ھېيتلىق پىلتە قۇيماق(ساڭزا) سىلىشنى ئۈگۈنۈپ قويۇڭ!
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-09-06
يازمىلاردا ھورۇنلارغا باھانە بولۇپ بىرىدىغان "تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ" دەيدىغان سۆزلەرنى ئېيتىش مودا بولدى. شۇنىڭ بىلەن قىز-چوكانلار ئەرلىرى ئۈچۈن، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن پەلەي، پايپاق، پوپايكا توقۇپ بىرەلمەيدىغان توغرىسى توقۇيالمايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىغۇ مەيلى دەيلى قازان بېشىدا تاماق ئېتىشنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ كەتسە بىر نېمە دېمىسەك بولمايدۇ ئەركەكلەر. نان ناۋايخانىدا تەييار، لەغمەننىڭ پىلتىسى بازاردا، كېسىگلىك ئۈگرە بازاردا، پىلتە قۇيماق بازاردا، سوغۇق سەيلەر بازاردا... ھەممىسى بازاردا بولۇپ كەتسە خوتۇن - قىزلارنىڭ ئەرلىرى، پەرزەنتلىرىگە مىھرى-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغانغا يەنە نېمە قالدى؟!!! قىز-چوكانلار سىلەر ھورۇنلۇق قىلىپ ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ئەرلەرنى تالىشىش رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ بولالمايۋاتىسىلەر. ئەرلىرىڭلارغا ئائىلىدىن تولۇق زوق ئىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىڭلار. سىلەرگە خىيانەت قىلىش يولىغا ماڭغىلىۋاتقان بولسا (ما گەپ سەل ئىشىپ كەتتى)، مانا ئەمدى سىرتتا زوقلانغۇدەك نەرسە قالمىغانلىقىنى تونۇپ يەتسۇن! خەيرىلىك ئىشنى كېچىكتۈرمەي يا بىسمىللا دەپ ھازىرلا ھەرىكەتكە ئۆتۈڭ - ئېرىڭىز ئالدىدا تېخىمۇ جەلىپكار خوتۇن، پەرزەنتلىرىڭىز ئالدىدا تېخىمۇ مىھرىبان ئانا بولۇش ئۈچۈن قازان بېشىغا ئۆتۈڭ، - دە ئۆز قولىڭىز بىلەن ئوخشىتىپ ھېيتلىق پىلتە قۇيماق (ساڭزا) سىلىڭ! بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكى كۆرسەتمە بويچە سىلىشنى ئۈگۈنۈڭ:
______________ بىرزات
خۇرۇچلىرى:
ئاق ئۇن ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئېلىنىدۇ،سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگىرام ،چۈچۈتۈلگەن سۇ يېغى 200گىرام ،پىياز ئىككى باش ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،كاۋۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا.
سېلىش ئۇسۇلى:
1.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ،پىياز بىلەن كاۋۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ ،سۈيى سوۋۇتىلىدۇ، (كاۋۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتىلىدۇ.
2.ئۇنغا سوۋۇتۇلغان پىياز،كاۋۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز ،چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرىلىدۇ،خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 35گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ ،ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىلىدۇ،تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى،تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق.
3.تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۈشۈك ئېچىپ ،خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ، ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمىتىر قىلىپ كالۋىلاپ ،ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغان ئېلىپ 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىلىدۇ.
ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرىۋېلىپ ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا ،بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ ،چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بۇلىدۇ،پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك،ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ،(ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا ،قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ)
ئالاھىدىلىكى:
شەكلى كۆركەم ،چۈرۈك ھەم مەززىلىك ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ،كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ.
پىچىنە پىرەنىكلەر بەكمۇ تاتلىق،
بار يەنە شاھ يېمەكلىك ساڭزا ئاتلىق.
تىزىلسا داستىخانغا بۇ يېمەكلەر،
مېھماننىڭ دىلى يايراپ قۇچار شاتلىق.
پايدىلىنىش ماتىرىيالى:ئۇيغۇر تائاملىرى.
يەنە بىر تورداشنىڭ قىيىقچا سىلىشنى ئۈگۈتۈپ يازغان يازمىسى بار ئىكەن، ئۇنىمۇ ئۈگۈنۈپ قويغۇلۇق ئىكەن.
ھازىر نۇرغۇن ئانىلار ھېيتلىق پىشۇرۇقلارنى بازاردىنلا ئالغاچقا قىزلار ساڭزا، بوغۇرساق، قىيىقچا قاتارلىقلارنى سېلىشنى بىلمەي چوڭ بولىۋاتىدۇ. مېنىڭچە ساڭزا ھەم ساڭزا تۈرىدىكى مايلىق پىشۇرۇقلار ئەنئەنىۋىي مىللىي تائاملىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكىم ھېيت - ئايەملىرىمىزدىكى داستىخىنىمىزنىڭ گۈل تاجى بولۇپ كەلگەن. ھازىر بازارلاردا ھەممە نەرسە تەييار بولىۋاتقان بولسىمۇ پەقەت قىزلىرىمىزغا ئۈگۈتۈشكە تېگىشلىكلەرنى چوقۇم ئۈگەتمىسەك بولمايدۇ. ساڭزىنىغۇ داۋاملىق بازاردىن تاپقىلى بولىدۇ ئەمما قىيىقچىنى ھەممىلا جايدىن تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ يەردە قىيىقچا سېلىشنى دەپ بېرەي. خانىم - قىزلار پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
قىيىقچىنىڭ خېمىرىغا تۇخۇمدىن باشقا ھېچ نەرسە ئارلاشتۇرۇلمايدۇ.
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: پىلتە قۇيماق (ساڭزا)
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
شۇنداق. ھەكىمنىڭ بۇ ھۈنەرلەرنى بۇنچە تېز ئىگەللىشىدە بىرەر ھېكمەت بارمۇ قانداق؟!!
1.چۆچۈرە: خۇرۇچى: ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۆڭەكلىك قوي گۆشى 500 گرام، زىرە ئازراق، پىياز ئۈچ باش، قارىمۇچ ئازراق، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە ئازراق، پەمىدۇر ئىككى دانە، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، سۇڭپىياز بىر تال. خۇرۇچلارنىڭ مىقدارىنى تاماق يەيدىغان ئادەمنىڭ سانىغا قاراپ تەڭشىسەك بولىدۇ.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1. گۆشنى شىلىپ ئۇششاق توغراپ، پىيازنى چاناپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز ۋە ئازراق سۇ ياكى شورپا ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييار لىنىدۇ. 2. خېمىرنىڭ تۇزىنى كۈچلۈكرەك قىلىپ يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، بەش كۋادرات سانتىمېتىر چوڭلۇقتا جىلت كېسىپ، ھەربىر جىلتنىڭ ئىچىگە ئاز - ئازدىن قىيما ئېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ. 3. گۆشنىڭ سۆڭەكلىرىنى قاينىتىپ، ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، پەمىدۇر، تۇز سېلىپ شورپا تەييارلىنىدۇ. قايناۋاتقان شورپىغا چۆچۈرىنى سېلىپ، قايناپ چىققاندا قۇيرۇق ياغنى ئۇششاق توغراپ سالىدۇ. چۆچۈرە لەيلەپ چىققاندا ئوتنى پەسلىتىپ، 3 ـ5 مىنۇت پىشۇرۇپ، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېلىپ چۆچۈرىنى شورپىسى بىلەن چىنىگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
يالپۇز چۆچۈرىسى:
2. يالپۇز يوپۇرمىقى 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن 500 گرام، ياغ لازا مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ يېغى ياكى چاۋا ياغ 70 گرام، سوققان كاۋاۋىچىن ئازراق. خېمىرى ۋە جىلتى چۆچۈرىنىڭكىدەك تەييارلىنىدۇ. 2. يالپۇزنىڭ يوپۇرماقلىرىنى چاناپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن سۇ يېغى ياكى چاۋا ياغ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن ئارىلاشتۇرۇپ يالپۇز قىيمىسى تەييارلىنىدۇ. 3. تەييارلانغان جىلتقا يالپۇز قىيمىسىدىن ئېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ، قايناق سۇغا سېلىپ 5 ـ10 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. ياغ لازا ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم خالىغانچە سالسا بولىدۇ.
ماۋۇ يالپۇزنىڭ خۇسۇسىيتى ئىسىل بولىدىكەن، 80خالتا دۇكانغا بارغاندا بىرزات ھەكىم تەلىم بىرىپ يالپۇزنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە قەۋزىيەتنى راۋان قىلىدۇ، ئاشقازان ئۈچەيدىكى يەللەرنى ھەيدەيدۇ، بىر مەزگىل ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئورۇقلىتىدۇ دېگەن ئىدى. كىيىن كىتابتىن بۇ يالپۇز چۆچۈرىسى ئىتىشنى ئۈگىنىۋالدىم. بۇ جەھەتتىكى ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن.
سەھرالىق