ئوي پىكىرى چۇڭقۇر، تەسەۋۋۇرى مول بىر توردىشىم بار. بۇ خانىم ئاجايىپ سۇئاللارنى سوراپ ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. تۈنۈگۈن بىر سۇئال سوراپتىكەن، سۇئال مەزمۇنى مۇنداق:

مەيلى خەلق چۆچەكلىرى بولسۇن ياكى ھىكايەتلەر بولسۇن كۆپۈنچىسىدە دېگۈدەك باي-زەردارلارنىڭ، بەگ-پادىشاھلارنىڭ ئاياللىرى، قىزلىرى ئۆز ئۆيلىرىدە ئىشلەيدىغان مالاي تازلارنى ياخشى كۆرۈپ قىلىش سەۋەبلىك پۇللۇق، ئابرويلۇق ئەرلىرىگە خىيانەت قىلىش يولىنى تاللايدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدىكەن. تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم: تازلارنىڭ شۇ ئاياللارنى ئۆزىگە رام قىلىۋىلىشىدا قانداق سىر-ھېكمەت باردۇ؟!!!

" /> پاينەكباش-تازلار شۇنچە جەلىبكارمۇ؟ - 80 خالتا بلوگى

پاينەكباش-تازلار شۇنچە جەلىبكارمۇ؟


ئوي پىكىرى چۇڭقۇر، تەسەۋۋۇرى مول بىر توردىشىم بار. بۇ خانىم ئاجايىپ سۇئاللارنى سوراپ ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. تۈنۈگۈن بىر سۇئال سوراپتىكەن، سۇئال مەزمۇنى مۇنداق:

مەيلى خەلق چۆچەكلىرى بولسۇن ياكى ھىكايەتلەر بولسۇن كۆپۈنچىسىدە دېگۈدەك باي-زەردارلارنىڭ، بەگ-پادىشاھلارنىڭ ئاياللىرى، قىزلىرى ئۆز ئۆيلىرىدە ئىشلەيدىغان مالاي تازلارنى ياخشى كۆرۈپ قىلىش سەۋەبلىك پۇللۇق، ئابرويلۇق ئەرلىرىگە خىيانەت قىلىش يولىنى تاللايدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدىكەن. تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم: تازلارنىڭ شۇ ئاياللارنى ئۆزىگە رام قىلىۋىلىشىدا قانداق سىر-ھېكمەت باردۇ؟!!!

مۇنداق قارىسا بۇ بىر بىمەنە سۇئال، لىكىن كىشىلىك ھايات ئاجايىپ. يولدىشى باي سودىگەر، ياكى بەگ-پادىشاھ . يولدىشىنىڭ پۇل دېسە ھەممە ماددىي ئىھتىياجلارنى قامدىغۇدەك پۇلى، كۈچ دېسە ھوقۇقى بار. لىكىن ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولۇشىمۇ تەس بولىۋاتقان بىر تازنىڭ پۇلدار ئايالنى ئۆزىگە رام قىلىۋىلىشىدا ئۆزگىچە مەنا بولىشى مومكىن.

بۇ سۇئال ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يوللانغاندىن كىيىن تورداشلار بۇ ھەقتە ھەر خىل پىكىرلەرنى بىرىشتى: بۇنداق چۆچەكلەرنى ئەنە شۇ تازلار بايلارغا ھەسەت قىلىپ ئۆزى توقۇپ چىققان بولىشى مومكىن؛ باي-سودىگەرلەر سىرتلاردا پۇل تاپىمەن دەپ خوتۇنلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمىغان بولىشى مومكىن؛ بەگ-پادىشاھلاردىن دىلى ئازار يېگەن كەمبەغەللەر مۇشۇنداق چۆچەك-ھىكايىلەرنى توقۇپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىپ يۈرگەن بولىشى مومكىن دېگەندەك ئىنكاسلار ئوتتۇرغا چۈشتى.

 ئىنكاسلاردا تازلارغا ئىجابىي باھا بىرىلمەپتۇ.  ئاۋۋال تەجىربىلىك تازلارنى ئۆز <<سىھرى كۈچى>> ھەققىدە بىر نېمە دەپ باقسۇن دەپ يوللىسام تازلار بىر چەتكە ئۆتىۋالغان ئوخشايدۇ. پىسخولوگىيە، ئىجتىمائىيەتكە چىتىلىدىغان تەرەپلىرىنى يەنىلا تورداشلار بىر نېمە دەپ باقسۇن! مەن بۇ ھەقتە تېببىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەدىن گەپ قىلىپ باقاي:

ماتېرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە چېچى چۈشۈپ تاز بولۇپ قىلىشنىڭ  كۆپىنچىسى ئەرلىك ھورمۇنى ئاجىرتىشنىڭ تولۇپ تاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىر يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ،ئايپاڭباش ئەرلەر راك كېسەللىگى، يۈرەك قان تومۇر كىسەللىگى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشقا ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالمايدىكەن. يەنە تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن .
ئاسان راك بولمايدۇ.

مۇتەخخەسىسلەر ئاشقازان راكى قاتارلىق راك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان 30 نەپەر بىمارنى تەتقىق قىلغان .ئۇلار بۇ خىل راك كىسىلىگەگىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ئوپراتسىيىدىن بۇرۇنقى قان زەرداۋى ئۇرۇقدان ماددىسى مىقدارى ئايپاڭباش ئەرلەردىن روشەن تۆۋەن بولىدىغانلىغىنى بايقىغان .كۆرۈشكە بولىدىكى ،ئاشقازان راكى قاتارلىق راك كېسەللىكى بىلەن ئەرلىك ھورمۇنى مۇناسىۋەتلىك .ئايپاڭباش ئەرلەردە ئەرلىك ھورمۇنى ئاجىرتىش تولۇپ-تاشقانلىقتىن،راك كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولمايدۇ.

ئاسان كېسەل بولمايدۇ.

ئەرلىك ھورمۇنى ئورگانىزىمىدا خولىستىرول مولىكولىسىنى يان تەرەپتىن بۆلۈۋېتىشتىن، قۇرۇلما ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.شۇڭا ،ئايپاڭباش ئەرلەر تىنىدىكى خولىتسىرول ئاسان يىغىلمايدۇ .بۇنىڭلىق بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بولماسلىقى مۇمكىن .بۇندىن باشقا ،ئەرلىك ھورمۇن سۆڭەك ئاساسى ماددىسى ئومومى مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ،سۆڭەكنى چىڭىتىدۇ،شۇنداقلا كالىتسى ماددىسىنىڭ سۆڭەك ئىچىدە تىنىپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .شۇڭا ،ئايپاڭباش ئەرلەر ئاسانلىقچە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولمايدۇ .

تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ .

ئەرلىك ھورمۇنى يەنە ئەرلەرنىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .بىر ئىلمى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇدا 12 يىل 50 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان 242 ئايپاڭباش ئەرنىڭ ئەرلىك ھورمۇن مىقدارىنى كۈزىتىپ ، ئۇلارنىڭ تىنىدە ھورمۇن مىقدارىنىڭ بىر قەدەر يوقىرىلىقىنى ، ئۆلۈش نىسبىتى ئايپاڭباش بولمىغان ئادەملىرىگە سېلىشتۇرغاندا ، %48 تۆۋەنلىكىنى بايقىغان .

ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىللىق بولىدۇ .

تەمسىللەردە ئېيتىلىشىچە ، ئەقىللىق كاللىدا چاچ ئۆسمەيدىكەن . ھازىر ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ئىسپاتلىشىچە ، ئەمىلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق . شۇڭا ئاسان ئايپاڭباش بولىدىغانلارنىڭ ماتىماتىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەردىن زور دەرىجىدە يوقىرى بولىدۇ .

يەنە بىرسى: پاينەكباش ئەرلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيتى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي جىنسىيەتكە نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى يۇقۇرى، شەھۋەتخۇمارراق بولۇپ جىنسىي مۇناسىۋەتكە كۆپ بېرىلىدىكەن. بۇ بەلكىم ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىشنىڭ تولۇپ تاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. كۆپۈنچە پاينەكباشلارنىڭ بەدىنىدە قويۇق موي بولۇپ ساقال - بۇرۇتى يېرىك كېلىدىكەن. 
 يۇقۇردىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ پاينەكباش-تازلار ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتقان بولىشى مومكىن. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى بۇ يەردە دېيلىۋاتقان پاينەكباشلىق ھېچقانداق كېسەللىك سەۋەب بولمىغان چاچ چۈچۈش بولۇپ ئاشقازان، بۆرەك ئاجىزلاش، چاقا، قوتۇر بېسىش ۋە ھەر خىل خېمىيېلىك بۇلغىنىشقا ئۇچراپ چاچ چۈشۈپ كەتكەن تازلار بۇنىڭ سېرتىدا.

نىمىلا بولمىسۇن مۇشۇ تېما بىلەن تازلارنىڭ روھى بىر كۆتۈرلۈپ قالىدىغان بولدىدە!!

قېنى سىزمۇ بىرەر ئېغىزدىن سۆزلەپ باقمامسىز!!!




[Birzat بۇنى 2010-09-15 11:29 AM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 15 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماmungdar[2014-02-02 09:34 PM | del]
ھا... ھا...ھا...تۈنۈگۈن بىرئاغىنەم <<ئەققىللىق ئادەمنىڭ چىچى تولاچۈشىدۇ>>دىگەنئىدى توغرا كەپقالدىدە؟!
回复قايتۇرماتۇرغۇن[2012-07-16 05:36 PM | del]
غاز پاتقاقتىن قورقىدۇ،تاز قىز بالىدىن
回复قايتۇرماmemettohtiahon[2011-07-20 06:39 AM | del]
ئۆتكەن يىلى ئۇرۇمچىگە بارسام(بارمىغىلى بەك ئززۇن يىللار بولغان) مەن تونۇيدىغان بالىلارنىڭ 3 تىن ئىككىسىنىڭ چېچى چۇشۇپ تاز بولاي دەپ قاپتۇ. دىمەك شۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرلىك ھورمۇنى تېشىپ، كاللىلىرى يىشۇدەك ئىشلەپ كېتىپتىكەندە! مەن تېخى مېنىڭ چېچىم چۇشمەپتۇ خۇداغا مىڭ شۇكرى دەپ يۇرۇپىمەن...
回复قايتۇرماmaxhur[2011-06-02 07:01 PM | del]
مەنمۇ بىر ئېغىز دەپ باقاي،
قوناق بەرسەڭ غازغا ،چېچىپ يەيدۇ.
قىز بەرسەڭ تازغا ، سېتىپ يەيدۇ.
شۇڭا دىققەت قىلارسىلەر، دوسلار
回复قايتۇرماhalima[2011-05-07 06:10 PM | del]
بۇ   بەك   ياخشى   گەپ  بوپتۇ   ئاڭلىماققا    ھەر    جەھەتتىن   توغرىدەك    تۇردۇ.
回复قايتۇرماkoksal[2011-04-08 03:38 PM | del]
ھا ھا ھا! ئىشقىلىپ مەن بۇرۇن تازدىن دىۋەڭ چىقماس، ....  ئاخىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىگەندەك ماقال تەمسىللەرنى ئاڭلىغان
回复قايتۇرمانةزةر[2011-03-06 05:50 PM | del]
بصر يصل بولدص چصچصم ظإزلصكسصز چإشصإاتصدؤ ، لصكصن بةك كأپ ظةمةس ،قارصغاندا مةنمؤ شؤ تازلاردةك ظصقتصدارلصق بولصدصغان ظوخشايمةن ، لصكصن بصر مةزگصلدصن كصيصن چاچ چذشذش توختاپ قالارمصكصن دةيمةن.
回复قايتۇرماAmerbeg[2011-02-01 07:22 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
回复قايتۇرماattilla[2011-01-01 08:17 PM | del]
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم< بىر زات > ئەپەندى ، ياخشىمۇ سىز !
مەنمۇ  سىز قايتۇرغان جاۋاپتىن كاللامدۇ مۇنۇ سۇئال پەيدا بولۇپ قالدى . تازلار سىز دىگەندەك شۇنداق ئەقىللىق بولسا ، بۇرۇنقى زاماندىكى چۆچەكلەردىكى تازلار شۇنچە ئەقىللىق تۇرۇپ نىمىشقا ئەقلىگە تايىنىپ پادىشاھ ، سودىگەر .................... بولۇش  دىگەندەك ئىشلارغا تاز باشىنى  ئىشلەتمەيدۇ ؟ ؟ ؟ ئۇلارنىڭ ئەقىللىق تاز بېشى باشقىلارنىڭ ئاياللىرىنى بۇزۇشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىمەمدۇ -يا  ؟ ؟ ؟
لىكىن ، شۇنىسى ئېنىقكى ، مەنمۇ باشقىلاردىن < پاينەكباشلار پاھىشۋاز كىلىدۇ > - دەپ ئاڭلاپ قالىمەن . شۇنداقلا ئۆزۈممۇ بۇ گەپنى ۋاقتى كەلگەندە دەپ قويىمە  .
دوستلارنىڭ ئىنكاسىمنى  باشقىچە ئويلىماي ، توغرا چۇشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمە .
ھە ، راس سىزمۇ پاينەكباشتەك قىلامسىز نىمە ؟ ئاپلا ! دەپ ساپتىمەنغۇ ؟ كەچۇرۇڭ................................... چاخچاق .......
回复قايتۇرماartix[2010-12-13 08:12 PM | del]
شۈكرى دەيلى
回复قايتۇرماgulruh[2010-09-29 01:55 PM | del]
مىنىڭ يولدىشىمنىڭمۇ كۆپ ئوقۇپ چېچى چۈشۈپ كىتىپتىكەن . ئەقىللىقلىقى راست .ئەمما باشقا تەرەپلىرى ...........(مۇ يامان ئەمەس . )
回复قايتۇرماalmas5555[2010-09-16 08:07 PM | del]
مەنمۇ  ئايپاڭ باش لىكىن كاللام تازا ئىشلەپ كەتمەيدۇ....................................................................................
回复قايتۇرماورمان[2010-09-16 07:03 PM | del]
بۇ ماڭىمۇ يارىدى مەنغۇ تاز ئەمەس ،لىكىن دائىرىلىك چاچ چۇشۇش بار
回复قايتۇرماbughra[2010-09-16 11:10 AM | del]
كونىلاردا:قوناق تاپساڭ تازغا بەر،قىز تاپساڭ تازغا بەر دىگەن گەپ بارتى بۇ راسكەندە
回复قايتۇرماماھىرە[2010-09-16 11:08 AM | del]
مىنىڭ بىر ساۋاقدشىم ئايپاڭباش تاز،لېكىن راستڭنىلا بەك ئەققىللىق،ئەقىل كىرىدىغان ئىش بولسا مەنمۇ تاز بۇلۋالايمىكىن،،،،،،،،بۇ ماقالىنى ئۇنىڭغا دەپ بېرەيچۇ،،،خۇش بۇلۇپ كىتىدىغان بولدى بۇ تاز[face05]
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.