دائىم جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىھقان-چارۋىچىلار ۋە ئىشچىلار بىلەن ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئىشخانىدا، زاۋۇت شىركەتلەردە ئۇلتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ ياكى ئۆيدە ئولتۇردىغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم بىلەن ئاغرىش نىسبىتى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ تۇمۇرى توم، مەزمۇت، راۋان سالىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قان بېسىمى 160تىن ئېشىپ، 180 ھەتتا 200گە چىقسىمۇ، خەتەرلىك ئەھۋاللار ئازراق كۆرۈلىدۇ. ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنىڭ قان تۇمۇرى ئىنچىكە، قان ئايلىنىشى ئاستا، قان تۇمۇرى بەك سەزگۈر ۋە نازۇك بولغاچقا، يۇقىرىسى 145 ۋە 150كە چىقىپ قالسىلا خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، قان بېسىمىدا ئازراق ئۆرلەش بولسىلا ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك.
 

" /> يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكى ھەققىدە  High Blood Pressure - 80 خالتا بلوگى

يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكى ھەققىدە  High Blood Pressure


 يۇقۇرى قان بېسىم كېسلى-ئاسان ساقايمايدىغان، قوزغىلىشى ئورلىشى تېز، چۇشۇشى بەكمۇ ئاستا، دائىم قوزغىلىپ تۇردىغان، خەۋىپ-خەتىرى ئېغىر كېسەللەرنىڭ بىرى. تىببى ئىلىمىدە، قان بېسىمى 90-130مىللىمىتىر سىماپ تۇۋرۈكىدىن ئېشىپ كەتكەنلەر يۇرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى كۆپىرەك بولىدۇ. دائىم جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىھقان-چارۋىچىلار ۋە ئىشچىلار بىلەن ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئىشخانىدا، زاۋۇت شىركەتلەردە ئۇلتۇرۇپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ ياكى ئۆيدە ئولتۇردىغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم بىلەن ئاغرىش نىسبىتى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ تۇمۇرى توم، مەزمۇت، راۋان سالىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قان بېسىمى 160تىن ئېشىپ، 180 ھەتتا 200گە چىقسىمۇ، خەتەرلىك ئەھۋاللار ئازراق كۆرۈلىدۇ. ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنىڭ قان تۇمۇرى ئىنچىكە، قان ئايلىنىشى ئاستا، قان تۇمۇرى بەك سەزگۈر ۋە نازۇك بولغاچقا، يۇقىرىسى 145 ۋە 150كە چىقىپ قالسىلا خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، قان بېسىمىدا ئازراق ئۆرلەش بولسىلا ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك.
يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر :
1)تىلى كالۋالىشىپ قېلىپ، سۆزنى راۋان، توغرا تەلەپپۇز قىلالمىسا، بۇ مىڭە قان تۇمۇرنىڭ زخمىلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ھۇشيار بولۇش كىرەك.
2)كۆزى روشەن كىشىنىڭ تۇيۇقسىز كۆزى تۇتۇقلىشىپ قالسا، بۇ مېڭە قان تۇمۇرلىرى ھەرىكىتىنىڭ بىنورماللىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3)ئۇنتۇغاقلىق، ئەقلى ئىقتىدارى چىكىنىپ كىتىش-بۇ مىڭە قۇرۇشۇش بولىۋاتقانلىقىدىن، مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكىدىن بولىدۇ.
4)كۆزىگە پاشا-كۇمۇتىدەك نەرسىلەر ئۇچقاندەك كۆرۈنسە، قۇلاققا ھەر خىل شاۋقۇن ئاۋازلار ئاڭلانسا، مېڭىدە سۇيۇقلۇقنىڭ ئېشپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
5)قۇلاق گاس بولۇپ قېلىش،ئاڭلىيالماسلىق،قۇلاق دائىم غۇڭۇلداش،ھەر خىل ئاۋازلار ئاڭلانغاندەك بولۇش مېڭە-قۇلاق قان تومۇرلىرىدا كېسەللىك بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
6)كۆز جىيەكلىرى بەك قورغاق بولسا مېڭىدە قۇرۇش بولىۋاتقانلىقىنى،كۆز تولا ياشاڭغۇرىسا،مېڭە ئالدىنقى قىسمىدا سۇيۇقلىقنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، كۆز قىزىرىپ قالسا ۋە ياش ئېقىپ تۇرسا مېڭىدە ئىششىق بارلىقىنى كۆرستىدۇ.كۆز ئېقى سارغىيىپ قالسا قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كۆز ئەگەردە ئىختىيارسىز يۇمۇلۇپ قالسا-مېڭىدە ئىسسىقلىقنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، كۆزنىڭ زىيادە ئولتۇرۇشۇپ ئورا كۆز بولۇپ قېلىشى، مېڭىدە كىسەل بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر كۆز يۇمۇلۇپ قېلىپ ئېچىلمىسا، يامان ئاقىۋەتتىن دېىرەك بېرىدۇ.
7)يۇقىرى قان بېسىم كىسىلى ئېغىرلاشقاندا، بەدەندە پالەچلىك ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ. پالەچلىك يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكىدە كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كىسەللىك بولۇپ، ئۇنى داۋالاپ ساقايتىش بىر قەدەر قىيىن .
8)يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار كىشىلەر چۇشتىن كىيىن بولۇپمۇ، ئۇخلاش ئالدىدا قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ، قان كۆپەيتىدىغان يىمەك-ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك.چۈنكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن پولۇ، كاۋاپقا ئوخشاش قۇۋەتلىك غىزالار كۆپ يېيىلسە،شۇ كېچىسى مېڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىشى، مېڭىگە قان چۈشۈشى، بەدەن ئەزالىرىدا پالەچلىك ئەھۋاللىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن.
9)بۇرۇنلارداياشانغانلار ۋە بەزى ئوتتۇرا ياشلىقلاردا يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكلىرى كۆپ كۈرۈلگەن بولسا، نۆۋەتتە ياشلاردىمۇ بۇ كېسەل كۆپىيىۋاتىدۇ.يۇقىرى قان بېسىم كۈندىلىك تۇرمۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر قىسم كىشىلەر خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى ،ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت، ئائىلە كەيپىياتى، تۇرمۇشتىكى زىدىيەتلەر جەھەتتە بېسىمغا، جىسمانىي جەھەتتە چارچاشقا كۆپ ئۇچرايدۇ.نەتىجىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى پەيدا بولىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار يەنە تۈۋەندىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلسا،بۇ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
1)ھاراق، تاماكىنى قەتئىي چەكلەش،بەدەننى بىھۇدە سەمىرىتىدىغان سېمىز گۆش،ھايۋانات مېيى، تۇخۇم سېرىقى، ھايۋاناتنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى شۇنداقلا تورت، قايماق، ھالۋا، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ماي قەنت، تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلماسىق لازىم.
2)قىشتا قېلىن ۋە ئىسسىق كىيىنىپ، بەدنگە سوغوق ئۆتكۈزۈۋىلىشتىن ساقلىنىش، تومۇز ئىسسىقتا بەدەنگە ئىسسىق ئۆتكۈزىۋىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
3)يۇقىرى قان بېسىم كېىسىلى بار كىشىلەرگە تولا خاپا بولۇش،ھە دىسە ئاچچىقلاپ-چېچىلىپ قايناپ كىتىش ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن،يەنە ئاسان ھاياجانلىنىش،ھەسىرەت چىكىش،قايغۇرۇش،تولا غەم يېيىشمۇ زىيانلىق.
4)دائىم ئىچۋاتقان قان بېسىمنى چۇشۇرۇش دورىسىنى دوختۇرنىڭ مەسلەھەتىنى ئالماي تۇيۇقسىز توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
5)قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش،كۈچەپ،ئىنجىقلاپ تاھارەت قىلماسلىق كېرەك.
6)يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىردا باش قېيىش،يولنى توغرا ماڭالماسلىق،كىچىككىنە ئىشلار ئۇچۇن بىئارام بولۇش،تىنىچلىنالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە،سەل قارىماي ۋاختىدا دوختۇرغا بېرىپ تەكشۇرتۇش ۋە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.
7)يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش دورىسنى كۈندە چۈشەندۈرلىشىگە ئاساسەن ئۈچ قېتىمغىچە ئىچسە بولىدۇ.لىكىن ياخشى ئۇخلىتىدۇ،دەپ ئۇخلاش ئالدىدا ئۆز مەيلىچە ئۆلچەمدىن سىرىت ئىچۋالماسلىق كېرەك.چۇنكى ئادەم ئۇخلىغاندا قان بېسىم %10 ئەتىراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.شۇڭا ئۇخلاش ئالدىدا يەنە دورا ئىچسە يۈرەك ۋە مىڭە قان تومۇرلىردا قان يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۇپ چىقىرىپ،مىڭىگە قان چۈشۈش ھادىسىس يۈز بېرىش مۇمكىن.
8)يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلىنى ساقايتىشتا،قان تومۇرلارنى ئاسىراش ۋە ئىلاستىكىلىكنى ساقلاش لازىم. زىيادە سىمىز كىشىللەرنىڭ بەدىندىكى قان تومۇرلار ئىنچىكىرەپ،قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچىرايدۇ.ئاسان ئاچىقلىنىش،زىيادە خوشلۇق،ھاياجانلىنىش قان ئايلىنىشنى تىزلىتىدۇ.نەتىجىدە قان بېسىم ئۆرلەپ،قان تومۇرلاردا قىسمەن يېرلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدۇ.يەنە رېنتىگېن نۇرى، ئىنغىرا قىزىل نۇر،كومپىيوتىردىن چىققان نۇرلار ئېغىرىراق بولغاندا كۆزنىڭ تومۇرلىرغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.نەتىجىدە كۆز تومۇرلىرى قىچىشىش،قىزىرىش ئاغرىش،كۆزنىڭ قىل، جان تومۇرلىرى يېرلىپ كىتىش،كۆز چانىقى قاناش،كۆرۇش ئىختىدارى تۆۋەنلەش ئەھۋاللرى يۈز بىردۇ.يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ئىمكانيەت يار بەرسە،خىمىيلىك تەركىپلىك دورلارغا قارغاندا،ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغان ياخشى.چۇنكى ئۇيغۇر تىبابەت دورىللىرنىڭ ئەكسى تەسىرى يوق دېيەرلىك. يۇقۇرى قان بېسىم بىمارلىرى جىسمانىي ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇنلانغاندا،ئۆز ئەھۋالىنى چىقىش قىلشى، ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە ئىش قىلماسلىق كېرەك.ساپ ھاۋالىق،مەنزىرلىك جايلاردا سەيلە قىلىپ،پىيادە مېڭىپ،يېنىك بولغان تەنتەربىيە ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇنلىنىشنىڭ پايدىسى كۆپ.لېكىن ئېغىر جىسمانىي ھەركەت، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش،ئۇرلۇپ- سوقۇلۇپ كىتىش زىيانلىق.ھەددىن زىيادە تار سىقىپ تۇردىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك،مايكا،كالتا ئىشتان قاتارلىق ئىچ كىيىملىرى ساپ پاختا رەخلەردىن بۇلۇش كېرەك.قەرەلىك مۇنچىغا چۇشۇش ۋە پۇت قوللارنى دائىم يۇيۇپ،ئۇۋۇلاپ بىرىش ئارقىلىق قان تومۇرلارنىڭ ئەسلى ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاش كېرەك.يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى بارلار سوغۇق سۇدا يۇينۇپ،تومۇرلاردا تاريىش يۇز بېرشىدىن ۋە بەك ئىسىق سۇدا يۇيۇنۇپ قان ئايلىنىشنى تېزلىشىپ،قان بېسمى تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىشتىن ساقلىنىش،ئىمكان قەدەر ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش لازىم.
9)يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلى بار كىشىلەر ھەمىشە نۇقۇت ئېشى،نۇقۇت تالقىنى ئىچىش كېرەك. ئۇيىغۇر تىبابىتىدە تەجىربىدىن ئوتكەن ئىشەنچىلىك ئۇسۇل:چىلان،ئەنجۇر(ئەنجۇر قېقىمۇ بولىدۇ)نى تەڭ مىقداردا سېلىپ، قاينىتىپ، شەربىتىنى ئىچىپ بىرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى بىلەن قان قويۇقلىشىش بىللە كەلسە،چىلان شەربىتىنى قاينىتىپ، ئىچىپ بەسسە قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان بېسىمنىمۇ چۇشۇردۇ.
10)يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى بار كىشىلەر كۆپ سۆزلىمەسلىكى،ئاستا،پەسىرەك ئاۋازدا سۆزلىشى كېرەك.كۆپ سوزلىگەندە قان بېسىم ئورلەپ خەتەرلىك ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا يۇقۇرى قان بېسىم كىسىلى بارلار كۆپ سۆزلىمەسلىكى، ئۆزىنى ياخشى كونتىرول قىلىپ، ئالدىرماي ئاستا سۆزلىشى، ئازىراق سۆزلىشى لازىم.

 مەنبە: ھاياتلىق


    ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﮕﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ
ﺑﯩﺮﻧﺠﻰ ﺧﯩﻞ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ : ﺋﻮﺭﯗﻕ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ .ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﯩﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻳﯘﻗﯘﺭﻻﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ  ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯩﺨﺎﻳﻨﯩﺰﯨﻤﻰ ﻧﯩﺴﭙﻪﺗﻪﻥ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪﺕ، ﻣﯘھﯩﺖ ،ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ،ﻧﯩﺮﯞﺍ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺮﺍﻟﻤﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗ.ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﻮﺭﯗﻕ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﺋﯚﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ ﺳﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻮﺭﯗﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﻪﺭﻩﺭﻟﯩﻚ ھﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺧﯩﻞ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ:ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﺵ ھﺎﺟﻪﺗﺴﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ .ﺑﻪﺯﻯ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﯧﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ﻳﯩﻨﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ،ﺑﻪﺯﻯ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﻠﯟﯨﻠﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ  ﺋﯘﺧﻠﯩﯟﯨﻠﯩﭙﻼ ،ﻳﺎﺧﺸﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﻳﻪﻳﺪﯗ ،ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﯩﮕﻤﯘ  ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺘﺒﺎﺭ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻧﻼ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺩﯨﺌﺎﮔﯘﻧﯘﺯ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﻳﯩﻨﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ  ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﺗﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ –ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯩﻐﯩﺮﻻﭖ،ﻳﯘﺭﻩﻙ ،ﻣﯩﯖﻪ،ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﺪﺍﺭﻯ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﭖ،ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﻛﻪﻡ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﻳﺪﯗﻛﺘﯩﻦ ﺯﻩھﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ .ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ھﻪﺗﺘﺎ ﻣﯩﯖﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻥ ﻗﯘﻳﯘﻟﯘﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ .ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﮕﯩﻨﻰ «ﺋﺎﯞﺍﺯﺳﯩﺰ ﻗﺎﺗﯩﻞ »ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ.
ﺋﯘﭼﯘﻧﺠﻰ ﺧﯩﻞ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ:ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ.ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﻟﭽﯩﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﺮﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ.ھﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﻗﯩﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ،ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻧﻮﻗﯩﺘﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
1. ھﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺋﯘﭺ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﯚﻟﭽﻪﭖ،ﺋﯘﭺ ﻗﯩﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﻤﻤﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﭼﻪ ﻗﯩﻤﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
2. .ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﯩﮕﻪﻥ ﺋﯚﻱ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ،ﺗﯩﻤﭙﯘﺭﺍﺗﯘﺭﺳﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ،ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺯ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ 5ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺗﯩﻨﯩﭻ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ .ﺋﯚﻟﭽﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ،ﺋﯩﻤﻜﺎﻥ ﺑﺎﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﯘﺗﯩﺸﻰ ،ﺑﯩﻠﻪﻙ ﺗﯧﯖﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺳﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﯘﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ.
3. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮﻩﻙ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺶ ،ھﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ،ﺗﻮﯕﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺶ ،ﻛﯘﭼﻪﭖ ﻛﯩﯩﺘﺶ ،ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﯩﺸﺶ،ﺑﻪﺯﻯ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻴﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ .
ﺗﻮﺗﯩﻨﺠﻰ ﺧﯩﻞ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ:ھﺎﺯﯨﺮﯨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯩﺒﺒﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺸﭽﻪ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯘﻟﯩﺸﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻚ  ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ،ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺶ ھﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ،ﺳﯩﻤﯩﺰﻟﯩﻚ ،ﻣﺎﻳﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻴﯩﺶ ،ﺋﯩﻨﺪﯗﯞﯨﺪﺍﻟﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ.ﻳﯘﻗﺎﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ،ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ  ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﯩﯩﻠﻰ ﻛﯚﺭﯗﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﯩﻨﯩﯔ   ﺗﯘﺯ ،ﻣﺎﻱ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﻠﺶ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ،ھﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﺪﯨﻞ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﭖ ،ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
  ﺑﻪﺷﯩﻨﺠﻰ ﺧﯩﻞ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ؛ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﺴﯩﻼ ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ .ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﮕﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﮕﯩﻼ ﺧﺎﻻﺱ،ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﻪﭖ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﺴﯩﻼ ھﯩﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻣﯩﻠﻴﻪﺗﺘﻪ،ﻗﺎﻥ ﺑﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻼﭖ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻜﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻟﯘﻛﻼ «ﺋﯩﭙﺪﺍﺳﻰ»،ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ،ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﻣﺎﻱ ،ﻗﻪﻧﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﻰ ﻧﯘﺭﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ،ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺭﺗﯩﺮﯨﻴﻪ ،ﻣﯩﯖﻪ ﺋﺎﺭﺗﯩﺮﯨﻴﺴﯥ ،ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺭﺗﯩﺮﯨﻴﺴﻨﯩﯔ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ﻳﯘﺭﻩﻙ ،ﻣﯩﯖﻪ ،ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ھﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺯﻩﺧﻤﻠﯩﻨﯩﺶ ،ھﻪﺗﺘﺎ ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯘﺭﻩﻙ ﻛﺴﯩﻠﻰ ،ﻣﯩﯖﯩﮕﻪ ﻗﺎﻥ ﭼﯘﺷﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﺵ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ھﺎﻳﺎﺗﻐﺎ ﺧﻪﯞﯨﭗ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﺪﯗ .
   ﺷﯘﯕﺎ ،ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﯩﺮ «ﺳﯩﺴﯩﺘﻤﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ»ﺑﻮﻟﯘﭖ،«ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﯨﺴﺴﺎﻝ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺷﻜﻪ »ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﺪﯗ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯘﻧﯘﻣﻠﯘﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﭼﯘﺷﯘﺭﯗﺵ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﺘﺘﺎ ،ﻳﯘﻗﺎﺭﺩﺍ ﺋﯩﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﯩﻴﺎﺗﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﺶ،(ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ :ﻗﻪﺭﻩﺭﻟﻚ ھﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻧﺘﻨﻰ ،ﻣﺎﻳﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﺗﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ )ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯘﻣﻠﯘﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯘﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﮕﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 
توختصھﺎﺟﻰ ﻳﯘﻧﯘﺱ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺴﻰ




يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: يۇقۇرى قان بېسىم

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 0 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.