ئەپلاتوننىڭ رېتسىپى Plato`s Ancient Prescription
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-01
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ياخىشمۇ سىز؟
سىزنى ئەۋارە قىلدىغان بۇلدۇم. كەچۇرۇڭ!
سىز << ئەپلاتوننىڭ ئىسكەندەرگە ياساپ بەرگەن دورىسىنىڭ رېتسىپى >> غا قانداق قارايسىز؟ مەن بۇنىڭ ئىككىنچىسى يەنى كۇزنىڭ قۇۋىتى تۇغىرسىدا يىزىلغىنىغا قىزىقاتتىم. چۇنكى مىنىڭ يىراقنى كۇرەلمەسلىك كىسىلىم بار ئىدى. كۇز ئەينەكنىڭ ياردىمىدە ياشاۋاتىمەن.
ئەگەر بۇ دۇرىنىڭ راستىنلا شۇنداق پايدىلىق رۇلى بۇلسا سىز ياساپ بىرەرلەرسىزما؟
جاۋاب:
سىز دېگىنىڭىز تۆۋەندىكى رېتسىپ بولسا كېرەك:
ئەپلاتۇننىڭ سۇلتان ئىسكەندەر ئۈچۈن تەييارلىغان دورىسىنىڭ تەركىبى
سېرىق ھېلىلە پوستىدىن ئىككى پەيسە( بىر پەيسە 50 گىرامدىن كۆپرەك) ، ئامىلە پوستىدىن ئىككى يېرىم پەيسە ، زەنجىۋىل ئالتە پەيسە ، پىلپىل ئۈچ پەيسە ، سىيادان ئالتە پەيسە ، كاۋاۋىچىن ئىككى پەيسە ، قاقىلە ئىككى يېرىم پەيسە ، سامساق ئۈچ يېرىم پەيسە ، شېكەردىن يۇقىرىقى دورىلارغا نىسبەتەن ئۈچ ھەسسە ئېلىنىدۇ . ئاندىن دورىلار سۇقۇپ تاسقاپ ئارلاشتۇرۇلىدۇ . ئاندىن شېكەر سۇس ئوتتا قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ .سۇقۇپ تەييارلانغان دورىلار قىيام بىلەن ئارلاشتۇرۇلۇپ ، 360 پارچىغا بۆلۈنىدۇ . ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە بىر پارچىدىن يەيدۇ . بۇ دورىنى يىيىش جەريانىدا ھەرگىز سوغوق سۇ ئىچمەيدۇ .
بۇ دورىنىڭ خاسىيىتى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈلىدۇ : بىرىنچى ئايدا ، ئاق چاچلار قارىيىدۇ ، قارا چاچلار ئاقارمايدۇ ؛ ئىككىنچى ئايدا ، كۆزنىڭ قۇۋۋىتى ئاشىدۇ ، ھەتتا كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرۈش مۈمكىن ؛ ئۈچىنچى ئايدا ، ئۇنىڭ سۆزلىرى پاساھەتلىك (چىرايلىك ۋە راۋان ) ۋە تۇلۇق ، مۇكەممەل بۇلىدۇ ؛ تۆتىنچى ئايدا ، ئۇنىڭ تومۇرلىرى ئېچىلىپ قانلىرى راۋانلىشىدۇ ؛ بەشىنچى ئايدا ، غەم-قايغۇلىرى كۆتۈرۈلۈپ ، كۆڭۈل خۇشاللىقى يۈز بىرىدۇ ؛ ئالتىنچى ئايدا ، بەدەنگە چىققان ھەر قانداق چاقا-جاراھەتلەر ساقىيىدۇ ؛ يەتتىنچى ئايدا ، خاتىرىسى كۈچىيىدۇ ۋە ئەقىل-پاراسىتى ئاشىدۇ ؛ سەككىزىنچى ئايدا ، بوۋاسىر كېسىلى سەللىمازا ساقىيىدۇ ؛ توققۇزىنچى ئايدا ، نېمىنى ئاڭلىسا شۇ پېتى ئېسىدە قالىدۇ ، ئېسىدىن چىقىپ كەتكەنلىرى قايتا ئېسىگە كىلىدۇ ؛ ئونىنچى ئايدا ، بەدەندىكى ھەرقانداق كېسەل-دەرد تۈگەيدۇ ؛ ئون بىرىنچى ئايدا ، جىنسىي قۇۋۋىتى ئىنتايىن كۈچىيىدۇ ؛ ئون ئىككىنچى ئايدا ، ئۇنىڭ يۈزلىرى پارقىراپ ، نۇرلىنىدۇ . بۇ ھال ئۇنىڭ ياشلىقىدىمۇ كۆرۈلمىگەن بولۇشى مۈمكىن .
``````````````````````````````````````````
مۇشۇ رېتسىپنى ئىلگىرى بىر-قانچە كىشى ياسىتىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارمۇ مەندىن - بۇ رېتسىپ راستىنلا ئاشۇنداق ئۈنۈم بىرەرمۇ دەپ سورىغان ئىدى. مېنىڭچە بۇنىڭدا سەل مۇبالىغە قىلىۋىتىلگەن تەرەپلىرى بار. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە ھەر خىل خېمىيلىك بۇلغۇنۇش، يېمەك-ئىچمەك كۆپ خىل، قۇۋۋەتلىك بولسىمۇ ساپلىقى يۇقۇرى بولماسلىق ، ھاۋانىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ھەركەت ئاز بولۇش، ھورۇنلۇق دېگەندەك سەۋەپلەردىن بىزنىڭ بەدەن ساپايىمىز بىلەن ئەپلاتون، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ زامانىسىدىكى كىشىلەرنىڭ بەدەن ساپاسىدا پەرق ئاز بولمىسا كېرەك. شۇڭا رېتسىپتا ئېيتىلغاندەك ئۈنۈم بىرىپ كېتىشى ناتايىن ، لىكىن ئۇ رېتسىپتا ئېيتىلغان دورا ئەشيالارنىڭ خاسىيەتلىرى ئاز ئەمەس.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئەپلاتون رېتسىپ
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
سىزنى ئەۋارە قىلدىغان بۇلدۇم. كەچۇرۇڭ!
سىزنىڭ << ئەپلاتوننىڭ ئىسكەندەرگە ياساپ بەرگەن دورىسىنىڭ رېتسىپى >> غا بەرگەن پىكرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم .مەن بۇ دۇرىنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشنى ئويلىغان ئىدىم . ئەگەر مۈمكىن بۇلسا بۇ دۇرىنى ياساپ بىرەرلەرسىزمۇ؟ سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن؟ تېلىفۇن نومۇرى؟[
باشقىسىمۇ مەيلى، مۇشۇ باشتىكى چاچ بىلەن كۆزگە پايدا قىلىدىغانلا ئىش بولسا ...
ئەمدى سىزدىن مەسلىھەت سورىسام , سىزنىڭ << ئەپلاتوننىڭ ئىسكەندەرگە ياساپ بەرگەن دورىسىنىڭ رېتسىپى >> غا بەرگەن پىكرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم .مەن بۇ دۇرىنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىشنى ئويلىغان ئىدىم . ئەگەر مۈمكىن بۇلسا بۇ دۇرىنى ياساپ بىرەرلەرسىزمۇ؟