نېرۋا ئاجىزلىقتىن بولغان باش ئاغرىش a Nervous Breakdown and Headache
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-02
نېرۋا ئاجىزلىقتىن بولغان باش ئاغرىش، روھىي كەيپىيات تۇراقسىز بولۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تۆت يىل بولدى بېشىم ئاغرىيدۇ . ئىككىنجى دوختۇرخانىدا CT ئاپاراتىدا تەكشۈرتسەم چاتاق يوق ئىكەن. دوختۇرنىڭ دىيىشچە نېرۋام زەئىپلىشىپ كەتكەنلىكتىن كىلىپ چىققان كېسەل ئىكەن . دېمىسىمۇ ئۆزۈم قاتتىق ئاچچىقلانسام ، بىرەر ئىش كاللامغا بەك تەسىر قىلسا ياكى بىرەر ئىشنى بەك ئويلۇنۇپ كەتسەم ئاغرىپ كېتىدۇ. كىشلىك تۇرمۇشتا خاپلىقتىن خالى بولغىلى بولمايدىكەن ، كەسپىم سىرچىلىق، كۈندە ئەتىگىنى ئۇيقىدىن ئويغانسام بېشىم بەك ئاغرىيدۇ ، كېچىچە چۈش كۆرۈپ چىقىمەن ، مىنىڭ بۇ كىسلىمگە مەسلىھەت بەرسىڭىز !
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بۇ سەۋدا، سەپرا خىلىتلىرىنىڭ غالىپلىقىدىن كىلىپ چىققان باش ئاغرىقى بولسا كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبچىسى يۇقۇردا ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك زىيادە روھىي بېسىم ، غەم-قايغۇ، خىزمەت ، ئۈگۈنۈش سەۋەبىدىن كۆپ چارچاش، تەبئىي قۇۋۋەتنىڭ كەملىكىدىن مېڭىگە ئوزۇقلۇق، قان يېتىشمەي نېرۋا ئاجىزلاپ كېتىدۇ، دە ئاسان ئاچچىقلىنىش، زىھنى قۇۋۋەت چېكىنىش، ئۇنتۇغاقلىق، باش ئاغرىش، ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل جىسمانىي ھەم پىسخىكىلىق مەسىلىلەر بىر-بىرسى بىلەن زېچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسپىڭىز سىرچىلىق ئىكەن، ھەر خىل خېمىيەلىك پۇراقلارنىڭ سەزگۈر نېرىپلارغا تەسىر كۆرسىتىشىمۇ باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالدا ئاۋۋال روھىي جەھەتتە كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ ساپ ھاۋالىق ، تېنىچ ، گۈزەل جايلاردا سەيلى - ساياھەت قىلىش، ئەتتىگەندە سەھەر تۇرۇش، كەچتە بالدۇرراق ئۇخلاش، مۇۋاپىق بولغان بەدەن چىنىقتۇرۇش، ساغلام بولغان كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىگە ئاكىتىپ قاتنىشىپ يالغۇز ، بىكىنمە بولغان تۇرمۇش موھىتىنى ئۆزگەرتىپ خىيالى ، مەۋھۇم دۇنيادىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئەمەلىي ئىشلارغا، رىئاللىققا خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنىش زۆرۈر.
ئوزۇقلۇق-غىزالىنىشتا ئەتتىگەنلىك ناشتىنى سۈپەتلىك قىلىش - ھەسەل، سۈت، بادام، ياڭاق مېغىزى، سېڭىپ پىشقان بۇغداي نېنى، پاقلان شورپىسى دېگەندەك ئوزۇقلىقى مول يېمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىش، ناشتا قىلمايدىغان سالامەتلىككە زىيانلىق ئادەتتىن ساقلىنىش، ئەتتىگەندە قورۇما تاماق، گۆشلۈك پولۇ، كاۋاپ دېگەندەك تەستە ھەزىم بولىدىغان ئېغىر تاماقلاردىن ساقلىنىش.
كەچلىك تاماقنى سۈيۈق-سەلەڭ، سېڭىشلىق قىلىپ بالدۇر - يەنى ئۇخلاشتىن 2-3 سائەت بالدۇر غىزالىنىش لازىمدۇر.
ئۇخلاشقا ياتقاندا كۆپ خىيال قىلىشتىن ساقلىنىپ ئىمكان بار يېتىپلا ئۇخلاشقا ئادەتلىنىش زۆرۈر. بۇنىڭغا كەچلىك تاماقتىن كىيىن بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش ياكى زەپە، لاچىندانە، قىزىل گۈل قاتارلىقلار بىلەن تەڭشەلگەن خۇشپۇراق چايلىقلاردىن دەملەپ چاي ئىچىپ بىرىشمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىدىن :
ئاۋۋال مېڭىدىكى نۇرمالسىز خىلىتلىرىنى تازىلاش ، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەفتىمۇن جەۋھىرى (نۇرمالسىز سەۋدا-سەپرانى سۈرىدۇ) ، ھەببى قوقىيا (نۇرمالسىز بەلغەم خىلىتىنى سۈرىدۇ)، مەجۈنى ئۇسىتىقۇددۇس قاتارلىقلاردىن مىزاج ئەھۋالىغا قاراپ بىر باسقۇچ ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن << رەيھان جەۋھىرى >>، << داۋائىل مىشكى >>، << ئەبرىشىم شەربىتى >> ، <<ماددىتىل ھايات >> قاتارلىق دورىلاردىن بىر قانچىنى تاللاپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
_____________________ مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
تامام
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: نېرۋا ئاجىزلىقتىن بولغان باش ئاغرىش a Nervous Breakdown and Headache
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
مەن ئۆزلىردىن 2 سۇئال سوراپ خەت قالدۇرۇوپ قويغاندىم .كۈندە قارىسام جاۋاپ يازماپسىز،مەن بەكمۇ تەققەززار بۇلۇۋاتىمەن ،مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا.بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى مەن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىدى .سىلگە رەھمەت .ئاۋارە قىلىدىم .