تۆگە گۆشىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-14
بۇ تۆگە ئائىلىسىدىكى مەشھۇر ھايۋان قوش لوكىلىق تۆگىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇنىڭ گۆشى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ .
تەبىئىتى : قۇرۇق ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : « تەبىئەت»نى ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش ، قان كۆپەيتىش ، يەللەرنى تارقىتىش ، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش ، قىزىتمىنى پەسەيتىش ، كونا - يېڭى باش ئاغرىقىنى قالدۇرۇش ، سۈيدۈك ھەيدەش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، قان توختىتىش .
ئىشلىتىلىدىغان كىسەللىكلەر : باھ ئاجىزلىقى ، تەمرەتكە ، قارا داغ ، خانازىر ، ئىستىسقا ، سەرتان ، پالەچ ، نىقرەس ، رەئىشە ، ئىششىق ، يىرىڭلىق جاراھەت ۋە يارا قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
1. گۆشىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا پۇشۇرۇپ يېسە ، باھنى ۋە رەئىش ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ .
2. مۇۋاپىق مىقداردىكى مۇقەلنى كۈدە سۈيىدە ئېرىتىپ ، تۆگە يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ سىرتتىن سۈركىسە ، بۇۋاسىر دانىچىلىرىنى يوقىتىدۇ .
3. تۆگە جىگىرى مۇۋاپىق ھالدا ئىستىمال قىلىنسا ، كۆزنى قۇۋۋەتلەيدۇ ، كۆزگە چۈشكەن سۇنى يوقىتىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : 3-10گرام .
زىيانلىق تەسىرى : ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ .
تۈزەتكۈچىسى : سىركە ، بىنەپشە ، ئاچچىقسۇ .
ئورۇنباسارى : بۆرە ئەرمىنى .
مەنبە : ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكوم دەرسلىكى
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: تۆگە گۆشى
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەنمۇ ئۈزەمنڭ كۆز قارشىنى سۆزلەپ باقاي خاتا بۇلۇپ قالسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايلا،،...
مەنچە بالىنڭ كىيىن تۇغلىشىنى تۈگە گۈشىگە قارتى ۋالساق خاتالىشىپ قالمىز...
ئاللانڭ ئىرادىسىز قىلمۇ تەۋرىمەيدۇ،،،ئاياللىرنڭ مىزاجى ئىسسىق بولسا يىمىگىنى ياخشىمىكىن دەيمەن...