سىزدىمۇ <<ئۆزىگە شەيدا بولۇش كېسىلى>> بارمۇ؟
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-03-05
خىرىدارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭ نە كېرەك دېگەن سۆز <<خېرىدارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭنىڭ نە ئەتىۋارى >> دېگەندەك ئېسىمدە قاپتىكەن. بۇ گەپنى چوڭ ئانام رەھمەتلىك تولا دەيتتى. قۇلىقىمغا سېڭىپ قاپتۇ. ھە رقانچە قىممەت باھالىق نەرسە بولسىمۇ ئۇنىڭ قېممىتىنى بىلىدىغان، قەدىرلەيدىغان كېشىسى بولمىسا ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى بولماي قالىدىكەن. مەن پەقەت ئادەتتىكى بىر تېبابەت ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئازغىنە بىلگەنلىرىمنى ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇش جەريانىدا يېتىلىپ قالغان ئانچە-مۇنچە ئىپادىلەش قابىلىيىتىم بىلەن ئاددىي ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن بلوگ يېزىپ نۇرغۇن <<خېرىدارلىق>> بولۇپ قالدىم. بەزىدە تورداشلارنىڭ ھۆرمەت بىلەن <<بىرزات ھەكىم>> دەپ چاقىرغىننى كۆرۈپ قىممىتىم تورداشلار تەرپىدىن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندەك ھېسياتتا ئاجىز ئىنسانلىق تەبئىتىم بىلەن ئۆزۈمدىن مەغرۇرلىنىپ بېشىم كۆككە يېتىدىغان مەستخۇش كەيپىياتتىمۇ بولۇپ باقتىم. لىكىن ئۆزۈمنى ھەقىقى تارازىغا سىلىپ دەڭسەپ كۆرۈپ باقسام ماڭا قىلىنغان <<خېرىدارلىق>> مېنىڭ <<زىبالىق>>ىمدىن كۆپ ئېشىپ كېتىپتۇ. ئىنسان تەبئىتىدىن قارىغاندا شۆھرەتكە ئىنتىلىش نۇرمال ئىش بولۇپ بىر كىم ماختىسا ياكى چوڭ كۆرۈپ ھۆرمەت قىلسا ئۇنىڭدىن خوش بولۇپ، كۆزىگە ئىسسىق-يېقىشلىق كۆرۈنىدىكەن. ئەپسۇسكى باشقىلارنىڭ خاتا چۈشەنگەن سەۋەبتىن شەخىسكە ئەسلى قىممىتىدىن زىيادە ئارتۇق <<خېرىدارلىق>> قىلىپ ھۆرمەت نەزىرىدە قاراش ئۇنىڭدىكى نۇرمال شۆھرەتكە ئىنتىلىش ئەسلى تەبئىتىنى يوقۇتۇپ شۆھرەتپەرەسلىكنى پەيدا قىلىدىكەن، دە شۇ كىشىدە ئۆزىگە شەيدا بولۇش، ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلىنىش دېگەندەك نۇرمال چەكتىن ئاشقان روھىي كەيپىيات شەكىللىنىشكە باشلايدىكەن. ئويلاپ باقسام باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىش ئىستىكى كىچىگىمدىن ماڭا ھەمرا بولۇپ كەپتۇ. ھەر قاچان ئۆزۈمنى ئىپادىلەشكە، ئىچكى ھېسياتىمنى ئاشكارلاپ باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇشقا ئالدىراپ كېتىدىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا باشقىلارنىڭ دېققەت نەزىرى ماڭا تىكىلىپ ئۆزۈمدىن مەغرۇرلىنىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدىكەن. ھەر قاچان ماڭا ئېگىز كۆرۈنگەن، <<بويۇم يەتمەيدىغان>> كىشىلەر بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشالايدىغان، مېنىڭ قىلغان گەپلىرىمنى قۇلاق سىلىپ ئاڭلايدىغان بولغىچە تېنىمسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى مەندىن <<ئېگىز>> بىلەن تەڭلىشىپ ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكەندە غالىپلارچە ئۆزۈمگە تەبەسسۇم قىلىپ رازىمەنلىك بىلدۈرۈپتىمەن.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: سىزدىمۇ <<ئۆزىگە شەيدا بولۇش كېسىلى>> بارمۇ؟
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
بۇ تەس جۇمۇ ئو قان تىپلىقلارنىڭ ئارىسىدا ئاز ئۇچرايدۇ ...
بىر زات ئەپەندىگە كەلسەك، بىر زات ئەپەندى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ ، باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ كەلدى، بۇ تەرىپىنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ.
ئەلۋەتتە، سىز بىر ئاددى ئىنسان سۈپىتىدە باشقىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرەلمەيدىغان ئەھۋالغىمۇ دۇچ كىلىسىز...بۇ ناھايتى نورمال ئەھۋال ھەم بۇ سىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىزدىنىپ ،بىلىمىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشۇتۇرۇشنىڭ تۈرتكىسى!
ئىنسان تاكى ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئۈگەنگۈچى! بىزنىڭ بىلىمىمىز، پەزىلتىمىز، كۈچىمىز...ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا نىمىدىگەن ئاجىز؟!
ئاخىردا، سىزنىڭ تىجارەت ۋە ئىزدىنىشلىرىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن!
قانداق كېسەلدۇر بۇ؟ مەن بايقىغان بەزى كېسەللەرگە ئوخشامدىغاندۇ؟ بىر زات بۇرادەر قانداق ھەل قىلغاندۇ؟ دېگەندەك خىياللارنى قىلىپتىمەن.
ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئانچە ئويلىنىش قىلمىغان ئىكەنمەن. پىسخىكا تەڭپۇڭسىزلىقىغا گرىپتار بولۇپ، ھەمىشە ئۆزىنى ئۇلۇغلاش ھاياتىنىڭ ئاساسى ئېنىرگىيىسىگە ئايلىنىپ قالغان بىر بىمار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئاندىن مۇشۇ خىل ساقسىزلىق ھەققىدە تونۇشۇمنى باشلىدىم. ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش نورمال ئىش، ھەر قانداق ئادەمدە بۇنداق تۇيغۇ بار. ھەر قانچە ئېسىل تۇرمۇشقا، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرگە ھەۋەس قىلىدىغان بالىلاردىن:
_سەن ئۆزگىرىپلا بىر داڭدار بايغا ياكى ئۆزەڭ چوڭ بىلدىغان توققۇزى تەل بىرىگە ئايلىنىپ قالساڭ خوش بولامسەن؟- دەپ سورالسا، "ياق" دېگىنى ياكى ئۇزۇن ئويلىنىپ تۇرۇپ قالغىنىدىن مەلۇم بولغىنىدەك.
لېكىن، بۇنداق تۇيغۇ كۈچىيىپ، ئۆزىنى ئۇلۇغلاشقا بېرىپ يەتسە، بۇ ياخشى ئەمەسكەن. ھېلىقى سەۋدا مىزاجلىق ئۆزىنى ئۇلۇغلىغۇچى بىمار ئۆزىنىڭ ھالى قانچە ناچار بولسىمۇ، ئىقتىسادى ئۆز تۇرمۇشىغا يېتىشمەيۋاتسىمۇ، ئۆزىنى روھىي بايلىقىم بار دەيدىكەن. بىلىمى يۈزە بولسىمۇ، ئۇلۇغ ئالىملارنى مازاق قىلىدىكەن. ئاجىزلاپ رەڭگى تاتارغان تۇرسىمۇ، تەن قۇۋۋىتىگە زىيادە ئىشەنچ قىلىدىكەن...
بىر زات بۇرادەرنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىمۇ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىغىنىدىن قارىغاندا، بىر زات ناھايىتى ساغلام ئىكەن. ئادەمگە ئاسان چاپلىشىدىغان تۈرلۈك كېسەللەردىن بەك ھۇشىيار تۇرغىنىدىن قارىغاندا، ساغلام ھالەتنى ھەم ئۇزۇنراق ساقلاپ قالالايدىكەن. مېنىڭ قويغان دېئاگنوزۇم مۇشۇ.
- بورتالادىكى كەسىپدىشىڭىز يۇنۇسجان.
دوختۇر ھەرقانچە ئۇستا بولسىمۇ ئۆز كېسىلىنى داۋالىيالمايدۇ دەيدىغان گەپ بار ئىكەن. كېسەل بولۇپ قىلىشتىن ئاۋۋال ئانچە-مۇنچە ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ، دىئاگنۇز قويۇپ تۇرمىساق << كېسەل>> ئېغىرلاپ بىراقلا داۋالىيالمايدىغان بولۇپ قالمايلى دەپ بولمامدۇ...