ئىلگىركىلەرنىڭ جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى چارە-تەدبىرلىرى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-10-15
جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش ھەققىدە
ئاياللاردىكى جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش ئۇچۇن سەبرە، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تۇرۇپ ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقىنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۇزۇپ ئاق پىياز ۋە ساپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ بىردەرھەم (3گىرام ئەتراپىدا) ئېغىرلىقتا كۇمىلاچ ياساپ، ئۇچن كۇنگىچە ھەر كۇنى ئەتىگەندە ئازراق سۇدا بىر كۇمىلاچ دورىنى ئېزىپ ئىچسە جىنسىي ئىقتىدارى ناھايىتى كۇچىيدۇ، ئەگەر بۇ كۇمىلاچنى ئازراق لىمون سۇيى بىلەن قوشۇپ جىنسىي ئەزاسىغا تېمىتسىمۇ شۇنداق تەسىرىنى بېرىدۇ.
ئاياللاردىكى شەھۋەت سۇسلۇققا جىگدە چېچىگى گۈلقەنتى ياكى جىگدە چېچىگى ھەسىلى يەپ بېرىشنى ئادەت قىلسا روھىي قۇۋۋەتنى يۇقۇرى قىلىدۇ. كەپتەر، قۇچقاچ، پاختەك گۆشىدە شورپا تەييارلاپ شورپىسىغا زەپەر، بۇغا مۈڭگۈزى سىلىپ ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ بەدەن ھارارىتىنى كۈچەيتىپ جىنسىي ھەۋەسنى قوزغايدۇ.
بۆرەك، بالياتقۇ سوۋۇپ ئاجىزلاپ كەتكەنلەرگە مۇرەككەپ دورىلاردىن مەجۈنى لۇبۇبى كەبىر ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسىگە مەنپەئەتلىكتۇر. ھۆللۈك ئىشىپ سېمىرىپ كەتكەن ئاياللار لۇبۇبى كەبىر يېمىگەي، ماددىتىل ھايات، مەجۈنى ئازاراقى يېسە بولىدۇ.
ئەگەر ئەرلەردە مەنىي تېز كېتىش ھادىسىسى كۆرۇلسە: مۇبادا ئۇنىڭ سەۋەبى سوغۇقلۇق ھەم ھۆللۇكتىن بولسا ھارارەتنىڭ يوقلۇقى ۋە ئۇرۇقنىڭ سوغۇق بولۇشى ئۇنىڭ بىشارىتىدۇر. بۇنىڭ ئۇچۇن 3گىرام سەبرە، 3گىرام سۇمبۇل، يېرىم گىرام ئىپار ئېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەئىدى كوفىدىنمۇ بىر مىسقال ئېلىپ، بۇلاردىن قائىدە بويىچە ھەسەل بىلەن مەجۇن ياساپ يېسە، مەنىي تېز كېتىشنى داۋالايدۇ.
ئەگەر كىشى ئاق قۇشقاچ تۇخۇمىنى زەيتۇن يېغى ياكى قىچا يېغىدا پىشۇرۇپ يېسە، بەدەننى كۇچەيتىدۇ، باھنى قوزغايدۇ.
ھەكىملەر رەئىسى « ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا » ئېيتىدۇلەركى” جىنسىي مۇناسىۋەت بەدەننى تاماق يېيىشكە ئۈندەيدۇ، كۆڭۇلنى خۇش قىلىدۇ، غەزەپنى، ئاچچىقنى باسىدۇ، يامان نىيەت، يامان خىيالدىن ۋە سەۋدا-ۋەسۋەسىدىن خالىي قىلىدۇ، ئەر خوتۇنلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىرگە بولماسلىقى تۇپەيلىدىن يۇز بېرىدىغان تۇخۇمدان ئىششىش، دانىخورەك پەيدا بولۇش قاتارلىق ئىللەتلەرنى يوق قىلىدۇ.
يەنە بىر نەرسىگە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەككى، جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن سوغۇق سۇ ئىچسە،تىتىرەك بېسىپ، بەدەن بوشىشىپ كېتىش،جىگەر زەئىپلىشش ۋە ئىستىسقا(سېرىق سۇ كېسەللىكى) كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن ھەسەل سۈيى ئىچىپ بىرىش جىنسىي جەھەتتە قىرىشتىن ساقلايدۇ. تېرىنى سۈزۈك ، پارقىراق قىلىدۇ.
بىر كىشى جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن دائىم سوغۇق سۇ ئىچەتتى، ئاخىرى ئۇ قاتتىق ئۇساش (دىئابىت كېسەللىكى) غا گىرىپتار بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئادەم ئۇزاق بىر مەزگىل دارچىندىن شۇمۇپ يۇرۇشكە مەجبۇرى بولدى. بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاچكا كېسەلدىن ئاستا-ئاستا ساقايتى.
جىنسىي مۇناسىۋەت ۋاقتىدا بارلىق غەم-قايغۇلارنى ئۇنتۇپ چىرايلىق نەرسىلەرنىڭ سۇرئىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرۇش لازىم، شۇنداق قىلىنسا بالىسى چىرايلىق تۇغۇلىدۇ. مۇبادا جىنسىي ئالاقە جەريانىدا خۇنۇك، سەت نەرسىلەرنىڭ سۇرىتى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بەتبەشرە نەرسىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرسە، پەرزەنتى سەت-كۆرۇمسىز بولۇپ قالىدۇ.
لوقمان ھېكىم مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر كىشى تۆۋەندىكى مەجۇننى يېسە تىۋىپقا ھاجىتى ئاز چۇشەر… بۇ مەجۇن مەنىينى زىيادە قىلىدۇ، ئىشتىھانى ئاچۇر، كۆزنى رۇشەنلەشتۇرۇپ مېڭىنى قۇۋەتلەر، يېلىكنى تۇلۇقلار، باھنى كۇچەيتىشكە ئالاھىدە ياخشى….
تەركىۋى: تۇخۇم سېرىقى 150گىرام، زەنجىۋىل 450گىرام، سەۋزە ئۇرۇقى 450گىرام، دارچىن 350گىرام، قۇشچاق مېڭىسى 200دانە، قۇشقاچ تۇخۇمى 100دانە، كەپتەر تۇخۇمى 100دانە، ھەسەل يېتەرلىك مىقداردا تۇخۇملارنى چالا پىشۇرۇپ سەۋزە ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ قائىدە بويىچە مەجۇن تەييارلىنىدۇ.
ئەگەر كىشى باھنى قۇۋەتلەش زۆرۇر بولۇپ قالسا، بىر چىنە سۇتكە 12گىرام دارچىن تالقىنى بىلەن 100گىرام شىكەرنى سېلىپ بىر سائەت تۇرغۇزۇپ شۇ ئۇسۇل بىلەن 10كۇن ئىستىمال قىلىپ بەرسە بۇ دورىنىڭ كارامىتىنى كۆرىدۇ. بۇ دورىنى ئىستىمال قىلىۋاتقان 10كۇن ئىچىدە ئايالغا يېقىنچىلىق قىلماسلىق كېرەك.
ئەگەر كىشى ھىڭ، توغرىغۇلارنى ئېلىپ ئۇنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ جىنسىي ئەزاسىغا سۇركىسە مەنپەتلىكتۇر.
ئەگەر كىشى ئاق خورازنىڭ قېنىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئوتتا قاينىتىپ جىنسىي ئالاقىدىن بۇرۇن جىنسىي ئەزاسىغا سۇركىسە ئىنتايىن مەنپەتلىكتۇر.
ئەگەر كىشى دارچىن،كاۋاۋىچىن،زەنجىۋىللەردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۇزۇپ ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ھەب قىلىپ جىنسىي ئالاقە ۋاقتىدا مەزكۇر ھەبتىن بىر دانىنى ئېغىزىدا چايناپ ئىزىپ جىنسىي ئەزاسىغا سۇركەپ،ئازراق قىسمىنى شۇمۇپ بەرسە مەنىي تىز يۇرۇپ كەتمەس.
ئەر كىشى ۋاڭنىڭ يېغىنى جىنسىي ئەزا ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى تومۇرلارغا سۇركەپ بەرسە مەنپەتلىكتۇر….
ئەگەر كىشى پىلپىلدىن 50گىرام،كالا سۇتىدىن 1كىلوگىرام ئېلىپ پىلپىلنى كالا سۇتىدە قاينىتىپ سۇت قايناپ تۇگىگەندىن كېيىن پىلپىلنى ئېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ يۇمشاق سوقۇپ تالقان تەييارلاپ، ھەر كۇنى كەچتە 9گىرام تالقاننى 18گىرام ناۋات ،200گىرام خام سۇت بىلەن ئىچىپ بەرسە جىنسىي ئاجىزلىقنى تۇگىتىپ باھنى قوزغايدۇ.
ئەگەر كىشى سېرىقمايدىن 500گىرام،ھەسەلدىن بىر كىلوگىرام، بوغداي ئۇنىدىن 250گىرام،سۇدىن 250گىرام ئېلىپ ھەممىسىنى بىرلەشتۇرۇپ ھەر كۇنى 20گىرام مىقداردا ئېستىمال قىلىپ بەرسە باھنى قوزغايدۇ.
ئەگەر كىشى پىشقان ئامىلىدىن 50گىرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ ھەر كۇنى 12گىرامنى ناۋات ياكى خام سۇت بىلەن ئىچىپ بەرسە باھنى قوزغايدۇ.
ئەگەر بىر ئادەم تۇخۇم سېرىقى بىلەن سېرىقماينى ئارىلاشتۇرۇپ جىنسىي ئەزاغا سۇركەپ بەرسە مەنپەئەتلىكتۇر.
ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە سوغۇقلۇق ئېشىپ كەتسە جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ، جىنسىي قۇۋىتى ئاجىز ئەرلەردە مەنىي تەستە چىقىدۇ ھەم ئاز چىقىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدىكى كېشىلەرنىڭ داۋاسى شۇكى، قۇندۇز قەھرىدىن 2گىرام، پىلپىلدىن 6گرام،بۆرە ئەرمىنىدىن 3گىرام،بادام مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ بۇ دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ زەيتۇن يېغىغا قوشۇپ،توققۇز كۆز،يانپاش،زەكەر،بۆرەك،مەقئەت ئەتراپىغا سۇركىسۇن ۋە يەنە نوقۇت سۇيى، لىسانىل ئاساپىر باچكا،سەۋزە،چامغۇر،تۇرۇپ، پاقلان گۆشى ئازراق مۇسەللەس قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلسۇن بۇ تاماقلار شەھۋەتنىڭ جەۋھىرىدۇر.
ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىن سوغۇقلۇق ئېشىپ كەتسە مەنىي قويۇق ھەم سوغۇق بولىدۇ، بۆرىكى چوڭ بولۇپ تۇمۇرى چىقىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ داۋاسى شۇكى سېمىز ئوت شىرنىسى، ئات سۇتى، ئۆچكە سۇتى، تەرەنجىبىن قوي گۆشى ،ئۆچكە گۆشى، توخۇ گۆشى، سەۋزە مۇرابباسى، شاقاقۇل مۇرابباسى، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنىڭ بىرىنى سۇتتە قاينىتىپ ئىچسە ساقىيۇر.
ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى زىيادە ھۆللۇك جىنسىي قۇۋىتىنىڭ كۇچىيىشىگە زىيانلىقتۇر، بۇنىڭ داۋاسى شۇكى، بىھى شەربىتى، تۇخۇ گۆشى، قۇشقاچ گۆشىگە سۇت قوشۇپ پىشۇرۇپ يەپ بەرسە شىپا تاپقاي ۋە يەنە پەرپىيۇننى مەئىدىنى قۇستە يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ جىنسىي ئەزاسىغا سۇركەپ بەرسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوغۇق سۇ ، سۇيۇقئاش ۋە باشقا نەرسىلەردىن پەرھىز قىلغاي، يەنە بىر داۋاسى شۇكى، زەنجىۋىل مۇرابباسى، مەجۇنى ماددەتۇلھايات، ھەببى ئازاراقى ئىستىمال قىلسۇن، زاراڭزا مېغىزى، ئۆردەك يېغى، ئاقىرقەرھانى ئارىلاشتۇرۇپ مايلانسا بۆرەكنى قىزىتىدۇ.
قۇرۇقلۇقتىن جىنسىي قۇۋىتى ئاجىز بولغان ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇشتىن پەرھىز قىلسۇن، بەدەننى قۇۋەتلەندۇرسۇن ، تامىقىغا سېمىز توخۇ گۆشى يېسۇن ۋە تۆۋەندىكى شەربەتنى تەييارلاپ ئىستىمال قىلسۇن.
قىزىلگۇل 15گىرام،گاۋزىبان 15گىرام،سېمىز ئوت ئۇرۇقى 9گىرام،ئاق بەھمەن ،سۆئىلەپ،شاقاقۇل،خۇلىنجان، چامغۇر ئۇرۇقى ۋە سەۋزە ئۇرۇقىنىڭ ھەر بىرىدن 12گىرام ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقتاردا ھەسەل قوشۇپ شەربەت تەييارلاپ ئىستىمال قىلسا ساقىيدۇ.
ئەرلەردىكى خەفەقان بولسا، بۆرىكى ئاجىز بولۇپ ئۇسسۇزلۇقى كۆپ بولۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتكە ۋاقتىدا تەييارلىنالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۇلىدۇ، بۇنداقلارنىڭ داۋاسى شۇكى، بەدەندىكى غەيرى تەبىئى خېلىتلارنى پاكلاپ بۆرەكنى قۇۋەتلەش لازى، ناخشا، مۇزىكا ئاڭلىسا، غەم ئەندىشىدىن يىراق بولسا غەلىز تائاملاردىن پەرھىز قىلىپ لەتىف غىزالارنى ئىستىمال قىلسا بۇنداق يامان ئىللەتلەر دەپئى بولۇر…..
ئەرلەردە مېڭە ئاجىزلىقى بولسا، خاس قاراڭغۇدا سوغۇق ھاۋادا جىنسىي مۇناسىۋەتكە قادىر بولالمايدۇ، بۇنىڭغا سوغۇق نەرسىلەر زىيانلىقتۇر، بۇنىڭ ئۇچۇن مىزاجنى مۆتىدىل قىلىپ ئىسسىق ، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇقلۇققا قاراپ دورا قىلماق كېرەك، جىنسىي ئاجىزلىق ئەگەر ماددىدىن بولسا سۇرگە دورىلارنى يىسە بولىدۇ. قاندىن بولسا قان ئېلىش لازىم .سەۋادىن بولسا ھېلىلىنى قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ. ئەگەر بەلغەمدىن بولسا ھەببى قوقىيا ، ئايارەج پەيقىرادىن ئىچسە بولىدۇ، گولا ئەنبەر، ئىپار قاتارلىقلار مېڭىنى ساپ قىلىپ ساقايتىدۇ.
ئەرلەردە جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولىشى بەدەن ئاجىزلىقى، كەم قۇۋەت تائاملارنى يىگەنلىكتىن بولىدۇ، بۇنىڭ چارىسى قۇۋەتلىك تاماقلارنى يېيىش ھەم زۇپتى رۇمىنى سۇتتە قاينىتىپ جىنسىي ئەزانى يۇيۇش، ئەگەر جىنسىي ئەزاسى كىچىك ھەم ئۇرۇق بولسا بۇنىڭ داۋاسى شۇكى پارپا سېلىنغان ھەببى جەدىۋار يېيىش، ۋە قەي قىلدۇرۇش پايدىلىق، ئىسسىق ياغلار ۋە قۇندۇز قەھرى، پەرپىيۇن، شاترەنجى ھىندىي قوشۇپ جىنىسىي ئەزانى ياغلاپ بەرسۇن، ئەگەر ھۆللۇك،تىن بولسا ئۇبھەل،سەئىدى ھىندى، پىلپىل، جۇزىۋا قاتارلىقلارنى قاينىتىپ جىنسىي ئەزاسىغا سۇرتۇپ بەرسە ساقىيىپ كېتۇر.
ئەرلەردە مەنىي كۆپ سەۋەبلىك تېز كېلىش بولسا تاماقنى ئاز ئىستىمال قىلىپ گۆشلۇك تائاملارنى ۋە شەربەتلەرنى ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك ۋە قان ئېلىش لازىم، ئانار شەربىتى، غورا مۇرابباسى لىمون شەربىتى ئىچسە بولىدۇ.
ئەگەر ئەرلەردە مەنىي كۆپ قۇيۇق كېلىش بولسا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرھىز قىلىپ قەي قىلسا بولىدۇ، ھەم سۇرگۇ دورىسى ئىچسۇن ، ئامۇت يېغى، نەرگىس يېغى بىلەن كىندىك تۇۋى دوۋسۇن ھەم جىنسىي ئەزانى ياغلىسا بولىدۇ.
ئەگەر ئەرلەردە مەنىينىڭ كېلىشى سېرىق بولسا سېمىز ئوت ئۇرۇقىنىڭ شىرنىسى لىمون شەربىتى سىركەنجىۋىل ،كاھۇ قاتارلىقلارنى سوغۇق سۇ بىلەن رۇتسە بولىدۇ.
ئەگەر كىشى ۋاڭ ئۇرۇقىنى ھەر كۇنى 4دانىدىن ئىستىمال قىلىپ ئارقىدىن مۇۋاپىق مىقتاردىكى نوقۇتنى بىر كىچە كۇندۇز سۇغا چىلاپ قويۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆكۇز ياكى قېرى بوقىنىڭ يىلىك يېغى بىلەن قورۇپ ئىستىمال قىلسا ياكى كالا سۇتىگە دارچىن سېلىپ ئىچسىمۇ ئەرلىكنى زىيادە قىلۇر….
ئەگەر كىشى سۇدىكى قىزىل قۇرۇتنى ئېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ يۇمشاق سوقۇپ ئاندىن ئۇنى كۇنجۇت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ جىنسىي ئەزاسىغا سۇركەپ بەرسە مەنىي تېز كېتىشنى داۋالايدۇ.
ئەگەر كىشى كاۋاۋىچىننى ياكى قارىمۇچنى ئاغزىغا سېلىپ تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا مەنىي تېز كېتىشنى داۋالايدۇ.
ئەگەر كېشى ئات گۆشىنى، قوشقار چۇيىسىنى ئوتقا كۆمۇپ ئىچىگە ھىڭ سېلىپ يەپ بەرسە مەنىي تېز كېتىشنى داۋالايدۇ.
ئەگەر قۇشقاچنى تېرىك تۇتۇپ ھەرىنىڭ ئۇۋىسىغا ئېسىپ قويسا، ھەرىلەر قۇشقاچنى چېقىپ ئۆلتۇرىدۇ، ئۆلگەن قۇشقاچنى ئېلىپ كۇنجۇت يېغى كالا يېغى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلسە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالايدۇ.
ئەگەر كىشى سۇپۇرگىنىڭ ئۇرۇقىنى كۆيدۇرۇپ كۇلىنى پەرپىيۇن يېغى بىلەن قوشۇپ جىنسىي ئەزاسىغا سۇركىسە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالايدۇ…
ئەگەر كىشى ئۇي ياكى بوقىنىڭ جىنسىي ئەاسىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ ئۇندەك قىلىپ ھەر قېتىملىق تامىقىغا سېلىپ يېسە ئەرلىكنى زىيادە قىلىدۇ…
ئەگەر كىشىدە ئەرلىك ئاجىزلىقى بولسا سەۋزە ئۇرۇقىنى سوقۇپ ھەسەل بىلەن مەجۇن قىلىپ ئىستىمال قىلسا ئەرلىك ئاجىزلىقى يوق بولۇر.
ئەگەر كىشى چىگىت مېغىزىنى سوقۇپ ئۇنى ئۆچكە سۇتى بادام يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر نەچچە كۇن جىنسىي ئەزاسىغا سۇركەپ بەرسە ئەرلىكنى زىيادە قىلىدۇ.
ئەگەر كىشى كەپتەر مېڭىسى ئاق قۇشقاچ مېڭىسى كەكلىك مېڭىسىدىن باراۋەر مىقتاردا ئېلىپ بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ ېئزىپ ئىستىمال قىلسا ئۇنىڭ قۇۋۋىتى يۇقىرى بولۇپ مەنىينى كۆپەيتىدۇ.
ئەگەر كىشى زۇپتۇ رۇمىنى ئوتتا پىشۇرۇپ جىنسى ئەزاسىغا سۇركىسە جىنسىي قۇۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
ئەگەر كىشى قىزىلگۇل ئېچىلغان چاغدا ئۇنىڭ يىلتىزىدىن 15گىرام ئېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ سوقۇپ شىكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ جىنسىي ئەزاسىغا سۇركىسە جىنسىي قۇۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
ئەگەر كىشىنىڭ ئەرلىكى ئاجىز بولسا بوقا تاشىقىنى قوقاسقا كۆمۇپ پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلسا ئەرلىكى زىيادە بولۇر….
ئەگەر ئەركىشىنىڭ مەنىيسى ئاز بولۇپ جىنسىي ھەۋىسى سۇس بولسا ھەسەل بىلەن سۇتنى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە مەنىينى كۆپەيتىدۇ….
باھنى كۇچەيتىشتە ئەڭ ياخشىسى قۇشلارنىڭ گۆشلىرى،ئۇندىن قالسا توخۇ گۆشىدۇر…توخۇ گۆشى ئىچىدە تۇغمىغان مېكىيان گۆشىدۇر……ئۇنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى مۇنداق ھۆل مىزاجلىقلار زىرە ۋە باشقا خۇش پۇراقلىق دورا ماتىرىياللىرى بىلەن كاۋاپ قىلىپ ياكى قورۇپ يېسۇن، قۇرۇق مىزاجلىق كېشىلەر نوقۇت پيازلار بىلەن پىشۇرۇپ گۇلاپ ۋە دارچىنلار بىلەن خۇشپۇراق قىلىپ يېسۇن ئۇندىن قالسا موزاي گۆشى ياخشى، سېمىز موزاي گۆشى باھنى كۇچەيتىشتە ناھايىتى ياخشى ھېساپلىنىدۇ.
ئەگەر كىشى كالىنىڭ ئۆتىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ جىنسىي ئەزاسىغا چاپسا جىنسىي قۇۋىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق…
ئەگەر كىشى كىلەر يېغىدا جىنسىي ئەزاسىنى ياغلىسا ئەرلىكنى زىيادە قىلىدۇ كېلەرنىڭ گۆشىنى قاينىتىپ شورپىسىدا بەدەننى يۇسا سوغۇقتىن توڭلىمايدىغان بولىدۇ، پالەچ لەقۋا كېسەللىكلىرىگە ناھايىتى پايدىلىق..
ئەگەر كىشىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان بولسا تۇخۇم سېرىقىدىن ئېلىپ ئۇنى كالا يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ جىنسىي ئەزاسىغا سۇركەپ بەرسە جىنسىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ..
ئەگەر كىشى قىزىل چۇمۇلىدىن ماي چىقىرىپ جىنسىي ئەزاسىغا سۇركەپ بەرسە جىنسىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
ئەگەر كىشىنىڭ جىنسىي ئەزاسى كىچىك بولسا ياكى يىگلىگەن بولسا قۇشقاچ گۆشىنى يېيىشنى ئادەت قىلسا مەنپەتلىكتۇر…
ئەگەر كىشىدە جىنسىي ئالاقىنى كۆپ قىلىش سەۋەبىدىن پۇت قلى تىتىرەيدىغان بولۇپ قالسا جاۋارىشنى زەيتۇن يېغىدا ئېرىتىپ بەدەننى ياغلاپ بەرسە دەپئى بولۇر…
ئەگەر كىشى دارچىننى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ جىنسىي ئەزاسىغا سۇركەپ بەرسە مەنپەتلىكتۇر…
ئەگەر كىشى ئۆچكە ياكى قوينىڭ ئۆتىنى ئاقىرقەرھا ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ جىنسىي ئەزاسىغا سۇركەپ بەرسە جىنسىي ئىقتىدارىنى كۇچەيتىدۇ.
ئەگەر قانداقلا بىر ئەر بولمىسۇن خورازنىڭ ئۆتى، مېڭىسى،قېنىنى جىنسىي ئەزاسىغا سۇركەپ بەرسە جىنسىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
ئەگەر كىشى 22ياشلىق يېگىتتەك قۇۋۋىتى باھقا ئېرىشەي دىسە تۆۋەندىكى مەجۇنى تەييارلاپ يېسۇن:
زەدەك ئۇرۇقى 7گىرام،چامغۇر ئۇرۇقى ،تۇرۇپ ئۇرۇقى، پىياز ئۇرۇقۇى،ئارچا ئۇرقى،پوستى بىخ كەبىر،قۇشقاچ مېڭىسى، لىسانۇل ئاساپىر، پۇدىنە يېغى، مۇچ،زەنجىۋىل،زەپەر قەلەمپۇر، جۇز بوۋا،خۇلىنجان ئاق خورازنىڭ قېنى ۋە مېڭىسى بۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن 35گىرام ئېلىپ بۇلارنى ئايرىم ئايرىم سوقۇپ شىكەر ياكى ھەسەل ۋاسالغۇ بوغداي قۇمىچى بىلەن يۇمشاق سالايە قىلىپ ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ ھەر كۇنى ئەتىگەندە ناشتىدا مۇۋاپىق مىقتاردا يېمەك كېرەك، بۇ دورا مەيدىنى ساپ ئېغىزنى خۇشبۇي كۆكۇلنى رۇشەن باھنى زىيادە قىلىپ كۆزگە رۇشەنلىك يەتكۇزىدۇ سەپرا ۋە بەلغەمنى دەپئى قىلىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا بۇ دورا يەنە كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە داۋادۇر………
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىنسىي قۇۋۋەت
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
mosolmanga haram narsa dara bolmaydu daydikan taklipim ak horaznig kini yaki baxka kan lar dariga kitilmisa yani haram xubha lik narsilarmu koxolmisa urniga halal narsa kox sa bolmasmu?
) دېگەن دۇرېكەن راس يالغانلىقىنى ئۇقالمىدىم. سىلنەڭچە قانداق قېلسام بۇلا؟ھورمۇنلۇق دارا زېيانلىق دەيدېكەن،بۇھورنۇنلۇق دارىمدۇ،،ئادەتتە ئۇيغۇر تېبابەت دورىللىردا ھورمون يوقمۇ؟بىر جاۋاپ بەرگەن بولسېڭىز،ئاللا ھجىرڭىزنى بەرسۇن.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بېرزات ئەپەندى ياخشىمۇ سېز مەن بەدەن چېنقتۇرۋاتقان ئىدىم ئۇزۇقلۇق كەمچىلكەن تېرنىر كۇندە 4ۋاخ تاماق يەڭ دەيدۇ بازاردىن يەپ توشىمىدى شۇڭا تەييار چۇپ بىلەن جوندەپ تۇرغان ئېدىم سىلنىڭچە قاندا بۇلا مانا؟
رەخمەت. ئاللا تىنىڭىز نى سالامەت قىلسۇن.
مەن جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى چارە-تەدبىرلىرى توغرىسىدا سىلىدىن بىۋاستە دۇرا ئېلىپ ئىچىپ باقاي دگەن مۇمكىن بولسا يەتكۇزۇپ بىرەلىمۇ؟
چچ 1250098411
0996-2077128
13909963684
15-16 ياشتىن تارتىپ تاكى 21 ياشقىچە بولغان ۋاقىت ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان، ئەزالار تەرەققى قىلىۋاتقان موھىم بىر مەزگىلى. ئاتىلار سۆزى بويچە ئېيتقاندا ئوغۇلبالىغا يىلىك توشىدىغان، سۆڭەك قاتىدىغان ۋاقىت. مۇشۇ موھىم مەزگىلدە ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قىلىش، كۆپ ئىھتىلام بولۇش ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىش، قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلانماسلىق ۋە ھەرخىل روھىي بېسىم دېگەندەكلەر قوشۇلۇپ كىيىنكى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا بەزى-بىر سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئىلگىركى تېمىلاردا كۆپ توختالغان بولغاچقا قايتا سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن. سىزنىڭ ھازىر ئۇ ئادەتتىن قول ئۈزۈپ ساغلام روھىي ھالەتنى ساقلىغىنىڭىزنىڭ ئۆزى سىز ئۈچۈن چوڭ ئىش دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇندىن كىيىن ناتوغرا ئادەتلەرگە ئۈگۈنۈپ قىلىشتىن ئىمكان بار ساقلىنىپ ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىپ، بەدەن چىنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىز كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزغا بەك چوڭ تەسىرى بولۇپ كېتىشى ناتايىن.
بۇندىن كىيىن ئانانىزىمنىڭ يامان تەسىرىنىڭ بولىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن 18 ياشلىق دوستلارغا تەۋسىيەم:
1.دىققەتنى ئۈگۈنۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش، بوش ۋاقىتلارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىش.
2.سېرىق مەزمۇندىكى گەپ-سۆز، پاراڭلارنى قىلىشماسلىق ۋە شۇنداق مەزمۇندىكى كىنو-فىلىم، رەسىم، كىتابلارنى كۆرمەسلىك.
3.بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىش؛
4.ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار بىلەن دوست بولۇپ پات-پات ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە بولۇش؛
5.غىدىقلىغۇچى، مەس-كەيىپ قىلغۇچى، روھلاندۇرغۇچى ھاراق-تاماكا، نەشە، چۇمادو، مەجۈن دېگەندەكلەرگە يېقىن يولىماسلىق،
6.زىيادە ئاچچىق، سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىمكان بار ئىستىمال قىلماسلىق ياكى كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق. مەسىلەن: لەڭپۇڭ-راڭپىزا، كالا-گۆشلىك ئۈگرە، تەييار چۆپ، كولا ۋە باشقا سوغۇق ئىچىملىكلەر دېگەندەك.
8.ئانچە-مۇنچە شورپىلىق تاماقلارنى ئىستىمال قىلىش، سەي-كۆكتات، قۇرۇق يەل-يېمىشلەرنى يەپ تۇرۇش.
9.ئەتتىگەنلىك ناشتىغا چوقۇم ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش. ناشتىلىقتا ئىمكان بار: ھەسەل، سۈت، تۇخۇم، ياڭاق، بادام مېغىزلىرى، خورما، ئاپتاۋى قىزىل ئۈزۈم، گۈلقەنت، ئەنجۈر مۇرابباسى دېگەندەكلەردىن كەم دېگەندە 2-3 خىلى بولۇش.
10.بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرۇش، ئويغىنىپ بولغاندىن كىيىن ئېغىناپ ياتماسلىق...
سىزنىڭ چ چ نۇمۇرىگىز قانچە ؟
يۇكاركى دىيىلگەن نەرسىلەرنى ئادەتتىكى تۇرمۇشتە تاپماك تەس ئىكەن ،بىرزات ھەكىم سىزنىڭ دۇكۇنىڭىزدا بارمىدۇ .
زەكەر نى چوڭايتىشكا ئامال بارمىدۇ؟
بىرزات ئەپەندىم مەسلىھەت بەرگەن بولسلا.
بىر دوستۇم توي قىلىپ 7 ئايغىچە ئايالىنىڭ بويىدا قالماپتۇ . كىيىن بىلسە ئاياللارنىڭ يەنى توي قىلىش ئالدىدىكى بەزى قىزلار نىڭ كىچىكىپ ھامىلدار بۇلۇش كۇمىلىچى دەيدىغان بىر دورا باركەن ئۇنىڭ ئايالى 1 يىللىق يەپتىكەن ، شۇنى يىگەندىن كىيىن توي قىلغىلى 7 ئاي بوپتۇ لېكىن بويىدا قالماپتۇ .
شۇ كىچىكىپ بالىلىق بۇلۇش كۇمىلىچىنىڭ رولىنى يۇقاتقىلى بۇلامدۇ ؟ قايسى ئۇسۇلدا يوق قىلىمىز ؟
مۇشۇنىڭغا بىر يول كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىلا بوپتىكەن .
مۇمكىن بولسا چ چ لىرىنى ئېچىپ مىنى قۇشىۋالغان بولسىلا بوپتىكەن !!! مەن قوشسام پەقەت جاۋاپ يوق ... چ چ نۇمۇرۇم : 849605857
ئۇستام مەن بۇ يىل 27 ياشقا كىردىم ،ماڭا بۆرەك قۇۋۋەتلەيدىغان ، زەكەرنى چوڭايتىدىغان دورا لازىمتى ، شۇڭا سىز بىلەن ئاۋۋال توردا ئالاقىلاشقان بولساق ، كو كو نومۇرۇم 646028674 ، ئاۋارە قىلدىم .