كۈندە بەش رېتسىپ(12) (ئەل ئىچى رېتسىپلىرى)
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-03-08
ئائىلىدە كېسەل داۋالاش ئەنئەنىمىز مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىز ئىچىدىكى ئېسىل نامايەندىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ بۈگۈنگىچە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ھەم ئىقتىسادىي يۈكىنى ينىكلىتىشتە ئىجابىي رول ئويناپ كەلمەكتە. زۇكام، قىزىتما، يۆتەل، ئىچى سۈرۈش، بەل چىم بولۇش، سۆگەل، كۆڭلى ئىلىشىش، قەۋزىيەت، چىش ئاغرىقى، قورساق ئاغرىقى، قوقاق، سىيگەكلىك، ئىسسىق ئۆتۈش، كىچىك باللاردىكى كۆزىنى چاپاق بىسىپ كېتىش، قان ئازلىق دېگەندەك ساقسىزلىقلار ئانىلىرىمىز، مومىلىرىمىزنىڭ شىپالىق كۆرسەتمىلىرى، ئاددىي ئۇسۇل چارىلىرى بىلەن ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ساقسىزلىقلارغا ئىشلىتىدىغان دورىلار شۇنداق ئاددىي ئىكەنكى شۇنچە ئېغىر بىلىنگەن ساقسىزلىققا شىپا بەرگەنلىكىگە ئىشەنگىڭىز كەلمەي قالىدۇ. تۈكۈرۈك، شۆلگەي، قازان قارىسى، ئېسرىق ، ئايەت ئوقۇپ ھۈرۈپ كېسەللىك ئورۇننى ئۇۋلاپ بىرىش دېگەندەكلەر بەلكىم ئىنتايىن خوراپىي، كونا زاماننىڭ قالدۇقلىرى سۈپىتىدە كۆزىمىزگە سىغماسلىقى مومكىن. لىكىن بۇلارنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە داۋالاش ئۈنۈمى بىرىدىغانلىقى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈم بىرىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندە كۆزىمىزنى ئىچىپ پارقىرتىپ قاراپلا قالىمىز. تۆۋەندە 80خالتا بلوگىمىزدا بىر مەزگىل داۋاملىشىپ كىيىن توختاپ قالغان <<ئەل ئىچى رېتسىپلىرى>> سەھىپىمىزنىڭ داۋامى دېققىتىڭىزدە بولىدۇ:
1.ئىسسىقتىن بولغان ئېغىز ۋە تىل ياللۇغىدا سېمىز ئوتنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ سۈيىنى سىقىپ چىقىرىپ ئېغىزغا ئالسا دەرھال ئاغرىق توختىتىپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ. ئېغىز ئەتراپىغا چىققان قوقاققا سۈرسىمۇ پايدىسى بولىدۇ.
2. پۇت، قول، قۇلاق ئۈششۈپ قالغاندا يەرلىك ئورۇنغا پىيازنى سۈرتۈپ بەرسە قىچىشىشنى پەسەيتىپ، ئاغرىق توختىتىپ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
3.سېرىق ھېلىلىنى يۇمشاق سوقۇپ ئەتىگەن ناشتىدا سوغۇق سۇ بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە سەپرادىن بولغان كونا باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4.ئادەمنىڭ زىيادە سوغۇقى ئېشىپ كەتكەندە يېڭى سويغان ئوغلاق تېرىسىگە ئوراپ 30~60مىنۇتقىچە ئىسسىق كاڭدا ياتقۇزسا سوغۇق يەلنى تارتىپ،بەدەندىكى ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىمۇ تېرىگە ئالغاندا قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ،سۆڭەك ۋە بوغۇملارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە داس بوشلۇقى ياللۇغلىنىپ قېلىش،بەل ئاغرىش،پۇت قوللار سىقىراپ ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
5.ئىسسىق ئۆتۈش ۋە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن بولغان ئىچى سۈرۈشكە، قىزىل بۇغداش ياكى سېمىز ئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ بىر قېتىم يۇيىۋەتكەندىن كېيىن يمشاق چاناپ چۆچۆرە تۈگۈپ يېسە ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن بۇ يىل32گە كىردىم ،توي قىلغىلى 6يىل بولدى ،بىرقىزىم بار 4ياشقا كىردى ،يەنە بىر بالىلىق بۇلايلى دىگەن ئاللا رەھمەت قىلسا ئوغۇل بولسا تېخى ياخشى ،بىراق .بىر يىلدەك بولدى بىر مىنوتكىمۇ پايلىمايدىغان بۇلۇپ قالدىم ، زەكىرىممۇ بۇرۇنقىدەك قاتتىق ئەمەس ،بىرمەزگىل 2.دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى بىر دورىخانىدىن دورا ئىلىپ يىدىم لىكىن ھازىر يەنىلا شۇنداق ،مەن قانداق قىلسام بۇلىدۇ،ماڭىمۇ ياردەم قۇلىڭىزنى سۇنۇپ بىر يول كورسىتىپ قۇيىشىڭىزنى سورايمەن،مەندىن يانمىسا ھەممىنى بىلگۈچى ئاللادىن يانا؟!
سەممى مەسلەھەتىڭىزنى ئاڭلاي دىگەن؟ماڭا داۋا بارمدۇ؟