پەرزەنتلەردە تەبىئەت سۆيگۈسىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ مۈشۈك بېقىش
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-08-21
مەن ئېسىمنى بىلسەم بىزنىڭ ئۆيدە مۈشۈك بار ئىدى، بەزىدە 5-6 بولۇپ كەتسە بەزىدە 1-2 بولسىمۇ مۈشۈك زاتى ئۈزۈلۈپ قالمايتتى. بالا ۋاقتىمدا كۈندۈزلىرى قوي بېقىپ، كەچلىرى ئۇخلاش ئالدىدا يوتقانغا ئۇماق ئاسلانلىرىمنى سولاپ ئۇلارنىڭ يۇمشاق تۈكلىرىنى سىيلىغاچ، خورەكلىرىنى تىڭشاپ ئۇخلاپ قالاتتىم. ئەتتىگەندە ھويلىدىكى قارلىغاچلارنىڭ ۋېچىرلىشى بىلەن ئويغىناتتىم. ماتىرياللاردا كۆرۈشۈمچە بالىلاردا مىھرىبانلىق، تەبىئەت سۆيگۈسى، ساغلام ئادىمىيلىك پەزىلەت يېتىلدۈرۈشتە ئائىلىدە كەم بولغاندا بىر-ئىككى خىل جاندار بولىشى كېرەك ئىكەن. ئىنسانلارنى مىھرى-مۇھەببەت، ئادالەتكە چاقىرغان بارلىق پەيغەمبەرلەرمۇ پادىچى بولۇپ باققان ئىكەن. ئەمدى مانا زامانىۋىلىق، شەھەرلىشىش دېگەندەك پەرزەنتلىرىمىزنى تەبىئەتتىن ئايرىپ تاشلايدىغان جاھان ھادىسىلىرىگە دۇچ كەلگىنىمىزدە پەرزەنتلىرىمىزدە شۇ خىل بارچە جاندارلارغا مىھرىبان بولىدىغان تەبىئەت سۆيگۈسىنى قانداق يېتىلدۈرۈش بىر مەسىلە بولۇپ قاپتۇ. دىيارىمىزدا مەيلى يەسلى ۋە ياكى باشلانغۇچ مائارىپى بولسۇن بۇ نۇقتىغا تېخىچە كۆڭۈل بۆلۈش يىتەرلىك ئەمەس. بالىلار تەبىئەتتىكى جاندارلارنى، ئۆسۈملۈكلەرنى كىتابتىكى رەسىملەردىن، تېلۋۇزۇرلاردىن كۆرىدۇ. ھەقىقى مەنىدىكى يېقىنلىشىش، چۈشۈنۈش يوق ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. يەسلى، مەكتەپلەر قىلىپ بىرەلمىگەن ئۇ ئىشلارنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئىلىپ بالىلىرىمىزنى ئانچە-مۇنچە سەھرالارغا ئىلىپ چىقىپ ئوماق موزاي-قوزىلارنى، قۇشلارنى، پاقا - قوڭغۇزلارنى كۆرسىتەرمىز. لىكىن بۇمۇ يېتەرلىك بولمايدىكەن دەپ قاراپ بىنا ئۆيدە بېقىشقا ئەڭ مۇناسىپ كىلىدىغان ھايۋاندىن مۈشۈكنى بىقىپ كۆرۈپ بېقىشنى نىيەت قىلدىم. كىيىنچىرەك شارائىت يار بەرسە ئۆيگە چوڭ ھەجىمدىكى بىلىق قاچىسى ئىلىپ بىلىق، تاشپاقا، راك دېگەندەك سۇ جانلىقلىرىنى باققۇم بار.
ئەمدى تورداشلار بىلەن پەرزەنتلەردە تەبىئەت سۆيگۈسى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن يەنە قانداق ئىسىل چارىلەر بار دېگەننى مۇڭداشقاچ ئاساسلىقى بىنا ئۆيىدە مۈشۈك بېقىش تەجىربىسى بار تورداشلارنىڭ ئۆز ھاسىلاتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. مەسىلەن: مۈشۈكنىڭ تەرەت قىلىدىغان جايىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سىرتقا چىقىپ كەتسە قايتا ئۆينى تېپىپ كىلىش ئىقتىدارنى قانداق يېتىلدۈرۈش دېگەندەكلەر...... گەپنى بەك چوڭ باشلاپ ئاخىرىدا بىنا ئۆيدە مۈشۈك باقىدىغان بىلەن تېمىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بولدۇم، قېنى تورداشلارمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىڭلارنى ئوتتۇرغا تاشلاپ باقساڭلار!
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: مۈشۈك، پەرزەنت، جاندار
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
كىيىن قىزىم بارا-بارا قورىقمايدىغان يىغلىغان ۋاقىتلىدا قوي قېشىغا ئاپارساملا پەس بولدىغان بولدى
مانا ئەمدى ئۇ چوڭ بولۇپ يەسلىگە كىرىش ئالدىدا، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدا ھىچقانداق جانىۋار يوق شۇنداق بولغاچقا ئۇ دائىم چوڭ ئۆيدە قېلىپ قېلىشقا ئامراق ئۇياقتىن -بۇياققا يۈگۈرەپ قوي، توخىلارنى قوغلاپ ئويناپ شۇنچىلىك خۇشال بوپ كىتىدۇ ۋە ماڭا دادا ماڭا قوزا،كەپتەر بېقىپ بەرگىنە دەيدۇ ئوماق تىللىرى بىلەن
ماقۇل قىزىم مەن ئۇلار تۇردىغان ئۇۋا ياساپ سىزگە قوزا،كەپتەر،توخۇ،ئۆردەك،مۈشۈك بېقىپ بىرەي دەيمەن ئەمما تېخىچە مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئىمكان بولماي كەلدى.ئاللا خالىسا پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشقۇسى
ئەسلى يەسلىلەر مەلۇم ئىمكانىيەت دائىرسىدە ئۆي ھايۋانلىرىنى بېقىپ،كىچىك دائىردە ھەر خىل گۈللەر ۋە زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بالىلارنى تەبىئەت بىلەن بىۋاستا ئۇچراشتۇرۇپ تەربىيلىسە ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
يول= يوللاردا مۇشۇك يىمى قويۇپ قويۇلغان. تۇنۇگۈن بىر چوڭ جامەگە بارغان . جامانىڭ ھويلىسىدا بىر چوڭ باغچىدا ئاپتاپسىنىپ يىتىپ كەتكەن مۇشۇكلەر ئاسلانلار بىرەر يۈزدىن جىقمىكەن .يىڭى تۇغۇلغان ئاسلانلار.بەك ئوماقكەن
سىڭلىمدىن ئاڭلىسام بىر ماشىنا سوقۇۋەتكەن مۇشۇكنى داۋالاتقىلى بىر تۈرك نەچچە مىڭ تۈرك لىراسى خەجلەپتۇ.
كىچىكىمدە بىزنىڭ ھويلىلاردىمۇ. مەھەللىلەردىمۇ شۇنداق جىق مۇشۇكلەر بار ئىدى.ئادەمدىن يىتىرقىماي قۇچاقلىرىغا چىقىۋېلىپ خورۇلداپ ئۇخلاپ كېتەتتى. قاچان مۇشۇكلىرىمىز يوقالدى. چاشقانلارغا بايرام بولدى......
نەۋرە ھەدەم ئۈرۈمچىدە بىر مۈشۈك باققان ئىدى .ئىسمى ھۈرەيرە ئۇمۇ باشتا كۆندۇرگەندە مۇشۇكنىڭ تەرىتىگە بىر داس توپا ئاچىقىپ ھاجاتخانىغا قويۇپ بەرسە كېيىن ئاسلانچاق .شۇ نىڭغا تەرەت قىلپ ئاندىن كۆمۈپ قويۇپتكەن. ھەدەم نەچچە كۈندە بىر توپىسىنى ئالماشتۇرۇپ بىرەتتى.شۇنىڭغا قاراپ مۇشۇكنى بىنا ئۆيدىمۇ باققىلى بولىدىكەن دەپ قالدىم. مېنىڭچە كىچىك ئاسلان ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيلىسىڭىز بولامدىكىن..
بۇلار ئاساسلىقى چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تەبىئەتكە يېقىن قىلىپ بىزىگەن كۆرۈنۈشلەر ئىكەن:
يەنە بىر گەپ مۈشۈكنى پاكىز باقمىسىڭىز ئۆيىڭىزدە بۈرگە دىگەندەك ياكى باشقا چاقىدىغان ھاشاراتلار ئاۋۇپ كىتىشىمۇ مۇمكىن .
بۇ مىنىڭ بىشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار. مۈشۈكنى تاشلىۋەتكىلى بىرەر ئاي بولدى، لىكىن ئۆيدىكى ھاشاراتلاردىن قۇتۇلالمىدۇق. بۇنىڭ داۋاسىنى بىر زات غوجامدىن سورايمىكى دەپ تۇراتتىم تىخى .
قاپلىق قۇرت بىر خىل پارازىت قۇرت بولۇپ، مۈشۈككە يۇققاندىن كېيىن، يۇقۇملانغان 24 سائەت ئىچىدىكى تەرىتىدە بىر قىسىم تۇخۇملىرى ياكى ئۆزى بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، قالغانلىرى مۈشۈكنىڭ بەدىنىنىڭ ئىچىدە پارازىت ھالەتتە ياشايدىكەن، بەدەن سىرتىغا چىقالمايدىكەن. شۇڭا ھامىلىدارلار ئامال بار ئىت مۈشۈكنىڭ تەرىتىنى تازىلىماسلىقى، تازىلىسا قولىغا پەلەي كىيىۋېلىشى كېرەك بولىدىكەن. ئىنسانلارنىڭ مۈشۈك تەرىتىدە چىقارغان قاپلىق قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى خام نەرسە يېيىش، خام گۆش توغراش، خام گۆش توغرايدىغان ئەمبەل بىلەن پىششىق نەرسىلەرنى توغرايدىغان ئەمبەلنى ئايرىماي ئىشلىتىشى سەۋەبلىك يۇقۇملىنىشىدىن تۆۋەن بولىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم ھالدا مۈشۈكۈمنى داۋاملىق باقتىم، مۈشۈكنىڭ تەرىتىنى تازىلاش مۈشۈك يېمى سېلىپ بېرىش، مۈشۈكنى يۇيۇش دېگەندەك خىزمەتلەرنى يولدىشىم تامامەن ئۆز ئۈستىگە. شۇنداق قىلىپ بالامنىمۇ ساق سالامەت يەڭگىۋالدىم. مۈشۈك دېگەن ئاجايىب بولىدىكەن، چوڭلار "مۈشۈكتىن بالىغا كېسەل يۇقۇپ قالمىسۇن" دەپ بەك ئەنسىرەيتى، مۈشۈك شۇلارنى بىلەمدىكىن، قىرىقىمدا مەن بار ئۆيگە ئامال بار كىرمىدى. بۇرۇن ئاخشىمى پۇتۇمغا بېشىنى قويۇپ ياتاتتى، ئۆيگە كىرىپ قالسا بالىنى كۆرگەن ھامان يېراقتىن ئەگىپ ماڭىتى، ھەرگىز يېقىن كەلمەيتى. كېيىن بالام 4 ئايلىق بولغاندا ئۆيدە مۈشۈك دەپ بىر جانىۋارنىڭ بارلىقىنى بىلدى، يەنى كۆزلىرى مۈشۈكنى ئىزدەيدىغان بولدى. تەتەلەپ ماڭىدىغان بولغاندا مۈشۈكنىڭ يېنىغا ئېلىپ بار دەپ تۇرىۋالىدىغان بولدى، يەنىمۇ چوڭ بولغاندا مۈشۈكنىڭ يېنىغا ئۆزى بېرىپ، قۇلاقلىرىنى تارتىپ، قۇيرۇقلىرىنى تارتىپ ئوينايدىغان بولدى، 13 كىلو كېلىدىغان بولغاندا مۈشۈكنىڭ ئۈستىگە مىنىۋالىدىغان، مىنىپ سەكرەيدىغان بولدى، ئاچچىقى يامان كىچىك بالىلارنى يېقىن كەلتۈرمەيدىغان مۈشۈكۈم بالام قانچە بوزەك قىلسىمۇ جىم تۇرۇپ بېرىدۇ، بالام قىلغانلارنى باشقىلار قىلغان بولسا چوقۇم چىشلەپ ياكى تاتىلىۋالغان بولاتتى، لېكىن بالامنى ئۇنداق قىلىپ باقمىدى. بەزەنلەر تۈكلۈك ھايۋانلارنىڭ باقسا زىققا بولۇپ قالىدۇ دەيدىكەن، خۇدايىم ساقلار دەيمەن، بولسا بىر زات ھەكىم مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بېرىپ باقسا.....
تۈكلۈك ھايۋاننى باقسا زېققە بولۇپ قالىدۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. تېمىدا ئېيتقىنىمدەك ئۆيدە كېچىگىمدىن مۈشۈك ئۈزۈلۈپ باققاننى بىلمەيمەن. كېچىگىمدىن 4 قىرىنداش ئۆيدە مۈشۈكلەر بىلەن ئوينىشاتتۇق، ماۋۇ سېنىڭ مۈشۈگۈڭ، ماۋۇسى مېنىڭ دەپ تالىشىپ يوتقانغا ئايرىم كىرگۈزۈپ شۇنداق بېقىپ كىتەتتۇق. مەن ئامىراق بىرەر مۈشۈك ئۆلۈپ قالسا نەچچە كۈنگىچە يىغلىغان ۋاقتىممۇ بولغان. دېمەك مەن كىچىگىمدىن مۈشۈك ئويناپ چوڭ بولغان، ئەمما بىزنىڭ ئۆيدە ياكى ئەتراپىمدىكى مۈشۈك باقىدىغان ئائىللەردە بىرەرسىنىڭ مۈشۈك بىچىش سەۋەبلىك زېققە كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن.
بولسا بىنا ئۆيدە مۈشۈكنى قانداق باقىدۇ؟ قانداق كۆندۈرىدۇ؟ تازىلىقنى قانداق قىلىدۇ ، مۇشۇ ھەقتە تەجىربىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز!!! رەھمەت!
بىنا ئۆيدە مېنىڭ بىر تاغام ئۈزمەي بېقىپ كېلىۋاتىدۇ. 1 داسقا قۇم قويۇپ ھاجەتخانىغا قويۇپ قويىدىكەن. شۇ جايدىن باشقا يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلمايدىكەن. لېكىن ئىچكىردىكى ۋاقتىمدا مەنمۇ شۇنداق قىلسام ئانچە-مۇنچە باشقا يەرلەرگىمۇ ئولتۇرۇپ قوياتتى. مۇھىمى داستىكى قۇمنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك ئوخشايدۇ.
تەبىئەت بىلەن ئىرماش-چىرماش بولۇپ ئۆسكەن بالىلار ئەلۋەتتە جىسمانى ،روھىيەت جەھەتتىن ساغلام بولىدۇ.ئەڭ مۇھىمى كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، كۆيۈمچان،سەمىمىي بولىدۇ. لېكىن بىز ۋە بىزنىڭ مائارىپ بالىلارنى دەل شۇ خىسلەتلەرنى يېتىلدۇرىدىغان كەڭ تەبىئەتتىن يۇلۇپ ئېلىپ، سۈئى مۇھىت ئىچىگە بەنت قىلغاندىن كېيىن،ئاندىن يەنە ئۇلاردا شۇنداق ساپالارنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تەرلەپ-پىشىپ يۈرىۋاتىمىز...
مېنىڭچە، قولىمىزدىن كىلىشىچە، شارائىتنىڭ يار بېرىشىچە بالىلارنى تەبىئەتكە قاندۇرۇش كېرەك،شۇڭا مەن ئاتالمىش بالدۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش مائارىپىغا قارشى . گۈدەك بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى مائارىپ سورۇنى ئاتا-ئانىسىنڭ ياخشى خىسلىتى بىلەن تەبىئەتتۇر.
ئەمدى ئاۋۇ ،مۈشۈك مەسىلىسىگە كەلسەك :
ئالدى بىلەن مۈشۈكنىڭ تازىلىقىغا دېققەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن، بۇنى ئۆزىڭىزمەندىن ياخشى بىلسىىز.مۆشۈك بىقىش تارىخىم ئۇزۇن ،كىچك چاغلىرىمىزدە ئائىلىمىزدىن مۈشۈك ئۈزۈلمەيتى،ئەلۋەتتە ئۇچاغلاردا ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك شۇنداق ئىدى. مۈشۈك بەك ئەقىللق ھايۋان قىلىقلىرى ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ.
بۇرۇنقى مۆشۈكلەرغۇ ،ئۆزئۆيىنى تىپىپ كېلىش ماھىرى ئىدى، ئەمدى سىزنىڭكىدەك بىنا ئۆيدە قانداق بولاركىنتاڭ. بۈرۇن بىز بىرمۆشۈكنى 30كىلۇمتىېر نىرىغا تاشلىۋەتسەك ،ئەتىسىلا كېلىۋالغان ئىدى.شۇندەقلىغىدىن كىشىلەر مۆشۈكنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىشىپ ئاندىن تاشلايدىغان.
مۅشۉك تەرىتىنى كىشىگە كۅرسەتمەيدۇ، كۆمىۋىتىدۇ ئادەتتە . ئەمما بىنا ئۆيدە توپا يوقتە ،شۇڭا ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىنى ئۇنتۇپ قالمىغان مشۈك بولسا ،ئۇنىڭغا بىر قەەغەز يەشىككە ئازراق قۇمساڭغۇ توپا تولدۇرۇپ ،ئەپلىك بىر جايغا قويۇپ بېرىڭ. بولمىسا كىيمىگەن كىيىم -كىچەكلىرىڭىزنىڭ يانچۇقىغا تېقىپ قويىدۇ،مايىقىنى ..