ئۇلۇق رامىزان مۇبارەك كىلىش ھارپىسىدا ھاۋا بۆلەكچىلا ئىسسىپ راھەتكە كۆنگەن تەنلەرنى، سالقىنلىق ئىزدەپ ئارانلا تۇرىدىغان نازۇك جانلارنى قاقشاتقىلى تۇردى.  رايۇنىمىزدا يىلدىن -يىلغا پىژغىرىم ئىسسىققا قاراپ كىلىۋاتقان رامىزان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ تاقىتىنى، نەپسىنى تىزگىنلەپ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ھارغىنلىققا قارشى ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان چوڭ بىر سىناق.  ئىپتاردا مۇزدەك تاۋۇز ياكى شاپتۇل سۈيى ئىچىۋالسا روزىدارلىقتىكى تەشنالىقنى باسسا ئەجەپ ئەمەس. كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىمىزدەك راھەت قوغلىشىپ ھەر خىل تەم ھەر خىل رەڭدىكى سانائەت ئىچىملىكلىرىنى ئىچىۋەرسەك ساقلىقىمىزغا بولغان زېيىنى مۆلچەرلىگۈسىز بولغۇدەك. چۈشتە ئۆيگە كىلىپ توڭلاتقۇدىكى قوغۇننى قىرىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچەي دەپ قاپتىكەنمە، ئەتتىگەن كېيگەن مايكىنى <<ۋەيران>> قىپتىمەن. شۇڭا بايا رامىزانغا ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق كۆرۈپ قوياي دەپ بازاردىن مېۋە سىقىش ماشىنىسىدىن بىرنى سىتىۋالدىم. ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز باياتىن بىرى سېقىش ماشىنىسىدا 4 خىل مېۋە سۈيى تەييارلاپ باقتىم. 

" /> رامىزانلىق مېۋە ئىچىملىكى تەييارلاش - 80 خالتا بلوگى

رامىزانلىق مېۋە ئىچىملىكى تەييارلاش


ئۇلۇق رامىزان مۇبارەك كىلىش ھارپىسىدا ھاۋا بۆلەكچىلا ئىسسىپ راھەتكە كۆنگەن تەنلەرنى، سالقىنلىق ئىزدەپ ئارانلا تۇرىدىغان نازۇك جانلارنى قاقشاتقىلى تۇردى.  رايۇنىمىزدا يىلدىن -يىلغا پىژغىرىم ئىسسىققا قاراپ كىلىۋاتقان رامىزان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ تاقىتىنى، نەپسىنى تىزگىنلەپ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ھارغىنلىققا قارشى ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان چوڭ بىر سىناق.  ئىپتاردا مۇزدەك تاۋۇز ياكى شاپتۇل سۈيى ئىچىۋالسا روزىدارلىقتىكى تەشنالىقنى باسسا ئەجەپ ئەمەس. كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىمىزدەك راھەت قوغلىشىپ ھەر خىل تەم ھەر خىل رەڭدىكى سانائەت ئىچىملىكلىرىنى ئىچىۋەرسەك ساقلىقىمىزغا بولغان زېيىنى مۆلچەرلىگۈسىز بولغۇدەك. چۈشتە ئۆيگە كىلىپ توڭلاتقۇدىكى قوغۇننى قىرىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچەي دەپ قاپتىكەنمە، ئەتتىگەن كېيگەن مايكىنى <<ۋەيران>> قىپتىمەن. شۇڭا بايا رامىزانغا ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق كۆرۈپ قوياي دەپ بازاردىن مېۋە سىقىش ماشىنىسىدىن بىرنى سىتىۋالدىم. ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز باياتىن بىرى سېقىش ماشىنىسىدا 4 خىل مېۋە سۈيى تەييارلاپ باقتىم. بۇ يىل دىھقانلىرىمىز تېرىغان مېۋە-چېۋىلەر ھەم ئەرزان ھەم تەملىك ئىكەن. بازاردىن مېۋە سېتىۋىلىپ سۈيىنى سىقىپ تەبئىي ئوزۇقلۇق ئىچىملىكى قىلىپ ئىچسىڭىز ھەم ئەرزان ھەم ھوزۇرلۇق بولىدۇ. بەدىنىمىزگە زۆرۈر ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلىيالايمىز. بۇنداق مېۋە سۈيى سېقىپ ئىچسە ھەم قىممەت ھەم ئاۋارچىلىق بولامدىكى دەپ قالماڭ، ھەر خىل خىمىيەلىك تەركىبلەر قوشۇلغان سانائەت ئىچىملىكلىردىن قاندىقىنى ئىچمەڭ شۇنى سىتىۋالغان پۇلغا مېۋە سېتىۋالسىڭىز ھازىرقى بازاردا ئوخشاش تەنەرق بىلەن ئوخشاش مىقداردا مېۋە سۈيىگە ئىرىشەلەيسىز! تۆۋەندە مەن بايا تەييار قىلغان مېۋە سۈيىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن:

مەن سېتىۋالغان مېۋە سېقىش ماشىنىسى: (مېۋىنى يۇيۇپ ، ئۇرۇقچىلىرىنى ئىلىۋېتىپ ئۈسكۈنىگە سىلىپ توك بەرسەكلا شەربەت تەييار بولىدىكەن)

 

قوغۇن سۈيى (چوڭراق بىر تىلىم قوغۇندىن سېقىلغان سۈيى):

 

 

سەۋزە سۈيى (3 باش سەۋزىدىن سېقىلغان سۈيى):

 

شاپتۇل سۈيى (5 تال ئەششاپتۇلدىن سېقىلغان سۈيى):

 

تاۋۇز سۈيى:

بۇ مېۋىلەرنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە بلوگىمىزنىڭ شىپالىق گىياھلار سەھىپىسىدە تەپسىلىي توختالغان، كىرىپ كۆرىۋالغايسىز! مەن ئەمدى باياتىن بىرى نەچچە خىل مېۋە ئىچىملىكلىرى تەييارلايمەن دەپ شاپاق-شالتاق قىلىۋەتكەن ئاشخانىنى تازىلىۋېتىپ ئارام ئالاي.

___ بىرزات




[Birzat بۇنى 2011-07-22 10:34 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مېۋە، شەربەت، ئىچىملىك، شاپتۇل، تاۋۇز، قوغۇن، سەۋزە

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 9 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماruziahun[2012-02-06 02:34 PM | del]
مىۋە سىقىش ماشىنىسىنى قەيەردىن سېتىۋالدىڭىز بۇرادەر؟
回复قايتۇرمائوباما[2011-07-30 01:01 AM | del]
نەچچىكەن بۇ نەرسە؟
回复قايتۇرماسالمەتمەن[2011-07-27 10:49 PM | del]
بۇنداق ئىسىل شەربەت ماشىنىسى بىزنىڭ خوتەندىمۇ بامىدۇ
回复قايتۇرمالالە120[2011-07-24 11:49 PM | del]
ئەسالامۇئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم .. مەن بەك   سوغۇق تەرلەيدىغان بۇلۇپ قالدىم ...پۈتۈن بەدىنىم  دائىم مۇزلۇق تۇرىدۇ ....مۇشۇ ئىشلاردىنمۇ بىلمىدىم بارغاسىرى  سەمرىپ كىتبارىمەن ..مەن تىخى توي قىلمىدىم ..ماڭا بىڭر  مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز .
回复قايتۇرمابلال1[2011-07-23 08:26 PM | del]
تەقەززارلىق ئىچىدە جاۋاپ خەتلىرىنى كۈتىمەن
回复قايتۇرماwww.hiyal.tk[2011-07-22 10:12 PM | del]
پەقەت ئۇيغۇرچە كىرمىدىغۇ ماۋۇ 80خالتىنىڭ ئىچىگە يازاي دەپمۇ يازالمىدىم شۇڭا باشقا يەردىن كۆچۈرۋاتىمەن دىسە. بەك ئاۋارچىلىق ئىكەن. شەربەتمۇ ئىچەلمىدىم مانا
回复قايتۇرماyarmak[2011-07-22 08:21 PM | del]
ھورمەتلىك بىرزات ئەپەندى مېنىڭ ئۇچ بالام بار ئۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ يۇزلىرنى سوگەل بېسىپ كەتتى بۇنىڭ شىپاسى ھەققىدە ئاز-تولا ساۋاققا ئىگە بولسام دىگەن ئۇمۇتتە مەن
回复قايتۇرمانىياز[2011-07-22 05:39 PM | del]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،بىرزات ئەپەندى! تەنلىرى ساغلام،ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىۋاتامدۇ؟ يەكشەنبە كۈنى ئۆزلىرىدىن ئىلىپ كەلگەن ھەسەل ۋە چايلاردىن بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر ئىنتايىن رازى بۇلۇپ كەتتى،ھەقىقەتەنمۇ تەمى ياخشى،ئىسل نىمەتلەردىن  ئىكەن، ئەمدى سىللىدىن سورايدىغىىم ئايالىم يىقىنقى مەزگىللەردە بىلىم ئىچىشىپ ئاغرىيدۇ دەپ ئىككى كۈن بۇۇن تەكشۈرتسەك بۆرەك ياللۇغى(ئاقسىل1+،قان2+)دەپ دىئاگىنوز قويۇلدى،بۆرەك ياللۇغى زادى قانداق كىسەل؟بۇ كىسەل ئىغىرمۇ؟قانداق داۋالىتىش كىرەك؟ نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك؟مىللىىي تىبابەت بىلەن داۋالاتساق بولارمۇ؟ھەسەل بىلەن چاينى داۋاملىق ئىچىپ بەرسە بولامدۇ؟سۇئالىم ئىنتايىن كۆپ بولۇپ كەتتى،كەچۈرگەيلا ،لىكىن ھازىر ھەقىققەتەنمۇ گاڭگىراپ نىمە قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم،مەسلىھەت بىرىپ،يول كۆرسىتىشلىرىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن،ھەم تەقەززارلىق ئىچىدە جاۋاپ خەتلىرىنى كۈتىمەن!
回复قايتۇرماgvlnisa[2011-07-22 10:59 AM | del]
bazagha   berip hazirla birni ekileyya awu mashinidin
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.