جىگدە ۋە جىگدە چېچىگىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە
ئاپتور:Birzat ۋاقتى:2011-02-12
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ : ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﺧﻮﺷﻠﯘﻕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﻧﯧﺮﯞﯨﻨﻰ ﺗﯩﻨﯩﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻣﻪﻧﯩﻴﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﺋﻮﻣﻮﻣﯩﻲ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺳﻪﭘﺮﺍﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻕ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻗﯘﺳﯘﺵ، ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﻙ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ ﺟﯩﮕﺪﻩ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﺑﻪﺕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺑﯩﺮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ : ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ 10-40 ﺩﺍﻧﻪ
جىگدىدە ناھايىتى كۆپ قەنت ماددىسى بار. بولۇپمۇ نان جىگدىسىدىكى قەنت ماددىسى 50-60 پىرسەنتى تەشكىل قىلىدۇ. جىگدىنىڭ يېلىمى سانائەتتە ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا سەمىغى ئەرىبىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
چەت ئەلدە جىگدە ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا، ئىچ ئۆتكۈنى توختىتىشقا، سىركىگە چىلىنىپ كۈندە بىر قانچە قېتىم 10-20 تامچىدىن ئىچىلىش ئارقىلىق بەدەننى قۇۋۋەتلەشكە ئىشلىتىلىدۇ.
جىگدە گۈلىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، ئۇ مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مەنىنى قوزغايدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە مۇداپىئە قىلىدۇ.
جىگدە گۈلىنى شەربەت قىلىپ ئىچىش ھەرخىل مېڭە كېسەللىكلىرىگە، كۆكرەك ئاغرىقلىرىغا، دەم سىقىلىشقا، ئۆپكە جاراھەتلىرىگە، ئاشقازان، باھنى قۇۋۋەتلەشكە، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئىچىشقا، يەللەرنى تارقىتىشقا، بەزگەك كېسىلىگە، تالنىڭ بۇزۇلغىنىغا ئوبدان پايدا قىلىدۇ.
جىگدە گۈلىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ جاراھەتلەرگە تېڭىش ياكى قاينىتىپ موپاسىل، سۇسلاپ كەتكەن پەيلەرنى ياغلاش پايدىلىق، ئۇ يەنە چاچنى ئۆستۈرىدۇ. جىگدە چېچىگى گۈلقەنتىنىڭ ئەر-ئاياللاردىكى بەل-بۆرەك، بالياتقۇ، ئاشقازان سوۋۇپ ئاجىزلاشقان، شەھۋەت (جىنسىي ھەۋەس) سۇسلاشقا مەنپەئىتى ئالاھىدە ياخشى. جىگدە چېچىگى گۈلقەنتى تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئىشەنچلىك جىگدە چېچىگى ھەسىلىمۇ بولىدۇ. ھەسەل چوقۇم كۆنەكتە ياخشى پىشقان، ھېچقانداق ئارلاشما بولمىغان ئىشەنچلىك ھەسەل بولىشى كېرەك.
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻘﺎ ﻳﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
جىگدىنىڭ كونىلىرىنى (ئىككى يىلدىن ئاشقىننى) ئىشلەتمەسلىك لازىم.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﮬﻪﺳﻪﻝ
ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ: ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﭘﯘﺭﺍﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﻩﻙ.[
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش: جىگدە
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
سۇراپ باقسام نىمىشقا قىزلار جىگدە چىچىكىنى قىزلار پۇرىسا بولمايدۇ.؟