قىزىل مۇچنىڭ قانداق زىيىنى بار How to Use Red Pepper For Body
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-01
ئەسسالام ئەلەيكۇم بىر زات ئەپەندى:
مەن دوستۇمنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن سىزنىڭ تور بىتىڭىزنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم.
ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە نەپ بېرىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىزدىن بىر سۇئالنى سورىغىم كىلىۋاتىدۇ...
مۇشۇ قىزىل مۇچنىڭ ئادەم بەدىنىگە زادى زىيىنى بارمۇ يوق ؟
مەن ماتىريال كۆرۈش جەريانىدا ،يىمەكلىكلەر تەمىنىڭ تاتلىق ،ئاچچىق ،قىرتاق بولىشى ھەمدە كۆپ قىسىم تاتلىق يىمەكلىكلەرنىڭ بولۇپمۇ ھەسەلنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىسى بارلىقنى، ئاچچق يىمەكلىكلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە بەزىلىرىنىڭ پايدىسى يوق، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئادەم بەدىننى كاردىن چىقىرىدىغان ئامىللارنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئەمدى گەپكە كەلسەك بىزنىڭ مەكتەپ ئاشخانىسىدا قانداقلا تاماق يىسەك
قىزىل مۇچنىڭ مىقدارى ھەدىدىن زىيادە جىق (مەن قىلچىلىك ئاچچىق نەرسىلەرنى يىمەيمەن،يەپلا قالسام
ئىچىم سۈرۈپ كىتىدۇ).مۇشۇنداق تاماقنى يەۋىرىپ يۈزلىرىمگە قىزىل مۇنەك چىقىپ كەتتى.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
قىزىل مۇچنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئاشقازاننى قىززىتىش، قۇۋۋەتلەش ، كەيپىياتنى كۆتۈرۈش قاتارلىق ئارتۇقچىلىقى بار.
لىكىن كۆپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەندە يەل پەيدا قىلىپ گېمىروي، ھەر خىل شەكىللىك مۇدۇر، كۆز ئەتراپى قچىشىش، بۇرۇن، كاناي ياللۇقى دېگەندەك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.
قىزىل مۇچنى يەلدىن بولغان كېسەللەر بىلەن ئاغرىغان كېشىلەر ئىستىمال قىلسا كېسەلنى كۈچەيتىۋىتىدۇ. مەسىلەن:
سۈيدۈك يولى، مەزى بېزى ياللۇغى، ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرى، ھەر خىل تېرە كېسەللىرى دېگەندەك.
تامام
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: قىزىل مۇچ ، لازا
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ھازىرغۇ قايسىلا تاماققا قارىسا شۇ مۇچ ، تاماقنىڭ تەمىنى ئوخشىتالمىغانلار مۇچ بىلەن ياپسا كېرەك...