شۇ قەدەر ئالدىراش بولغان ياپون ئاياللىرى تۈرلۈك خالىس ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقىت چىقىراتتى، ئۇلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ، تاماق ئىتىشنى ئۆگىنەتتى، پىرەنىك پۇشۇراتتى، مەنمۇ ئۇلارغا لاغمەن ۋە پولۇ ئېتىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتتىم. دوستلار ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇلار قۇرۇق پاراڭ سېلىشنىڭ ئورنىغا ئۆز-ئارا بالا تەربىيلەش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇراتتى.......مەن ياپون ئاياللىرىنىڭ ئاشۇ خىل پائالىيەتلىرىگە قاتناشقىنىمدا ، تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قاتار چايلىرىنى ئەسلەپ قالاتتىم ، سېمىرىپ تىقىلىپ كەتكەن ئاياللار چۇۋالچاق گەپلەرنى دىيىشىپ ، تالاي ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتەتتى، ئۈستەلگە تۈرلۈك قورۇمىلار دۆۋىلەپ تىزىلغان ، سېمىز ئاياللار خۇددى ئولجىغا ئېرىشكەن ۋەھشىي گۆشخور ھايۋانلاردەك قورىمىلارنى يالماپ- يالماپ يىيىشىدۇ. ئۇلار ئۆيلىرىگە بىر قانچە تېتىقسىز يۇمۇردىن باشقا ھىچنىمە ئۆگىنەلمەي قايتىشىدۇ.
 

" /> <ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا> دىن ئاياللارنىڭ ساپاسى ھەققىدىكى تەھلىللەر - 80 خالتا بلوگى

<ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا> دىن ئاياللارنىڭ ساپاسى ھەققىدىكى تەھلىللەر


......ياپونىيە ئاياللىرى بىر-بىرىنىڭ كىيىمىگە سەپسېلىپ ،بىر- بىرىنىڭ قىممىتىنى ئۇچىسىدىكى لاتا ۋە مىتاللار بىلەن باھالايدىغان سەۋىيىدىن ئاللىبۇرۇن خوشلاشقان بولسا كېرەك .ئۇلار كىيىمنى كۆز -كۆز قىلىش رەۋىشتە ئەمەس ،بەلكى ئىنسانىي ھوزۇر سۈپىتىدە كىيىدىغاندەك تۇراتتى. كىيىم ئۇلار ئۈچۈن خاراكتىردىكى ئاجىزلىقنى بېزەيدىغان ئالامەت ئەمەس ئىدى، بەلكى بىر خىل تۇرمۇش سەنئىتى ئىدى. بىنادا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېتىۋاتقان ئادەم مىڭىۋاتقان پەشتاقنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ، كىيىم -كېچەككە كۆزى تويغان ئادەملەر ئۈچۈن كىيىممۇ ئەنە شۇنداق بىر نەرسە . كىيىم -كېچەك ئارقىلىق ئۆزىنى ھىسابقا ئۆتكۈزۈش ئەمىلىيەتتە نامراتلىقنىڭ يەنە بىر شەكلى بولۇپ ،كىيىمگە بولغان مەستانىلىق ئىنساننىڭ خاراكتىرى ۋە ۋۇجۇدىدىكى بىباھا گۈزەللىكنى خاراب قىلىدۇ، بۇ خۇددى كۆزنى ئۇيۇپ بېرىش بەدىلىگە كۆزەينەككە ئېرىشىشكە ئوخشايدۇ.
.......مەزكور تاتسۇنو كوچىدىكى يېزا ئاياللىرى شەھەردىكى ئاياللارغا ئوخشاشلا ياشلىقىدا زىلۋا ،،نازۇك ، ئەركىن بولۇپ ،ئىختىيارى ياشايتتى.ئۇلار ئەرلەر ئۈچۈن خوتۇنغا،بالىلار ئۇچۈن ئانىغا ئايلانغاندا،ئۆزلىرىنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە ۋاپادارلىغىنى نامايەن قىلاتتى،بارلىقىنى ئەرلىرىگە ۋە بالىلىرىغا ئاتىۋېتەتتى.ياپون ئاياللىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى ھەقىقەتەن ئېغىر .بالىلار يەسلىگە كىرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ ،ئانىلارمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئۇقۇش ھاياتىغا قەدەم قويىدۇ . ھەپتىدە بىر ئىككى نۆۋەت يەسلى ۋە مەكتەپلەرنىىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىسا بولمايدۇ. ئۇلار ئوقۇتقۇچىغا ھەمكارلىشىپ ،بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىدۇ،بالىلىرىغا ھەر خىل تەربىيىلەرنى بېرىدۇ.ياپونىيە بالىلىرى مەكتەپكە كىرگەن ئانىلار ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە ،خىزمىتى بارلىرى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدۇ-دە ،پۈتۈن زىھنىنى پەرزەنت تەربىيىسىگە قارىتىدۇ .ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خىزمەت قىلىپ ئېرىشكەن پايدا پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ ئارقىسىدىكى كۆرۈنمەس پايدىغا قارىغاندا ،ئەرزىمەس بىر نەرسە ئىدى.ئانىلار يەنە ئەرلىرىنى كۈتىدۇ،ئوي تازىلايدۇ.شۇنى كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ،ياپونلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئەڭ چەت بۇلۇڭىدىنمۇ ئەخلەت ۋە چاڭ توزاڭ تاپقىلى بولمايدۇ. ياپون ئاياللىرى پاكىزلىقنى گويا پاكىزلىققا شەيدا بولۇپ قالغاندەك ياخشى كۆرىدۇ. كاۋاساكىمۇ ئەنە شۇنداق پاكىزلاردىن بولۇپ ،مونچا لۈڭگۈسىدىن سەككىزنى تۇتاتتى، ئۇلارنى بىر قېتىم ئىشلەتكەندىن كېيىن تەلتۆكۈس دىزىنفىكسىيە قىلاتتى . ئۇنۇڭ يوتقان كۆرپىلىرى ۋە كىرلىكلىرىمۇ كۆپ بولاتتى. شۇ قەدەر ئالدىراش بولغان ياپون ئاياللىرى تۈرلۈك خالىس ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقىت چىقىراتتى، ئۇلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ،تاماق ئىتىشنى ئۆگىنەتتى، پىرەنىك پىشۇراتتى، مەنمۇ ئۇلارغا لاغمەن ۋە پولۇ ئېتىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتتىم. دوستلار ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇلار قۇرۇق پاراڭ سېلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزئارا بالا تەربىيلەش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇراتتى.......مەن ياپون ئاياللىرىنىڭ ئاشۇ خىل پائالىيەتلىرىگە قاتناشقىنىمدا ، تەبىئى ھالدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قاتار چايلىرىنى ئەسلەپ قالاتتىم ، سەمىرىپ تىقىلىپ كەتكەن ئاياللار چۇۋۇلچاق گەپلەرنى دىيىشىپ ، تالاي ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋېتەتتى،ئۈستەلگە تۈرلۈك قورۇمىلار دۆۋىلەپ تىزىلغان ،سېمىز ئاياللار خۇددى ئولجىغا ئېرىشكەن ۋەھشىي گۆشخور ھايۋانلاردەك قورۇمۇلارنى يالماپ يالماپ يىيىشىدۇ. ئۇلار ئۆيلىرىگە بىر قانچە تېتىقسىز يۇمۇردىن باشقا ھىچنىمە ئۆگىنەلمەي قايتىشىدۇ.
......كاۋاساكى بىلەن مۇرائۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نەپەر ياپون قىزىنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ،سۆيۈملۇك ئىدى.ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى،ئەخلاقى ۋە ئېتىقادى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا قانداق تۇتۇشنى ،ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تىكلەشنى بىلەتتى،شۇنۇڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاددى چىرايىمۇ ئۆزلىرىگە مۇھەببەت ۋە قەدىرىيەت ئېلىپ كېلەتتى.بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا قارىسىڭىز شۇنداق چىرايلىق ،ئەمما ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىدا قىزلارغا خاس نازاكەت ئۆچكەن.ئۇلار ئۆزلىرىنى پەۋقۇلئاددە چىرايلىق دەپ بىلىپ ،قېتىۋالىدۇ .خۇرۇم يوپكا ۋە خۇرۇم ئىشتان كىيىشىۋالغان بەزى قىزلار كۆرەڭ ھالدا ئۆزىنى ئەركەك چىۋىن قونمىغان ئاقسوڭەك گۈزىلىدەك ھىساپلايدۇ.ئەمىلىيەتە ،ئۇلار ئەر -ئايالنىڭ خاراكتىر پەرقى نەزەرگە ئېلىنمىغان تەلىم -تەربىيىنىڭ مەھسولاتى بولۇپ ،ئەر -ئايال باراۋەرلىگىنى ئەر ئاياللار ئوخشاشلىغى دەپ چۈشىنەتتى.ئۇلار دۇنيانى ناھايىتى ئاز بىلىدۇ.شۇڭا ئۇلار ئامىركىنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن فىلىملىرىدىكى نامراتلار مەھەللىسىدە يۈرگەن كوچا لۈكچەكلىرىنىڭ تەقى -تۇرقىنى مودا قاتارىدا چۈشىنىۋېلىشقانىدى.نەتىجىدە <قاندىغاي>دىگگن ھايۋانغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تۇركۈم ئۇيغۇر قىزلىرى بارلىققا كەلدى.ئۇلار بىرەر كىشىنى مەسئۇلىيەت بىلەن سۆيمەيدۇ ياكى سۆيدۈرەلمەيدۇ.
80خالتا بلوگى ئۈچۈن تەييارلاپ يوللىغۇچى: كەۋسەر خانىم 
 
 




[Birzat بۇنى 2010-10-09 06:52 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئايال

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 3 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماBirzat[2010-10-10 03:07 PM | del]
.تولىمۇ سەت ئىش بوپتۇ. بۇ يازمىنىڭ ئاپتۇرى: ئابدۇقادىر جالالىدىن. مەزكۇر پارچە شۇ كىشىنىڭ << ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا >> دېگەن كىتابتىن ئىلىندى.
回复قايتۇرماkainam[2010-10-10 01:16 PM | del]
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا» دېگەن كىتابىدىن ئېلىنىپتۇ . شۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ !
回复قايتۇرماgultikin[2010-10-10 05:34 AM | del]
تولىمۇ قىسقا لىكىن بەك بەك جەلىپ قىلارلىق بۇ پارچىنىڭ تولۇق يازمىسىنى قانداق تاپقىلى بولار.....
بىلىدىغانلار ئىيتىپ بەرسەڭلار.....رەھمەت....
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.