ئانار دەرىخى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى يەتتە مىتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئىستېمال قىممىتى ۋە مەنزىرە قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
پىشقان ئانارنىڭ پوستى ئوچۇق قىزىل ياكى ھال رەڭدە بولۇپ ، كۆپىنچە يېرىلىپ، قاشتىشىغا ئوخشاش جىلۋېلىنىپ تۇرىدىغان ئانار دانىلىرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئانار دانىلىرىنىڭ تەمى چۈچۈمەل تاتلىق،شىرنىلىك بولۇپ ، گەرچە ئۇنى يېيىش ئاۋارىچىلىق بولىسىمۇ، ئەمما تەمى ئېغىزدا قالىدۇ. ئانار دانىلىرىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، دانىلىرى كۆپ ۋە تولغان بولغانلىقتىن، ھەمىشە تەبرىكلەشكە ئىشلىتىلدىغان مىۋە دەپ قارىلىپ، بەخىتلىك بولۇش، گۈللەپ ياشناشقا سىموۋىل قىلىندۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قەدىمكى دەۋىرلەردىكى كىنىزەكلەر ئانار شەربىتىنى ئەڭلىك ئورنىدا ئىشلەتكەن.

" /> ئانار-ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى Nutritional Value of Pomegranate - 80 خالتا بلوگى

ئانار-ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى Nutritional Value of Pomegranate


 ئانار دەرىخى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى يەتتە مىتىرغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئىستېمال قىممىتى ۋە مەنزىرە قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
پىشقان ئانارنىڭ پوستى ئوچۇق قىزىل ياكى ھال رەڭدە بولۇپ ، كۆپىنچە يېرىلىپ، قاشتىشىغا ئوخشاش جىلۋېلىنىپ تۇرىدىغان ئانار دانىلىرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئانار دانىلىرىنىڭ تەمى چۈچۈمەل تاتلىق،شىرنىلىك بولۇپ ، گەرچە ئۇنى يېيىش ئاۋارىچىلىق بولىسىمۇ، ئەمما تەمى ئېغىزدا قالىدۇ. ئانار دانىلىرىنىڭ رەڭگى ئوچۇق، دانىلىرى كۆپ ۋە تولغان بولغانلىقتىن، ھەمىشە تەبرىكلەشكە ئىشلىتىلدىغان مىۋە دەپ قارىلىپ، بەخىتلىك بولۇش، گۈللەپ ياشناشقا سىموۋىل قىلىندۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قەدىمكى دەۋىرلەردىكى كىنىزەكلەر ئانار شەربىتىنى ئەڭلىك ئورنىدا ئىشلەتكەن.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
ئانار تەركىبىدە ۋىتامىنC، فوسفور، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلار بار. ئ.انارنىڭ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولى بار بولۇپ، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كىلىدۇ.
ئانارنىڭ ئېنىق ھالدا قورۇش رولى بار بولۇپ، ئۈچەينى قورۇپ، قاننى توختىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ياخشى باكتىر ىيە تىزگىنلەش رولى بولغانلىقتىن، ئىچ سۈرۈش، قاناشنى داۋالاشتىكى ئىسىل بويۇم ھېسابلىنىدۇ. ئانار جىگەر كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىشقا شىپا بولىدۇ.
ئانارنىڭ شەربىتى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە قارىشى تۇرالايدۇ.
ئانارنىڭ ئۆزگىچە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار. ئىسرائىليىدە ئېلىپ بېرلىغان تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ئەگەر كۈنىگە2~3 ئۇنسىيە(بىر ئۇنسىيە28.3495گرامغا تەڭ) ئانار شەربىتى ئىچىپ بەرسە، بۇنى ئۇدا ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرسا، ئوكسدلىنىش جەريانىنى%40 ئازايتقىلى ھەمدە چۆكمە ھاسىل قىلغان ئوكسدلانغان خولېستېرولنى ئازايتىقىلى بولىدىكەن. ئانار شەربىتى ئىچىش توختىتىلغان تەقدىر دىمۇ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئاجايىپ ئۈنۈمى بىر ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئانار شەربىتى قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، راك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئانارنى ھۆل پىتى ئىستېمال قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن يەنە ھاراق، ئاچچىقسۇۋە ئالىي دەرىجىلىك ئىچىملىكلەرنى ئىشلەشكە بولىدۇ.
ئانارنى كۆپ يېگەندە چىشنىڭ ئېمال قەۋىتىنى چىرىتىدۇ، ئانار شىرنىسى تەركىبىدىكى پىگمىېنت چىشنى قارايتىپ قويىدۇ ھەمدە ئاسانلا ئىسسىقنى ئاشۇرۇپ، بەلغەم پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئانارنى كۆپ يېمەسلىك لازىم.
ئانار شېكىرىنىڭ كۆپىنچە قورۇش رولى بولىدۇ، زۇكامداپ قالغانلار ۋە ئۆتكۈر ياللۇغلىنىشقا گىرىپتار بولغانلار، چوڭ تەرىتى قىتىپ قالدىغانلار ئانار ئىستېمال قىلىشتا ئىھتېيات قىلىشى، دېئابىت كېسلىگە گىرىپتار بولغانلار ئانار ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
ئانار شىرنىسىنىڭ كىيىمگە يۇقۇپ كىتىشتىن ئىھتىيات قىلىش لازىم، بولمىسا ئاسانلىقچە يۇيۇپ چىقىر ۋەتكىلى بولمايدۇ.




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: ئانار-ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى Nutritional Value of Pomegranate

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 1 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماتۇرغۇنجان[2011-10-20 06:51 PM | del]
باللارنىڭ يىمةك-ئىچمىكىدة دىققةت قىلىشقا تىگىشلىك ۋة تةۋىسية قىلىشقا تىگىشلىك مةزمۇنلار،سةي-كۆكتات،مىۋة-چىۋة،گۆش،ئۈسۈملۈك مايلىرنىڭ تةبىئىتى تۇنۇشتۇرۇلسا ،بالىلارنىڭ بويىنى،ئةقلىنى ئۆستۈرۈشكة ياردىمى بۇلدىغان ،بالىلاردىكى كۆپ ئۇچىرايدىغان كىسةللىكىنى داۋالاش ۋة ئالدىنى ئېلش توغرىسىدىكى مةزمۇنلار كۆپىرةك تۇنۇشتۇرۇلسا بىزگة كۆپ ياردىمى بۇلاتتى.ئاتا-ئانىلىرىمىز نةچچة بالىنى ساغلام بېقىپ قاتارغا قۇشۇپتىكةن،بىز بىر بالىنى بېقىپ ،بالا4ياشقا كىرمةي تۇرۇپ بالا چوڭ قىلماق نىمة دىگةن تةس،ئاتا-ئانىلىرمىز بىزنى قانداق بېقىپ چوڭ قىلغان بولغيتى دةپ ھةيران قالدۇق،ھةم ئۇلارنى سېغندۇق.
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.