇ ھەمدە كەچلىك تاماقنىڭ تېز ھەزىم بولۇشىغا ياردىمى بولىدۇ.

سەمىمى ئەسكەرتىش: ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. 80خالتا بلوگ ئەسەرلىرىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ. ئەگەر بۇ تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز!!



[Birzat بۇنى 2010-07-20 02:43 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تاتلىقياڭيۇ

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmgmgt[2010-07-26 01:06 PM | del]
مەزى بېزى كېسلى توغىرسىدا
回复قايتۇرماabuzayid[2010-07-25 00:23 AM | del]
مەن مەزى بېزى ياللۇغى بوپقالغان ، بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ كېسەلنى بىر باسقۇچ دوختۇردا يېتىپ داۋالىنىۋەتكەندىن كىين ئاندىن دورا يېيىش كېرەك دەيدۇ، بۇنى تەستىقلاپ بەرسىڭىز، يەنە داۋالىنىش جەريانىدا ئايالىم بىلەن قوشۇلسام بولامدۇ؟ تەپسىلى دەپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن
回复قايتۇرماSARDAR520[2010-07-21 05:18 PM | del]
[face22][face22][face22]
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.