ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰدىكى ﺋﯩﺴﯩﻞ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻏﯘﻥ.
قۇغۇننىڭ تەركىبىدە شېكەر، ئاقسل،كالىتېسىي، فوسفور ۋە باشقا ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپ، قوغۇننى ئېتىدىن تارتىپ، ئۇرۇق، شاپىقىغىچە ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قۇغۇن داڭلىق مېۋە بولۇپ، تاتلىق، سۇلۇق، يىپسىز كېلىدۇ. قوغۇن ئادەمنىڭ ئىچىنى يۇمشىتىش، سۇسىزلىنىشنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ۋە ئالدىنى ئېلىش، بۆرەك، دوۋسۇندىكى تاشلارنى ئېزىش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، بەدەنگە تېز تارقاش، تاماق ھەزىم قىلدۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولۇپ...

قوغۇن ئۇرۇقى- جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇرۇش، بۆرەك، دوۋسۇن، ئۈچەيلەرنى تازلاش، ئادەمنىڭ مىجەزىنى ياخشىلاش، باھنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

" /> قوغۇننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى - 80 خالتا بلوگى

قوغۇننىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى


ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰدىكى ﺋﯩﺴﯩﻞ ﻧﯩﺌﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻏﯘﻥ.
قۇغۇننىڭ تەركىبىدە شېكەر، ئاقسل،كالىتېسىي، فوسفور ۋە باشقا ۋىتامىنلار كۆپ بولۇپ، قوغۇننى ئېتىدىن تارتىپ، ئۇرۇق، شاپىقىغىچە ئوزۇقلۇق ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قۇغۇن داڭلىق مېۋە بولۇپ، تاتلىق، سۇلۇق، يىپسىز كېلىدۇ. قوغۇن ئادەمنىڭ ئىچىنى يۇمشىتىش، سۇسىزلىنىشنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ۋە ئالدىنى ئېلىش، بۆرەك، دوۋسۇندىكى تاشلارنى ئېزىش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، بەدەنگە تېز تارقاش، تاماق ھەزىم قىلدۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﮬﯚﻝ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ
قۇغۇننىڭ ئېتىنى كۆزگە چاپسا كۆز ئاغىرىقى ئۈچۈن مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە كۆزدىكى ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.سودا بىلەن مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا تېرىدىكى ئىز ۋە داغلارنى يوقىتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، نەپەس يوللىرى ۋە ئۇچەي يوللىرىنى تازلاش، جىگەر، بۆرەك، كەم قانلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىمۇ خەتەرسىز، ئۈنۈملۇك دورا ھېسابلىنىدۇ. تەركىبىدە تۆمۇر ماددىسى ئەڭ كۆپ.
قوغۇن ئۇرۇقى- جىگەردىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇرۇش، بۆرەك، دوۋسۇن، ئۈچەيلەرنى تازلاش، ئادەمنىڭ مىجەزىنى ياخشىلاش، باھنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، كۆكرەك ئاغىرىقى، گالنىڭ يىرىكلىكى ۋە سۇيدۇكنىڭ كۆيدۇرۇپ، ئېچىشتۇرۇپ كىلىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇرۇقنىڭ پوستىنى يۇمشاق ئېزىپ يۇزگە ۋە بەدەنگە چاپسا، يۈز ۋە بەدەننى پارقىرىتىپ ھۆسنىنى چىرايلىق قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا بەلغەمنى يۇمشىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.
سۇيدۇكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئېغىز-بۇرۇندىكى جاراھەتنى داۋالايدۇ. ئىسسىقتىن بولغان قانلىق تولغاق، يرىڭلىق تولغاق، چىش ئاغىرىقى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯨﯟﯨﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯘﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. يەلدىن بولغان كېسەللەر ھەم دىئابىت بىمارلىرىغا زەرەر قىلىدۇ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﮬﻪﺳﻪﻝ، ﺋﺎﻧﺎﺭ ﺳﯜﻳﻰ (بۇلار دىئابىت بىمارلىرىغا تۈزەتكۈچى بولالمايدۇ)
ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻝ: ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ
 تەييارلاپ يوللىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)




[Birzat بۇنى 2010-11-26 12:06 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قوغۇن

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmaysam[2011-03-14 02:38 AM | del]
شۇڭا مەن قوغۇنغا ئامراق.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.