شاپتۇل مېغىزى ۋە ئۇنىڭ يېغىنىڭ شىپالىق رولى
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2010-11-20
شاپتۇل مېغىزىنىڭ تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .
شاپتۇل مېغىزنىڭ ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان ماددىسى قان قېتىشقا قارشى تەسىرگە ئىگە ھەم ئاجىزراق ھالدىكى قان ئېرىتىش تەسىرىمۇ بار .
خۇسۇسىيىتى : چاچنى قۇۋۋەتلەش ، يۆتەل پەسەيتىش، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش ، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش ، قاننى سۇيۇلدۇرۇش ، سۈيدۈك ھەيدەش، چاچ ئۈندۈرۈش .
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : ھەيز تۇتۇلۇش ، ھەيز كەلمەسلىك ياكى ھەيز قېنى مونەك - مونەك كېلىش، سۈيدۈكتىن قان كېلىش، قورساق ئاغرىقى ، قەۋزىيەت ، ئۈچەي يارىسى ، قۇلاق ئاغرىقى ، بۇۋاسىر ، چاچ چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسسۇلى :
1. شاپتۇل مېغىزى بەش گىرام ، سىيادان ئۈچ گىرام ، ئوسما بەش گىرام ، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى ئۈچ گىرام ، دورىلارنىسوقۇپ يىلىم سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ چاچقا چاپسا ، چاچ ئۆسۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ .
2. ئەرەب يىلىمى ، كەتىرا، شاپتۇل مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن ئۈچ گرامدىن ئېلىپ سۇقۇپ سۇپۇپ قىلىپ يېسە قەۋزىيەتكە شىپا بولىدۇ .
3. شاپتۇل مېغىزى ئۈچ گىرام ، زاراڭزا چېچىكىدىن بەش گرام ، ئاغىچىدىن بەش گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : 3-6گرام .
زىيانلىق تەسىرى : ئىسسىق مىزاج كىسەللىكلەرگە ۋە ئاشقازان كىسلى بارلارغا بېرىلمەيدۇ .
تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل .
ئورۇنباسارى : ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى .
شاپتۇل مېغىزى يېغى
تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق .
يېغىنىڭ تەركىبىدە ئاسالىقى ياغ كىسلاتا گلېتسىرىنى بار .
قان تۇمۇرنى كىڭەيتىش، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جاراھەت ئېغىزىنى پۈتتۈرۈش ، جىگەر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش . ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرى بار .
خۇسۇسىيىتى : چاچ قۇۋۋەتلەش ، داغ ۋە سەپكۈننى چۈشۈرۈش ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، پارقىرىتىش ، چاچ ئۈندۈرۈش .
ئىشلىتىدىغان كىسەللىكلەر : قۇلاق ئاغرىقى ، قەۋزىيەت ، داغ ، چاچ چۈشۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
1 . سىيادان ، شاپتۇل مېغىزى ، ئانار ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ياغ تارتىپ چاچنى مايلاپ بەرسە ، چاچ ئۆستۈرىدۇ .
2. ئاچچىق بادام مېغىزىنى سوقۇپ شاپتۇل مېغىزى يېغى بىلەن مەلھەم قىلىپ داغ بار ئورۇنغا چاپسا شىپا بولىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : مۇۋاپىق مىقداردا .
زىيانلىق تەسىرى : باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ .
تۈزەتكۈچىسى : چىلان .
ئورۇنباسارى : بادام يېغى .
ماي چىقىرىش ئۇسۇلى : شاپتۇل مېغىزى جۇۋازدا تارتىلىپ ياغ چىقىرىلىدۇ .
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: شاپتۇل
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار: