" /> خۇمار ھەققىدە پاراڭ - 80 خالتا بلوگى

خۇمار ھەققىدە پاراڭ


كۈچلۈك غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بەزى خىمىيىلىك ماددىلار ئادەم تېنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئورگانىزىمدا بىر قاتار خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ، ئورگانىزىمدا تورمۇزلىنىش، روھلىنىشقا ئوخشاش تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ خىل تەسىر بەلگىلىك ۋاقىت ساقلىنىدۇ. بۇ خىل غىدىقلاش بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە، ئورگانىزىمدا شۇ خىل غىدىقلىغۇچى خىمىيىلىك ماددىغا نىسبەتەن "كۆنۈش" شەكىللىنىپ، غىدىقلاشنىڭ تەسىرى تۈگىگەندە شۇ خىل خىمىيىلىك ماددىغا تەشنا بولىدىغان، ئىنتىلىدىغان ئىنكاس پەيدا بولىدۇ. بۇ دەل بىز دەپ كېلىۋاتقان خۇماردىن ئىبارەت.

ئادەتتە بۇ خىل تەسىرنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ئادەملەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى، قاندىكى مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ مىقدارى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەردىن  بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ ئوخشاش بىر خىل ماددىغا نىسبەتەن (ئىستېمال مىقدارى تەڭ بولغاندا) خۇمار بولۇش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. تاماكا، ھاراق قاتارلىق ماددىلارنى بىرىنچى قېتىم ئىستېمال قىلغاندىن كېيىنكى تەسىر تۈگىگەندە ئادەمدە خۇمار قىلغۇچى ماددىغا نىسبەتەن "سېغىنىش" كەيپىياتىنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتى دەسلەپكى خۇمار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئادەتتە نىسبەتەن ئاجىز خۇمار بولۇش ھېسابلىنىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى، مىجەزى، خاراكتېرى ۋە ئىرادە ھەرىكىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزى ئادەملەر دەسلەپكى خۇماردىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ، خۇمار قىلغۇچى ماددىنى ئىستېمال قىلىشتىن قول ئۈزەلەيدۇ، بەزىلەر بولسا ئۆزىنى تارتالماي، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.

ئادەتتە تاماكا قاتارلىق يېنىك زەھەرلىك چېكىملىكلەر ۋە بەزى ناركوز دورىلىرىنىڭ خۇمار قىلىش كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ. ئادەتتە، دەسلەپكى خۇمار قىلىش مەزگىلىدە تاشلاشقا ئانچە چوڭ تىرىشچانلىق كەتمەيدۇ. ئەمما، ئۇدا ئىستېمال قىلىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، ئورگانىزىمنىڭ كۆنۈش دەرىجىسى ئېشىپ بارىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار بەدەندىكى مەلۇم بىر ئەزاغا توپلىنىدۇ-دە، خۇمار قىلىش كۈچى، ئورگانىزىمنىڭ فۇنكىسىيىسىگە بولغان تەسىرى قاتارلىقلار كۈچىيىپ، بەدەندىكى يوشۇرۇن قاتىلغا ئايلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلۇش ناھايىتى قىيىن بىر جەريان. خېروئېن، كوكائىنغا ئوخشاش كۈچلۈك خۇمار قىلغۇچى ماددىلارنىڭ خۇمار قىلىش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنى ھەرگىزمۇ "سىناپ بېقىش" نىيىتى بىلەن ئىستېمال قىلىپ بېقىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ دەسلەپكى خۇمارى كۆپ قىسىم ئادەملەرنىڭ ئىرادىسىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، خۇمار قىلغۇچى ماددىلارنىڭ خۇمارىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئىشمۇ يوق، پەقەت ئىرادە كېرەك. تاماكا چېكىشنى ھېچكىممۇ بىر كۈندىلا ئۆگىنىپ قالغان ئەمەس. كۈندە-كۈندە، ئاز-ئازدىن چېكىپ، ئاخىرى بەڭگە بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. تاماكا تاشلاشتا ماتېرىياللاردا بەزى تاشلاش ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، ئەڭ مۇھىمى، ئادەم ئۆزىگىلا ئىشىنىش كېرەك، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدىن باشقا ھەممىسى قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدۇ. تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىش كۇپايە قىلامدۇ؟ پەرزەنتىڭىزنىڭ، ئەڭ يېقىن ئادىمىڭىزنىڭ تاماكا چېكىشىنى خالامسىز؟ ئەگەر خالىمىسىڭىز، ئۆزىڭىز ئۈلگە بولۇڭ. ئىرادىنى چىڭىتىش ئۈچۈن، تاماكا تاشلاشنى ھازىردىن باشلاش كېرەك. قولىڭىزدىكى تاماكىنى تاشلىۋېتىڭ، بۇ سىزنىڭ قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكىڭىزنىڭ ئىسپاتى! قەتئىي ئىرادىگە كېلىش ھەممىنى ھەل قىلغانلىق ئەمەس، مۇھىمى، شۇ ئىرادىڭىزنى ئەتىگىچە ساقلاپ تۇرۇشتا.

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن: ئەسىر تەييارلىغان.

ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس،
گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سىنى قىلسا مەس.
كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش - ماختاشلار ئارا،
ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ بۇ ئۆزى ئەمەس.
                                                              -ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىلىرىدىن




[Birzat بۇنى 2010-10-13 11:33 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: خۇمار

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماyuwax[2012-09-28 07:19 PM | del]
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم  بېرزات ئاكا...ئۆزلىرىدىن بىر مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم...مەن بىر مەزگىل ئاق تاماكا چىكىشكە ئۆگۈنۈپ قالغان لېكىن ئۆزۈمنى خۇمار دەپ ئويلىمايمەن،ھازىر مەن توي قىلىپ ئۆي ئوچاقلىق بولدۇم،،ئۇ نەرسىنىمۇ سەللىمازا تاشلىدىم...قىلمىغىلى 4ئاي بولدى..لېكىن بىر مەزگىل شۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغان بولغاچقا بەدىنىمدىكى قانلار زەھەر بىلەن ئارلىشىپ بولدى..دائىم سوغۇق تەرلەيمەن ،لېكىن ئەڭ مۇھىم بولغىنى  ئايالىمغا ئۆزۈمنىڭ گۇناھسىز ئاق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يېقىندا ساقچىخانىغا بېرىپ قېنىمنى تەكشۈرتمەكچى ،شۇڭا سىلدىن ئۆتۈندىغىنىم قانداق ئۇسۇل بىلەن ئەڭ تېزسۆرەتتە بەدىنىمدىكى قاندىكى زەھەرلەرنى پاكىز تازلىۋەتكىلى بولىدۇ ؟ئەگەر بۇنداق بولمىسا مېنىڭ ئۆزگۈرۈپ ياخشى بولغىنىم يوق بۇلۇپ ئايالىم مەندىن ئاجىرشىپ كىتىدۇ ...شۇڭا  ياردەم قىلسىڭىز ؟  جىددى ياردەم سورايمەن...دوختۇرخانىدا血液透析دەپ بىر ئۇسۇل بار ئىكەن،سىزنىڭچە شۇنىڭ  ئۈنۈمى بۇلارمۇ ؟ ياكى بۇنىڭدىن  تېز سۆرئەتتە تازلايدىغان باشقا ئۇسۇل بارمۇ ؟
回复قايتۇرماesir[2010-10-19 06:08 PM | del]
ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولۇپتىكەن بىرزاتكا. (esir)
Birzat نىڭ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش Birzat نىڭ 2010-10-19 07:35 PM دە قالدۇرغان جاۋابى
ئاۋۇ رۇبائىينىڭ ئالدىدا ئىسىملىرى بىلەن مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويغان ئىدىم. تەپسىلىي قارىماپلىدە.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.